< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 3 >
لېكىن مەن، ئى قېرىنداشلار، روھقا تەۋە كىشىلەرگە سۆز قىلغاندەك سىلەرگە سۆز قىلالماي كېلىۋاتىمەن؛ ئەكسىچە سىلەرنى ئەتكە تەۋە كىشىلەر، مەسىھدە بولغان بوۋاق ھېسابلاپ سىلەرگە سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم. | 1 |
Et ego, fratres, non potui vobis loqui quasi spiritualibus, sed quasi carnalibus. Tamquam parvulis in Christo,
مەن سىلەرگە سۈت ئىچكۈزدۈم، گۆشنى يېگۈزمىدىم؛ چۈنكى سىلەر گۆشنى ھەزىم قىلالمايتتىڭلار، شۇنداقلا ھازىرمۇ تېخى ھەزىم قىلالمايسىلەر؛ | 2 |
lac vobis potum dedi, non escam: nondum enim poteratis: sed nec nunc quidem potestis: adhuc enim carnales estis.
چۈنكى سىلەر يەنىلا ئەتكە تەۋەدۇرسىلەر. ئاراڭلاردا ھەسەتخورلۇق ۋە تالاش-تارتىشلار بار بولغاچقا، سىلەر ئەتكە تەۋە ئەمەسمۇ، ئىنسانلارچە مېڭىۋاتمامسىلەر؟ | 3 |
Cum enim sit inter vos zelus, et contentio: nonne carnales estis, et secundum hominem ambulatis?
چۈنكى بىرسى «مەن پاۋلۇس تەرەپدارى»، باشقا بىرسى «مەن ئاپوللوس تەرەپدارى» دېسە، سىلەر پەقەت ئىنسانلارنىڭ يولىدا ماڭغان بولۇپ قالمامسىلەر؟ | 4 |
Cum enim quis dicat: Ego quidem sum Pauli. Alius autem: Ego Apollo: nonne homines estis? Quid igitur est Apollo? quid vero Paulus?
ئاپوللوس دېگەن كىم؟ پاۋلۇس كىم ئىدى؟ بىز پەقەت سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارغا ۋاسىتىچى بولدۇق، خالاس؛ ھەربىرىمىز پەقەت رەب بىزگە تەقسىم قىلغىنى بويىچە ۋەزىپە ئادا قىلىدىغان خىزمەتكارلار، خالاس، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ | 5 |
Ministri eius, cui credidistis, ut unicuique sicut Dominus dedit.
مەن تىكتىم، ئاپوللوس سۇغاردى؛ ئەمما ئۆستۈرگۈچى بولسا خۇدادۇر. | 6 |
Ego plantavi, Apollo rigavit: sed Deus incrementum dedit.
شۇڭا تىككۈچى ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس، سۇغارغۇچىمۇ ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس، پەقەت ئۆستۈرگۈچى خۇدا ئۆزى ھەممىدۇر. | 7 |
Itaque neque qui plantat est aliquid, neque qui rigat: sed, qui incrementum dat, Deus.
ئەمما تىككۈچى ۋە ئوسا قىلغۇچى بولسا بىر مەقسەتتىدۇر؛ شۇنداقتىمۇ ھەربىرى ئۆز ئەجرى بويىچە ئىنئامىنى قوبۇل قىلىدۇ. | 8 |
Qui autem plantat, et qui rigat, unum sunt. Unusquisque autem propriam mercedem accipiet secundum suum laborem.
چۈنكى بىز خۇداغا تەۋە مېھنەتداشتۇرمىز؛ سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ باغ-ئېتىزى، خۇدانىڭ قۇرۇلۇشىسىلەر. | 9 |
Dei enim sumus adiutores: Dei agricultura estis, Dei aedificatio estis.
خۇدانىڭ ماڭا تەقسىم قىلغان مېھىر-شەپقىتى بويىچە، خۇددى ئۇستا مېماردەك ئۇل سالدىم، ئاندىن باشقا بىرسى ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما ھەربىر قۇرغۇچى قانداق قۇرۇۋاتقانلىقىغا ئېھتىيات قىلسۇن. | 10 |
Secundum gratiam Dei, quae data est mihi, ut sapiens architectus fundamentum posui: alius autem superaedificat. Unusquisque autem videat quomodo superaedificet.
چۈنكى سېلىنغان ئۇلنى، يەنى ئەيسا مەسىھدىن باشقا ھېچقانداق ئۇلنى سېلىشقا بولمايدۇ. | 11 |
Fundamentum enim aliud nemo potest ponere praeter id, quod positum est, quod est Christus Iesus.
ئەمدى بىرسى بۇ ئۇل ئۈستىگە ئالتۇن، كۈمۈش، قىممەتلىك تاشلار، ياغاچ، چۆپلەر، سامان سالسا، | 12 |
Si quis autem superaedificat super fundamentum hoc, aurum, argentum, lapides pretiosos, ligna, foenum, stipulam,
ھەربىرىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قانداقلىقى كۆرۈنىدۇ؛ چۈنكى شۇ كۈنى ئۇنى ئاشكارە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ماھىيىتى ئوتتا كۆرۈلىدۇ؛ ئوت ھەربىر كىشىنىڭ ئەجرىنى، قانداق ماھىيەتتىن بولغانلىقىنى سىنايدۇ. | 13 |
uniuscuiusque opus manifestum erit: dies enim Domini declarabit, quia in igne revelabitur: et uniuscuiusque opus quale sit, ignis probabit.
بىرسىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قۇرغان ئىشى پۇختا ساقلىنىپ قالسا، ئۇ ئىنئامغا ئېرىشىدۇ؛ | 14 |
Si cuius opus manserit quod superaedificavit, mercedem accipiet.
بىرسىنىڭ قۇرغىنى كۆيۈپ كەتسە، ئۇ زىيان تارتىدۇ؛ ئۇ ئۆزى قۇتۇلىدۇ، ئەمما گويا ئوتتىن ئۆتۈپ قۇتۇلغان بىرسىگە ئوخشاپ قالىدۇ. | 15 |
Si cuius opus arserit, detrimentum patietur: ipse autem salvus erit: sic tamen quasi per ignem.
ئەجەبا، ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە خۇدانىڭ روھىنىڭ سىلەردە تۇرغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ | 16 |
Nescitis quia templum Dei estis, et Spiritus Dei habitat in vobis?
بىرسى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى خاراب قىلسا، خۇدا ئۇنى خاراب قىلىدۇ؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى پاك-مۇقەددەستۇر، سىلەر دەل شۇنداقسىلەر. | 17 |
Si quis autem templum Dei violaverit, disperdet illum Deus. Templum enim Dei sanctum est, quod estis vos.
ھېچكىم ئۆز-ئۆزىنى ئالدىمىسۇن؛ بىرسى ئۆزىنى بۇ دەۋردە دانا دەپ سانىسا، نادان بولۇپ قالسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ دانا بولىدۇ. (aiōn ) | 18 |
Nemo se seducat: si quis videtur inter vos sapiens esse in hoc saeculo, stultus fiat ut sit sapiens. (aiōn )
چۈنكى بۇ دۇنيادىكى دانالىق خۇداغا نىسبەتەن ئەخمەقلىقتۇر؛ چۈنكى: ــ «ئۇ دانىشمەنلەرنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىنىڭ تۇزىقىغا ئالىدۇ»، دەپ ۋە يەنە: «رەب دانىشمەنلەرنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ» دەپ پۈتۈكلۈكتۇر. | 19 |
Sapientia enim huius mundi, stultitia est apud Deum. Scriptum est enim: Comprehendam sapientes in astutia eorum.
Et iterum: Dominus novit cogitationes sapientium quoniam vanae sunt.
شۇڭا ھېچكىم ئىنسان دېگەنلەرنى پەخىرلىنىپ داڭلىمىسۇن؛ چۈنكى ھەممە مەۋجۇداتلار سىلەرگە تەۋەدۇر؛ | 21 |
Nemo itaque glorietur in hominibus.
پاۋلۇس بولسۇن، ئاپوللوس بولسۇن، كېفاس بولسۇن، دۇنيا-جاھان بولسۇن، ھايات بولسۇن، ئۆلۈم بولسۇن، ھازىرقى ئىشلار بولسۇن، كەلگۈسى ئىشلار بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە مەنسۇپتۇر؛ | 22 |
Omnia enim vestra sunt, sive Paulus, sive Apollo, sive Cephas, sive mundus, sive vita, sive mors, sive praesentia, sive futura: omnia enim vestra sunt:
سىلەر بولساڭلار مەسىھنىڭ، مەسىھ بولسا خۇدانىڭكىدۇر. | 23 |
vos autem Christi: Christus autem Dei.