< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 9 >
مەن ئەركىن ئەمەسمۇ؟ مەن روسۇل ئەمەسمۇ؟ مەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى كۆرگەن ئەمەسمۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلار مېنىڭ رەبدە بولغان ئەجرىم ئەمەسمۇ؟ | 1 |
Vai es neesmu svabads? Vai es neesmu apustulis? Vai es Kristu, mūsu Kungu, neesmu redzējis? Vai jūs neesat mans darbs iekš Tā Kunga?
ئەگەر باشقىلارغا نىسبەتەن روسۇل دەپ ھېسابلانمىسام، مەن ھېچ بولمىغاندا سىلەرگە روسۇل بولدۇم؛ چۈنكى ئۆزۈڭلار رەبدە مېنىڭ روسۇل بولغانلىقىمنى تەستىقلىغان مۆھۈردۇرسىلەر. | 2 |
Ja es citiem neesmu apustulis, tomēr jums es esmu; jo mana apustuļa amata zieģelis jūs esat iekš Tā Kunga.
مېنى سۈرۈشتە قىلماقچى بولغانلارغا بولغان جاۋابىم مۇنداق: ــ | 3 |
Mana atbildēšana tiem, kas mani tiesā, ir šī:
بىزلەرنىڭ يەپ-ئىچىشكە ھوقۇقىمىز بار ئەمەسمۇ؟ | 4 |
Vai mums nav brīv, ēst un dzert?
بىزنىڭ باشقا روسۇللار، رەبنىڭ ئۆز ئىنىلىرى ۋە كېفاسنىڭ قىلغىنىدەك، ئېتىقادچى بىر سىڭىلنى ئەمرىمىزگە ئېلىپ سەپەردە ھەمراھ قىلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟ | 5 |
Vai mums nav brīv kādu māsu vest līdz par sievu, tā kā arī tie citi apustuļi un Tā Kunga brāļi un Kefas?
ئەجەبا، پەقەت بارناباس بىلەن مېنىڭلا ئەمگەك قىلماسلىققا ھوقۇقىمىز يوقمۇ؟ | 6 |
Jeb vai man un Barnabam vien nav brīv, nestrādāt?
كىم خىراجەتنى ئۆزى تۆلەپ [ئەسكەر بولۇپ] جەڭگە چىقىدۇ؟ كىم ئۈزۈمزار بىنا قىلىپ ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يېمەيدۇ؟ قايسى پادا باققۇچى پادىنىڭ سۈتىدىن ئىچمەيدۇ؟ | 7 |
Kas jel iet karā ar savu maizi? Kas vīna kalnu dēsta un neēd no viņa augļiem? Jeb kas lopus gana un neēd no tā piena?
بۇ دېگەنلىرىم پەقەت ئىنسانىي كۆزقاراش بويىچە ئېيتىلغانمۇ؟ تەۋرات-قانۇننىڭ ئۆزىدىمۇ ئوخشاش دېيىلگەن ئەمەسمۇ؟! | 8 |
Vai es to runāju pēc cilvēku prāta? Jeb vai to nesaka arī pati bauslība?
چۈنكى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇندا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىغا كۆشەك سالما» دەپ پۈتۈلگەندۇر. خۇدا ئۆكۈزلەرگىلا كۆيۈنگەنمۇ، | 9 |
Jo Mozus bauslībā ir rakstīts: Tev nebūs vērsim, kas labību min, purnu apsiet: vai tad Dievam rūp par vēršiem?
ياكى بۇنى پەقەت بىزلەرنى دەپ ئېيتقانمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بۇ سۆزلەر بىزلەر ئۈچۈن پۈتۈلگەندۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن يەر ھەيدىگۈچى ئۈمىدتە ھەيدىشىگە تېگىشلىك، شۇنداقلا خامان تەپكۈچىمۇ ھوسۇلدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈمىدىدە ئىشلەشكە تېگىشلىكتۇر. | 10 |
Jeb vai viņš to visu nesaka mūsu labad? Jo mūsu labad ir rakstīts, ka arājam vajag art uz cerību un kūlējam kult uz cerību, ka viņam būs sava daļa.
بىز سىلەرگە روھىي بەخت-بەرىكەتلەرنى تېرىپ، سىلەردىن ماددىي جەھەتتىن يىغىۋالساق بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك بولامدۇ؟ | 11 |
Ja mēs jums to garīgo mantu esam sējuši, vai tad tā liela lieta, ja jūsu miesīgo pļaujam?
باشقا [خىزمەتچىلەر] سىلەردە مۇشۇ ھوقۇقنى ئىشلەتكەن يەردە، بىز شۇنداق قىلساق تېخىمۇ بولىدىغۇ؟ ئەمما مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ھېچ توسالغۇ بولمىسۇن دەپ، بىز بۇ ھوقۇقنى ھېچقاچان ئىشلىتىپ باقمىدۇق؛ ئەكسىچە، ھەرقانداق ئىشلارغا چىداپ كېلىۋاتىمىز. | 12 |
Ja tad citiem tāda vaļa ir par jums, kāpēc ne jo vairāk mums? Bet mēs šo vaļu neesam lietojuši, bet visu panesam, lai Kristus evaņģēliju neaizkavējam.
ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىبادەتخانىغا ئاتالغان ھەدىيەلەردىن يەيدىغانلىقىنى، قۇربانگاھتا خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ قۇربانلىقلاردىن ئۈلۈشىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ | 13 |
Vai nezināt, ka tie, kas pie svētuma kalpo, no tā svētuma ēd? Un ka tiem, kam darbs ir pie altāra, daļa ir no tā altāra?
شۇنىڭغا ئوخشاش، رەب خۇش خەۋەرنى جاكارلىغۇچىلارنىڭ جېنى خۇش خەۋەردىن بېقىلسۇن دەپ بېكىتكەندۇر. | 14 |
Tāpat arī Tas Kungs ir iestādījis, ka tie, kas evaņģēliju sludina, no evaņģēlija pārtiek.
ئەمما مەن بولسام بۇ ھوقۇقلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئىشلىتىپ باقمىدىم. ھەم ھازىرمۇ مۇشۇ ھوقۇقتىن پادىلىناي دەپ مۇشۇلارنى يېزىۋاتقىنىم يوق! چۈنكى مەن باشقىلارنىڭ مېنى بۇ پەخىرلىنىدىغانلىرىمدىن مەھرۇم قىلغىنىدىن كۆرە ئۆلگىنىم تۈزۈك! | 15 |
Bet no tā es nekā neesmu lietojis. Un es to neesmu rakstījis, lai pie manis tā notiek; jo man būtu labāki mirt, nekā ja kāds manu slavu nīcinātu.
چۈنكى مېنىڭ خۇش خەۋەرنى جاكارلىشىمدا پەخىرلەنگۈدەك ئىش يوق؛ چۈنكى ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى مېنى بېسىپ تۇرىدۇ؛ خۇش خەۋەرنى جاكارلىمىسام ھالىمغا ۋاي! | 16 |
Jo kad es evaņģēliju sludināju, tad man nav ko lielīties; jo tas man jādara; un vai man, ja es evaņģēliju nesludināju!
چۈنكى ئەگەر ئۇنى خالىس قىلسام، بۇنىڭدىن ماڭا ئىنئام بولىدۇ؛ ئەمما ئۆز ئىختىيارىم بىلەن بولمىسا، بۇ پەقەت مېنىڭ غوجىدارلىق بۇرچىنى ئادا قىلغىنىم بولىدۇ، خالاس. | 17 |
Jo ja es to labprāt daru, tad man ir alga; ja ne labprāt, tad tomēr nama turēšana man ir uzticēta.
شۇنداق ئىكەن، مېنىڭ ئىنئامىم زادى نېمە بولىدۇ؟ مېنىڭ ئىنئامىم دەل شۇكى، خۇش خەۋەر جاكارلىغىنىمدا مەن خۇش خەۋەرگە كىشىلەرنى ھەقسىز ئېرىشتۈرىمەن ــ دېمەك، ئىنئامىم خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتىكى تېگىشلىق [ھەق ئېلىش] ھوقۇقلىرىمنى ھېچ ئىشلەتمەسلىكىمدىن ئىبارەتتۇر. | 18 |
Kāda alga tad nu man ir? Ka evaņģēliju sludinādams Kristus evaņģēliju mācu bez maksas, lai neizlietoju savu vaļu pie evaņģēlija.
چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولۇپ، ئۆزۈمنى كۆپچىلىككە قۇل قىلدىم؛ شۇ يول بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك ئادەملەرنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزسام دەيمەن. | 19 |
Jo no visiem svabads būdams es sevi pašu esmu darījis visiem par kalpu, ka jo vairāk dvēseļu mantotu.
يەھۇدىيلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن يەھۇدىيغا ئوخشاش بولدۇم؛ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن (تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغان بولمىساممۇ) تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانلارغا نىسبەتەن تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانغا ئوخشاش بولدۇم؛ | 20 |
Un Jūdiem es esmu tapis par Jūdu, ka Jūdus mantotu; tiem, kas apakš bauslības es esmu tapis kā apakš bauslības, (pats nebūdams apakš bauslības, ) ka mantotu tos, kas apakš bauslības.
تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارغا نىسبەتەن (خۇدا ئالدىدا قانۇنسىز بولماي، بەلكى مەسىھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشۇم بىلەن) مەن تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارغا ئوخشاش بولدۇم؛ | 21 |
Tiem, kas bez bauslības, esmu tapis tā kā bez bauslības, (pats nebūdams bez bauslības Dieva priekšā, bet stāvēdams iekš bauslības caur Kristu), ka es tos mantotu, kas bez bauslības.
ئاجىزلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاجىزلارغا ئۆزۈم ئاجىزدەك بولدۇم؛ مۇمكىن قەدەر كۆپرەك ئادەمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەن ھەرقانداق ئادەمگە قارىتا شۇنداق ئادەم بولدۇم. | 22 |
Vājiem es esmu tapis tā kā vājš, ka mantotu vājos; visiem esmu palicis viss, ka visādi kādus glābtu.
ئۆزۈمنىڭ خۇش خەۋەردىن نېسىۋەم بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى دەپ ھەممە ئىشنى قىلىمەن. | 23 |
Un to es daru evaņģēlija dēļ, ka man arī kāda daļa pie tā būtu.
بەيگىگە چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى يۈگۈرىشىدۇ، ئەمما پەقەت بىرىلا مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغىنىنى بىلمەمسىلەر؟ غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن يۈگۈرۈڭلار. | 24 |
Vai nezināt, ka tie, kas iet skrieties, gan visi skrien, bet viens dabū to goda maksu? Skrieniet tā, ka jūs to dabūjiet.
مۇسابىقىدە ئېلىشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تىزگىنلەيدۇ؛ ئۇلار پەقەت بىر چىرىپ كېتىدىغان تاجغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ، ئەمما بىز بولساق چىرىماس تاج ئۈچۈن شۇنداق قىلىمىز. | 25 |
Bet ikviens, kas cīkstas, savaldās visās lietās, - viņi tāpēc, ka dabūtu iznīcīgu kroni, bet mēs neiznīcīgu.
شۇڭا مەن نىشانسىز ئادەمدەك يۈگۈرۈۋاتمايمەن؛ مۇشت ئاتسام ھاۋاغا ئاتىدىغان ئادەمدەك بولمايمەن. | 26 |
Es tad skrienu, ne tā kā uz ko nezināmu, - es cīnos, ne tā kā gaisu sizdams;
ئۇنىڭ ئورنىغا مەن ئۆز تېنىمنى ئۇرۇپ ئۆزۈمگە كۆندۈرۈپ، ئۇنى ئۆزۈمگە قۇل قىلىمەن؛ ئۇنداق قىلمىغاندا، باشقىلارغا تەلىم جاكارلاپ تۇرۇپ ئۆزۈم لاياقەتلىك بولماي قېلىشىم مۇمكىن. | 27 |
Bet es savu miesu mērdēju un viņu kalpināju, lai citiem sludinādams pats nekļūstu atmetams.