< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 6 >
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆزئارا ئارازلىق ئىش بولسا، ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرماي، ھەققانىيسىزلارنىڭ ئالدىدا دەۋالىشىشقا پېتىنالامسىلەر؟ | 1 |
If any of you has a dispute against another, does he dare go to court before the unrighteous, instead of the saints?
مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇنيانى سوراق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئەگەر دۇنيانى سىلەر سوراق قىلىدىغان ئىش بولسا، ئەمدى زىغىرچىلىك ئىشلارنى ھەل قىلىشقا يارىمامسىلەر؟ | 2 |
Do you not know that the saints will judge the world? And if the world is judged by you, are you unworthy to judge the smallest matters?
پەرىشتىلەر ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەمسىلەر؟ شۇنداق بولغانىكەن، بۇ ھاياتتىكى ئىشلارنى ھەل قىلىش قانچىلىك ئىش ئىدى؟ | 3 |
Do you not know that we will judge angels? How much more, things that pertain to this life?
سىلەردە مۇشۇ ھاياتتىكى ئىشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىش زۆرۈر تېپىلغاندا، جامائەت ئارىسىدا تۆۋەن دەپ قارالغانلارنى ئۇنى ھەل قىلىشقا سالمامسىلەر؟ | 4 |
If then, you have to judge things pertaining to this life, do you set them to judge who have no standing in the church?
مۇشۇلارنى سىلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن دەۋاتىمەن. ئەجەبا، ئاراڭلاردا ئۆز قېرىنداشلىرى ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارغۇدەك دانا كىشى يوقمۇ، ھەتتا بىرىمۇ يوقمۇ؟ | 5 |
I say this to move you to shame. Is not there even one wise person among you who would be able to decide between a brother and his brother?
ئۇنىڭ ئورنىدا، قېرىنداش بىلەن قېرىنداش دەۋالىشىۋاتىدۇ، ــ ۋە كاپىرلار ئالدىدا شۇنداق قىلىدۇ! | 6 |
But brother goes to law with brother, and that before unbelievers.
ئەمەلىيەتتە ئۆز ئاراڭلاردا دەۋالارنىڭ بولغانلىقىنىڭ ئۆزى سىلەرگە نىسبەتەن بىر ئەيىبتۇر. نېمىشقا ئۇۋالچىلىققا چىدىمايسىلەر؟ نېمىشقا ناھەقچىلىككە يول قويمايسىلەر؟ | 7 |
Actually, it is already a defeat for you, that you have lawsuits among yourselves. Why not rather be wronged? Why not rather be cheated?
ئەكسىچە، سىلەر ناھەقچىلىك قىلىۋاتىسىلەر، خىيانەت قىلىۋاتىسىلەر، يەنە كېلىپ قېرىنداشلىرىڭلارغا شۇنداق قىلىسىلەر! | 8 |
No, but you yourselves do wrong, and cheat, and that against your brothers.
ھەققانىيسىزلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئالدىنىپ كەتمەڭلار! بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، بۇتپەرەسلەر، زىنا قىلغۇچىلار، بەچچىۋازلار، باشقا ئەرلەر بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، | 9 |
Or do you not know that the unrighteous will not inherit the Kingdom of God? Do not be deceived. Neither the sexually immoral, nor idolaters, nor adulterers, nor effeminate, nor men who have sexual relations with men,
ئوغرىلار، نەپسانىيەتچىلەر، ھاراقكەشلەر، تۆھمەتخورلار ياكى ئالدامچى-كاززاپلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛ | 10 |
nor thieves, nor covetous, nor drunkards, nor slanderers, nor swindlers, will inherit the Kingdom of God.
بەزىڭلار دەرۋەقە شۇنداق بولغانسىلەر؛ ئەمما سىلەر رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا ۋە خۇدايىمىزنىڭ روھى بىلەن يۇيۇلدۇڭلار، پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار، ھەققانىي قىلىندىڭلار. | 11 |
Such were some of you, but you were washed. But you were sanctified. But you were justified in the name of the Lord Yeshua Meshikha, and in the Rukha of our God.
«ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر»، ئەمما ھەممە نەرسە پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ؛ «ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر»، ئەمما مەن ھېچقانداق نەرسىنىڭ خۇمارىغا قۇل بولمايمەن. | 12 |
"All things are lawful for me," but not all things are expedient. "All things are lawful for me," but I will not be brought under the power of anything.
«يېمەكلىكلەر ئاشقازان ئۈچۈن، ئاشقازان بولسا يېمەكلىكلەر ئۈچۈندۇر»؛ ئەمما خۇدا ئۇ ۋە بۇ ھەر ئىككىسىنى يوققا چىقىرىدۇ؛ تەن بولسا بۇزۇقچىلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەب ئۈچۈندۇر؛ رەب تەن ئۈچۈندۇر. | 13 |
"Foods for the belly, and the belly for foods," but God will bring to nothing both it and them. But the body is not for sexual immorality, but for the Lord; and the Lord for the body.
خۇدا رەبنى تىرىلدۈردى، شۇنىڭدەك بىزنىمۇ ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرىدۇ. | 14 |
Now God raised up the Lord, and will also raise us up by his power.
تېنىڭلارنىڭ مەسىھنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ ئۇنداقتا، مەسىھنىڭ ئەزالىرىنى ئېلىپ، پاھىشە ئايالنىڭ ئەزالىرى قىلسام بولامدۇ؟ ھەرگىز بولمايدۇ! | 15 |
Do you not know that your bodies are members of Meshikha? Shall I then take the members of Meshikha, and make them members of a prostitute? Absolutely not.
كىم پاھىشە ئايال بىلەن باغلانغان بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىر تەن بولىدۇ، دەپ بىلمەمسىلەر؟ چۈنكى «[ئەر-ئايال] ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ» ــ دېيىلگەنىدى. | 16 |
Or do you not know that he who is joined to a prostitute is one body? For he says, "The two will become one flesh."
ئەمما رەبگە باغلانغۇچى بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىر روھتۇر. | 17 |
But he who is joined to the Lord is one spirit.
بۇزۇقلۇقتىن قېچىڭلار. «ئىنسانلارنىڭ ھەربىر سادىر قىلغان گۇناھى ئۆز تېنىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ!» ــ ئەمما بۇزۇقلۇق سادىر قىلغۇچى ئۆز تېنىگە قارشى گۇناھ قىلىدۇ. | 18 |
Flee sexual immorality. "Every sin that a person does is outside the body," but he who commits sexual immorality sins against his own body.
سىلەرنىڭ تېنىڭلار سىلەرنى تۇرالغۇ قىلغان، خۇدا تەرىپىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈمنىڭكى ئەمەس دەپ بىلمەمسىلەر؟ | 19 |
Or do you not know that your body is a temple of the Rukha d'Qudsha which is in you, which you have from God? You are not your own,
چۈنكى سىلەر چوڭ بەدەل بىلەن سېتىۋېلىنغانسىلەر؛ شۇڭا تېنىڭلاردا خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار. | 20 |
for you were bought with a price. Therefore glorify God in your body.