< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 15 >
ئەمما، ئى قېرىنداشلار، مەن سىلەرگە ئەسلىدە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى بايان قىلماقچىمەن؛ سىلەر بۇ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇۋاتىسىلەر؛ | 1 |
ⲁ̅ϯⲧⲁⲙⲟ ⲇⲉ ⲙⲙⲱⲧⲛ ⲛⲁⲥⲛⲏⲩ ⲉⲡⲁⲉⲩⲁⲅⲅⲉⲗⲓⲟⲛ ⲡⲁⲓ ⲉⲛⲧⲁⲓⲉⲩⲁⲅⲅⲉⲗⲓⲍⲉ ⲙⲙⲟϥ ⲛⲏⲧⲛ ⲡⲁⲓ ⲟⲛ ⲉⲛⲧⲁⲧⲉⲧⲛϫⲓⲧϥ ⲡⲁⲓ ⲟⲛ ⲉⲧⲉⲧⲛⲁϩⲉⲣⲁⲧ ⲧⲏⲩⲧⲛ ⲛϩⲏⲧϥ
مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر بولغان كالامدا چىڭ تۇرغان بولساڭلار، ــ (ئىشەنگىنىڭلار بىكارغا كەتمىگەن بولسا) ــ سىلەر ئۇنىڭ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇۋاتىسىلەر. | 2 |
ⲃ̅ⲁⲩⲱ ⲟⲛ ⲉⲧⲉⲧⲛⲁⲟⲩϫⲁⲓ ⲉⲃⲟⲗ ϩⲓⲧⲟⲟⲧϥ ϫⲉ ⲟⲩ ⲡⲉ ⲡϣⲁϫⲉ ⲉⲛⲧⲁⲓⲉⲩⲁⲅⲅⲉⲗⲓⲍⲉ ⲙⲙⲟϥ ⲛⲏⲧⲛ ⲉϣϫⲉ ⲧⲉⲧⲛⲁⲙⲁϩⲧⲉ ϩⲓⲃⲟⲗ ⲉϣϫⲉ ⲉⲓⲕⲏ ⲁⲛ ⲁⲧⲉⲧⲛⲡⲓⲥⲧⲉⲩⲉ
چۈنكى مەن ئۆزۈمگە ئامانەت قىلىنغانلىرىنى ئەڭ زۆرۈر ئىش سۈپىتىدە سىلەرگىمۇ تاپشۇردۇم؛ يەنى، تەۋرات-زەبۇردا ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك، مەسىھ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلدى؛ | 3 |
ⲅ̅ⲁⲓϯ ⲅⲁⲣ ⲛⲏⲧⲛ ⲛϣⲟⲣⲡ ⲙⲡⲉⲛⲧⲁⲓϫⲓⲧϥ ϫⲉ ⲡⲉⲭⲥ ⲁϥⲙⲟⲩ ϩⲁ ⲛⲉⲛⲛⲟⲃⲉ ⲕⲁⲧⲁ ⲛⲉⲅⲣⲁⲫⲏ
ئۇ دەپنە قىلىندى؛ ۋە ئۈچىنچى كۈنى يەنە تەۋرات-زەبۇردە ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك تىرىلدۈرۈلدى؛ | 4 |
ⲇ̅ⲁⲩⲱ ϫⲉ ⲁⲩⲧⲟⲙⲥϥ ⲁⲩⲱ ϫⲉ ⲁϥⲧⲱⲟⲩⲛ ϩⲙ ⲡⲙⲉϩϣⲟⲙⲛⲧ ⲛϩⲟⲟⲩ ⲕⲁⲧⲁ ⲛⲉⲅⲣⲁⲫⲏ
ئۇ كېفاسقا، ئاندىن ئون ئىككىيلەنگە كۆرۈندى؛ | 5 |
ⲉ̅ⲁⲩⲱ ϫⲉ ⲁϥⲟⲩⲱⲛϩ ⲉⲃⲟⲗ ⲛⲕⲏⲫⲁ ⲉⲓⲧⲁ ⲙⲡⲙⲛⲧⲥⲛⲟⲟⲩⲥ
ئاندىن ئۇ بىر سورۇندا بەش يۈزدىن ئارتۇق قېرىنداشقا كۆرۈندى؛ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنكى كۈندە تىرىك، ئەمما بەزىلىرى ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتىدۇ؛ | 6 |
ⲋ̅ⲙⲛⲛⲥⲱⲥ ⲁϥⲟⲩⲱⲛϩ ⲉⲃⲟⲗ ⲛϩⲟⲩⲟ ⲉϯⲟⲩ ⲛϣⲉ ⲛⲥⲟⲛ ⲛⲟⲩⲥⲟⲡ ⲛⲟⲩⲱⲧ ⲛⲁⲓ ⲉⲣⲉⲡⲉⲩϩⲟⲩⲟ ϣⲟⲟⲡ ϣⲁ ⲧⲉⲛⲟⲩ ϩⲟⲓⲛⲉ ⲇⲉ ⲙⲙⲟⲟⲩ ⲁⲩⲛⲕⲟⲧⲕ
ئۇ ياقۇپقا، ئاندىن روسۇللارنىڭ ھەممىسىگە كۆرۈندى؛ | 7 |
ⲍ̅ⲙⲛⲛⲥⲱⲥ ⲁϥⲟⲩⲱⲛϩ ⲉⲃⲟⲗ ⲛⲓⲁⲕⲱⲃⲟⲥ ⲉⲓⲧⲁ ⲛⲁⲡⲟⲥⲧⲟⲗⲟⲥ ⲧⲏⲣⲟⲩ
ھەممىسىدىن كېيىن ئۇ خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك بولغان ماڭىمۇ كۆرۈندى. | 8 |
ⲏ̅ⲛϩⲁⲉ ⲇⲉ ⲉⲟⲩⲟⲛ ⲛⲓⲙ ⲛⲑⲉ ⲛⲟⲩϩⲟⲩϩⲉ ⲁϥⲟⲩⲱⲛϩ ϩⲱ ⲛⲁⲓ ⲉⲃⲟⲗ
چۈنكى مەن روسۇللار ئارىسىدىكى ئەڭ تۆۋىنىمەن، روسۇل دەپ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ جامائىتىگە زىيانكەشلىك قىلغانمەن. | 9 |
ⲑ̅ⲁⲛⲟⲕ ⲅⲁⲣ ⲡⲉ ⲡⲉⲗⲁⲭⲓⲥⲧⲟⲥ ⲛⲁⲡⲟⲥⲧⲟⲗⲟⲥ ⲉⲛϯⲙⲡϣⲁ ⲁⲛ ⲙⲙⲟⲩⲧⲉ ⲉⲣⲟⲓ ϫⲉ ⲁⲡⲟⲥⲧⲟⲗⲟⲥ ϫⲉ ⲁⲓⲇⲓⲱⲕⲉ ⲛⲥ ⲁⲧⲉⲕⲕⲗⲏⲥⲓⲁ ⲙⲡⲛⲟⲩⲧⲉ
لېكىن ھازىر نېمىلا بولسام خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدۇم؛ ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن شۇ مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى؛ چۈنكى مەن [خۇدانىڭ خىزمىتىدە] بارلىق روسۇللاردىن بەكرەك جاپالىق ئىشلىگەنمەن؛ ئەمەلىيەتتە ئىشلىگۈچى مەن ئەمەس، بەلكى مەن بىلەن بىللە بولغان خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدۇر. | 10 |
ⲓ̅ⲑⲉ ⲇⲉ ⲉϯⲟ ⲙⲙⲟⲥ ⲉⲓⲟ ⲙⲙⲟⲥ ϩⲙ ⲡⲉϩⲙⲟⲧ ⲙⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ⲁⲩⲱ ⲧⲉϥⲭⲁⲣⲓⲥ ⲉⲛⲧⲁⲥⲡⲱϩ ϣⲁⲣⲟⲓ ⲙⲡⲥϣⲱⲡⲉ ⲉⲥϣⲟⲩⲉⲓⲧ ⲁⲗⲗⲁ ⲁⲓϣⲡϩⲓⲥⲉ ⲉϩⲟⲩⲉ ⲉⲣⲟⲟⲩ ⲧⲏⲣⲟⲩ ⲛⲁⲛⲟⲕ ⲇⲉ ⲁⲛ ⲁⲗⲗⲁ ⲧⲉⲭⲁⲣⲓⲥ ⲙⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ⲉⲧⲛⲙⲙⲁⲓ
دېمەك، مەيلى مەن ياكى باشقا [روسۇللار] بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ يەتكۈزگەنلىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ دەل سىلەر ئىشىنىپ قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردۇر. | 11 |
ⲓ̅ⲁ̅ⲉⲓⲧⲉ ϭⲉ ⲁⲛⲟⲕ ⲉⲓⲧⲉ ⲛⲏ ⲧⲁⲓ ⲧⲉ ⲑⲉ ⲉⲧⲛⲧⲁϣⲉⲟⲉⲓϣ ⲙⲙⲟⲥ ⲁⲩⲱ ⲧⲁⲓ ⲧⲉ ⲑⲉ ⲉⲛⲧⲁⲧⲉⲧⲛⲡⲓⲥⲧⲉⲩⲉ
ئەمما مەسىھ ئۆلگەنلەر ئىچىدىن تىرىلدۈرۈلگەن دەپ جاكارلانغان بولسا، قانداقمۇ ئاراڭلاردىكى بەزىلەر ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن يوق ئىش، دەيدۇ؟ | 12 |
ⲓ̅ⲃ̅ⲉϣϫⲉ ⲡⲉⲭⲥ ⲇⲉ ⲥⲉⲧⲁϣⲉⲟⲉⲓϣ ⲙⲙⲟϥ ϫⲉ ⲁϥⲧⲱⲟⲩⲛ ϩⲛ ⲛⲉⲧⲙⲟⲟⲩⲧ ⲛⲁϣ ⲛϩⲉ ⲟⲩⲛ ϩⲟⲓⲛⲉ ϫⲱ ⲙⲙⲟⲥ ⲛϩⲏⲧ ⲧⲏⲩⲧⲛ ϫⲉ ⲛⲉⲧⲙⲟⲟⲩⲧ ⲛⲁⲧⲱⲟⲩⲛ ⲁⲛ
ئەمما ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن يوق ئىش بولسا، مەسىھنىڭ تىرىلىشىمۇ يوق ئىش بولغان بولاتتى. | 13 |
ⲓ̅ⲅ̅ⲉϣϫⲉ ⲛⲉⲧⲙⲟⲟⲩⲧ ⲛⲁⲧⲱⲟⲩⲛ ⲁⲛ ⲉⲓⲉ ⲙⲡⲉ ⲡⲉⲭⲥ ⲧⲱⲟⲩⲛ
شۇنىڭدەك ئەگەر مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلگەن بولمىسا، جاكارلىغان خەۋىرىمىز بىھۇدە بولغان، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارمۇ بىھۇدە بولغان بولاتتى. | 14 |
ⲓ̅ⲇ̅ⲉϣϫⲉ ⲙⲡⲉ ⲡⲉⲭⲥ ⲧⲱⲟⲩⲛ ⲉⲓⲉ ⲡⲉⲛⲧⲁϣⲉⲟⲉⲓϣ ϣⲟⲩⲉⲓⲧ ⲁⲩⲱ ⲥϣⲟⲩⲉⲓⲧ ⲛϭⲓ ⲧⲉⲛⲡⲓⲥⲧⲓⲥ
ھەتتا بىزمۇ خۇدا توغرىسىدىكى يالغان گۇۋاھچىلار بولغان بولاتتۇق ــ چۈنكى بىز خۇدانىڭ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردۇق. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، خۇدا مەسىھنىمۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرمىگەن بولاتتى. | 15 |
ⲓ̅ⲉ̅ⲥⲉⲛⲁϩⲉ ⲇⲉ ⲟⲛ ⲉⲣⲟⲛ ⲉⲛⲟ ⲙⲙⲛⲧⲣⲉ ⲛⲛⲟⲩϫ ⲉⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ϫⲉ ⲁⲛⲣⲙⲛⲧⲣⲉ ⲙⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ϫⲉ ⲁϥⲧⲟⲩⲛⲉⲥ ⲡⲉⲭⲥ ⲡⲁⲓ ⲉⲧⲉⲙⲡϥⲧⲟⲩⲛⲟⲥϥ
چۈنكى ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلدۈرۈلمىسە، مەسىھمۇ تىرىلمىگەن بولاتتى. | 16 |
ⲓ̅ⲋ̅ⲉϣϫⲉ ⲛⲉⲧⲙⲟⲟⲩⲧ ⲛⲁⲧⲱⲟⲩⲛ ⲁⲛ ⲉϣϫⲉ ⲛⲉⲧⲙⲟⲟⲩⲧ ⲅⲁⲣ ⲛⲁⲧⲱⲟⲩⲛ ⲁⲛ ⲉⲓⲉ ⲙⲡⲉ ⲡⲉⲭⲥ ⲧⲱⲟⲩⲛ
مۇبادا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، ئېتىقادىڭلار كېرەكسىز بولغان، سىلەر تېخىچە گۇناھلىرىڭلاردا يۈرۈۋاتقان بولاتتىڭلار، | 17 |
ⲓ̅ⲍ̅ⲉϣϫⲉ ⲙⲡⲉ ⲡⲉⲭⲥ ⲧⲱⲟⲩⲛ ⲉⲓⲉ ⲥϣⲟⲩⲉⲓⲧ ⲛϭⲓ ⲧⲉⲧⲛⲡⲓⲥⲧⲓⲥ ⲁⲩⲱ ⲉⲧⲉⲓ ⲧⲉⲧⲛϣⲟⲟⲡ ϩⲛ ⲛⲉⲧⲛⲛⲟⲃⲉ
شۇنداقلا مەسىھتە ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقانلارمۇ ھالاكەتكە يۈز تۇتقان بولاتتى. | 18 |
ⲓ̅ⲏ̅ⲉⲓⲉ ⲁⲛⲕⲟⲟⲩⲉ ⲉⲛⲧⲁⲩⲛⲕⲟⲧⲕ ϩⲙ ⲡⲉⲭⲥ ϩⲉ ⲉⲃⲟⲗ
ئەگەر ئۈمىدىمىزنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئۈچۈنلا مەسىھگە باغلىغان بولساق، بىز ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ بىچارە ئادەملەردىن بولغان بولىمىز. | 19 |
ⲓ̅ⲑ̅ⲉϣϫⲉ ϩⲣⲁⲓ ϩⲙ ⲡⲉⲓⲱⲛϩ ⲙⲙⲁⲧⲉ ⲉⲛⲛⲁϩⲧⲉ ϩⲙ ⲡⲉⲭⲥ ⲉⲓⲉ ⲁⲛϩⲉⲛⲉⲃⲓⲏⲛ ⲉϩⲟⲩⲉ ⲣⲱⲙⲉ ⲛⲓⲙ
ئەمما ئەمەلىيەتتە، مەسىھ ئۆلۈمدە ئۇخلىغانلار ئىچىدە «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» بولۇپ، ئۆلۈمدىن تىرىلگەندۇر؛ | 20 |
ⲕ̅ⲧⲉⲛⲟⲩ ⲇⲉ ⲁⲡⲉⲭⲥ ⲧⲱⲟⲩⲛ ⲉⲃⲟⲗ ϩⲛ ⲛⲉⲧⲙⲟⲟⲩⲧ ⲧⲁⲡⲁⲣⲭⲏ ⲛⲛⲉⲛⲧⲁⲩⲛⲕⲟⲧⲕ
چۈنكى بىر ئىنسان ئارقىلىق ئۆلۈم [ئالەمدە] پەيدا بولغىنىدەك، ئۆلۈمدىن تىرىلىشمۇ بىر ئىنسان ئارقىلىق [ئالەمدە] پەيدا بولدى. | 21 |
ⲕ̅ⲁ̅ⲉⲡⲉⲓⲇⲏ ⲅⲁⲣ ⲛⲧⲁⲡⲙⲟⲩ ϣⲱⲡⲉ ⲉⲃⲟⲗ ϩⲓⲧⲛ ⲟⲩⲣⲱⲙⲉ ⲉⲃⲟⲗ ϩⲓⲧⲛ ⲟⲩⲣⲱⲙⲉ ⲟⲛ ⲡⲉ ⲡⲧⲱⲟⲩⲛ ⲛⲛⲉⲧⲙⲟⲟⲩⲧ
ئادامئاتىمىزدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسى [ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن] ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغانلىقىغا ئوخشاش، مەسىھدە بولغانلارنىڭ ھەممىسى [ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن] ئۆلۈمدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ. | 22 |
ⲕ̅ⲃ̅ⲛⲑⲉ ⲅⲁⲣ ⲉⲧⲟⲩⲙⲟⲩ ⲧⲏⲣⲟⲩ ϩⲛ ⲁⲇⲁⲙ ⲧⲁⲓ ⲧⲉ ⲑⲉ ϩⲙ ⲡⲉⲭⲥ ⲥⲉⲛⲁⲱⲛϩ ⲧⲏⲣⲟⲩ
ئەمما ھەممەيلەن ئۆز نۆۋەت-قاتارىدا تىرىلىدۇ؛ تۇنجى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى بولغان مەسىھ بىرىنچى؛ ئىككىنچىلەر بولسا مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كەلگىنىدە ئۆزىگە تەۋە بولغانلار. | 23 |
ⲕ̅ⲅ̅ⲡⲟⲩⲁ ⲇⲉ ⲡⲟⲩⲁ ϩⲙ ⲡⲉϥⲧⲁⲅⲙⲁ ⲧⲁⲡⲁⲣⲭⲏ ⲡⲉⲭⲥ ⲙⲛⲛⲥⲱⲥ ⲛⲁ ⲡⲉⲭⲥ ϩⲛ ⲧⲉϥⲡⲁⲣϩⲟⲩⲥⲓⲁ
ئاندىن ئاخىرەت بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ بارلىق ھۆكۈمرانلىقنى، بارلىق ھوقۇق ۋە ھەرخىل كۈچلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پادىشاھلىقنى خۇدا-ئاتىغا تاپشۇرىدۇ. | 24 |
ⲕ̅ⲇ̅ⲉⲓⲧⲁ ⲑⲁⲏ ⲉϥϣⲁⲛϯ ⲛⲧⲙⲛⲧⲣⲣⲟ ⲙⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ⲡⲉⲓⲱⲧ ⲉϥϣⲁⲛⲟⲩⲱⲥϥ ⲛⲁⲣⲭⲏ ⲛⲓⲙ ϩⲓ ⲉⲝⲟⲩⲥⲓⲁ ⲛⲓⲙ ϩⲓϭⲟⲙ ⲛⲓⲙ
چۈنكى ئۇ بارلىق دۈشمەنلەرنى [مەغلۇپ قىلىپ] ئايىغى ئاستىدا قىلغۇچە ھۆكۈم سۈرۈشى كېرەكتۇر؛ | 25 |
ⲕ̅ⲉ̅ϩⲁⲡⲥ ⲅⲁⲣ ⲡⲉ ⲉⲧⲣⲉϥⲣⲣⲣⲟ ϣⲁⲛⲧϥⲕⲱ ⲛⲛⲉϥϫⲁϫⲉ ⲧⲏⲣⲟⲩ ϩⲁ ⲛⲉϥⲟⲩⲉⲣⲏⲧⲉ
ئەڭ ئاخىرقى يوقىتىلىدىغان دۈشمەن بولسا ئۆلۈم ئۆزىدۇر. | 26 |
ⲕ̅ⲋ̅ⲡϩⲁⲉ ⲇⲉ ⲛϫⲁϫⲉ ϥⲛⲁⲟⲩⲱⲥϥ ⲉⲧⲉ ⲡⲙⲟⲩ ⲡⲉ
چۈنكى [زەبۇردا] «[خۇدا] پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىغا بويسۇندۇرغان» [دەپ پۈتۈكلۈكتۇر]. ئەمما «پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغان» دېيىلگىنىدە، روشەنكى، شۇ «پۈتكۈل» دېگەن سۆز «ھەممىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرغۇزغۇچى»نىڭ ئۆزىنى ئىچىگە ئالغان ئەمەستۇر. | 27 |
ⲕ̅ⲍ̅ⲁϥⲕⲁ ⲛⲕⲁ ⲅⲁⲣ ⲛⲓⲙ ϩⲁ ⲛⲉϥⲟⲩⲉⲣⲏ ⲧⲉ ϩⲟⲧⲁⲛ ⲇⲉ ⲉϥϣⲁⲛϫⲟⲟⲥ ϫⲉ ⲛⲕⲁ ⲛⲓⲙ ⲁⲩϩⲩⲡⲟⲧⲁⲥⲥⲉ ⲛⲁϥ ⲉⲓⲉ ⲡⲃⲟⲗ ⲙⲡⲉⲛⲧⲁϥⲧⲣⲉ ⲛⲕⲁ ⲛⲓⲙ ϩⲩⲡⲟⲧⲁⲥⲥⲉ ⲛⲁϥ
ئەمما ھەممە ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوغۇل ھەممىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغۇچىغا بويسۇنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدا ھەممىنىڭ ھەممىسى بولىدۇ. | 28 |
ⲕ̅ⲏ̅ϩⲟⲧⲁⲛ ⲇⲉ ⲉⲣϣⲁⲛ ⲛⲕⲁ ⲛⲓⲙ ϩⲩⲡⲟⲧⲁⲥⲥⲉ ⲛⲁϥ ⲧⲟⲧⲉ ⲛⲧⲟϥ ⲡϣⲏⲣⲉ ϥⲛⲁϩⲩⲡⲟⲧⲁⲥⲥⲉ ⲙⲡⲉⲛⲧⲁϥⲧⲣⲉ ⲛⲕⲁ ⲛⲓⲙ ϩⲩⲡⲟⲧⲁⲥⲥⲉ ⲛⲁϥ ϫⲉⲕⲁⲥ ⲉⲣⲉⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ϣⲱⲡⲉ ⲉⲡⲧⲏⲣϥ ⲡⲉ ⲉϥϩⲙ ⲡⲧⲏⲣϥ
ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، بەزىلەرنىڭ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۆلگەنلەر زادى تىرىلمىسە، كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن نېمە دەپ چۆمۈلدۈرۈلىدۇ؟ | 29 |
ⲕ̅ⲑ̅ⲉⲙⲙⲟⲛ ⲉⲩⲛⲁⲣⲟⲩ ⲛϭⲓ ⲛⲉⲧⲃⲁⲡⲧⲓⲍⲉ ϩⲁ ⲛⲉⲧⲙⲟⲟⲩⲧ ⲉϣϫⲉ ⲛⲉⲧⲙⲟⲟⲩⲧ ⲣⲱ ⲛⲁⲧⲱⲟⲩⲛ ⲁⲛ ⲁϩⲣⲟⲟⲩ ⲥⲉⲃⲁⲡⲧⲓⲍⲉ ϩⲁⲣⲟⲟⲩ
بىزلەر نېمە دەپ [ھەر كۈنى] ھەر سائەتتە خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كېلىپ يۈرىمىز؟ | 30 |
ⲗ̅ⲁϩⲣⲟⲛ ϩⲱⲱⲛ ⲧⲛⲕⲓⲛⲇⲩⲛⲉⲩⲉ ⲛⲛⲁⲩ ⲛⲓⲙ
رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا سىلەردىن پەخىرلىنىشىم راست بولغاندەك، [ئى قېرىنداشلىرىم]، مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىمەن. | 31 |
ⲗ̅ⲁ̅ϯⲙⲟⲩ ⲙⲙⲏⲛⲉ ϣⲉⲡⲉⲧⲛϣⲟⲩϣⲟⲩ ⲉⲧⲉⲩⲛⲧⲁⲉⲓϥ ⲛⲁⲥⲛⲏⲩ ϩⲙ ⲡⲉⲭⲥ ⲓⲏⲥ ⲡϫⲟⲉⲓⲥ
ئەگەر ئىنسانلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن ئېيتقاندا «ئەفەسۇس شەھىرىدە ۋەھشىي ھايۋانلار بىلەن ئېلىشتىم» دېسەم، ئۆلگەنلەر ئۆلۈمدىن تىرىلمىسە، بۇنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ «ئەتە بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» دېگەن سۆز يوللۇق بولمامتى؟ | 32 |
ⲗ̅ⲃ̅ⲉϣϫⲉ ⲕⲁⲧⲁ ⲣⲱⲙⲉ ⲛⲧⲁⲓⲙⲓϣⲉ ⲙⲛ ⲛⲉⲑⲏⲣⲓⲟⲛ ϩⲛ ⲉⲫⲉⲥⲟⲥ ⲟⲩ ⲡⲉ ⲡⲁϩⲏⲩ ⲉϣϫⲉ ⲛⲉⲧⲙⲟⲟⲩⲧ ⲛⲁⲧⲱⲟⲩⲛ ⲁⲛ ⲙⲁⲣⲛⲟⲩⲱⲙ ⲛⲧⲛⲥⲱ ϫⲉ ⲧⲛⲛⲁⲙⲟⲩ ⲅⲁⲣ ⲛⲣⲁⲥⲧⲉ
ئالدانماڭلار؛ چۈنكى «يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ». | 33 |
ⲗ̅ⲅ̅ⲙⲡⲣⲡⲗⲁⲛⲁ ϣⲁⲣⲉ ⲛⲓϣⲁϫⲉ ⲉⲑⲟⲟⲩ ⲧⲁⲕⲉ ⲛⲓϩⲏⲧ ⲉⲧⲛⲁⲛⲟⲩⲟⲩ
ھەققانىي بولۇش ئۈچۈن ئويغىنىڭلار، گۇناھدىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى بەزىلىرىڭلاردا خۇدا توغرۇلۇق خەۋەر يوقتۇر ــ بۇنى ئېيتسام سىلەر ئۈچۈن ئۇيات ئەمەسمۇ؟ | 34 |
ⲗ̅ⲇ̅ⲛⲏⲫⲉ ⲇⲓⲕⲁⲓⲱⲥ ⲁⲩⲱ ⲙⲡⲣⲣⲛⲟⲃⲉ ⲟⲩⲛ ϩⲟⲓⲛⲉ ⲅⲁⲣ ⲟⲛⲁⲧⲥⲟⲟⲩⲛ ⲙⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ⲉⲓϫⲱ ⲛⲛⲁⲓ ⲉⲓϯϣⲓⲡⲉ ⲛⲏⲧⲛ
بەلكىم بىرسى: «ئۆلۈكلەر قانداق تىرىلدۈرىلەر؟ ئۇلار قانداق تەن بىلەن تىرىلەر؟» ــ دەپ سورىشى مۇمكىن. | 35 |
ⲗ̅ⲉ̅ⲁⲗⲗⲁ ⲟⲩⲛ ⲟⲩⲁ ⲛⲁϫⲟⲟⲥ ϫⲉ ⲉⲣⲉⲛⲉⲧⲙⲟⲟⲩⲧ ⲛⲁⲧⲱⲟⲩⲛ ⲛⲁϣ ⲛϩⲉ ⲉⲩⲛⲏⲩ ⲇⲉ ϩⲛ ⲁϣ ⲛⲥⲱⲙⲁ
ئى ئەخمەق كىشى، سېنىڭ تېرىغىنىڭ، ئۆلمەي تۇرۇپ قايتىدىن تىرىلمەيدۇ. | 36 |
ⲗ̅ⲋ̅ⲡⲁⲑⲏⲧ ⲛⲧⲟⲕ ⲡⲉϣⲁϥϫⲟϥ ⲙⲉϥⲱⲛϩ ⲉⲓ ⲙⲏⲧⲓ ⲛϥⲙⲟⲩ
ھەم سېنىڭ تېرىغىنىڭ، ئۆسۈملۈكنىڭ تېنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يالىڭاچ دېنى ــ مەسىلەن، بۇغداينىڭ ياكى باشقا بىرەر زىرائەتنىڭ دېنى، خالاس. | 37 |
ⲗ̅ⲍ̅ⲁⲩⲱ ⲙⲡⲥⲱⲙⲁ ⲁⲛ ⲉⲧⲛⲁϣⲱⲡⲉ ⲡⲉϣⲁⲕϫⲟϥ ⲁⲗⲗⲁ ⲟⲩⲃⲗⲃⲓⲗⲉ ⲧⲉ ⲉⲥⲕⲏⲕⲁϩⲏⲩ ⲛⲥⲟⲩⲟ ⲏ ⲙⲡⲕⲉⲥⲉⲉⲡⲉ ⲛϭⲣⲟϭ
ۋە كېيىن خۇدا ئۆز خاھىشى بويىچە ئۇنىڭغا مەلۇم بىر تەننى بېرىدۇ؛ شۇنداقلا ئۇرۇق دانلىرىنىڭ ھەربىرىگە ئۆزىنىڭ تېنىنى ئاتا قىلىدۇ. | 38 |
ⲗ̅ⲏ̅ϣⲁⲣⲉ ⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ⲇⲉ ϯⲛⲁϥ ⲛⲟⲩⲥⲱⲙⲁ ⲕⲁⲧⲁ ⲑⲉ ⲉⲧϥⲟⲩⲁϣⲥ ⲁⲩⲱ ⲟⲩⲥⲱⲙⲁ ⲙⲡⲟⲩⲁ ⲡⲟⲩⲁ ⲛⲛⲉϭⲣⲱⲱϭ ⲕⲁⲧⲁⲣⲟϥ
جانىۋارلارنىڭ ئەتلىرى بولسا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ؛ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەتلىرى بار، ھايۋانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەتلىرى بار، ئۇچار-قاناتلارنىڭمۇ بار، بېلىقلارنىڭمۇ بار. | 39 |
ⲗ̅ⲑ̅ⲛⲟⲩⲥⲁⲣⲝ ⲛⲟⲩⲱⲧ ⲁⲛ ⲧⲉ ⲥⲁⲣⲝ ⲛⲓⲙ ⲁⲗⲗⲁ ⲟⲩⲉⲧ ⲧⲁⲛⲣⲱⲙⲉ ⲁⲩⲱ ⲟⲩⲉⲧ ⲧⲥⲁⲣⲝ ⲛⲛⲧⲃⲛⲏ ⲁⲩⲱ ⲟⲩⲉⲧ ⲧⲥⲁⲣⲝ ⲛⲛϩⲁⲗⲏⲧ ⲁⲩⲱ ⲟⲩⲉⲧ ⲧⲁ ⲛⲧⲃⲧ
ئاسماندا جىسىملار بار، يەر يۈزىدىمۇ جىسىملار بار؛ ئەمما ئاسماندىكىسىنىڭ جۇلا-شەرىپى باشقىچە، يەر يۈزىدىكىسىنىڭمۇ باشقىچە بولىدۇ؛ | 40 |
ⲙ̅ⲙⲛ ⲛⲥⲱⲙⲁ ⲉⲧϩⲛ ⲧⲡⲉ ⲙⲛ ⲛⲥⲱⲙⲁ ⲉⲧϩⲙ ⲡⲕⲁϩ ⲁⲗⲗⲁ ⲟⲩⲉⲧ ⲡⲉⲟⲟⲩ ⲙⲉⲛ ⲛⲛⲉⲧϩⲛ ⲧⲡⲉ ⲟⲩⲉⲧ ⲡⲉⲟⲟⲩ ⲇⲉ ⲛⲛⲉⲧϩⲙ ⲡⲕⲁϩ
قۇياشنىڭ شان-شەرىپى بىر خىل، ئاينىڭ شەرىپى يەنە بىر خىل، يۇلتۇزلارنىڭ شان-شەرىپى يەنە بىر خىلدۇر؛ چۈنكى يۇلتۇزلار شان-شەرەپلىرىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. | 41 |
ⲙ̅ⲁ̅ⲟⲩⲉⲧ ⲡⲉⲟⲟⲩ ⲙⲡⲣⲏ ⲟⲩⲉⲧ ⲡⲉⲟⲟⲩ ⲙⲡⲟⲟϩ ⲟⲩⲉⲧ ⲡⲉⲟⲟⲩ ⲛⲛⲥⲓⲟⲩ ⲟⲩⲛ ⲥⲓⲟⲩ ⲅⲁⲣ ϣⲟⲃⲉ ⲉⲥⲓⲟⲩ ϩⲙ ⲡⲉⲟⲟⲩ
ئۆلۈمدىن تىرىلىش ھەم شۇنداقتۇر. [تەن] چىرىش ھالىتىدە تېرىلىدۇ، چىرىماس ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ | 42 |
ⲙ̅ⲃ̅ⲧⲁⲓ ⲧⲉ ⲑⲉ ⲙⲡⲕⲉⲧⲱⲟⲩⲛ ⲛⲛⲉⲧⲙⲟⲟⲩⲧ ⲥⲉⲛⲁϫⲟϥ ϩⲛ ⲟⲩⲧⲁⲕⲟ ⲛϥⲧⲱⲟⲩⲛ ϩⲛ ⲟⲩⲙⲛⲧⲁⲧⲧⲁⲕⲟ
ئۇياتلىق ھالەتتە تېرىلىدۇ، شان-شەرەپ بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئاجىز ھالەتتە تېرىلىدۇ، ئەمما كۈچ-قۇدرەت بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ. | 43 |
ⲙ̅ⲅ̅ⲥⲉⲛⲁϫⲟϥ ϩⲛ ⲟⲩⲥⲱϣ ⲛϥⲧⲱⲟⲩⲛ ϩⲛ ⲟⲩⲉⲟⲟⲩ ⲥⲉⲛⲁϫⲟϥ ϩⲛ ⲟⲩⲙⲛⲧϭⲱⲃ ⲛϥⲧⲱⲟⲩⲛ ϩⲛ ⲟⲩϭⲟⲙ
ئۇ تەبىئەتكە تەۋە بىر تەن سۈپىتىدە تېرىلىدۇ؛ روھقا تەۋە بىر تەن بولۇپ تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئەسلىدە تەبىئەتكە تەۋە بىر «جانلىق» تەن بولغان بولسا، ئەمدى روھىي بىر تەن بولىدۇ. | 44 |
ⲙ̅ⲇ̅ⲥⲉⲛⲁϫⲟϥ ⲛⲥⲱⲙⲁ ⲙⲯⲩⲭⲓⲕⲟⲛ ⲛϥⲧⲱⲟⲩⲛ ⲛⲥⲱⲙⲁ ⲙⲡⲛⲁⲧⲓⲕⲟⲛ ⲉϣϫⲉ ⲟⲩⲛ ⲥⲱⲙⲁ ⲙⲯⲩⲭⲓⲕⲟⲛ ⲟⲩⲛ ⲥⲱⲙⲁ ⲟⲛ ⲙⲡⲛⲁⲧⲓⲕⲟⲛ
شۇڭا [تەۋراتتا] مۇنداق پۈتۈلگەنكى: «تۇنجى ئىنسان ئادەمئاتىمىز تىرىك بىر جان قىلىپ يارىتىلدى»؛ ئەمما «ئاخىرقى ئادەمئاتا» بولسا ھاياتلىق بەرگۈچى روھ بولدى. | 45 |
ⲙ̅ⲉ̅ⲧⲁⲓ ⲧⲉ ⲑⲉ ⲉⲧⲥⲏϩ ϫⲉ ⲁⲡϣⲟⲣⲡ ⲛⲣⲱⲙⲉ ⲁⲇⲁⲙ ϣⲱⲡⲉ ⲉⲩⲯⲩⲭⲏ ⲉⲥⲟⲛϩ ⲡϩⲁⲉ ⲇⲉ ⲁⲇⲁⲙ ⲉⲩⲡⲛⲁ ⲉϥⲧⲁⲛϩⲟ
ئەمما ئاۋۋال كەلگىنى روھىي ئادەم ئەمەس، بەلكى «تەبىئەتكە تەۋە بولغۇچى» ئادەم ئىدى، كېيىن «روھىي ئادەم» كەلدى. | 46 |
ⲙ̅ⲋ̅ⲁⲗⲗⲁ ⲙⲡϣⲟⲣⲡ ⲁⲛ ⲡⲉ ⲡⲉⲡⲛⲁⲧⲓⲕⲟⲛ ⲁⲗⲗⲁ ⲡⲉⲯⲩⲭⲓⲕⲟⲛ ⲙⲛⲛⲥⲱⲥ ⲡⲉⲡⲛⲁⲧⲓⲕⲟⲛ
دەسلەپكى ئىنسان بولسا يەردىن، تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغان؛ ئىككىنچى ئىنسان بولسا ئاسماندىن كەلگەندۇر؛ | 47 |
ⲙ̅ⲍ̅ⲡϣⲟⲣⲡ ⲛⲣⲱⲙⲉ ⲟⲩⲕⲁϩ ⲡⲉ ⲉⲃⲟⲗ ϩⲙ ⲡⲕⲁϩ ⲡⲙⲉϩ ⲥⲛⲁⲩ ⲟⲩⲉⲃⲟⲗ ϩⲛ ⲧⲡⲉ ⲡⲉ
تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغىنى قانداق بولغان بولسا، [ئۇنىڭدىن] [بولغان] «تۇپراقلىق»لارمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ ئاسماندىن كەلگىنى قانداق بولسا، ئۇنىڭدىن بولغان «ئاسمانلىقلار»مۇ شۇنداق بولىدۇ. | 48 |
ⲙ̅ⲏ̅ⲛⲑⲉ ⲙⲡⲉⲃⲟⲗ ϩⲙ ⲡⲕⲁϩ ⲧⲁⲓ ⲧⲉ ⲑⲉ ⲛⲛⲉⲃⲟⲗ ϩⲙ ⲡⲕⲁϩ ⲁⲩⲱ ⲛⲑⲉ ⲙⲡⲉⲃⲟⲗ ϩⲛ ⲧⲡⲉ ⲧⲁⲓ ⲧⲉ ⲑⲉ ⲛⲛⲉⲃⲟⲗ ϩⲛ ⲧⲡⲉ
بىزلەر «تۇپراقلىق ئادەم» سۈرىتىدە بولغىنىمىزدەك، «ئاسمانلىق ئادەم» سۈرىتىدىمۇ بولالايمىز. | 49 |
ⲙ̅ⲑ̅ⲁⲩⲱ ⲕⲁⲧⲁ ⲑⲉ ⲉⲛⲧⲁⲛⲫⲟⲣⲓ ⲛⲑⲓⲕⲱⲛ ⲙⲡⲉⲃⲟⲗ ϩⲙ ⲡⲕⲁϩ ⲧⲛⲛⲁⲫⲟⲣⲓ ⲟⲛ ⲛⲑⲓⲕⲱⲛ ⲙⲡⲉⲃⲟⲗ ϩⲛ ⲧⲡⲉ
ئەمما شۇنى ئېيتىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، ئەت ۋە قاندىن تۆرەلگەنلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛ چىرىگۈچى چىرىمايدىغانغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. | 50 |
ⲛ̅ⲡⲁⲓ ⲇⲉ ϯϫⲱ ⲙⲙⲟϥ ⲛⲁⲥⲛⲏⲩ ϫⲉ ⲛⲛⲉϣ ⲥⲁⲣⲝ ϩⲓ ⲥⲛⲟϥ ⲕⲗⲏⲣⲟⲛⲟⲙⲓ ⲛⲧⲙⲛⲧⲣⲣⲟ ⲙⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ⲟⲩⲇⲉ ⲡⲧⲁⲕⲟ ⲛⲁⲕⲗⲏⲣⲟⲛⲟⲙⲓ ⲁⲛ ⲛⲧⲙⲛⲧⲁⲧⲧⲁⲕⲟ
مانا، مەن سىلەرگە بىر سىرنى ئېيتىپ بېرىمەن؛ بىز ھەممىمىزلا [ئۆلۈمدە] ئۇخلايدىغانلاردىن بولمايمىز؛ بىراق ھەممىمىز ئۆزگەرتىلىمىز! | 51 |
ⲛ̅ⲁ̅ⲉⲓⲥ ϩⲏⲏⲧⲉ ϯϫⲱ ⲛⲏⲧⲛ ⲛⲟⲩⲙⲩⲥⲧⲏⲣⲓⲟⲛ ϫⲉ ⲁⲛⲟⲛ ⲙⲉⲛ ⲧⲏⲣⲛ ⲧⲛⲛⲁⲛⲕⲧⲟⲕ ⲁⲛ ⲁⲛⲟⲛ ⲇⲉ ⲧⲏⲣⲛ ⲧⲛⲛⲁϣⲓⲃⲉ
بىر دەقىقىدىلا، كۆزنى بىر يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا ئۆزگەرتىلىمىز؛ چۈنكى كاناي چېلىنسىلا ئۆلگەنلەر چىرىماس ھاياتقا تىرىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزگەرتىلىمىز؛ | 52 |
ⲛ̅ⲃ̅ϩⲛ ⲟⲩϣⲡⲛϣⲱⲡ ϩⲛ ⲟⲩⲣⲓⲕⲉ ⲛⲃⲁⲗ ϩⲛ ⲑⲁⲏ ⲛⲥⲁⲗⲡⲓⲅⲝ ϥⲛⲁⲥⲁⲗⲡⲓⲍⲉ ⲅⲁⲣ ⲛⲧⲉ ⲛⲉⲧⲙⲟⲟⲩⲧ ⲧⲱⲟⲩⲛ ⲉⲩⲟ ⲛⲁⲧⲧⲁⲕⲟ ⲁⲩⲱ ⲁⲛⲟⲛ ⲧⲛⲛⲁϣⲓⲃⲉ
چۈنكى بۇ چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيىۋېلىشى، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيىۋېلىشى كېرەك؛ | 53 |
ⲛ̅ⲅ̅ϩⲁⲡⲥ ⲅⲁⲣ ⲉⲧⲣⲉ ⲡⲁⲓ ⲉϣⲁϥⲧⲁⲕⲟ ϯϩⲓⲱⲱϥ ⲛⲟⲩⲙⲛⲧⲁⲧⲧⲁⲕⲟ ⲁⲩⲱ ⲡⲁⲓ ⲉϣⲁϥⲙⲟⲩ ⲉⲧⲣⲉϥϯ ϩⲓⲱⲱϥ ⲛⲧⲙⲛⲧⲁⲧⲙⲟⲩ
ئەمما چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيگەندە، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيگەندە، شۇ چاغدا بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: «ئۆلۈم غەلىبە تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ يوقۇتۇلىدۇ!». | 54 |
ⲛ̅ⲇ̅ϩⲟⲧⲁⲛ ⲇⲉ ⲉⲣϣⲁⲛ ⲡⲁⲓ ⲉϣⲁϥⲙⲟⲩ ϯϩⲓⲱⲱϥ ⲛⲧⲙⲛⲧⲁⲧⲙⲟⲩ ⲧⲟⲧⲉ ϥⲛⲁϣⲱⲡⲉ ⲛϭⲓ ⲡϣⲁϫⲉ ⲉⲧⲥⲏϩ ϫⲉ ⲁⲩⲉⲙⲕⲡⲙⲟⲩ ⲉⲩϫⲣⲟ
«ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ نەشتىرىڭ قېنى؟! ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!» (Hadēs ) | 55 |
ⲛ̅ⲉ̅ⲡⲙⲟⲩ ⲉϥⲧⲱⲛ ⲧⲉⲕϫⲣⲟ ⲡⲙⲟⲩ ⲉϥⲧⲱⲛ ⲡⲉⲕⲓⲉⲓⲃ (Hadēs )
ئۆلۈمدىكى نەشتەر ــ گۇناھتۇر، گۇناھنىڭ كۈچى بولسا، تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق نامايان بولىدۇ. | 56 |
ⲛ̅ⲋ̅ⲡⲓⲉⲓⲃ ⲇⲉ ⲙⲡⲙⲟⲩ ⲡⲉ ⲡⲛⲟⲃⲉ ⲧϭⲟⲙ ⲇⲉ ⲙⲡⲛⲟⲃⲉ ⲡⲉ ⲡⲛⲟⲙⲟⲥ
لېكىن بىزنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈرگۈچى خۇداغا تەشەككۈر! | 57 |
ⲛ̅ⲍ̅ⲡⲉϩⲙⲟⲧ ⲇⲉ ⲙⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ϣⲏⲡ ⲡⲁⲓ ⲉⲧϯ ⲛⲁⲛ ⲙⲡⲉϫⲣⲟ ϩⲓⲧⲛ ⲡⲉⲛϫⲟⲉⲓⲥ ⲓⲏⲥ ⲡⲉⲭⲥ
شۇنىڭ ئۈچۈن، سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، چىڭ تۇرۇپ تەۋرەنمەس بولۇڭلار، رەبنىڭ خىزمىتىدىكى ئىشلىرىڭلار ھەمىشە كەڭ زىيادىلەشسۇن؛ چۈنكى رەبدە بولغان ئەجىر-جاپايىڭلار ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. | 58 |
ⲛ̅ⲏ̅ϩⲱⲥⲧⲉ ⲛⲁⲥⲛⲏⲩ ⲙⲙⲉⲣⲓⲧ ϣⲱⲡⲉ ⲉⲧⲉⲧⲛⲧⲁϫⲣⲏⲩ ⲉⲛⲥⲉⲡⲱⲱⲛⲉ ⲙⲙⲱⲧⲛ ⲁⲛ ⲉⲧⲉⲧⲛⲟ ⲛϩⲟⲩⲟ ϩⲙ ⲡϩⲱⲃ ⲙⲡϫⲟⲉⲓⲥ ⲛⲟⲩⲟⲉⲓϣ ⲛⲓⲙ ⲉⲧⲉⲧⲛⲥⲟⲟⲩⲛ ϫⲉ ⲡⲉⲧⲛϩⲓⲥⲉ ϣⲟⲩⲉⲓⲧ ⲁⲛ ϩⲙ ⲡϫⲟⲉⲓⲥ