< پادىشاھلار 1 12 >

رەھوبوئام شەقەمگە باردى؛ چۈنكى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى پادىشاھ تىكلىگىلى شەقەمگە كەلگەنىدى. 1
Et Roboam s'en alla à Sichem, parce que tout Israël était allé à Sichem pour l'établir Roi.
نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام شۇ ئىشنى ئاڭلىغاندا، شۇنداق بولدىكى، ئۇ تېخى مىسىردا ئىدى (چۈنكى يەروبوئام سۇلايمان پادىشاھتىن قېچىپ مىسىردا تۇرۇۋاتاتتى). 2
Or il arriva que quand Jéroboam fils de Nébat, qui était encore en Egypte, où il s'était enfui de devant le Roi Salomon, l'eut appris, il se tint encore en Egypte.
ئەمدى ئۇلار ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى چاقىرتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن يەروبوئام ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى كېلىپ رەھوبوئامغا سۆز قىلىپ: 3
Mais on l'envoya appeler. Ainsi Jéroboam et toute l'assemblée d'Israël vinrent, et parlèrent à Roboam, en disant:
ــ سىلىنىڭ ئاتىلىرى بوينىمىزغا سالغان بويۇنتۇرۇقىنى ئېغىر قىلدى. سىلى ئەمدى ئاتىلىرىنىڭ بىزگە قويغان قاتتىق تەلەپلىرى بىلەن ئېغىر بويۇنتۇرۇقىنى يېنىكلىتىپ بەرسىلە، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، دېيىشتى. 4
Ton père a mis sur nous un pesant joug; mais toi allège maintenant cette rude servitude de ton père, et ce pesant joug qu'il a mis sur nous, et nous te servirons.
ئۇ ئۇلارغا: ــ ھازىرچە قايتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن قېشىمغا يەنە كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق تارىلىپ كەتتى. 5
Et il leur répondit: Allez, et dans trois jours retournez vers moi; et le peuple s'en alla.
رەھوبوئام پادىشاھ ئۆز ئاتىسى سۇلايمان ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ: ــ بۇ خەلققە بېرىدىغان جاۋابىم توغرىسىدا نېمە مەسلىھەت كۆرسىتىسىلەر؟ ــ دېدى. 6
Et le Roi Roboam consulta les vieillards qui avaient été auprès de Salomon son père, pendant sa vie, et leur dit: Comment et quelle chose me conseillez-vous de répondre à ce peuple?
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سىلى رازىلىق بىلەن بۈگۈن بۇ خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولىمەن دېسىلە، (ۋە دەرۋەقە ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولسىلا) ئۇلارغا ياخشى سۆزلەر بىلەن جاۋاب قىلسىلا، ئۇلار سىلىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، دېدى. 7
Et ils lui répondirent, en disant: Si aujourd'hui tu te rends facile à ce peuple, et que tu lui cèdes, et que tu leur répondes avec douceur, ils seront tes serviteurs à toujours.
لېكىن ئۇ مويسىپىتلارنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزى بىلەن چوڭ بولغان، ئالدىدا خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ياشلاردىن مەسلىھەت سوراپ 8
Mais il laissa le conseil que les vieillards lui avaient donné, et consulta les jeunes gens qui avaient été nourris avec lui, et qui étaient auprès de lui.
ئۇلارغا: ــ ماڭا «سىلىنىڭ ئاتىلىرى بىزگە سالغان بويۇنتۇرۇقنى يېنىكلەتكەيلا» دەپ تىلىگەن بۇ خەلققە جاۋاب بېرىشىمىز توغرۇلۇق قانداق مەسلىھەت بېرىسىلەر؟ ــ دېدى. 9
Et il leur dit: Que me conseillez-vous de répondre à ce peuple, qui m'a parlé, en disant: Allège le joug que ton père a mis sur nous.
ئۇنىڭ بىلەن چوڭ بولغان بۇ ياشلار ئۇنىڭغا: ــ «سىلىنىڭ ئاتىلىرى بويۇنتۇرۇقىمىزنى ئېغىر قىلدى، ئەمدى سىلى ئۇنى بىزگە يېنىك قىلغايلا» دەپ ئېيتقان بۇ خەلققە سۆز قىلىپ: ــ «مېنىڭ چىمچىلاق بارمىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىن تومراقتۇر. 10
Alors les jeunes gens qui avaient été nourris avec lui, lui parlèrent, et lui dirent: Tu parleras ainsi à ce peuple qui t'est venu dire: Ton père a mis sur nous un pesant joug, mais toi allège-le-nous; tu leur parleras ainsi: Ce qui est le plus petit en moi, est plus gros que les reins de mon père.
ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بەرگەن بولسا، مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ بېرىمەن»، دېگەيلا، ــ دېدى. 11
Or mon père a mis sur vous un pesant joug, mais moi je rendrai votre joug encore plus pesant; mon père vous a châtiés avec des verges, mais moi je vous châtierai avec des écourgées.
رەھوبوئام پادىشاھ ئۇلارغا: «ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن قېشىمغا يەنە كېلىڭلار» دېگىنىدەك، يەروبوئام ۋە بارلىق خەلق ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. 12
Or trois jours après Jéroboam avec tout le peuple vint vers Roboam, selon que le Roi leur avait dit: Retournez vers moi dans trois jours.
پادىشاھ مويسىپىتلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن مەسلىھەتىنى تاشلاپ، خەلققە قاتتىقلىق بىلەن جاۋاب بەردى. 13
Mais le Roi répondit durement au peuple, laissant le conseil que les vieillards lui avaient donné.
ئۇ ياشلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا: ــ ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بەرگەن بولسا مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بېرىمەن، دېدى. 14
Et il leur parla selon le conseil des jeunes gens, et leur dit: Mon père a mis sur vous un pesant joug, mais moi, je rendrai votre joug encore plus pesant; mon père vous a châtiés avec des verges, mais moi, je vous châtierai avec des écourgées.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ خەلقنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى. بۇ ئىش پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بولغان؛ چۈنكى بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ ۋاسىتىسىدە نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامغا ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بولدى. 15
Le Roi donc n'écouta point le peuple; car cela était ainsi conduit par l'Eternel, pour ratifier la parole qu'il avait prononcée par le ministère d'Ahija Silonite, à Jéroboam, fils de Nébat.
پۈتكۈل ئىسرائىل پادىشاھنىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغىنىنى كۆرگەندە خەلق پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇتتىن بىزگە نېمە نېسىۋە بار؟ يەسسەنىڭ ئوغلىدا بىزنىڭ ھېچ مىراسىمىز يوقتۇر! ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىڭلارغا قايتىڭلار، ئى ئىسرائىل! ئى داۋۇت، سەن ئۆز جەمەتىڭگىلا ئىگە بول، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى. 16
Et quand tout Israël eut vu que le Roi ne les avait point écoutés, le peuple fit cette réponse au Roi, en disant: Quelle part avons-nous en David? nous n'avons point d'héritage au fils d'Isaï. Israël, [retire-toi] dans tes tentes; et toi David pourvois maintenant à ta maison; ainsi Israël s'en alla dans ses tentes.
ئەمما يەھۇدا شەھەرلىرىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللارغا بولسا، يەروبوئام ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. 17
Mais quant aux enfants d'Israël qui habitaient dans les villes de Juda, Roboam régna sur eux.
رەھوبوئام پادىشاھ باج-ئالۋان بېگى ئادورامنى ئىسرائىللارغا ئەۋەتتى، لېكىن پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. ئۇ چاغدا رەھوبوئام پادىشاھ ئالدىراپ، ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا تىكىۋەتتى. 18
Or le Roi Roboam envoya Adoram, qui était commis sur les tributs, mais tout Israël l'assomma de pierres, et il mourut. Alors le Roi Roboam se hâta de monter sur un chariot, pour s'enfuir à Jérusalem.
شۇ تەرىقىدە ئىسرائىل داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن يۈز ئۆرۈپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ كەلدى. 19
Ainsi Israël se rebella contre la maison de David jusqu'à ce jour.
ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى يەروبوئامنىڭ يېنىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى خەلقنىڭ جامائىتىگە چاقىردى. ئۇلار ئۇنى پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە رەسمىي پادىشاھ قىلدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا ھېچكىم داۋۇتنىڭ جەمەتىگە ئەگەشمىدى. 20
Et il arriva qu'aussitôt que tout Israël eut appris que Jéroboam s'en était retourné, ils l'envoyèrent appeler dans l'assemblée, et l'établirent Roi sur tout Israël. Et aucune Tribu ne suivit la maison de David, que la seule Tribu de Juda.
رەھوبوئام يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ئىسرائىلنىڭ جەمەتى بىلەن جەڭ قىلىپ، پادىشاھلىقنى سۇلايماننىڭ ئوغلى بولغان ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن يەھۇدانىڭ پۈتكۈل جەمەتىدىن ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىن بىر يۈز سەكسەن مىڭ خىللانغان جەڭگىۋار ئەسكەرنى توپلىدى. 21
Et Roboam vint à Jérusalem, et assembla toute la maison de Juda, et la Tribu de Benjamin, [savoir] cent quatre vingt mille hommes choisis, [et] faits à la guerre, pour combattre contre la maison d'Israël, et pour réduire le Royaume [sous l'obéissance] de Roboam fils de Salomon.
لېكىن خۇدانىڭ سۆزى خۇدانىڭ ئادىمى شېماياغا كېلىپ: ــ 22
Mais la parole de Dieu fut adressée à Semahja, homme de Dieu, disant:
«يەھۇدانىڭ پادىشاھى، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئامغا، پۈتۈن يەھۇدا بىلەن بىنيامىننىڭ جەمەتىگە ۋە خەلقنىڭ قالغانلىرىغا سۆز قىلىپ: ــ 23
Parle à Roboam fils de Salomon, Roi de Juda, et à toute la maison de Juda, et de Benjamin, et au reste du peuple, en disant:
«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھۇجۇمغا چىقماڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلماڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش مەندىندۇر»، دېگىن» ــ دېيىلدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى. پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتتى. 24
Ainsi a dit l'Eternel: Vous ne monterez point, et vous ne combattrez point contre vos frères, les enfants d'Israël; retournez-vous-en chacun en sa maison; car ceci a été fait de par moi; et ils obéirent à la parole de l'Eternel et s'en retournèrent, selon la parole de l'Eternel.
يەروبوئام بولسا ئەفرائىم تاغلىقىدىكى شەقەم شەھىرىنى ياساپ شۇ يەردە تۇردى؛ كېيىن ئۇ يەردىن چىقىپ پەنۇئەلنى ياسىدى. 25
Or Jéroboam bâtit Sichem en la montagne d'Ephraïm, et y demeura, puis il sortit de là, et bâtit Pénuël.
رەھوبوئام كۆڭلىدە ئۆز-ئۆزىگە: ــ ئەمدى پادىشاھلىق داۋۇتنىڭ جەمەتىگە يېنىشى مۇمكىن. 26
Et Jéroboam dit en soi-même: Maintenant le Royaume pourrait bien retourner à la maison de David.
ئەگەر بۇ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە قۇربانلىق قىلىشقا يېرۇسالېمغا چىقسا، بۇ خەلقنىڭ قەلبى ئۆز غوجىسى، يەنى يەھۇدا پادىشاھى رەھوبوئامغا يەنە مايىل بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار مېنى ئۆلتۈرۈپ يەنە يەھۇدا پادىشاھى رەھوبوئامنىڭ تەرىپىگە يانارمىكىن، دېدى. 27
Si ce peuple monte à Jérusalem pour faire des sacrifices dans la maison de l'Eternel, le cœur de ce peuple se tournera vers son Seigneur Roboam, Roi de Juda, et ils me tueront, et ils retourneront à Roboam, Roi de Juda.
پادىشاھ مەسلىھەت سوراپ، ئالتۇندىن ئىككى موزاي ھەيكىلىنى ياسىتىپ خەلققە: ــ يېرۇسالېمغا چىقىش سىلەرگە ئېغىر كېلىدۇ. ئى ئىسرائىل، مانا سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان ئىلاھلار! ــ دېدى. 28
Sur quoi le Roi ayant pris conseil, fit deux veaux d'or, et dit au peuple: Ce vous est trop [de peine] de monter à Jérusalem; voici tes dieux, ô Israël! qui t'ont fait monter hors du pays d'Egypte.
بىرىنى ئۇ بەيت-ئەلدە، يەنە بىرىنى داندا تۇرغۇزۇپ قويدى. 29
Et il en mit un à Bethel, et il mit l'autre à Dan.
بۇ ئىش گۇناھقا سەۋەب بولدى، چۈنكى خەلق موزايلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئالدىدا باش ئۇرغىلى ھەتتا دانغىچە باراتتى. 30
Et cela fut [une occasion] de péché; car le peuple allait même jusqu'à Dan, [pour se prosterner] devant l'un [des veaux].
ئۇ ھەم «ئېگىز جايلار»دا [ئىبادەت] ئۆيلىرىنى ياسىدى ۋە ھەم لاۋىيدىن بولمىغان ئادەملەرنى كاھىن قىلىپ تەيىنلەپ قويدى. 31
Il fit aussi des maisons des hauts lieux, et établit des Sacrificateurs des derniers du peuple, qui n'étaient point des enfants de Lévi.
يەروبوئام يەنە سەككىزىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىنى خۇددى يەھۇدانىڭ زېمىنىدىكى ھېيتكە ئوخشاش بىر ھېيت قىلىپ بېكىتتى. ئۇ ئۆزى قۇربانگاھ ئۈستىگە قۇربانلىق قىلغىلى چىقتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بەيت-ئەلدە ئۆزى ئەتكۈزگەن موزاي مەبۇدلىرىگە قۇربانلىق ئۆتكۈزدى. ئۇ يەنە بەيت-ئەلدە سالدۇرغان شۇ «ئېگىز جايلار» ئۈچۈن كاھىنلارنى تەيىنلىدى. 32
Jéroboam ordonna aussi une fête solennelle au huitième mois, le quinzième jour du mois, à l'imitation de la fête solennelle qu'on célébrait en Juda, et il offrait sur un autel. Il en fit de même à Bethel, sacrifiant aux veaux qu'il avait faits, et il établit à Bethel des Sacrificateurs des hauts lieux qu'il avait faits.
ئۇ بەيت-ئەلدە ياسىغان قۇربانگاھ ئۈستىگە سەككىزىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (بۇ ئاي-كۈننى ئۇ ئۆز مەيلىچە تاللىغانىدى) قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا چىقتى؛ شۇ تەرىقىدە ئۇ ئىسرائىللارغا بىر ھېيت ياراتتى؛ ئۇ ئۆزى قۇربانگاھ ئۈستىگە قۇربانلىقلارنى سۇندى ۋە خۇشبۇي ياقتى. 33
Or le quinzième jour du huitième mois, [savoir] au mois qu'il avait inventé de lui-même, il offrit sur l'autel qu'il avait fait à Bethel, et célébra la fête solennelle [qu'il avait instituée] pour les enfants d'Israël; et offrit sur l'autel, en faisant des encensements.

< پادىشاھلار 1 12 >