< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 2 >
مەن بولسام، ئى قېرىنداشلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى جاكارلاش ئۈچۈن ھېچ گەپدانلىق ياكى ئەقىل-دانالىق ئىشلىتىپ كەلگەن ئەمەسمەن؛ | 1 |
I já přišed k vám, bratří, nepřišel jsem s důstojností řeči neb moudrosti, zvěstuje vám svědectví Boží.
چۈنكى مەن ئاراڭلاردا ئەيسا مەسىھدىن باشقا، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھدىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەسلىككە بەل باغلىغانىدىم؛ | 2 |
Nebo tak jsem usoudil nic jiného neuměti mezi vámi, nežli Ježíše Krista, a to toho ukřižovaného.
مەن ئاراڭلاردا بولغان ۋاقتىمدا ئاجىزلىقتا، قورقۇنچتا ۋە تىترىگەن ھالەتتە بولاتتىم؛ | 3 |
A byl jsem já u vás v mdlobě, a v bázni, i v strachu mnohém.
مېنىڭ سۆزلىرىم ھەم جاكارلىشىم بولسا ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك ئىنسانىي دانالىق سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى روھنىڭ ئالامەت كۆرسىتىشلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن بولغان ئىدى. | 4 |
A řeč má a kázaní mé nebylo v slibných lidské moudrosti řečech, ale v dokázaní Ducha a moci,
بۇنىڭدىن مەقسەت سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ئىنسانىي دانالىققا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە باغلانسۇن دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. | 5 |
Aby víra vaše nebyla na moudrosti lidské založena, ale na moci Boží.
ھالبۇكى، كامالەتكە يەتكەنلەر ئارىسىدا بىز دانالىقنى بايان قىلىمىز؛ بۇ دانالىق بۇ دەۋردىكى دانالىق ئەمەس، ياكى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ دانالىقى ئەمەس (ئۇلار زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندۇر)؛ (aiōn ) | 6 |
Moudrost pak mluvíme mezi dokonalými, ale moudrost ne tohoto světa, ani knížat světa tohoto, kteráž hynou. (aiōn )
ئەمما بىز بىر سىرنى ئاشكارىلاپ، خۇدانىڭ بىر دانالىقىنى بايان قىلىمىز؛ خۇدا ئەسلىدە ئاشكارە قىلىنمىغان بۇ دانالىقنى بارلىق دەۋرلەردىن بۇرۇن بىزنىڭ شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشىمىز ئۈچۈن بېكىتكەنىدى. (aiōn ) | 7 |
Ale mluvíme tu moudrost Boží v tajemství skrytou, kterouž Bůh předuložil před věky k slávě naší, (aiōn )
بۇ دانالىقنى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشىنىپ يەتمىگەنىدى؛ ئۇنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسا، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان رەبنى كرېستلىمىگەن بولاتتى. (aiōn ) | 8 |
Jíž žádný z knížat světa tohoto nepoznal. Nebo kdyby byli poznali, nebyliť by Pána slávy ukřižovali. (aiōn )
ھالبۇكى، [تەۋراتتا] پۈتۈلگەنندەك: ــ «ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە خۇدانىڭ تەييارلىغانلىرى ــ دەل ھېچقانداق كۆز كۆرمىگەن، ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلىمىغان، ھېچقانداق كۆڭۈل ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەردۇر». | 9 |
Ale jakož psáno jest: Čeho oko nevídalo, ani ucho neslýchalo, ani na srdce lidské nevstoupilo, co připravil Bůh těm, kteříž jej milují.
ئەمما بۇ نەرسىلەرنى خۇدا روھى ئارقىلىق ئايان قىلدى؛ چۈنكى روھ بولسا ھەممە ئىشلارنى، ھەتتا خۇدانىڭ چوڭقۇر تەگلىرىنى ئىنچىكىلەپ ئىزلىگۈچىدۇر؛ | 10 |
Nám pak Bůh zjevil skrze Ducha svého. Nebo Duch zpytuje všecky věci, i hlubokosti Božské.
چۈنكى ئىنسانلاردا، ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگۈچى شۇ ئىنساننىڭ روھىدىن باشقا نەرسە بارمۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ روھىدىن باشقا، خۇدانىڭ كۆڭلىدىكىلىرىنى بىلگۈچى يوقتۇر. | 11 |
Nebo kdo z lidí ví, co jest v člověku, jediné duch člověka, kterýž jest v něm? Takť i Božích věcí nezná žádný, jediné Duch Boží.
ئەمما بىزنىڭ قوبۇل قىلغىنىمىز بولسا بۇ دۇنيادىكى روھ ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن روھتۇر؛ دەل شۇنداق بولغاچقا بىز خۇدا تەرىپىدىن بىزگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلىنغان نەرسىلەرنى بىلىپ يېتەلەيمىز. | 12 |
My pak nepřijali jsme ducha světa, ale Ducha toho, kterýž jest z Boha, abychom věděli, které věci od Boha darovány jsou nám.
بۇ ئىش-شەيئىلەرنى ئىنسانىي دانالىقتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى [مۇقەددەس] روھتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن، روھىي ئىشلارنى روھىي سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ سۆزلەيمىز. | 13 |
O nichž i mluvíme ne těmi slovy, jimž lidská moudrost učí, ale kterýmž vyučuje Duch svatý, duchovním to, což duchovního jest, přivlastňujíce.
ئەمما «جانغا تەۋە» كىشى خۇدانىڭ روھىنىڭ ئىشلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەخمىقانىلىكتۇر؛ ئۇ ئۇلارنى ھېچ چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار روھ بىلەن پەرق ئېتىلىپ باھالىنىشى كېرەكتۇر. | 14 |
Ale tělesný člověk nechápá těch věcí, kteréž jsou Ducha Božího; nebo jsou jemu bláznovství, aniž jich může poznati, proto že ony duchovně mají rozsuzovány býti.
روھقا تەۋە كىشى ھەممە ئىشلارغا باھا بېرەلەيدۇ؛ ئەمما ئۇنىڭغا بولسا ھېچكىم باھا بېرەلمەيدۇ. | 15 |
Duchovní pak rozsuzuje všecko, sám pak od žádného nebývá souzen.
چۈنكى كىم رەبنىڭ ئوي-كۆڭلىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىسۇن؟ ئەمما بىز بولساق مەسىھنىڭ ئوي-كۆڭلىگە ئىگىمىز. | 16 |
Nebo kdo pozná mysl toho Pána, kterýž jej vyučovati bude? My pak mysl Kristovu máme.