< يۇھاننا 1 3 >
قاراڭلار، ئاتا بىزگە شۇنداق چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنكى، بىز «خۇدانىڭ ئەزىز بالىلىرى» دەپ ئاتالدۇق ــ ۋە بىز ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. بۇ دۇنيا شۇ سەۋەبتىن بىزنى تونۇپ يەتمەيدۇكى، چۈنكى بۇ دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى. | 1 |
Redziet, kādu lielu mīlestību Tas Tēvs mums ir parādījis, ka mēs topam saukti Dieva bērni. Tāpēc pasaule mūs nepazīst, ka tā Viņu nepazīst.
سۆيۈملۈكلىرىم، بىز ھازىر خۇدانىڭ ئەزىز بالىلىرىدۇرمىز؛ كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىمىز تېخى ئوچۇق ئايان قىلىنمىغان. بىراق ئۇ [قايتىدىن] ئايان قىلىنغاندا، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز؛ چۈنكى شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ ئەينەن ئۆزىنى كۆرىمىز. | 2 |
Mīļie, tagad mēs esam Dieva bērni, un vēl nav atspīdējis, kas mēs būsim; bet mēs zinām, ka, kad Tas atspīdēs, mēs Viņam būsim līdzīgi, jo mēs Viņu redzēsim, kāds Viņš ir.
ۋە [مەسىھگە] ئۈمىد باغلىغان ھەربىر كىشى ئۇ پاك بولغاندەك ئۆزىنى پاكلىماقتا. | 3 |
Un ikviens, kam šī cerība uz Viņu, šķīsta sevi pašu, tā kā Viņš ir šķīsts.
گۇناھ سادىر قىلغان كىشى [خۇدانىڭ] قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى گۇناھ سادىر قىلغانلىق [خۇدانىڭ] قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. | 4 |
Ikviens, kas grēku dara, tas dara arī netaisnību, un grēks ir netaisnība.
ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى گۇناھلارنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن دۇنياغا كېلىپ ئايان قىلىنغان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدا ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر، دەپ بىلىسىلەر. | 5 |
Un jūs zināt, ka Viņš ir parādījies, lai Viņš mūsu grēkus atņemtu, un iekš Viņa nav grēka.
ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ھەربىر كىشى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ كىمدەكىم گۇناھ سادىر قىلسا، ئۇنى كۆرمىگەن ۋە ئۇنى تونۇمىغان بولىدۇ. | 6 |
Ikviens, kas iekš Viņa paliek, tas negrēko; ikviens, kas grēko, Viņu nav redzējis, nedz Viņu atzinis.
ئەزىز بالىلىرىم، ھېچكىمنىڭ سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار. ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغۇچى كىشى ئۇ ھەققانىي بولغىنىدەك ھەققانىيدۇر. | 7 |
Bērniņi, lai neviens jūs nepieviļ: kas taisnību dara, tas ir taisns, tā kā Viņš ir taisns.
لېكىن گۇناھ سادىر قىلغۇچى ئىبلىستىندۇر. چۈنكى ئىبلىس ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ دۇنيادا ئايان قىلىنىشىدىكى مەقسەت ئىبلىسنىڭ ئەمەللىرىنى يوقىتىشتۇر. | 8 |
Kas grēku dara, tas ir no velna, jo velns grēko no iesākuma. Tādēļ Dieva Dēls ir atspīdējis, ka Viņš velna darbus izārdītu.
خۇدادىن تۇغۇلغۇچى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇرۇقى ئۇنىڭدا ئورۇن ئالغاچقا، ئۇ گۇناھ سادىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ خۇدادىن تۇغۇلغاندۇر. | 9 |
Ikviens, kas no Dieva piedzimis, tas nedara grēku, jo Viņa sēkla paliek iekš tā un tas nevar grēkot, jo tas no Dieva ir piedzimis.
خۇدانىڭ بالىلىرى بىلەن ئىبلىسنىڭ بالىلىرى شۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇكى، كىمدەكىم ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلمىسا ۋە ياكى ئۆز قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىسە خۇدادىن ئەمەستۇر. | 10 |
Pie tam top zināmi Dieva bērni un velna bērni. Ikkatrs, kas taisnību nedara, tas nav no Dieva, un kas nemīl savu brāli.
چۈنكى سىلەر دەسلەپتىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان خەۋەر مانا دەل شۇكى، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەكتۇر. | 11 |
Jo šī ir tā sludināšana, ko jūs no iesākuma esat dzirdējuši, lai mēs cits citu mīlējam;
ئۇ ئۇ رەزىلدىن بولغان، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماسلىقىمىز كېرەك؛ ئۇ نېمىشقا ئىنىسىنى قەتل قىلدى؟ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى رەزىل، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. | 12 |
Ne tā kā Kains, kas bija no tā ļaunā un savu brāli nokāva. Un kādēļ viņš to nokāva? Tāpēc ka viņa darbi bija ļauni, bet viņa brāļa darbi taisni.
شۇڭا، ئى قېرىنداشلار، بۇ دۇنيا سىلەرنى ئۆچ كۆرسە، بۇنىڭغا ھەيران قالماڭلار. | 13 |
Nebrīnāties, mani brāļi, ja pasaule jūs ienīst.
بىز قېرىنداشلارنى سۆيگەنلىكىمىزدىن، ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. ئۆز قېرىندىشىنى سۆيمىگۈچى تېخى ئۆلۈمدە تۇرۇۋاتىدۇ. | 14 |
Mēs zinām, ka esam pārcelti no nāves uz dzīvību, tāpēc ka mēs tos brāļus mīlējam; kas nemīl, tas paliek nāvē.
قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاتىلدۇر ۋە ھېچقانداق قاتىلدا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. (aiōnios ) | 15 |
Ikviens, kas savu brāli ienīst, tas ir slepkava, un jūs zināt, ka nevienam slepkavam mūžīga dzīvība nav paliekama iekš viņa. (aiōnios )
بىز شۇنىڭ بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىزكى، ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى؛ شۇنىڭدەك بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا قەرزداردۇرمىز. | 16 |
Pie tam mēs esam atzinuši mīlestību, ka Viņš Savu dzīvību par mums ir nodevis, un mums arīdzan pienākas dzīvību nodot par tiem brāļiem.
ئەمما كىمكى بۇ دۇنيادا مال-مۈلكى تۇرۇپ، قېرىندىشىنىڭ موھتاجلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا كۆكسى-قارنىنى ئاچمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟ | 17 |
Bet ja kādam ir šās pasaules manta, un tas redz savu brāli trūkumu ciešam un aizslēdz savu sirdi priekš viņa, kā Dieva mīlestība paliek iekš tāda?
ئەزىز بالىلىرىم، سۆز بىلەن ۋە تىل بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلدە ۋە ھەقىقەتتە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى. | 18 |
Mani bērniņi, lai mēs nemīlējam ar vārdiem, nedz ar mēli, bet ar darbiem un ar patiesību.
بىز شۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقەتتىن بولغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز ۋە [خۇدانىڭ] ئالدىدا قەلبىمىزنى خاتىرجەم قىلالايمىز. | 19 |
Un pie tam mēs atzīstam, ka esam no patiesības, un savas sirdis Viņa priekšā varam klusināt,
شۇنداقتىمۇ، مۇبادا قەلبىمىز بىزنى يەنىلا ئەيىبلىسە، خۇدا يەنىلا قەلبىمىزدىن ئۈستۈن ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. | 20 |
Ka, ja mūsu sirds mūs pazudina, Dievs ir lielāks nekā mūsu sirds un zin visas lietas.
سۆيۈملۈكلىرىم، ئەگەر قەلبىمىز بىزنى ئەيىبلىمىسە، خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرەكلىك تۇرىمىز | 21 |
Mīļie, ja mūsu sirds mūs nepazudina, tad mums ir drošība pie Dieva.
ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدىن نېمىنى تىلىسەك شۇنىڭغا ئېرىشەلەيمىز؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمىز. | 22 |
Un ko vien mēs lūdzam, to no Viņa dabūjam, jo mēs turam Viņa baušļus un darām, kas Viņa priekšā ir patīkams.
ۋە ئۇنىڭ ئەمرى شۇكى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشىمىز ھەمدە ئۇنىڭ بىزگە تاپىلىغىنىدەك بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر. | 23 |
Un šis ir Viņa bauslis, lai mēs ticam Viņa Dēla Jēzus Kristus Vārdam un lai cits citu mīlējam, tā kā Viņš mums bausli ir devis.
ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان كىشى [خۇدادا] ياشايدىغان ۋە [خۇدامۇ] ئۇنىڭدا ياشايدىغان بولىدۇ. ئەمدى خۇدانىڭ بىزدە ياشايدىغانلىقىنى بىلگىنىمىز بولسا، ئۇ بىزگە ئاتا قىلغان روھتىندۇر. | 24 |
Un kas Viņa baušļus tur, tas paliek iekš Viņa un Viņš iekš tā. Un pie tam atzīstam, ka Viņš iekš mums paliek, no Tā Gara, ko Viņš mums devis.