لېكىن سۇلايمان پادىشاھنىڭ كۆڭلى پىرەۋننىڭ قىزىدىن باشقا كۆپ چەتئەللىك ئاياللارغا، جۈملىدىن موئابىي، ئاممونىي، ئېدومىي، زىدونىي، ھىتتىي ئاياللىرىغا چۈشكەنىدى. | 1 |
سلێمان پاشا سەرەڕای کچەکەی فیرعەون زۆر ژنی دیکەی بێگانەی خۆشویست، لە مۆئابی و عەمۆنی و ئەدۆمی و سەیدائی و حیتییەکان، |
پەرۋەردىگار ئەسلىدە مۇشۇ ئەللەر توغرۇلۇق ئىسرائىللارغا: «ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئىزدەپ بارماڭلار، ۋە ئۇلارنى سىلەرنىڭكىلەرگە كىرگۈزمەڭلار؛ چۈنكى ئۇلار كۆڭۈللىرىڭلارنى چوقۇم ئۆز مەبۇدلىرىغا ئازدۇرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. بىراق سۇلايماننىڭ كۆڭلى دەل شۇلارغا باغلاندى. | 2 |
لەو گەلانەی کە یەزدان بە نەوەی ئیسرائیلی فەرموو: «ژن و ژنخوازییان لەگەڵ مەکەن، نەوەک دڵتان بۆ لای خوداوەندەکانیان ڕابکێشن.» لەگەڵ ئەوەشدا سلێمان خۆشی ویستن و دڵی پێیانەوە بەند بوو. |
ئۇنىڭ يەتتە يۈز ئايالى، يەنى خانىشى ۋە ئۈچ يۈز كېنىزىكى بار ئىدى؛ ئاياللىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئازدۇرۇپ بۇرىۋەتكەنىدى. | 3 |
حەوت سەد ژنی خانەدان و سێ سەد کەنیزەی هەبوو، جا ژنەکانی دڵیان هەڵگەڕاندەوە. |
شۇنداق بولدىكى، سۇلايمان ياشانغاندا، ئۇنىڭ ئاياللىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى باشقا ئىلاھلارغا ئازدۇرۇپ بۇرۇۋەتتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆڭلى ئاتىسى داۋۇتنىڭكىدەك پەرۋەردىگار خۇداسىغا مۇتلەق سادىق بولمىدى. | 4 |
ئەوە بوو لە تەمەنی پیری سلێمان، ژنەکانی دڵیان بەلای خوداوەندەکانی دیکەدا ڕاکێشا، دڵی وەک دڵی داودی باوکی لەگەڵ یەزدانی پەروەردگاری خۆی تەواو نەبوو. |
شۇڭا سۇلايمان زىدونىيلارنىڭ مەبۇدى ئاشتاروتنى، ئاممونىيلارنىڭ يىرگىنچلىك مەبۇدى مىلكومنى ئىزدىدى؛ | 5 |
ئیتر سلێمان دوای عەشتۆرەتی خواژنی سەیدائییەکان و دوای مۆلەخی خوداوەندی قێزەونی عەمۆنییەکان کەوت. |
شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلدى؛ ئۇ ئاتىسى داۋۇت پەرۋەردىگارغا ئەگەشكەندەك ئىزچىللىق بىلەن ئەگەشمىدى. | 6 |
سلێمان لەبەرچاوی یەزدان خراپەکاری کرد، بە پێچەوانەی داودی باوکی، بە تەواوی دوای یەزدان نەکەوت. |
ئاندىن سۇلايمان يېرۇسالېم ئالدىدىكى ئېدىرلىقتا موئابىيلارنىڭ يىرگىنچلىك مەبۇدى كېموش ھەم ئاممونىيلارنىڭ يىرگىنچلىك مەبۇدى مىلكوم ئۈچۈن بىر «يۇقىرى جاي»نى ياسىدى؛ | 7 |
لەو کاتەدا سلێمان لەسەر یەکێک لە کێوەکانی بەرامبەر ئۆرشەلیم لەلای ڕۆژهەڵاتی شارەکە نزرگەیەکی سەر بەرزایی بۆ کەمۆشی خوداوەندی قێزەونی مۆئابییەکان و هەروەها بۆ مۆلەخی خوداوەندی قێزەونی عەمۆنییەکان بنیاد نا. |
شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ مەبۇدلىرىغا خۇشبۇي ياقىدىغان ۋە قۇربانلىق قىلىدىغان ھەربىر يات ئەللىك ئايالى ئۈچۈنمۇ ئۇ شۇنداق قىلدى؛ | 8 |
هەمان کاریشی بۆ هەموو ژنە بێگانەکانی کرد، کە بخووریان دەسووتاند و قوربانییان سەردەبڕی بۆ خوداوەندەکانیان. |
شۇڭا پەرۋەردىگار سۇلايماندىن رەنجىدى؛ گەرچە ئۇ ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم كۆرۈنگەن بولسىمۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا دەل مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق، يەنى باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىمەسلىكىنى تاپىلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆڭلى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ئاينىپ كەتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ تاپىلىغىنىغا ئەمەل قىلمىدى. | 9 |
یەزدان لە سلێمان تووڕە بوو، چونکە دڵی لە یەزدانی پەروەردگاری ئیسرائیل هەڵگەڕایەوە، ئەوەی دوو جار بۆی دەرکەوت. |
10 |
هەرچەندە فەرمانی بە سلێمان کردبوو کە دوای خودای دیکە نەکەوێت، بەڵام ئەوەی یەزدان فەرمانی پێکرد، سلێمان گوێڕایەڵ نەبوو. |
شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن شۇنداق قىلىۋېرىپ، مېنىڭ ساڭا بۇيرۇغان ئەھدەم بىلەن بەلگىلىرىمنى تۇتمىغىنىڭ ئۈچۈن، مەن جەزمەن پادىشاھلىقنى سەندىن يىرتىۋېتىپ خىزمەتكارىڭغا بېرىمەن. | 11 |
یەزدان بە سلێمانی فەرموو: «لەبەر ئەم هەڵوێستەت و گوێڕایەڵنەبوونت بۆ پەیمان و فەرزەکەی من کە فەرمانم پێ کردیت، پاشایەتییەکەت لێ پارچەپارچە دەکەم و دەیدەمە خزمەتکارەکەت، |
لېكىن ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ۋەجىدىن سېنىڭ ئۆز كۈنلىرىڭدە مەن شۇنداق قىلمايمەن، بەلكى ئوغلۇڭنىڭ قولىدىن ئۇنى يىرتىۋېتىمەن. | 12 |
بەڵام لەبەر داودی باوکت لە ماوەی پاشایەتی خۆت نایکەم. لە دەستی کوڕەکەت پارچەپارچەی دەکەم، |
لېكىن پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭدىن يىرتىۋەتمەيمەن، بەلكى قۇلۇم داۋۇتنىڭ ۋەجىدىن ۋە ئۆزۈم تاللىغان يېرۇسالېم ئۈچۈن ئوغلۇڭغا بىر قەبىلىنى قالدۇرۇپ قويىمەن». | 13 |
لەگەڵ ئەمەش هەموو پاشایەتییەکەی لێ ناستێنمەوە، بەڵکو هۆزێکی پێدەدەم، لەبەر داودی بەندەم و لەبەر ئۆرشەلیم کە هەڵمبژاردووە.» |
ئەمما پەرۋەردىگار سۇلايمانغا بىر دۈشمەن، يەنى ئېدوملۇق ھادادنى قوزغىدى، ئۇ كىشى ئېدومنىڭ پادىشاھىنىڭ نەسلىدىن ئىدى. | 14 |
ئینجا یەزدان دوژمنێکی لە سلێمان هەستاندەوە کە هەدەدی ئەدۆمی بوو، لە بنەماڵەی شاهانەی ئەدۆم بوو. |
ئەسلىدە داۋۇت ئېدوم بىلەن [جەڭ قىلغان] ۋاقىتتا، قوشۇننىڭ سەردارى يوئاب ئېدومنىڭ ھەممە ئەرلىرىنى يوقاتقانىدى (چۈنكى ئېدومدىكى ھەممە ئەرلەرنى يوقاتقۇچە، يوئاب بىلەن بارلىق ئىسرائىللار ئۇ يەردە ئالتە ئاي تۇرغانىدى)؛ ئۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى كۆمگىلى چىققاندا | 15 |
کاتێک داود لە ئەدۆم بوو، یۆئابی فەرماندەی گشتی سوپا چوو بۆ ئەوەی کوژراوەکان بنێژێت و هەرچی نێر لە ئەدۆم ماوە بیانکوژێت. |
16 |
یۆئاب و هەموو ئیسرائیل شەش مانگ لەوێدا مانەوە هەتا هەموو نێرێکیان لە ئەدۆم لەناوبرد. |
ھاداد ئاتىسىنىڭ بىرنەچچە ئېدومىي خىزمەتچىلىرى بىلەن مىسىرغا قېچىپ كەتكەنىدى. ھاداد ئۇ چاغدا كىچىك بالا ئىدى. | 17 |
بەڵام هەدەد کە هێشتا مێردمنداڵێکی بچووک بوو، لەگەڵ چەند پیاوێکی ئەدۆمی لە خزمەتکارانی باوکی بۆ میسر هەڵاتن. |
ئۇلار مىدىيان زېمىنىدىن چىقىپ پارانغا كەلدى. ئۇلار پاراندىن بىرنەچچە ئادەمنى ئېلىپ ئۆزلىرىگە قوشۇپ مىسىرغا، يەنى مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋننىڭ قېشىغا كەلدى. پىرەۋن ئۇنىڭغا بىر ئۆي تەقسىم قىلىپ، ئوزۇق-تۈلۈكمۇ تەمىنلىدى ھەمدە بىر پارچە يەرنىمۇ ئۇنىڭغا تەقدىم قىلدى. | 18 |
ئینجا لە میدیانەوە هەستان و چوونە پاران، چەند پیاوێکیان لە پارانەوە لەگەڵ خۆیاندا برد و چوونە میسر بۆ لای فیرعەونی پاشای میسر، ئەویش خانووی دایە هەدەد و فەرمانی دا خواردنی بدرێتێ و زەویشی پێدا. |
ھاداد پىرەۋننىڭ نەزىرىدە كۆپ ئىلتىپات تاپقان بولۇپ، ئۇ ئۆز خوتۇنىنىڭ سىڭلىسىنى، يەنى تاھپەنەس خانىشنىڭ سىڭلىسىنى ئۇنىڭغا خوتۇن قىلىپ بەردى. | 19 |
هەدەد لەبەرچاوی فیرعەون پەسەند بوو، خوشکی تەحپەنێسی شاژنی دایێ ببێتە ژنی. |
تاھپەنەسنىڭ سىڭلىسى ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل، گېنۇباتنى تۇغۇپ بەردى. تاھپەنەس پىرەۋننىڭ ئوردىسىدا ئۇنى ئۆزى چوڭ قىلدى. ئاندىن گېنۇبات پىرەۋننىڭ ئائىلىسى، يەنى پىرەۋننىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدا تۇردى. | 20 |
خوشکەکەی تەحپەنێس کوڕێکی لێی بوو بە ناوی گەنوڤەت، تەحپەنێس لەنێو ماڵی فیرعەون پەروەردەی کرد، لەنێو کوڕەکانی فیرعەون. |
ھاداد مىسىردا: «داۋۇت ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلاپ قالدى» ۋە «قوشۇننىڭ سەردارى يوئابمۇ ئۆلدى» دەپ ئاڭلىغاندا پىرەۋنگە: ــ مېنىڭ ئۆز يۇرتۇمغا بېرىشىمغا ئىجازەت قىلغايلا، دېدى. | 21 |
هەدەد لە میسر بوو کاتێک بیستی کە داود لەگەڵ باوباپیرانی سەری ناوەتەوە و یۆئابی فەرماندەی گشتی سوپاش مردووە، ئینجا هەدەد بە فیرعەونی گوت: «ڕێم بدە با بچمەوە خاکەکەم.» |
پىرەۋن ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئۆز يۇرتۇمغا باراي دېگىنىڭ نېمە دېگىنىڭ، مېنىڭ قېشىمدا ساڭا نېمە كەملىك قىلىدۇ؟ ــ دېدى. ئۇ جاۋابەن: ــ ھېچ نەرسە كەم ئەمەس، ئەمما نېمىلا بولمىسۇن مېنى كەتكىلى قويغايلا، دېدى. | 22 |
فیرعەونیش پێی گوت: «لەلای من لە چیت کەمە هەتا داوای چوونەوە بکەیت بۆ خاکەکەت؟» هەدەدیش گوتی: «لە هیچ، تەنها ڕێم بدە.» |
خۇدا سۇلايمانغا يەنە بىر دۈشمىنىنى قوزغىدى؛ ئۇ بولسا غوجىسى، يەنى زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەرنىڭ يېنىدىن قېچىپ كەتكەن ئېلىئادانىڭ ئوغلى رەزون ئىدى. | 23 |
خودا دوژمنێکی دیکەی لە سلێمان هەستاندەوە کە ڕەزۆنی کوڕی ئەلیاداع بوو، ئەوەی لەلای گەورەکەیەوە هەڵاتبوو، کە هەدەدعەزەری پاشای چۆڤا بوو. |
داۋۇت [زوباھلىقلارنى] قەتل قىلغاندا رەزون ئۇلاردىن بىر توپ ئادەمنى ئۆزىگە توپلاپ ئۇلارنىڭ سەردارى بولدى. ئاندىن كېيىن بۇلار دەمەشققە بېرىپ ئۇ يەردە تۇرۇپ، دەمەشق ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈردى. | 24 |
لە کاتی کوشتارەکەی داود لە دژی هێزی چۆڤا، پیاوی لە خۆی کۆکردەوە و بووە سەردەستەیەکی چەتە، چوونە دیمەشق و لەوێ نیشتەجێ بوون، لە دیمەشق فەرمانڕەوایەتییان کرد. |
شۇنىڭ بىلەن ھاداد ئىسرائىلغا ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرغاندىن باشقا، رەزون سۇلايماننىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئىسرائىلنىڭ دۈشمىنى ئىدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى ئۆچ كۆرەتتى، ئۆزى سۇرىيە ئۈستىدە پادىشاھ ئىدى. | 25 |
جا ڕەزۆن لە سەردەمی سلێمان بووە دوژمنی ئیسرائیل، ئەمە سەرەڕای ئەو خراپەیەی کە هەدەد دەیکرد، ڕەزۆن بووە فەرمانڕەوای خاکی ئارام و ڕقی لە ئیسرائیل بووەوە. |
سۇلايماننىڭ يەروبوئام دېگەن بىر خىزمەتكارى بار ئىدى. ئۇ زەرەداھدىن كەلگەن ئەفرائىمىي نىباتنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئانىسى زەرۇئاھ ئىسىملىك بىر تۇل ئايال ئىدى. يەروبوئاممۇ پادىشاھقا قارشى چىقتى. | 26 |
هەروەها یارۆڤعامی کوڕی نەڤات کە خەڵکی چەرێدا بوو لە ئەفرایم، یەکێک بوو لە کاربەدەستەکانی سلێمان، لە پاشا یاخی بوو. دایکیشی بێوەژنێک بوو بە ناوی چەروعا. |
ئۇنىڭ پادىشاھقا قارشى چىقىشتىكى سەۋەبى مۇنداق ئىدى: سۇلايمان مىللو قەلئەسىنى ياسىغاندا، ئاتىسى داۋۇتنىڭ شەھىرىدىكى سېپىلنىڭ بىر بۆسۈكىنى ياساۋاتاتتى؛ | 27 |
یاخیبوونەکەشی لە دژی پاشا بەم شێوەیە بوو: ئەوە بوو کە سلێمان تەلانەکەی دروستکرد و کەلێنەکانی شاری داودی باوکی چاککردەوە، |
يەروبوئام قاۋۇل قەيسەر يىگىت ئىدى؛ سۇلايمان يىگىتنىڭ ئىشچان ۋە چاققان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يۈسۈپنىڭ جەمەتىگە بۇيرۇلغان ئىشنىڭ ئۈستىگە قويدى. | 28 |
بینی کە ئەم پیاوە پاڵەوان و بەهێزە، گەنجێکی کارامە و چالاکە، ئیتر یارۆڤعامی کرد بە سەرپەرشتیاری هەموو کاری بێگاری هۆزەکانی یوسف. |
شۇ كۈنلەردە يەروبوئام يېرۇسالېمدىن چىقىۋاتقاندا، ئۇنى ئىزدەۋاتقان شىلوھلۇق ئاخىياھ پەيغەمبەر ئۇنى يولدا ئۇچراتتى. ئاخىياھ يىپيېڭى بىر توننى كىيۋالغانىدى. ئىككىسى دالادا يالغۇز قالغاندا | 29 |
ئەوە بوو کە یارۆڤعام لە ئۆرشەلیم دەهاتە دەرەوە، ئاحییای شیلۆنیی پێغەمبەر لە ڕێگادا تووشی بوو، کەوایەکی نوێی لەبەر بوو. بە تەنها هەردووکیان لە دەشتودەر بوون، |
ئاخىياھ ئۈستىدىكى توننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى يىرتىپ ئون ئىككى پارچە قىلىپ | 30 |
ئاحییاش کەوا نوێیەکەی کە لەبەریدا بوو دایکەند و کردی بە دوازدە پارچەوە. |
يەروبوئامغا مۇنداق دېدى: ــ «ئۆزۈڭگە ئون پارچىنى ئالغىن؛ چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، پادىشاھلىقنى سۇلايماننىڭ قولىدىن يىرتىۋېتىپ ئون قەبىلىنى ساڭا بېرىمەن. | 31 |
بە یارۆڤعامی گوت: «دە پارچە بۆ خۆت ببە، چونکە یەزدانی پەروەردگاری ئیسرائیل ئەمە دەفەرموێت:”ئەوەتا من پاشایەتییەکە لە دەستی سلێمان پارچەپارچە دەکەم و دە هۆز بە تۆ دەدەم. |
بىراق قۇلۇم داۋۇتنىڭ ۋەجىدىن ۋە يېرۇسالېم، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن تاللىغان شەھەر ئۈچۈن بىر قەبىلە ئۇنىڭغا قالىدۇ. | 32 |
یەک هۆزیش بۆ ئەو دەبێت لە هەموو هۆزەکانی ئیسرائیل، لەبەر داودی بەندەم و لەبەر ئۆرشەلیم ئەو شارەی کە هەڵمبژاردووە. |
ــ چۈنكى ئۇلار مېنى تاشلاپ زىدونىيلارنىڭ ئايال مەبۇدى ئاشتاروتقا، موئابىيلارنىڭ مەبۇدى كېموشقا ۋە ئاممونىيلارنىڭ مەبۇدى مىلكومغا سەجدە قىلىپ، ئۇنىڭ ئاتىسى داۋۇتنىڭ قىلىنغىنىدەك قىلماي، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بىلەن ھۆكۈملىرىمگە ئەمەل قىلماي، نەزىرىمدە دۇرۇس بولغاننى قىلمىدى، مېنىڭ يوللىرىمدا ماڭمىدى؛ | 33 |
ئەو کارە دەکەم، چونکە ئەوان وازیان لێ هێنام و کڕنۆشیان بۆ عەشتۆرەتی خواژنی سەیدائی و کەمۆشی خودای مۆئابی و مۆلەخی خودای عەمۆنییەکان برد. بە ڕێگای مندا نەڕۆیشتن هەتا وەک داودی باوکی سلێمان ئەوەی لەبەرچاوم ڕاستە بیکەن و فەرز و حوکمەکانم بەجێبهێنن. |
لېكىن پۈتكۈل پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالمايمەن؛ چۈنكى مەن تاللىغان، ئۆز ئەمرلىرىم ۋە بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتقان قۇلۇم داۋۇتنى دەپ، ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئۇنى ھۆكۈم سۈرگۈچى قىلىپ قالدۇرىمەن. | 34 |
«”بەڵام هەموو پاشایەتییەکە لە دەستی سلێمان ناستێنمەوە، بەڵکو بە درێژایی ژیانی دەیکەمە پاشا، لەبەر داودی بەندەم ئەوەی کە هەڵمبژارد، ئەوەی فەرمان و فەرزەکانی منی بەجێهێنا. |
ئەمما پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ، ساڭا بېرىمەن، يەنى ئون قەبىلىنى بېرىمەن. | 35 |
پاشایەتی لە دەست کوڕەکەی دەستێنمەوە و دە هۆزی دەدەم بە تۆ. |
لېكىن مېنىڭ نامىمنىڭ شۇ يەردە بولۇشىغا ئۆزۈم تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمدا، مېنىڭ ئالدىمدا قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن ھەمىشە يورۇق بىر چىراغ بولسۇن دەپ، ئۇنىڭ ئوغلىغا بىر قەبىلىنى بېرەي. | 36 |
یەک هۆزیش دەدەمە کوڕەکەی، تاوەکو هەمیشە بۆ داودی بەندەم وەک چرایەک بێت لەبەردەممدا لە ئۆرشەلیم، ئەو شارەی بۆ خۆمم هەڵبژارد هەتا ناوم لەوێدا دابنێم. |
مەن سېنى تاللاپ، سېنى بارلىق خالىغان يەرلەر ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرگۈزىمەن، سەن ئىسرائىلغا پادىشاھ بولىسەن. | 37 |
تۆش دەبەم و فەرمانڕەوایەتی دەکەیت بەسەر هەموو ئەوەی دڵت ئارەزووی بکات و بەسەر ئیسرائیلدا دەبیت بە پاشا. |
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر سەن ھەممە بۇيرۇغانلىرىمنى ئاڭلاپ، مېنىڭ يوللىرىمدا مېڭىپ، نەزىرىمدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، قۇلۇم داۋۇت قىلغاندەك مېنىڭ بەلگىلىرىم بىلەن ئەمرلىرىمنى تۇتساڭ، ئەمدى مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن ۋە داۋۇتقا بىر جەمەت تىكلىگىنىمدەك، ساڭىمۇ مۇستەھكەم بىر جەمەت تىكلەيمەن ۋە ئىسرائىلنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن. | 38 |
ئەگەر بێت و گوێڕایەڵی هەموو ئەوە بیت کە فەرمانت پێدەدەم و بە ڕێگاکانمدا بڕۆیت و ئەوەی لەبەرچاوم ڕاستە بیکەیت و فەرز و فەرمانەکانم بەجێبهێنیت، وەک چۆن داودی بەندەم کردی، ئەوا لەگەڵتدا دەبم و بنەماڵەیەکی چەسپاوت بۆ بنیاد دەنێم وەک چۆن بۆ داودم بنیاد نا و ئیسرائیلت دەدەمێ. |
داۋۇتنىڭ نەسلىنى شۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خارلاپ پەس قىلىمەن، لېكىن مەڭگۈلۈك ئەمەس»». | 39 |
نەوەی داودیش زەلیل دەکەم لەبەر ئەمە، بەڵام نەک بۆ هەتاهەتایە.“» |
شۇنىڭ ئۈچۈن سۇلايمان يەروبوئامنى ئۆلتۈرۈشكە پۇرسەت ئىزدەيتتى. لېكىن يەروبوئام قېچىپ مىسىرنىڭ پادىشاھى شىشاكنىڭ قېشىغا باردى؛ سۇلايمان ئۆلگۈچە ئۇ مىسىردا تۇردى. | 40 |
سلێمان هەوڵی کوشتنی یارۆڤعامی دا، بەڵام یارۆڤعام هەستا و هەڵات بۆ میسر بۆ لای شیشەقی پاشای میسر و هەتا کاتی مردنی سلێمان لە میسردا مایەوە. |
سۇلايماننىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ ھەممە قىلغان ئەمەللىرى ۋە ئۇنىڭ دانالىقى بولسا «سۇلايماننىڭ ئەمەللىرى» دېگەن كىتابقا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 41 |
ڕووداوەکانی دیکەی پاشایەتی سلێمان و هەموو ئەوەی کردی و داناییەکەی لە پەڕتووکی کاروباری ڕۆژانەی سلێمان تۆمار کراون. |
سۇلايماننىڭ يېرۇسالېمدا ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى قىرىق يىل بولدى. | 42 |
سلێمان چل ساڵ لە ئۆرشەلیم پاشایەتی هەموو ئیسرائیلی کرد. |
سۇلايمان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئاتىسى داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى رەھوبوئام ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 43 |
پاشان سلێمان لەگەڵ باوباپیرانی سەری نایەوە و لە شارەکەی داودی باوکی نێژرا. ئیتر ڕەحەڤەعامی کوڕی لەدوای خۆی بوو بە پاشا. |