< يۇھاننا 1 3 >

قاراڭلار، ئاتا بىزگە شۇنداق چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنكى، بىز «خۇدانىڭ ئەزىز بالىلىرى» دەپ ئاتالدۇق ــ ۋە بىز ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. بۇ دۇنيا شۇ سەۋەبتىن بىزنى تونۇپ يەتمەيدۇكى، چۈنكى بۇ دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى. 1
ιδετε ποταπην αγαπην δεδωκεν ημιν ο πατηρ ινα τεκνα θεου κληθωμεν και εσμεν δια τουτο ο κοσμος ου γινωσκει ημας οτι ουκ εγνω αυτον
سۆيۈملۈكلىرىم، بىز ھازىر خۇدانىڭ ئەزىز بالىلىرىدۇرمىز؛ كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىمىز تېخى ئوچۇق ئايان قىلىنمىغان. بىراق ئۇ [قايتىدىن] ئايان قىلىنغاندا، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز؛ چۈنكى شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ ئەينەن ئۆزىنى كۆرىمىز. 2
αγαπητοι νυν τεκνα θεου εσμεν και ουπω εφανερωθη τι εσομεθα οιδαμεν οτι εαν φανερωθη ομοιοι αυτω εσομεθα οτι οψομεθα αυτον καθως εστιν
ۋە [مەسىھگە] ئۈمىد باغلىغان ھەربىر كىشى ئۇ پاك بولغاندەك ئۆزىنى پاكلىماقتا. 3
και πας ο εχων την ελπιδα ταυτην επ αυτω αγνιζει εαυτον καθως εκεινος αγνος εστιν
گۇناھ سادىر قىلغان كىشى [خۇدانىڭ] قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى گۇناھ سادىر قىلغانلىق [خۇدانىڭ] قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. 4
πας ο ποιων την αμαρτιαν και την ανομιαν ποιει και η αμαρτια εστιν η ανομια
ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى گۇناھلارنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن دۇنياغا كېلىپ ئايان قىلىنغان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدا ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر، دەپ بىلىسىلەر. 5
και οιδατε οτι εκεινος εφανερωθη ινα τας αμαρτιας αρη και αμαρτια εν αυτω ουκ εστιν
ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ھەربىر كىشى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ كىمدەكىم گۇناھ سادىر قىلسا، ئۇنى كۆرمىگەن ۋە ئۇنى تونۇمىغان بولىدۇ. 6
πας ο εν αυτω μενων ουχ αμαρτανει πας ο αμαρτανων ουχ εωρακεν αυτον ουδε εγνωκεν αυτον
ئەزىز بالىلىرىم، ھېچكىمنىڭ سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار. ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغۇچى كىشى ئۇ ھەققانىي بولغىنىدەك ھەققانىيدۇر. 7
τεκνια μηδεις πλανατω υμας ο ποιων την δικαιοσυνην δικαιος εστιν καθως εκεινος δικαιος εστιν
لېكىن گۇناھ سادىر قىلغۇچى ئىبلىستىندۇر. چۈنكى ئىبلىس ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ دۇنيادا ئايان قىلىنىشىدىكى مەقسەت ئىبلىسنىڭ ئەمەللىرىنى يوقىتىشتۇر. 8
ο ποιων την αμαρτιαν εκ του διαβολου εστιν οτι απ αρχης ο διαβολος αμαρτανει εις τουτο εφανερωθη ο υιος του θεου ινα λυση τα εργα του διαβολου
خۇدادىن تۇغۇلغۇچى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇرۇقى ئۇنىڭدا ئورۇن ئالغاچقا، ئۇ گۇناھ سادىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ خۇدادىن تۇغۇلغاندۇر. 9
πας ο γεγεννημενος εκ του θεου αμαρτιαν ου ποιει οτι σπερμα αυτου εν αυτω μενει και ου δυναται αμαρτανειν οτι εκ του θεου γεγεννηται
خۇدانىڭ بالىلىرى بىلەن ئىبلىسنىڭ بالىلىرى شۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇكى، كىمدەكىم ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلمىسا ۋە ياكى ئۆز قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىسە خۇدادىن ئەمەستۇر. 10
εν τουτω φανερα εστιν τα τεκνα του θεου και τα τεκνα του διαβολου πας ο μη ποιων δικαιοσυνην ουκ εστιν εκ του θεου και ο μη αγαπων τον αδελφον αυτου
چۈنكى سىلەر دەسلەپتىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان خەۋەر مانا دەل شۇكى، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەكتۇر. 11
οτι αυτη εστιν η αγγελια ην ηκουσατε απ αρχης ινα αγαπωμεν αλληλους
ئۇ ئۇ رەزىلدىن بولغان، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماسلىقىمىز كېرەك؛ ئۇ نېمىشقا ئىنىسىنى قەتل قىلدى؟ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى رەزىل، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. 12
ου καθως καιν εκ του πονηρου ην και εσφαξεν τον αδελφον αυτου και χαριν τινος εσφαξεν αυτον οτι τα εργα αυτου πονηρα ην τα δε του αδελφου αυτου δικαια
شۇڭا، ئى قېرىنداشلار، بۇ دۇنيا سىلەرنى ئۆچ كۆرسە، بۇنىڭغا ھەيران قالماڭلار. 13
{VAR2: [και] } μη θαυμαζετε αδελφοι ει μισει υμας ο κοσμος
بىز قېرىنداشلارنى سۆيگەنلىكىمىزدىن، ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. ئۆز قېرىندىشىنى سۆيمىگۈچى تېخى ئۆلۈمدە تۇرۇۋاتىدۇ. 14
ημεις οιδαμεν οτι μεταβεβηκαμεν εκ του θανατου εις την ζωην οτι αγαπωμεν τους αδελφους ο μη αγαπων μενει εν τω θανατω
قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاتىلدۇر ۋە ھېچقانداق قاتىلدا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. (aiōnios g166) 15
πας ο μισων τον αδελφον αυτου ανθρωποκτονος εστιν και οιδατε οτι πας ανθρωποκτονος ουκ εχει ζωην αιωνιον εν αυτω μενουσαν (aiōnios g166)
بىز شۇنىڭ بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىزكى، ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى؛ شۇنىڭدەك بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا قەرزداردۇرمىز. 16
εν τουτω εγνωκαμεν την αγαπην οτι εκεινος υπερ ημων την ψυχην αυτου εθηκεν και ημεις οφειλομεν υπερ των αδελφων τας ψυχας θειναι
ئەمما كىمكى بۇ دۇنيادا مال-مۈلكى تۇرۇپ، قېرىندىشىنىڭ موھتاجلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا كۆكسى-قارنىنى ئاچمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟ 17
ος δ αν εχη τον βιον του κοσμου και θεωρη τον αδελφον αυτου χρειαν εχοντα και κλειση τα σπλαγχνα αυτου απ αυτου πως η αγαπη του θεου μενει εν αυτω
ئەزىز بالىلىرىم، سۆز بىلەن ۋە تىل بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلدە ۋە ھەقىقەتتە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى. 18
τεκνια μη αγαπωμεν λογω μηδε τη γλωσση αλλα εν εργω και αληθεια
بىز شۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقەتتىن بولغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز ۋە [خۇدانىڭ] ئالدىدا قەلبىمىزنى خاتىرجەم قىلالايمىز. 19
{VAR2: [και] } εν τουτω γνωσομεθα οτι εκ της αληθειας εσμεν και εμπροσθεν αυτου πεισομεν την καρδιαν ημων
شۇنداقتىمۇ، مۇبادا قەلبىمىز بىزنى يەنىلا ئەيىبلىسە، خۇدا يەنىلا قەلبىمىزدىن ئۈستۈن ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. 20
οτι εαν καταγινωσκη ημων η καρδια οτι μειζων εστιν ο θεος της καρδιας ημων και γινωσκει παντα
سۆيۈملۈكلىرىم، ئەگەر قەلبىمىز بىزنى ئەيىبلىمىسە، خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرەكلىك تۇرىمىز 21
αγαπητοι εαν η καρδια {VAR2: [ημων] } μη καταγινωσκη παρρησιαν εχομεν προς τον θεον
ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدىن نېمىنى تىلىسەك شۇنىڭغا ئېرىشەلەيمىز؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمىز. 22
και ο εαν αιτωμεν λαμβανομεν απ αυτου οτι τας εντολας αυτου τηρουμεν και τα αρεστα ενωπιον αυτου ποιουμεν
ۋە ئۇنىڭ ئەمرى شۇكى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشىمىز ھەمدە ئۇنىڭ بىزگە تاپىلىغىنىدەك بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر. 23
και αυτη εστιν η εντολη αυτου ινα πιστευσωμεν τω ονοματι του υιου αυτου ιησου χριστου και αγαπωμεν αλληλους καθως εδωκεν εντολην ημιν
ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان كىشى [خۇدادا] ياشايدىغان ۋە [خۇدامۇ] ئۇنىڭدا ياشايدىغان بولىدۇ. ئەمدى خۇدانىڭ بىزدە ياشايدىغانلىقىنى بىلگىنىمىز بولسا، ئۇ بىزگە ئاتا قىلغان روھتىندۇر. 24
και ο τηρων τας εντολας αυτου εν αυτω μενει και αυτος εν αυτω και εν τουτω γινωσκομεν οτι μενει εν ημιν εκ του πνευματος ου ημιν εδωκεν

< يۇھاننا 1 3 >