< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 4 >
بىرسى بىز توغرۇلۇق بىرنېمە دېمەكچى بولسا، بىزنى مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە خۇدانىڭ سىرلىرى ئامانەت قىلىنغان غوجىدارلار دەپ بىلسۇن. | 1 |
So a person should consider us as Meshikha's servants, and stewards of God's mysteries.
ئەمدى غوجىدار دېگەنلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى شۇكى، ئۇلار ۋاپادار-سادىق بولۇشى كېرەكتۇر. | 2 |
Here, moreover, it is required of stewards, that they be found faithful.
ئەمما مەن سىلەر تەرىپىڭلاردىن ياكى باشقا ھەرقانداق ئىنسانىي سوت تەرىپىدىن سۈرۈشتۈرۈپ باھالانسام، بۇ مەن ئۈچۈن زىغىرچىلىك ئىش؛ مەن ھەتتا ئۆزۈم توغرۇلۇق سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايمەن. | 3 |
But with me it is a very small thing that I should be judged by you, or by man's judgment. Yes, I do not judge my own self.
چۈنكى ۋىجدانىم ئەيىبلەيدىغان ھېچقانداق ئىشلىرىمدىن خەۋىرىم يوق؛ ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئۆزى مېنى ھەققانىي دەپ ئاقلىمايدۇ؛ مېنى سۈرۈشتۈرۈپ باھالىغۇچى بولسا رەبدۇر. | 4 |
For I know nothing against myself. Yet I am not justified by this, but he who judges me is the Lord.
شۇڭا ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە، يەنى رەب كەلمىگۈچە ھېچ ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارماڭلار؛ رەب كەلگەندە ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى يوشۇرۇن ئىشلارنى ئاشكارىلايدۇ، قەلب-دىللاردىكى بارلىق ئوي-نىيەتلەرنى ئايان قىلىدۇ؛ شۇ چاغدا ھەربىرى خۇدا تەرىپىدىن تەرىپلىنىدۇ. | 5 |
Therefore judge nothing before the time, until the Lord comes, who will both bring to light the hidden things of darkness, and reveal the counsels of the hearts. Then each one will get his praise from God.
ئەمما، ئى قېرىنداشلار، بۇ ئىشلارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارنى دەپ ئۆزۈمگە ۋە ئاپوللوسقا تەتبىقلىدىم؛ مەقسەت سىلەر بىز ئارقىلىق «پۈتۈلگەننىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەڭلار» دېگەن ساۋاقنى ئۆگىنىشىڭلار، شۇنداقلا ھېچقايسىڭلارنىڭ مەلۇم بىرسىنى باشقا بىرسىدىن ئۈستۈن دەپ پەخىرلىنىپ تەكەببۇرلىشىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. | 6 |
Now these things, brothers, I have in a figure transferred to myself and Apollos for your sakes, that in us you might learn not to go beyond the things which are written, that none of you be puffed up against one another.
چۈنكى كىم سېنى باشقا بىرسىدىن ئۈستۈن قىلىدۇ؟ ساڭا ئاتا قىلىنغان نەرسىدىن باشقا سەندە يەنە نېمە بار؟ ھەممە ساڭا بېرىلگەن تۇرسا، نېمىشقا «مەندە ئەسلى بار ئىدى» دەپ پەخىرلىنىپ كۆرەڭلەپ كېتىسەن؟ | 7 |
For who makes you different? And what do you have that you did not receive? But if you did receive it, why do you boast as if you had not received it?
سىلەر ئاللىقاچان تويۇنۇپ كەتتىڭلار! ئاللىقاچان بېيىپ كەتتىڭلار! سىلەر بىزسىز پادىشاھلار بولۇپ ھۆكۈم سۈردۇڭلار! كاشكى سىلەر ھەقىقەتەن ھۆكۈم سۈرگەن بولساڭلارئىدى ــ ئۇنداقتا بىز سىلەر بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق! | 8 |
You are already filled. You have already become rich. You have come to reign without us. Yes, and I wish that you did reign, that we also might reign with you.
چۈنكى خۇدا روسۇللار بولغان بىزلەرنى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغان ئادەملەردەك ئەڭ ئاخىرغا قويۇپ سازايى قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان، دەپ ئويلايمەن؛ چۈنكى بىز پۈتكۈل ئالەمگە، يەنى ھەم پەرىشتىلەرگە ھەم ئىنسانلارغا بىر خىل تاماشا بولدۇق. | 9 |
For, I think that God has displayed us, the apostles, last of all, like men sentenced to death. For we are made a spectacle to the world, both to angels and people.
بىز مەسىھ ئۈچۈن ئەخمەق سانالغانلارمىز، ئەمما سىلەر مەسىھدە داناسىلەر! بىز ئاجىز، ئەمما سىلەر كۈچلۈكسىلەر؛ سىلەر ئىززەتلىك، ئەمما بىز خار؛ | 10 |
We are fools for Meshikha's sake, but you are wise in Meshikha. We are weak, but you are strong. You have honor, but we have dishonor.
ھازىرقى دەقىقىگىچە ئاچ-يالىڭاچ، چاڭقاپ يۈرمەكتىمىز، دۇمبالىنىپ، سەرگەردان، ماكانسىز بولۇپ يۈرمەكتىمىز؛ | 11 |
Even to this present hour we hunger, thirst, are naked, are beaten, and have no certain dwelling place.
ئۆز قولىمىز بىلەن ئىشلەپ جاپا تارتماقتىمىز؛ ئاھانەتكە قالغاندا ياخشىلىق تىلەۋاتىمىز؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، چىداۋاتىمىز؛ | 12 |
We toil, working with our own hands. When people curse us, we bless. Being persecuted, we endure.
تۆھمەتكە ئۇچرىغاندا، [بىز ئۇلارنى] چىرايلىقچە [توۋىغا] ئۈندەيمىز؛ بىز جاھاننىڭ داشقىلى، ئىنسانلارنىڭ سۈپۈرۈندىسى دەپ قارىلىۋاتىمىز، تا ھازىرغىچە شۇنداق. | 13 |
Being defamed, we entreat. We are made as the filth of the world, the dirt wiped off by all, even until now.
بۇ ئىشلارنى يېزىشىم، سىلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سۆيۈملۈك بالىلىرىم سۈپىتىدە سىلەرگە نەسىھەت قىلىۋاتىمەن؛ | 14 |
I do not write these things to shame you, but to admonish you as my beloved children.
چۈنكى سىلەرنىڭ مەسىھدە تۈمەنلىگەن تەربىيىلىگۈچىلىرىڭلار بولسىمۇ، سىلەرنىڭ ئاتاڭلار كۆپ ئەمەستۇر؛ چۈنكى مەن مەسىھ ئەيسادا بولۇپ سىلەرنى خۇش خەۋەر ئارقىلىق تۆرەلدۈرۈپ ئاتا بولدۇم. | 15 |
For though you have ten thousand tutors in Meshikha, yet not many fathers. For in Meshikha Yeshua, I became your father through the Good News.
شۇڭا مەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى ئۈلگە قىلىڭلار. | 16 |
I appeal to you therefore, be imitators of me.
دەل بۇ سەۋەبتىن مەن رەبدە بولغان ئۆز سۆيۈملۈك ۋە ئىشەنچلىك ئوغلۇم تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتتىم؛ ئۇ سىلەرگە ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەتتە ئۆگەتكەنلىرىمگە ئەگىشىپ، مەسىھدە بولغان يوللىرىم توغرۇلۇق ئەسلىتىدۇ. | 17 |
Because of this I have sent Timothy to you, who is my beloved and faithful child in the Lord, who will remind you of my ways which are in Meshikha, even as I teach everywhere in every church.
ئەمما بەزىلىرىڭلار، «پاۋلۇسنى يېنىمىزغا كەلمەيدۇ»، دەپ كۆرەڭلەپ كەتتىڭلار؛ | 18 |
Now some are puffed up, as though I were not coming to you.
بىراق رەب بۇيرۇسا مەن پات ئارىدا يېنىڭلارغا بارىمەن؛ شۇ چاغدا مەن كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا بولغان كۈچ-قۇدرەتنى كۆرۈپ باقاي. | 19 |
But I will come to you shortly, if the Lord is willing. And I will know, not the word of those who are puffed up, but the power.
چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سۆزدە ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەتتە ئىسپاتلىنىدۇ. | 20 |
For the Kingdom of God is not in word, but in power.
ئەمدى نېمىنى خالايسىلەر؟ يېنىڭلارغا تاياق كۆتۈرۈپ بېرىشىمنىمۇ، ياكى مېھىر-مۇلايىملىق روھىدا بېرىشىمنىمۇ؟ | 21 |
What do you want? Shall I come to you with a rod, or in love and a spirit of gentleness?