< يۇھاننا 1 2 >
ئى ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەرنى گۇناھ سادىر قىلمىسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى يېزىۋاتىمەن. مۇبادا بىرسى گۇناھ سادىر قىلسا، ئاتىنىڭ يېنىدا بىر ياردەمچى ۋەكىلىمىز، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ئەيسا مەسىھ باردۇر. | 1 |
I ǝziz balilirim, mǝn silǝrni gunaⱨ sadir ⱪilmisun dǝp, bu sɵzlǝrni yeziwatimǝn. Mubada birsi gunaⱨ sadir ⱪilsa, Atining yenida bir yardǝmqi wǝkilimiz, yǝni Ⱨǝⱪⱪaniy Bolƣuqi Əysa Mǝsiⱨ bardur.
ئۇ ئۆزى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن [جازانى كۆتۈرگۈچى] كافارەتتۇر؛ مۇشۇ كافارەت پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر. | 2 |
U Ɵzi gunaⱨlirimiz üqün [jazani kɵtürgüqi] kafarǝttur; muxu kafarǝt pǝⱪǝt bizning gunaⱨlirimiz üqünla ǝmǝs, bǝlki pütkül dunyadikilǝrning gunaⱨliri üqündur.
بىزنىڭ ئۇنى تونۇغانلىقىمىزنى بىلەلىشىمىز ــ ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر. | 3 |
Bizning uni tonuƣanliⱪimizni bilǝliximiz — Uning ǝmrlirigǝ ǝmǝl ⱪiliximizdindur.
«ئۇنى تونۇيمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلمىغۇچى كىشى يالغانچىدۇر، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. | 4 |
«Uni tonuymǝn» dǝp turup, Uning ǝmrlirigǝ ǝmǝl ⱪilmiƣuqi kixi yalƣanqidur, uningda ⱨǝⱪiⱪǝt yoⱪtur.
لېكىن كىمكى ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلسا، ئەمدى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭدا بولغانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلىمىز. | 5 |
Lekin kimki Uning sɵzigǝ ǝmǝl ⱪilsa, ǝmdi uningda Hudaning meⱨir-muⱨǝbbiti ⱨǝⱪiⱪǝtǝn kamalǝtkǝ yǝtkǝn bolidu. Biz ɵzimizning Uningda bolƣanliⱪimizni ǝnǝ xuningdin bilimiz.
«خۇدادا تۇرۇپ ياشايمەن» دېگۈچى بولسا [ئەيسانىڭ] ماڭغىنىدەك ئوخشاش مېڭىشى كېرەك. | 6 |
«Hudada turup yaxaymǝn» degüqi bolsa [Əysaning] mangƣinidǝk ohxax mengixi kerǝk.
ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەرگە [بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان] يېڭى بىر ئەمرنى ئەمەس، بەلكى دەسلەپتىن تارتىپ سىلەر تاپشۇرۇۋالغان كونا ئەمرنى يېزىۋاتىمەن. ئۇشبۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىنلا ئاڭلاپ كېلىۋاتقان سۆز-كالامدۇر. | 7 |
I sɵyümlüklirim, silǝrgǝ [burun anglap baⱪmiƣan] yengi bir ǝmrni ǝmǝs, bǝlki dǝslǝptin tartip silǝr tapxuruwalƣan kona ǝmrni yeziwatimǝn. Uxbu ǝmr silǝr burundinla anglap keliwatⱪan sɵz-kalamdur.
لېكىن يەنە كېلىپ مەن سىلەرگە يېزىۋاتقىنىمنى يېڭى ئەمر [دېسەكمۇ بولىدۇ]؛ بۇ ئەمر مەسىھدە ھەم سىلەردىمۇ ئەمەل قىلىنماقتا، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۆتۈپ كەتمەكتە، ۋە ھەقىقىي نۇر ئاللىقاچان چېچىلىشقا باشلىدى. | 8 |
Lekin yǝnǝ kelip mǝn silǝrgǝ yeziwatⱪinimni yengi ǝmr [desǝkmu bolidu]; bu ǝmr Mǝsiⱨdǝ ⱨǝm silǝrdimu ǝmǝl ⱪilinmaⱪta, qünki ⱪarangƣuluⱪ ɵtüp kǝtmǝktǝ, wǝ ⱨǝⱪiⱪiy nur alliⱪaqan qeqilixⱪa baxlidi.
كىمدەكىم ئۆزىنى «نۇردا ياشاۋاتىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىنى ئۆچ كۆرسە، ئۇ بۈگۈنگىچە قاراڭغۇلۇقتا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ. | 9 |
Kimdǝkim ɵzini «nurda yaxawatimǝn» dǝp turup, ⱪerindixini ɵq kɵrsǝ, u bügüngiqǝ ⱪarangƣuluⱪta turuwatⱪan bolidu.
قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشى يورۇقلۇقتا تۇرماقتا، ئۇنىڭدا گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان ھېچنېمە قالمايدۇ. | 10 |
Ⱪerindixiƣa meⱨir-muⱨǝbbǝt kɵrsǝtkǝn kixi yoruⱪluⱪta turmaⱪta, uningda gunaⱨⱪa putlaxturidiƣan ⱨeqnemǝ ⱪalmaydu.
لېكىن قېرىندىشىنى ئۆچ كۆرگەن كىشى قاراڭغۇلۇقتىدۇر؛ ئۇ قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ ۋە قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ كۆزلىرىنى قارىغۇ قىلىۋەتكەن. | 11 |
Lekin ⱪerindixini ɵq kɵrgǝn kixi ⱪarangƣuluⱪtidur; u ⱪarangƣuluⱪta mangidu wǝ ⱪǝyǝrgǝ ketiwatⱪanliⱪini bilmǝydu, qünki ⱪarangƣuluⱪ uning kɵzlirini ⱪariƣu ⱪiliwǝtkǝn.
مەن بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئەزىز بالىلىرىم، چۈنكى گۇناھلىرىڭلار ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلىندى. | 12 |
Mǝn bularni silǝrgǝ yeziwatimǝn, i ǝziz balilirim, qünki gunaⱨliringlar Uning nami üqün kǝqürüm ⱪilindi.
مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئاتىلار، چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار. مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى يىگىتلەر، چۈنكى سىلەر ئۇ رەزىل ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭلار. | 13 |
Mǝn buni silǝrgǝ yeziwatimǝn, i atilar, qünki silǝr Əzǝldin Bar Bolƣuqini tonudunglar. Mǝn buni silǝrgǝ yeziwatimǝn, i yigitlǝr, qünki silǝr u rǝzil üstidin ƣǝlibǝ ⱪildinglar.
مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئەزىز بالىلىرىم، چۈنكى سىلەر ئاتىنى تونۇدۇڭلار. مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئاتىلار، چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار. مەن بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى يىگىتلەر، چۈنكى سىلەر كۈچلۈكسىلەر، خۇدانىڭ سۆز-كالامى سىلەردە تۇرىدۇ ۋە سىلەر ئۇ رەزىل ئۈستىدىنمۇ غەلىبە قىلدىڭلار. | 14 |
Mǝn buni silǝrgǝ yeziwatimǝn, i ǝziz balilirim, qünki silǝr Atini tonudunglar. Mǝn buni silǝrgǝ yeziwatimǝn, i atilar, qünki silǝr Əzǝldin Bar Bolƣuqini tonudunglar. Mǝn buni silǝrgǝ yeziwatimǝn, i yigitlǝr, qünki silǝr küqlüksilǝr, Hudaning sɵz-kalami silǝrdǝ turidu wǝ silǝr u rǝzil üstidinmu ƣǝlibǝ ⱪildinglar.
بۇ دۇنيانى ۋە بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى سۆيمەڭلار. ھەركىم بۇ دۇنيانى سۆيسە، ئاتىنىڭ سۆيگۈسى ئۇنىڭدا يوقتۇر. | 15 |
Bu dunyani wǝ bu dunyadiki ixlarni sɵymǝnglar. Ⱨǝrkim bu dunyani sɵysǝ, Atining sɵygüsi uningda yoⱪtur.
چۈنكى بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىشلار، يەنى ئەتتىكى ھەۋەس، كۆزلەردىكى ھەۋەس ۋە ھاياتىغا بولغان مەغرۇرلۇقنىڭ ھەممىسى ئاتىدىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى بۇ دۇنيادىن بولغاندۇر، خالاس؛ | 16 |
Qünki bu dunyadiki barliⱪ ixlar, yǝni ǝttiki ⱨǝwǝs, kɵzlǝrdiki ⱨǝwǝs wǝ ⱨayatiƣa bolƣan mǝƣrurluⱪning ⱨǝmmisi Atidin kǝlgǝn ǝmǝs, bǝlki bu dunyadin bolƣandur, halas;
ۋە بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەۋەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچى كىشى مەڭگۈ ياشايدۇ. (aiōn ) | 17 |
wǝ bu dunya wǝ uningdiki ⱨǝwǝslǝrning ⱨǝmmisi ɵtüp ketidu. Lekin Hudaning iradisigǝ ǝmǝl ⱪilƣuqi kixi mǝnggü yaxaydu. (aiōn )
ئەزىز بالىلىرىم، زاماننىڭ ئاخىرقى سائىتى يېتىپ كەلدى؛ ۋە سىلەر دەججالنىڭ [ئاخىر زاماندا] كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىڭلاردەك، ئەمەلىيەتتە بولسا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن دەججاللار مەيدانغا چىقتى؛ بۇنىڭدىن زاماننىڭ ئاخىرقى سائىتى بولۇپ قالغانلىقى بىزگە مەلۇم. | 18 |
Əziz balilirim, zamanning ahirⱪi saiti yetip kǝldi; wǝ silǝr dǝjjalning [ahir zamanda] kelidiƣanliⱪini angliƣininglardǝk, ǝmǝliyǝttǝ bolsa ⱨazirning ɵzidila nurƣun dǝjjallar mǝydanƣa qiⱪti; buningdin zamanning ahirⱪi saiti bolup ⱪalƣanliⱪi bizgǝ mǝlum.
ئۇلار ئارىمىزدىن چىقتى، لېكىن ئۇلار ئەسلىدە بىزلەردىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئەگەر بىزلەردىن بولغان بولسا، ئارىمىزدا تۇرىۋەرگەن بولاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئەسلىدە بىزدىكىلەردىن بولمىغانلىقى پاش قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئارىمىزدىن چىقىپ كەتتى. | 19 |
Ular arimizdin qiⱪti, lekin ular ǝslidǝ bizlǝrdin ǝmǝs idi. Qünki ǝgǝr bizlǝrdin bolƣan bolsa, arimizda turiwǝrgǝn bolatti. Lekin ularning ⱨeqⱪaysisining ǝslidǝ bizdikilǝrdin bolmiƣanliⱪi pax ⱪilinƣanliⱪi üqün ular arimizdin qiⱪip kǝtti.
ھالبۇكى، سىلەر بولساڭلار مۇقەددەس بولغۇچىدىن كەلگەن مەسىھلىگۈچى روھتىن نېسىپ بولدۇڭلار ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ھەممە ئىشنى بىلىسىلەر. | 20 |
Ⱨalbuki, silǝr bolsanglar Muⱪǝddǝs Bolƣuqidin kǝlgǝn mǝsiⱨligüqi Roⱨtin nesip boldunglar wǝ xuning üqün silǝr ⱨǝmmǝ ixni bilisilǝr.
سىلەرگە بۇ خەتنى يىزىشىمدىكى سەۋەب، سىلەرنىڭ ھەقىقەتنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى بىلىپ، يالغانچىلىقنىڭ ھەقىقەتتىن كېلىپ چىقمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. | 21 |
Silǝrgǝ bu hǝtni yiziximdiki sǝwǝb, silǝrning ⱨǝⱪiⱪǝtni bilmigǝnlikinglar üqün ǝmǝs, bǝlki ⱨǝⱪiⱪǝtni bilip, yalƣanqiliⱪning ⱨǝⱪiⱪǝttin kelip qiⱪmaydiƣanliⱪini bilgǝnlikinglar üqündur.
ئەمىسە، كىم يالغانچى؟ ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغۇچى كىشى بۇلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. ئاتا ۋە ئوغۇلنى ئىنكار قىلغۇچى كىشى ئۆزى بىر دەججالدۇر. | 22 |
Əmisǝ, kim yalƣanqi? Əysaning Mǝsiⱨ ikǝnlikini inkar ⱪilƣuqi kixi bulsa, u yalƣanqidur. Ata wǝ Oƣulni inkar ⱪilƣuqi kixi ɵzi bir dǝjjaldur.
كىمدەكىم ئوغۇلنى رەت قىلسا ئۇنىڭدا ئاتا بولمايدۇ. لېكىن ئوغۇلنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇنىڭدا ئاتا بولىدۇ. | 23 |
Kimdǝkim Oƣulni rǝt ⱪilsa uningda Ata bolmaydu. Lekin Oƣulni etirap ⱪilsa, uningda Ata bolidu.
سىلەر بولساڭلار، بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقىنىڭلارنى ئۆزۈڭلاردا داۋاملىق تۇرغۇزىۋېرىڭلار. بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقىنىڭلار سىلەردە داۋاملىق تۇرىۋەرسە، سىلەرمۇ داۋاملىق ئوغۇل ۋە ئاتىدا ياشاۋاتقان بولىسىلەر؛ | 24 |
Silǝr bolsanglar, burundin anglap keliwatⱪininglarni ɵzünglarda dawamliⱪ turƣuziweringlar. Burundin anglap keliwatⱪininglar silǝrdǝ dawamliⱪ turiwǝrsǝ, silǝrmu dawamliⱪ Oƣul wǝ Atida yaxawatⱪan bolisilǝr;
ۋە ئۇنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بولسا دەل شۇ ــ مەڭگۈ ھاياتلىقتۇر. (aiōnios ) | 25 |
wǝ Uning bizgǝ ⱪilƣan wǝdisi bolsa dǝl xu — mǝnggü ⱨayatliⱪtur. (aiōnios )
سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولغانلارنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇلارنى سىلەرگە يازدىم؛ | 26 |
Silǝrni azdurmaⱪqi bolƣanlarni nǝzǝrdǝ tutup, bularni silǝrgǝ yazdim;
سىلەر بولساڭلار، سىلەر ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلغان مەسىھلىگۈچى روھ سىلەردە تۇرىۋېرىدۇ، سىلەر ھېچكىمنىڭ ئۆگىتىشىگە موھتاج ئەمەسسىلەر؛ بەلكى ئەنە شۇ مەسىھلىگۈچى روھ سىلەرگە بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق ئۆگىتىۋاتقاندەك (ئۇ ھەقتۇر، ھېچ يالغان ئەمەستۇر!) ــ ھەم ئۆگەتكەندەك، سىلەر داۋاملىق ئۇنىڭدا ياشايدىغان بولىسىلەر. | 27 |
Silǝr bolsanglar, silǝr Uningdin ⱪobul ⱪilƣan mǝsiⱨligüqi Roⱨ silǝrdǝ turiweridu, silǝr ⱨeqkimning ɵgitixigǝ moⱨtaj ǝmǝssilǝr; bǝlki ǝnǝ xu mǝsiⱨligüqi Roⱨ silǝrgǝ barliⱪ ixlar toƣruluⱪ ɵgitiwatⱪandǝk (U ⱨǝⱪtur, ⱨeq yalƣan ǝmǝstur!) — ⱨǝm ɵgǝtkǝndǝk, silǝr dawamliⱪ Uningda yaxaydiƣan bolisilǝr.
ئەمىسە، ئى ئەزىز بالىلىرىم، داۋاملىق ئۇنىڭدا تۇرۇپ ياشاۋېرىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ ھەرقاچان قايتىدىن ئايان بولغاندا قورقماس بولىمىز ھەم ئۇ كەلگىنىدە ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ خىجالەت بولۇپ قالمايمىز. | 28 |
Əmisǝ, i ǝziz balilirim, dawamliⱪ Uningda turup yaxaweringlar. Xundaⱪ ⱪilsanglar, U ⱨǝrⱪaqan ⱪaytidin ayan bolƣanda ⱪorⱪmas bolimiz ⱨǝm U kǝlginidǝ Uning aldida ⱨeq hijalǝt bolup ⱪalmaymiz.
[خۇدانىڭ] ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلگەنىكەنسىلەر، ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇنىڭ تەرىپىدىن تۇغۇلغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلسەڭلار كېرەك. | 29 |
[Hudaning] ⱨǝⱪⱪaniy ikǝnlikini bilgǝnikǝnsilǝr, ⱨǝⱪⱪaniyliⱪⱪa ǝmǝl ⱪilƣuqilarning ⱨǝrbirining uning tǝripidin tuƣulƣuqi ikǝnlikinimu bilsǝnglar kerǝk.