< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 7 >
ئەمدى ھازىر سىلەر خېتىڭلاردا ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللارغا كېلەيلى، ــ «ئەر ئايال زاتىنىڭ تېنىگە تەگمىسە ياخشىدۇر». | 1 |
Περὶ δὲ ὧν ἐγράψατε, καλὸν ἀνθρώπῳ γυναικὸς μὴ ἅπτεσθαι·
دۇرۇس. ئەمما بۇزۇقچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەربىر ئەركەكنىڭ ئۆزىنىڭ ئايالى بولسۇن، ھەربىر ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرى بولسۇن. | 2 |
διὰ δὲ τὰς πορνείας ἕκαστος τὴν ἑαυτοῦ γυναῖκα ἐχέτω, καὶ ἑκάστη τὸν ἴδιον ἄνδρα ἐχέτω.
ئەر ئايالىغا نىسبەتەن ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن، ئايالمۇ ئېرىگە نىسبەتەن ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن. | 3 |
τῇ γυναικὶ ὁ ἀνὴρ τὴν ὀφειλὴν ἀποδιδότω, ὁμοίως δὲ καὶ ἡ γυνὴ τῷ ἀνδρί.
ئايال ئۆز تېنىنىڭ ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئېرى ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر؛ شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئەر ئۆز تېنىنىڭ ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئايالى ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر. | 4 |
ἡ γυνὴ τοῦ ἰδίου σώματος οὐκ ἐξουσιάζει ἀλλὰ ὁ ἀνήρ· ὁμοίως δὲ καὶ ὁ ἀνὴρ τοῦ ἰδίου σώματος οὐκ ἐξουσιάζει ἀλλὰ ἡ γυνή.
پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئالارغا بېرىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقتىنچە بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىنلا باشقا، ئەر-ئايال ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ جىنسىي ھەق-تەلىپىنى رەت قىلمىسۇن. شۇنداق ئالاهىدە مەزگىلدىن كېيىن يەنە بىرگە بولۇڭلار. بولمىسا، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمايدىغانلىقىڭلاردىن شەيتان سىلەرنى ئازدۇرۇش پۇرسىتىنى تېپىشى مۇمكىن. | 5 |
μὴ ἀποστερεῖτε ἀλλήλους, εἰ μήτι ἂν ἐκ συμφώνου πρὸς καιρὸν ἵνα σχολάσητε τῇ προσευχῇ καὶ πάλιν ἐπὶ τὸ αὐτὸ ἦτε, ἵνα μὴ πειράζῃ ὑμᾶς ὁ σατανᾶς διὰ τὴν ἀκρασίαν ὑμῶν.
ئەمما مۇنداق دېيىشىم بۇيرۇق يولىدا ئەمەس، بەلكى مەسلىھەت يولىدىدۇر. | 6 |
τοῦτο δὲ λέγω κατὰ συγγνώμην, οὐ κατ’ ἐπιταγήν.
ئەمدى مەن بارلىق ئادەملەرنىڭ ماڭا ئوخشاش [بويتاق] بولۇشىنى خالايتتىم؛ لېكىن بۇ ئىشتا خۇدانىڭ ھەممە ئادەمگە بەرگەن ئۆز ئىلتپاتى بار؛ بىرسى ئۇنداق، يەنە بىرسى بۇنداق. | 7 |
θέλω δὲ πάντας ἀνθρώπους εἶναι ὡς καὶ ἐμαυτόν· ἀλλὰ ἕκαστος ἴδιον ἔχει χάρισμα ἐκ θεοῦ, ὁ μὲν οὕτως, ὁ δὲ οὕτως.
ئەمما مەن جورىسىز تەنھا ياشىغانلار ۋە تۇللارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، مەندەك تەنھا تۇرىۋەرسە ياخشى بولىدۇ؛ | 8 |
Λέγω δὲ τοῖς ἀγάμοις καὶ ταῖς χήραις, καλὸν αὐτοῖς ἐὰν μείνωσιν ὡς κἀγώ·
ئەمما ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىساڭلار، نىكاھلىنىڭلار؛ چۈنكى [ئىشق] ئوتىدا كۆيگەندىن كۆرە نىكاھلىق بولغان ياخشى. | 9 |
εἰ δὲ οὐκ ἐγκρατεύονται γαμησάτωσαν· κρεῖττον γάρ ἐστιν γαμεῖν ἢ πυροῦσθαι.
ئەمما نىكاھلانغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مەن شۇنى تاپىلايمەنكى، ــ (بۇ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ تاپىلىغىنىم ئەمەس، يەنىلا رەبنىڭكى)، ئايال ئېرىدىن ئاجراشمىسۇن | 10 |
τοῖς δὲ γεγαμηκόσιν παραγγέλλω, οὐκ ἐγὼ ἀλλὰ ὁ κύριος, γυναῖκα ἀπὸ ἀνδρὸς μὴ χωρισθῆναι,
(ئەمما ئۇ ئاجراشقان بولسا، ئۇ تەنھا ئۆتسۇن، ياكى ئېرى بىلەن يارىشىۋالسۇن)؛ ۋە ئەرمۇ ئايالىنى قويۇپ بەرمىسۇن. | 11 |
ἐὰν δὲ καὶ χωρισθῇ, μενέτω ἄγαμος ἢ τῷ ἀνδρὶ καταλλαγήτω, καὶ ἄνδρα γυναῖκα μὴ ἀφιέναι.
قالغانلىرىڭلارغا كەلسەك، مەن شۇنى ئېيتىمەنكى (بۇ رەبنىڭ ئېيتقىنى ئەمەس)، قېرىنداشنىڭ ئېتىقادسىز ئايالى بولسا ۋە ئايالى ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋېرىشكە رازى بولسا، ئۇ ئۇنى قويۇپ بەرمىسۇن؛ | 12 |
τοῖς δὲ λοιποῖς λέγω ἐγώ, οὐχ ὁ κύριος· εἴ τις ἀδελφὸς γυναῖκα ἔχει ἄπιστον, καὶ αὕτη συνευδοκεῖ οἰκεῖν μετ’ αὐτοῦ, μὴ ἀφιέτω αὐτήν·
[ئېتىقادچى] ئايالنىڭ ئېتىقادسىز ئېرى بولسا ۋە ئېرى ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋېرىشكە رازى بولسا، ئۇ ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتمىسۇن. | 13 |
καὶ γυνὴ εἴ τις ἔχει ἄνδρα ἄπιστον καὶ οὗτος συνευδοκεῖ οἰκεῖν μετ’ αὐτῆς, μὴ ἀφιέτω τὸν ἄνδρα.
چۈنكى ئېتىقادسىز ئەر بولسا ئېتىقاد قىلغان ئايالدا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئېتىقادسىز ئايال بولسا [ئېتىقاد قىلغان] قېرىنداشتا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ بولمىسا، پەرزەنتلىرىڭلار ھارامدىن بولغان بولاتتى؛ ئەمما ئۇلار ئەمدى پاك بولدى. | 14 |
ἡγίασται γὰρ ὁ ἀνὴρ ὁ ἄπιστος ἐν τῇ γυναικί, καὶ ἡγίασται ἡ γυνὴ ἡ ἄπιστος ἐν τῷ ἀδελφῷ· ἐπεὶ ἄρα τὰ τέκνα ὑμῶν ἀκάθαρτά ἐστιν, νῦν δὲ ἅγιά ἐστιν.
لېكىن ئېتىقادسىز بولغان تەرەپنىڭ كەتكۈسى بولسا، ئۇ ئاجرىشىپ كەتسۇن؛ بۇنداق ئەھۋاللاردا قېرىنداش ئاكا-ئۇكىلار، ھەدە-سىڭىللار [نىكاھ مەجبۇرىيىتىگە] باغلىنىپ قالغان بولمايدۇ؛ قانداقلا بولمىسۇن خۇدا بىزنى ئىناق-خاتىرجەملىكتە ياشاشقا چاقىرغاندۇر. | 15 |
εἰ δὲ ὁ ἄπιστος χωρίζεται, χωριζέσθω· οὐ δεδούλωται ὁ ἀδελφὸς ἢ ἡ ἀδελφὴ ἐν τοῖς τοιούτοις· ἐν δὲ εἰρήνῃ κέκληκεν ὑμᾶς ὁ θεός.
ئەي [ئېتىقادچى] ئايال، ئېرىڭنى [ئېتىقاد قىلدۇرۇپ] قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىڭنى نەدىن بىلىسەن؟ ئەي [ئېتىقادچى] ئەر، خوتۇنۇڭنى [ئېتىقاد قىلدۇرۇپ] قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىڭنى نەدىن بىلىسەن؟ | 16 |
τί γὰρ οἶδας, γύναι, εἰ τὸν ἄνδρα σώσεις; ἢ τί οἶδας, ἄνερ, εἰ τὴν γυναῖκα σώσεις;
ھالبۇكى، رەب ھەرقايسىمىزغا قانداق تەقسىم قىلغان بولسا، قانداق ھالەتتە چاقىرغان بولسا، ئۇ شۇنىڭدا مېڭىۋەرسۇن؛ مەن ھەممە جامائەتلەردە شۇنداق يوليورۇقنى تاپىلايمەن. | 17 |
εἰ μὴ ἑκάστῳ ὡς μεμέρικεν ὁ κύριος, ἕκαστον ὡς κέκληκεν ὁ θεός, οὕτως περιπατείτω· καὶ οὕτως ἐν ταῖς ἐκκλησίαις πάσαις διατάσσομαι.
بىرسى سۈننەتلىك ھالەتتە چاقىرىلدىمۇ؟ ئۇ قايتا سۈننەتسىز قىلىنمىسۇن؛ بىرسى سۈننەتسىز ھالەتتە چاقىرىلدىمۇ؟ ئۇ ئەمدى سۈننەت قىلىنمىسۇن. | 18 |
περιτετμημένος τις ἐκλήθη; μὴ ἐπισπάσθω. ἐν ἀκροβυστίᾳ κέκληταί τις; μὴ περιτεμνέσθω.
سۈننەتلىك بولۇش ھېچنەرسە ھېسابلانماس، سۈننەتسىز بولۇشمۇ ھېچنەرسە ھېسابلانماس؛ [ھېساب بولىدىغىنى] خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. | 19 |
ἡ περιτομὴ οὐδέν ἐστιν, καὶ ἡ ἀκροβυστία οὐδέν ἐστιν, ἀλλὰ τήρησις ἐντολῶν θεοῦ.
ھەركىم قايسى ھالەتتە چاقىرىلغان بولسا، شۇ ھالەتتە قالسۇن. | 20 |
ἕκαστος ἐν τῇ κλήσει ᾗ ἐκλήθη ἐν ταύτῃ μενέτω.
سەن چاقىرىلغاندا قۇل ھالىتىدە ئىدىڭمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن؛ لېكىن ئەگەر ھۆرلۈك پۇرسىتى كەلسە، ئۇنى قولۇڭدىن بەرمە. | 21 |
δοῦλος ἐκλήθης; μή σοι μελέτω· ἀλλ’ εἰ καὶ δύνασαι ἐλεύθερος γενέσθαι, μᾶλλον χρῆσαι.
چۈنكى رەبتە چاقىرىلغان قۇل بولسا رەبنىڭ ھۆر ئادىمىدۇر؛ ئۇنىڭغا ئوخشاش، چاقىرىلىپ ھۆر بولغۇچىمۇ مەسىھنىڭ قۇلىدۇر. | 22 |
ὁ γὰρ ἐν κυρίῳ κληθεὶς δοῦλος ἀπελεύθερος κυρίου ἐστίν· ὁμοίως ὁ ἐλεύθερος κληθεὶς δοῦλός ἐστιν Χριστοῦ.
سىلەر چوڭ بەدەل بىلەن سېتىۋېلىندىڭلار؛ ئىنسانلارغا قۇل بولماڭلار. | 23 |
τιμῆς ἠγοράσθητε· μὴ γίνεσθε δοῦλοι ἀνθρώπων.
ئى قېرىنداشلار، ھەربىرىڭلار قايسى ھالەتتە چاقىرىلغان بولساڭلار، شۇ ھالەتتە خۇدا بىلەن بىللە تۇرۇڭلار. | 24 |
ἕκαστος ἐν ᾧ ἐκλήθη, ἀδελφοί, ἐν τούτῳ μενέτω παρὰ θεῷ.
ئەمما نىكاھلانمىغانلار توغرۇلۇق رەبدىن بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالمىدىم؛ شۇنداقتىمۇ رەبدىن بولغان رەھىم-شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغانلىقىم ئۈچۈن سادىق ئادەم سۈپىتىدە ئۆز پىكرىمنى ئېيتىمەن. | 25 |
Περὶ δὲ τῶν παρθένων ἐπιταγὴν κυρίου οὐκ ἔχω, γνώμην δὲ δίδωμι ὡς ἠλεημένος ὑπὸ κυρίου πιστὸς εἶναι.
ئەمدى ھازىرقى قىيىنچىلىققا قارىغاندا، ئەر كىشىنىڭ شۇ [تەنھا] ھالەتتە بولۇشىنى ياخشى ئىش دەيمەن. | 26 |
νομίζω οὖν τοῦτο καλὸν ὑπάρχειν διὰ τὴν ἐνεστῶσαν ἀνάγκην, ὅτι καλὸν ἀνθρώπῳ τὸ οὕτως εἶναι.
ئايالغا باغلانغان بولساڭ، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى ئويلىما؛ ئايالىڭدىن ئاجرىشىپ كەتتىڭمۇ؟ ئۇنداقتا يەنە ئۆيلىنىشنى ئويلىما. | 27 |
δέδεσαι γυναικί; μὴ ζήτει λύσιν· λέλυσαι ἀπὸ γυναικός; μὴ ζήτει γυναῖκα.
لېكىن ئۆيلەنسەڭ، سەن گۇناھ قىلغان بولمايسەن؛ ۋە نىكاھلانمىغانلار نىكاھلانسا، ئۇلارمۇ گۇناھ قىلغان بولمايدۇ. ئەمما شۇنداق قىلسا ئۇلار جىسمانىي جەھەتتە جاپاغا ئۇچرايدۇ؛ مېنىڭ سىلەرنى ئۇنىڭدىن خالىي قىلغۇم بار. | 28 |
ἐὰν δὲ καὶ γαμήσῃς, οὐχ ἥμαρτες· καὶ ἐὰν γήμῃ ἡ παρθένος, οὐχ ἥμαρτεν. θλῖψιν δὲ τῇ σαρκὶ ἕξουσιν οἱ τοιοῦτοι, ἐγὼ δὲ ὑμῶν φείδομαι.
ئەمما شۇنى دېگۈم باركى، ئى قېرىنداشلار ــ ۋاقىت قىسقىدۇر. شۇڭا ئاياللىق بولغانلار ئايالسىزلاردەك بولسۇن؛ | 29 |
τοῦτο δέ φημι, ἀδελφοί, ὁ καιρὸς συνεσταλμένος ἐστίν· τὸ λοιπὸν ἵνα καὶ οἱ ἔχοντες γυναῖκας ὡς μὴ ἔχοντες ὦσιν,
ماتەم تۇتقانلار ماتەم تۇتمىغانلاردەك بولسۇن؛ بەخت-خۇشاللىقتا بولغانلار بەخت-خۇشاللىقتا بولمىغانلاردەك بولسۇن؛ مال-مۈلۈك سېتىۋالغانلار مال-مۈلۈكسىزلەردەك بولسۇن؛ | 30 |
καὶ οἱ κλαίοντες ὡς μὴ κλαίοντες, καὶ οἱ χαίροντες ὡς μὴ χαίροντες, καὶ οἱ ἀγοράζοντες ὡς μὴ κατέχοντες,
بۇ دۇنيادىكى بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولغانلار دۇنيانى ئۆزىنىڭ تەئەللۇقاتى دەپ بىلمىسۇن؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىكى ھازىرقى ھالەت ئۆتۈپ كېتىدۇ. | 31 |
καὶ οἱ χρώμενοι τὸν κόσμον ὡς μὴ καταχρώμενοι· παράγει γὰρ τὸ σχῆμα τοῦ κόσμου τούτου.
ئەمما سىلەرنىڭ غەمسىز بولۇشۇڭلارنى خالايمەن. ئايالسىز كىشى بولسا رەبنىڭ ئىشلىرىنى ئويلايدۇ، قانداق قىلىپ رەبنى خۇرسەن قىلىشنىڭ غېمىدە بولىدۇ. | 32 |
θέλω δὲ ὑμᾶς ἀμερίμνους εἶναι. ὁ ἄγαμος μεριμνᾷ τὰ τοῦ κυρίου, πῶς ἀρέσῃ τῷ κυρίῳ·
ئەمما ئاياللىق كىشى قانداق قىلىپ ئايالىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ غېمىدە بولىدۇ؛ | 33 |
ὁ δὲ γαμήσας μεριμνᾷ τὰ τοῦ κόσμου, πῶς ἀρέσῃ τῇ γυναικί,
يەنە كېلىپ ئايال ۋە نىكاھلانمىغان قىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار؛ نىكاھلانمىغان قىز بولسا رەبنىڭ ئىشلىرىنىڭ، قانداق قىلىپ ھەم تەندە ھەم روھتا پاك-مۇقەددەس بولۇشنىڭ غېمىدە بولىدۇ؛ ئەمما ياتلىق بولغان ئايال قانداق قىلىپ ئېرىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ غېمىدە بولىدۇ. | 34 |
καὶ μεμέρισται. καὶ ἡ γυνὴ καὶ ἡ παρθένος ἡ ἄγαμος μεριμνᾷ τὰ τοῦ κυρίου, ἵνα ᾖ ἁγία καὶ τῷ σώματι καὶ τῷ πνεύματι· ἡ δὲ γαμήσασα μεριμνᾷ τὰ τοῦ κόσμου, πῶς ἀρέσῃ τῷ ἀνδρί.
ئەمما مەن بۇ سۆزنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارنى كۆزدە تۇتۇپ دەۋاتىمەن؛ بوينۇڭلارغا سىرتماق سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىشلىرىڭلارنىڭ گۈزەل بولۇشى، كۆڭلۈڭلار بۆلۈنمىگەن ھالدا رەبگە بېرىلىپ ئۇنى كۈتۈشۈڭلار ئۈچۈن دەۋاتىمەن. | 35 |
τοῦτο δὲ πρὸς τὸ ὑμῶν αὐτῶν σύμφορον λέγω, οὐχ ἵνα βρόχον ὑμῖν ἐπιβάλω, ἀλλὰ πρὸς τὸ εὔσχημον καὶ εὐπάρεδρον τῷ κυρίῳ ἀπερισπάστως.
ئەمما ئەگەر بىرسى نىيەت قىلغان قىزغا نىسبەتەن مۇئامىلەمنىڭ دۇرۇس بولمىغان يېرى بار دەپ قارىسا، ئۇ قىز ياشلىق باھارىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئىككىسى ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىسا، ئۇ خالىغىنىنى قىلسۇن، ئۇ گۇناھ قىلغان بولمايدۇ؛ ئۇلار نىكاھ قىلسۇن. | 36 |
εἰ δέ τις ἀσχημονεῖν ἐπὶ τὴν παρθένον αὐτοῦ νομίζει ἐὰν ᾖ ὑπέρακμος, καὶ οὕτως ὀφείλει γίνεσθαι, ὃ θέλει ποιείτω· οὐχ ἁμαρτάνει· γαμείτωσαν.
بىراق، بىرسى ئۆز كۆڭلىدە مۇقىم تۇرۇپ، ھېچقانداق ئىشق بېسىمى ئاستىدا بولماي، بەلكى ئۆز ئىرادىسىنى باشقۇرۇپ، كۆڭلىدە نىيەت قىلغان قىزىنى ئەمرىگە ئالماسلىقنى قارار قىلغان بولسا، ياخشى قىلغان بولىدۇ. | 37 |
ὃς δὲ ἕστηκεν ἐν τῇ καρδίᾳ αὐτοῦ ἑδραῖος, μὴ ἔχων ἀνάγκην, ἐξουσίαν δὲ ἔχει περὶ τοῦ ἰδίου θελήματος, καὶ τοῦτο κέκρικεν ἐν τῇ ἰδίᾳ καρδίᾳ, τηρεῖν τὴν ἑαυτοῦ παρθένον, καλῶς ποιήσει·
قىسقىسى، ئۆيلەنگەننىڭ ئۆيلەنگىنىمۇ ياخشى ئىش، ئۆيلەنمىگەننىڭ ئۆيلەنمىگىنىمۇ تېخىمۇ ياخشى ئىش. | 38 |
ὥστε καὶ ὁ γαμίζων τὴν ἑαυτοῦ παρθένον καλῶς ποιεῖ, καὶ ὁ μὴ γαμίζων κρεῖσσον ποιήσει.
ئېرى ھايات چاغدا ئايالى ئۇنىڭغا باغلانغاندۇر؛ ئەمما ئېرى ئۆلۈمدە ئۇخلىغان بولسا، ئۇ خالىغان كىشىگە (پەقەت رەبدە، ئەلۋەتتە) نىكاھلىنىشقا ئەركىن بولىدۇ. | 39 |
γυνὴ δέδεται ἐφ’ ὅσον χρόνον ζῇ ὁ ἀνὴρ αὐτῆς· ἐὰν δὲ κοιμηθῇ ὁ ἀνήρ, ἐλευθέρα ἐστὶν ᾧ θέλει γαμηθῆναι, μόνον ἐν κυρίῳ.
لېكىن قارىشىمچە ئۇ تۇل قالسا، تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ؛ مەندىمۇ خۇدانىڭ روھى بار، دەپ ئىشىنىمەن! | 40 |
μακαριωτέρα δέ ἐστιν ἐὰν οὕτως μείνῃ, κατὰ τὴν ἐμὴν γνώμην, δοκῶ δὲ κἀγὼ πνεῦμα θεοῦ ἔχειν.