< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 14 >
مېھىر-مۇھەببەتكە ئىنتىلىپ ئۇنى قوغلىشىڭلار ۋە ھەم روھىي ئىلتىپاتلارغا، بولۇپمۇ بېشارەت بېرىشكە ئىنتىزار بولۇڭلار. | 1 |
Follow after love; and be emulous of the gifts of the Spirit, and especially, that ye may prophesy.
چۈنكى نامەلۇم تىلدا سۆزلەيدىغان كىشى ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى خۇداغا سۆزلەيدۇ؛ ئاڭلىغۇچىلاردىن ھېچكىم ئۇنى چۈشەنمەيدۇ، ئەمما ئۇ روھتا سىرلىق ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. | 2 |
For he that speaketh in a tongue, speaketh not unto men, but unto God; for no one understandeth what is said; yet in the spirit, he speaketh a mystery.
لېكىن بېشارەت بېرىدىغان كىشى بولسا ئادەملەرنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇشقا، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ۋە تەسەللى بېرىشكە سۆزلەيدۇ. | 3 |
But he that prophesieth, speaketh unto men, for edification, and exhortation, and consolation.
نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى ئۆز روھىنى قۇرىدۇ؛ ئەمما بېشارەت بەرگۈچى جامائەتنىڭ [ئېتىقادىنى] قۇرىدۇ. | 4 |
He that speaketh in a tongue, edifieth himself: and he that prophesieth, edifieth the church.
ئەمدىلىكتە مەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنىڭ نامەلۇم تىللاردا سۆزلىيەلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، لېكىن بېشارەت بېرىشىڭلارنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى سۆزىنى تەرجىمە قىلمىسا، جامائەتنىڭ ئېتىقاد قۇرۇلۇشىدا بېشارەت بەرگۈچى ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولىدۇ. | 5 |
Now I would that ye all spoke with tongues, but rather that ye prophesied; for greater is he that prophesieth, than he that speaketh in a tongue, unless he interpret; and if he interpret, he edifieth the church.
قېرىنداشلار، مەن يېنىڭلارغا كېلىپ، نامەلۇم تىللاردىلا سۆزلىگىنىم بىلەن مەلۇم ۋەھىي، بىلىم، بېشارەت ياكى تەلىمنى يەتكۈزمىسەم، مەن سىلەرگە نېمە پايدا تەگكۈزىمەن؟ | 6 |
And now, my brethren, if I should come among you, and speak to you in tongues, what should I profit you; unless I should speak to you either by revelation, or by knowledge, or by prophecy, or by doctrine?
ھەتتا ئاۋاز چىقىرالايدىغان جانسىز نەرسىلەر، مەيلى نەي بولسۇن، چىلتار بولسۇن شۇنداق؛ ئۇلارنىڭ ئاھاڭلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقى بولمىسا، ئۇلاردا چېلىنغان پەدە قانداقمۇ پەرق ئېتىلسۇن؟ | 7 |
For even inanimate things that emit sound, whether pipe or harp, if they make no distinction between one sound and another, how will it be known, what is sung or what is harped?
[جەڭ] كانىيىمۇ بەلگىلىك بىر ئاھاڭدا چېلىنمىسا، كىم جەڭگە ھازىرلانسۇن؟ | 8 |
And if the trumpet shall give an uncertain sound, who will prepare himself for the battle?
شۇنىڭدەك سىلەر تىلدا ئېنىق چۈشىنەلىگۈدەك سۆز قىلمىساڭلار، نېمە دېمەكچى بولغىنىڭلارنى كىم چۈشىنەلەيدۇ؟ سىلەر ھاۋاغا گەپ قىلغاندەك بولىسىلەر. | 9 |
So likewise if ye utter a discourse in a tongue, and there is no interpretation given, how will it be known what ye have said? Ye will have been as if ye spoke into the air.
جاھاندا، شۈبھىسىزكى، خىلمۇخىل تىل-ئاۋازلار بار ۋە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مەنىسىز ئەمەس؛ | 10 |
For lo, there are many kinds of tongues in the world; and there is not one of them without meaning.
ئەگەر ئەمدى مەن مەلۇم ئاۋاز-تىلنىڭ مەنىسىنى بىلمىسەم، مەن سۆزلىگۈچىگە نىسبەتەن يات ۋە ئۇ ماڭا نىسبەتەن يات بولىدۇ. | 11 |
But if I do not know the import of the sound, I shall be a barbarian to him that speaketh, and the speaker will be a barbarian to me.
ئەھۋال سىلەردىمۇ شۇنداق. شۇڭا، سىلەر روھىي ئىلتىپاتلارغا قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلگەنىكەنسىلەر، جامائەتنىڭ ئېتىقادىنى قۇرىدىغان ئىلتىپاتلارغا باي بولۇشقا ئىنتىلىڭلار. | 12 |
So also ye, since ye are emulous of the gifts of the Spirit for the edification of the church, seek ye to excel.
شۇڭا، نامەلۇم تىلدا سۆزلەيدىغان كىشى سۆزلىگەنلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېرەلەيدىغان بولسام دەپ دۇئا قىلسۇن. | 13 |
And let him that speaketh in a tongue, pray that he may interpret.
چۈنكى نامەلۇم تىلدا دۇئا قىلغىنىمدا، روھىم دۇئا قىلىدۇ، لېكىن ئەقىل-ئىدراكىمدىن بولسا مېۋە چىقمايدۇ. | 14 |
For if I should pray in a tongue, my spirit prayeth, but my understanding is without fruits.
ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ مەن بەزىدە روھىم بىلەن دۇئا قىلىمەن، ھەم بەزىدە ئەقىل-ئىدراكىم بىلەنمۇ دۇئا قىلىمەن؛ مەن بەزىدە روھىم بىلەن مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن، ھەم بەزىدە ئەقىل-ئىدراكىم بىلەنمۇ مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن؛ | 15 |
What then shall I do? I will pray with my spirit, and will pray with my understanding; and I will sing with my spirit, and will sing with my understanding.
بولمىسا، پەقەت روھىڭ بىلەنلا مەدھىيە ئوقۇساڭ، ئىشلەتكەن [تىلىڭنى] بىلمىگەنلەرنىڭ قاتارىدا ئولتۇرغۇچى تەشەككۈرۇڭگە قانداقمۇ «ئامىن» دېيەلىسۇن؟ چۈنكى ئۇ ئېيتقىنىڭنى چۈشەنمەيدۇ. | 16 |
Otherwise, if thou blessest in the spirit, how shall he that filleth the place of one unlearned, say Amen, on thy giving thanks; for he knoweth not what thou sayest?
سەن دەرھەقىقەت تەشەككۈرنى ياخشى ئېيتىسەن، ئەمما يېنىڭدىكى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئېتىقادى قۇرۇلغىنى يوق. | 17 |
Thou blessest, indeed, very well; but thy neighbor is not edified.
مەن بۇنداق نامەلۇم تىللاردا شەخسەن ھەممىڭلاردىن كۆپ سۆزلەيدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ | 18 |
I thank God, that I speak with tongues more than all of you.
ھالبۇكى، جامائەتتە بولغاندا، نامەلۇم تىلدا تۈمەن ئېغىز سۆزلىگىنىمدىن كۆرە، باشقىلارغا تەلىم-تەربىيە بېرەلىگۈدەك چۈشىنىشلىك سۆزدىن بەش ئېغىزلا سۆزلىيەلىسەم دەيمەن. | 19 |
But in the church, I would rather speak five words with my understanding, that I might instruct others, than a myriad of words in a tongue.
قېرىنداشلار، ئەقىل-ھوشۇڭلاردا بالا بولماڭلار؛ يامانلىق جەھەتىدە بوۋاق بولۇڭلار، ئەمما ئەقىل-ھوشۇڭلاردا پىشقەدەم بولۇڭلار. | 20 |
My brethren, be ye not children in your thoughts; but to evil things be ye infants; and in your thoughts be men.
تەۋراتتا: «چەت تىللىقلارنىڭ سۆزى ۋە يات ئادەملەرنىڭ لەۋلىرى ئارقىلىق مەن مۇشۇ خەلققە گەپ قىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا ماڭا قۇلاق سالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار» دەپ پۈتۈلگەندۇر. | 21 |
In the law it is written, With a foreign speech, and in another tongue, will I speak with this people; and even so also they will not hearken to me, saith the Lord.
شۇڭا «نامەلۇم تىللار» بولسا بىر ئالامەت بەلگىدۇر؛ ئېتىقادچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئېتىقادسىزلارغا ئالامەت بەلگىدۇر؛ ۋەھىي-بېشارەتلەر بولسا، ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادچىلار ئۈچۈن بولىدۇ. | 22 |
Wherefore, tongues are established for a sign, not to the believers, but to them that believe not. But prophesyings are not for those who believe not, but for them that believe.
شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل جامائەت بىر يەردە جەم بولغاندا، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا بۇنداق نامەلۇم تىللاردا سۆزلەۋەرسە ۋە ساددا ياكى ئېتىقادسىز كىشىلەر كىرىپ قالسا، ئۇلار ھەممىڭلارنى ساراڭ بولۇپ قاپسىلەر دېيىشمەمدۇ؟ | 23 |
If therefore the whole church assemble, and they all speak with tongues, and there come in unlearned persons, or such as believe not, will they not say: These people are crazy?
ئەمما ھەممىڭلار ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزسەڭلار، ئېتىقادسىز ياكى ساددا كىشى ئاراڭلارغا كىرىپ قالسا، ھەممىڭلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا تەنبىھ بېرىلىدۇ، ھەممىڭلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ؛ | 24 |
But if ye should be all prophesying, and one unlearned or an unbeliever should come among you, he is explored by you all, and rebuked by you all;
قەلبىدىكى سىرلار ئاشكارە قىلىنغاندا، ئۇ ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ: ــ «خۇدا ھەقىقەتەن ئاراڭلاردىدۇر» دەپ خۇداغا سەجدە قىلىدۇ. | 25 |
and the secrets of his heart are laid open to him: and so he will fall upon his face, and will worship God, and say: Verily, God is in you.
ئەمدى قېرىنداشلار، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ سىلەر بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، ھەربىرىڭلاردا [بىر ئىلتىپات] بولىدۇ؛ بىرسىدە مەدھىيە ناخشىسى، بىرسىدە تەلىم، بىرسىدە نامەلۇم تىل، بىرسىدە ۋەھىي، بىرسىدە نامەلۇم تىلنىڭ يېشىمى بولىدۇ. ھەممە ئىشلار ئېتىقادنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولسۇن. | 26 |
I therefore say to you my brethren, that when ye assemble, whoever of you hath a psalm, let him speak; and whoever hath a doctrine, and whoever hath a revelation, and whoever hath a tongue, and whoever hath an interpretation. Let them all be for edification.
نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچىلەر بولۇپ قالسا، ئىككىسى ياكى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچى نۆۋەت بىلەن سۆزلىسۇن ۋە بىرسى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئۆرىسۇن. | 27 |
And if any speak in a tongue, let two speak or at most, three; and let them speak one by one; and let some one interpret.
ئەمما [جامائەتتە] ئۆرىگۈچى بولمىسا، ئۇ سۈكۈت قىلسۇن؛ ئۆز-ئۆزىگە ۋە خۇداغا ئېيتسۇن. | 28 |
And if there is none to interpret, let him that speaketh in a tongue, be silent in the church; and let him speak to himself and to God.
ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزگۈچىلەر بولسا، ئىككى-ئۈچى سۆزلىسۇن؛ قالغانلار گەپلىرىنىڭ ۋەزنىنى دىتلاپ تۇرسۇن؛ | 29 |
And as to prophets, let two or three speak, and let the rest judge.
ئەمما ئولتۇرغانلار ئارىسىدىن باشقا بىر كىشىگە مەلۇم بىر ۋەھىي بېرىلسە، سۆزلەۋاتقان كىشى سۆزىنى توختىتىپ نۆۋەتنى ئۇنىڭغا بەرسۇن. | 30 |
And if to another sitting by, there should be a revelation, let the first stop speaking.
چۈنكى ھەممىڭلار بىر-بىرلەپ ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزسەڭلار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن ئۆگىنىدۇ، ھەممەيلەن رىغبەتلىنىدۇ. | 31 |
For ye can all prophesy, one by one; so that every one may learn, and every one be comforted.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز روھلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ. | 32 |
For the spirit of the prophets is subject to the prophets.
چۈنكى خۇدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغۇچى ئەمەس، بەلكى تىنچ-خاتىرجەملىك بەرگۈچىدۇر. بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ جامائەتلىرىدە شۇنداق تەرتىپ بار. | 33 |
Because, God is not the author of tumult, but of peace, as in all churches of the saints.
ئاراڭلاردىكى ئاياللار جامائەتلەردە سۈكۈتتە ئولتۇرسۇن؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان؛ تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەندەك، ئۇلار [تەرتىپكە] بويسۇنسۇن. | 34 |
Let your women be silent in the church: for it is not permitted them to speak, but to be in subjection, as also the law saith.
ئەمما ئۇلار مەلۇم ئىشنى بىلمەكچى بولسا، ئۆيىدە ئۆز ئەرلىرىدىن سورىسۇن؛ ئايالنىڭ جامائەتتە سۆزلىشى ئۇياتلىق ئىشتۇر. | 35 |
And if they wish to be informed on any subject, let them ask their husbands at home: for it is unbecoming for women to speak in the church.
خۇدانىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن باشلانغانمۇ؟! ياكى يالغۇز سىلەرگىلا يېتىپ كەلگەنمۇ؟! | 36 |
What! was it from you that the word of God came forth? Or did it reach only to you?
بىرسى ئۆزىنى ۋەھىي-بېشارەتچى ياكى روھىي كىشى دەپ سانىسا، ئۇ سىلەرگە ھازىر يازغان بۇ سۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن رەبنىڭ ئەمرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسۇن. | 37 |
And if any one among you thinketh that he is a prophet, or that he is spiritual, let him recognize the things which I write to you, as being the precepts of our Lord.
بىرسى بۇنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىسا، ئۇ ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. | 38 |
But if any one be ignorant, let him be ignorant.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە تەلمۈرۈپ ئىنتىلىڭلار، شۇنداقلا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشنى چەكلىمەڭلار. | 39 |
Wherefore, my brethren, be emulous of prophesying: and to speak with tongues, prohibit not.
[خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا]، ھەربىر ئىش چىرايلىق، تەرتىپلىك قىلىنسۇن. | 40 |
But let every thing be done with decency and regularity.