< پادىشاھلار 1 10 >
شېبانىڭ ئايال پادىشاھى بولسا سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان داڭق-شۆھرىتىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن چىگىش-سوئاللار بىلەن سىنىغىلى كەلدى. | 1 |
А цариця Ше́ви, коли почула була про славу Соломона, щодо Господнього Імени, то прийшла ви́пробувати його за́гадками.
ئۇ خۇشبۇي بۇيۇملار، ئىنتايىن تولا ئالتۇن ۋە ياقۇت-گۆھەرلەر ئارتىلغان تۆگىلەرنى ئېلىپ، چوڭ دەبدەبە بىلەن يېرۇسالېمغا كەلدى. سۇلايماننىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن ھەممە ئىش توغرۇلۇق ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى. | 2 |
І прийшла́ вона до Єрусалиму з дуже великим багатством, — з верблю́дами, що не́сли па́хощі, і з дуже числе́нним золотом, і з дорогим камі́нням. І прийшла́ вона до Соломона, і говорила йому все, що було на серці її.
سۇلايمان ئۇنىڭ ھەممە سورىغانلىرىغا جاۋاب بەردى. ھېچنېمە پادىشاھقا قاراڭغۇ ئەمەس ئىدى، بەلكى ھەممىسىدە ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى. | 3 |
І Соломон ви́яснив їй усі її слова́, — не було речі, незна́ної цареві, якої не порішив би він їй.
شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ دانالىقىغا، ياسىغان ئوردا-سارايغا، | 4 |
І побачила цариця Шеви всю Соломонову мудрість, та дім, що він збудував,
داستىخاندىكى تائاملارغا، ئەمەلدارلارنىڭ قاتار-قاتار ئولتۇرۇشلىرىغا، خىزمەتكارلىرىنىڭ قاتار-قاتار تۇرۇشلىرىغا، ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە، ئۇنىڭ ساقىيلىرىغا ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئاتاپ سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىغا قاراپ، ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. | 5 |
і ї́жу сто́лу його, і ме́шкання рабів його, і поста́ву слуг його та їхні одежі, і напо́ї його, і цілопа́лення, що він прино́сить у Господньому домі, — і не могла вона з дива вийти!
ئۇ پادىشاھقا: ــ مەن ئۆز يۇرتۇمدا سىلىنىڭ ئىشلىرى ۋە دانالىقلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغان خەۋەر راست ئىكەن؛ | 6 |
І сказала вона до царя: „Правдою було те, що я чула в своїм кра́ї про твої діла та про твою мудрість.
ئەمما مەن كېلىپ ئۆز كۆزلىرىم بىلەن كۆرمىگۈچە بۇ سۆزلەرگە ئىشەنمىگەنىدىم؛ ۋە مانا، مەن يېرىمىنىمۇ ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن؛ سىلىنىڭ دانالىقلىرى بىلەن بەرىكەت-باياشاتلىقلىرى مەن ئاڭلىغان خەۋەردىن زىيادە ئىكەن. | 7 |
І не повірила я тим словам, аж поки не прийшла та не побачили мої очі, — і ось не була́ предста́влена мені й половина: ти переви́щив мудрість та добро тієї слави, про яку я чула!
سىلىنىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ھەمىشە سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرۇپ دانالىقلىرىنى ئاڭلايدىغان بۇ خىزمەتكارلار نەقەدەر بەختلىكتۇر! | 8 |
Щасливі люди твої, щасливі оці твої слуги, що за́вжди стоять перед обличчям твоїм, що слухають твою мудрість!
سىلىدىن سۆيۈنگەن، سىلىنى ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان پەرۋەردىگار خۇدالىرى مۇبارەكتۇر! پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا مەڭگۈلۈك باغلىغان مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئۇ سىلىنى توغرا ھۆكۈم ۋە ئادالەت سۈرگىلى پادىشاھ قىلدى، دېدى. | 9 |
Нехай буде благословенний Господь, Бог твій, що вподо́бав тебе, щоб посадити тебе́ на Ізраїлів трон, через Господню любов до Ізраїля навіки. І Він настанови́в тебе царем, щоб чинити право та справедливість.“
ئۇ پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن، ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى سوۋغا قىلدى. شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا سۇنغان شۇنچە زور مىقداردىكى خۇشبۇي بۇيۇملار ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچ كۆرۈنگەن ئەمەس | 10 |
І дала́ вона цареві сто й двадцять тала́нтів золота, і дуже багато па́хощів та дорогого камі́ння. Більш уже ніко́ли не прихо́дило так багато, як оці па́хощі, що цариця Шеви дала цареві Соломонові!
(ھىرامنىڭ ئوفىردىن ئالتۇن ئەپكېلىدىغان كېمىلىرىمۇ ئوفىردىن يەنە ئىنتايىن زور مىقداردىكى سەندەل ياغىچى ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى ئېلىپ كەلدى. | 11 |
І також Хірамові кораблі, що дово́зили золото з Офіру, спрова́джували з Офіру багато алму́ґового дерева та дороге камі́ння.
پادىشاھ سەندەل ياغىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئۈچۈن پەلەمپەي-سالاسۇنلار ياساتتى ھەم نەغمە-ناۋاچىلار ئۈچۈن چىلتارلار ۋە سازلارنى شۇنىڭدىن ياساتتى. شۇ ۋاقىتتىن كېيىن شۇنداق زور مىقداردىكى ئېسىل سەندەل ياغىچى بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ كەلتۈرۈلمىدى يا كۆرۈلۈپ باقمىدى). | 12 |
І поробив цар з алмуґового дерева пору́ччя для Господнього храму та для дому царсько́го, і гу́сла, і а́рфи для співаків. Ніко́ли не прихо́дило так багато алмуґового де́рева, і не ба́чено аж до цього дня!
سۇلايمان پادىشاھ شېبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ئۆز شاھانە ساخاۋىتىدىن بەرگەندىن باشقا، ئايال پادىشاھنىڭ كۆڭلى تارتقان ھەممىنى ــ نېمە سورىسا، شۇنى بەردى؛ ئاندىن ئۇ خىزمەتكارلىرى بىلەن يولغا چىقىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. | 13 |
А цар Соломон дав цариці Шеви на жада́ння її все, чого вона бажала, окрім того, що дав їй як царськи́й дару́нок Соломонів. І обернулася вона, та й пішла до свого кра́ю, вона та слуги її.
سۇلايمانغا ھەر يىلى كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ ئۆزى ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە تالانت ئىدى. | 14 |
І була́ вага того золота, що прихо́дило для Соломона в одно́му році, шість сотень шістдеся́т і шість талантів золота,
بۇ كىرىمدىن باشقا، تىجارەتچىلەردىن، ئوقەتچىلەرنىڭ سودىسىدىن، بارلىق ئەرەبىيە پادىشاھلىرىدىن ۋە ئۆز زېمىنىدىكى ئەمەلدارلاردىن ھەم ئالتۇن كەلتۈرۈلدى. | 15 |
окрім того, що прихо́дило від купців та з торгі́влі ходячих, та від усіх царів Арабії та краєви́х намісників.
سۇلايمان پادىشاھ ئىككى يۈز چوڭ سىپارنى سوقتۇردى ۋە ھەر سىپارغا ئالتە يۈز شەكەل ئالتۇن كەتتى؛ | 16 |
І зробив цар Соломон дві сотні великих щиті́в із ку́того золота, — шість сотень шеклів золота йшло на одно́го щита,
شۇنداقلا ئۈچ يۈز قالقاننى ياپىلاقلانغان ئالتۇندىن ياسىدى؛ ھەربىر قالقاننى ياساشقا ئۈچ مىنا ئالتۇن ئىشلىتىلدى؛ پادىشاھ ئۇلارنى «لىۋان ئورمىنى سارىيى»غا ئېسىپ قويدى. | 17 |
та три сотні щитів менших із кутого золота, — три міні золота йшло на одного щита. І цар віддав їх до дому Ливанського Лісу.
پادىشاھ پىل چىشلىرىدىن چوڭ بىر تەختنى ياساپ، ئۇنى تاۋلانغان ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. | 18 |
І зробив цар великого тро́на зо слоно́вої ко́сти, і покрив його щирим золотом.
تەختنىڭ ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپىيى بار ئىدى. تەختنىڭ باش يۆلەنچۈكى يۇمىلاق بولۇپ، ئورۇندۇقنىڭ ئىككى يېنىدا تايانغۇچىسى بار ئىدى، ھەربىر تايانغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى. | 19 |
У трона було шість ступе́нів; а голова в трона кругля́ста позад його та пору́ччя з того й з того боку при місці сиді́ння, та два леви, що стояли при пору́ччях.
ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپەينىڭ ئۈستىدە، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە ئۆرە تۇرغان ئون ئىككى شىرنىڭ ھەيكىلى بولۇپ، ھەربىر باسقۇچنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدە بىردىن بار ئىدى؛ باشقا ھېچقانداق ئەلدە ئۇنىڭغا ئوخشاش ياسالغىنى يوق ئىدى. | 20 |
І дванадцять левів стояли там на шости ступе́нях із того й з того боку. По всіх царствах не було так зро́бленого!
سۇلايمان پادىشاھنىڭ بارلىق جام-پىيالىلىرى ئالتۇندىن ياسالغان؛ «لىۋان ئورمىنى سارىيى»دىكى بارلىق قاچا-قۇچىلار تاۋلانغان ئالتۇندىن ياسالغان؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كۈمۈشتىن ياسالمىغان؛ سۇلايماننىڭ كۈنلىرىدە كۈمۈش ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى. | 21 |
І ввесь по́суд на пиття царя Соломона — золото, і всі речі дому Ливанського Лісу — щире золото, нічо́го із срібла, — воно за Соломонових днів не рахувалося за щось.
چۈنكى پادىشاھقا قاراشلىق دېڭىزدا يۈرىدىغان، ھىرامنىڭ كېمىلىرىگە قوشۇلۇپ «تارشىش كېمە» ئەترىتىمۇ بار ئىدى؛ «تارشىش كېمە ئەترىتى» ئۈچ يىلدا بىر قېتىم كېلىپ ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشلىرى، مايمۇنلار ۋە توزلارنى ئەكېلەتتى. | 22 |
Бо цар мав на морі таршіські кораблі́ ра́зом із кораблями Хірамовими. Раз на три роки прихо́дили таршіські кораблі, що дово́зили золото, і срібло, і слоно́ву кість, і мавп, і пав.
سۇلايمان پادىشاھ يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلاردىن بايلىقتا ۋە دانالىقتا ئۈستۈن ئىدى. | 23 |
І став цар Соломон найбільшим від усіх зе́мних царів, щодо багатства та щодо мудрости.
خۇدا سۇلايماننىڭ كۆڭلىگە سالغان دانالىقنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىدىكىلەر ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىش ئارزۇسى بىلەن كېلەتتى. | 24 |
І вся земля хотіла бачити Соломона, щоб послухати його́ мудрости, що Бог дав у його серце.
كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز سوۋغىتىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ يەنى كۈمۈش قاچا-قۇچىلار، ئالتۇن قاچا-قۇچىلار، كىيىم-كېچەكلەر، دۇبۇلغا-ساۋۇتلار، تېتىتقۇلار، ئاتلار ۋە قېچىرلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلار ھەر يىلى بەلگىلىك مىقداردا شۇنداق قىلاتتى. | 25 |
І вони прино́сили кожен свого да́ра, — речі срібні та речі золоті, й одежу, і збро́ю, і па́хощі, коні та мули, — із року в рік.
ۋە سۇلايمان جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى يىغدى؛ ئۇنىڭ بىر مىڭ تۆت يۈز جەڭ ھارۋىسى، ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق ئەسكىرى بار ئىدى؛ ئۇ ئۇلارنى «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»گە ۋە ئۆزى تۇرۇۋاتقان يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى. | 26 |
І назбирав Соломон колесни́ць та верхівці́в, і було в нього тисяча й чотири сотні колесни́ць та дванадцять тисяч верхівці́в, і він порозміщував їх по колесни́чних міста́х та з царем в Єрусалимі.
پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈشنى تاشتەك كۆپ، كېدىر دەرەخلىرىنى جەنۇبىي تۈزلەڭلىكتىكى ئۈجمە دەرەخلىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن قىلدى. | 27 |
І Соломон насклада́в в Єрусалимі срібла, як каміння, а ке́дрів наскладав, щодо числе́нности, як сикомо́ри, що в Шефелі!
سۇلايمان ئالغان ئاتلار مىسىردىن ۋە كۇۋەدىن ئىدى؛ پادىشاھنىڭ تىجارەتچىلىرى ئۇلارنى كۇۋەدىن بېكىتىلگەن باھادا ئالاتتى. | 28 |
А ко́ней, що були в Соломона, приво́дили з Єгипту та з Кеве; царські́ купці брали їх із Кеве за встано́влені гро́ші.
مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن بىر جەڭ ھارۋىسىنىڭ باھاسى ئالتە يۈز كۈمۈش تەڭگە، ھەر ئات بولسا يۈز ئەللىك تەڭگە ئىدى؛ ۋە ئۇلار يەنە ھىتتىيلارنىڭ پادىشاھلىرى ھەم سۇرىيە پادىشاھلىرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش باھادا ئېلىپ چىقتى. | 29 |
І вхо́дила й вихо́дила колесни́ця з Єгипту за шість сотень шеклів срібла, а кінь — за сто й п'ятдеся́т. І так вони виво́зили все це своєю рукою для всіх царів хіттійських та царям сирійським.