< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 13 >

مەن ئەگەردە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سۆزلەۋاتقان ھەرخىل تىللار ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرى بىلەنمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولساممۇ، بىراق مەن مېھىر-مۇھەببەتسىز بولسام، ئۇ چاغدا مەن پەقەت بىر «داڭ-داڭ» قىلىدىغان مىس داڭ، بىر «چاڭ-چاڭ» قىلىدىغان چاڭ بولۇپ قالىمەن، خالاس. 1
มรฺตฺยสฺวรฺคียาณำ ภาษา ภาษมาโณ'หํ ยทิ เปฺรมหีโน ภเวยํ ตรฺหิ วาทกตาลสฺวรูโป นินาทการิเภรีสฺวรูปศฺจ ภวามิฯ
ئەگەر مەن پەيغەمبەرلىك قىلالىسام، بارلىق سىرلار، بارلىق بىلىملەرنى چۈشىنىپ بولغان بولساممۇ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاغلارنى يۆتكىيەلىگۈدەك تولۇق ئىشەنچتە بولساممۇ، ئەمما مەندە مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مەن ھېچنەرسە بولمىغان بولىمەن. 2
อปรญฺจ ยทฺยหมฺ อีศฺวรียาเทศาฒฺย: สฺยำ สรฺวฺวาณิ คุปฺตวากฺยานิ สรฺวฺววิทฺยาญฺจ ชานียำ ปูรฺณวิศฺวาส: สนฺ ไศลานฺ สฺถานานฺตรีกรฺตฺตุํ ศกฺนุยาญฺจ กินฺตุ ยทิ เปฺรมหีโน ภเวยํ ตรฺหฺยคณนีย เอว ภวามิฯ
ئەگەر بارلىق مال-مۈلكۈمنى سەدىقىگە ئاتاپ ھەم تېنىمنى [خۇدانىڭ يولىدا] قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرۈلۈشكە سۇنغان تەغدىردىمۇ، ئەمما مەندە يەنىلا مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ھېچقانداق پايدام يوق بولغان بولىدۇ. 3
อปรํ ยทฺยหมฺ อนฺนทาเนน สรฺวฺวสฺวํ ตฺยเชยํ ทาหนาย สฺวศรีรํ สมรฺปเยยญฺจ กินฺตุ ยทิ เปฺรมหีโน ภเวยํ ตรฺหิ ตตฺสรฺวฺวํ มทรฺถํ นิษฺผลํ ภวติฯ
مۇھەببەت سەۋر-تاقەتلىك بولۇش ھەم مېھرىبانلىقتۇر؛ مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ: مۇھەببەت ئۆزىنى ماختىمايدۇ، تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ، 4
เปฺรม จิรสหิษฺณุ หิไตษิ จ, เปฺรม นิรฺเทฺวษมฺ อศฐํ นิรฺครฺวฺวญฺจฯ
نومۇسسىزلىق قىلمايدۇ، ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يۈرمەيدۇ، تېرىكتۈرۈلمەيدۇ، كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلىمايدۇ؛ 5
อปรํ ตตฺ กุตฺสิตํ นาจรติ, อาตฺมเจษฺฏำ น กุรุเต สหสา น กฺรุธฺยติ ปรานิษฺฏํ น จินฺตยติ,
ھەققانىيسىزلىقتىن خۇشال بولمايدۇ، بەلكى ئەمەلىيەتتىن، ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ؛ 6
อธรฺมฺเม น ตุษฺยติ สตฺย เอว สนฺตุษฺยติฯ
ھەممە ئىشتا قورسىقى كەڭلىك قىلىدۇ، ھەممىگە يۈزلىنىپ [خۇداغا] ئىشىنىدۇ، ھەممە ئىشقا ئۈمىد باغلايدۇ، ھەممىگە چىدايدۇ. 7
ตตฺ สรฺวฺวํ ติติกฺษเต สรฺวฺวตฺร วิศฺวสิติ สรฺวฺวตฺร ภทฺรํ ปฺรตีกฺษเต สรฺวฺวํ สหเต จฯ
مېھىر-مۇھەببەت ھەرگىز ئاخىرلاشمايدۇ. بېشارەتلەر بولسا، كارغا كەلمەيدۇ: «نامەلۇم تىللار» بولسا، تۈگەيدۇ: [مۆجىزىلىك] بىلىملەرمۇ كارغا كەلمەيدۇ. 8
เปฺรมฺโน โลป: กทาปิ น ภวิษฺยติ, อีศฺวรียาเทศกถนํ โลปฺสฺยเต ปรภาษาภาษณํ นิวรฺตฺติษฺยเต ชฺญานมปิ โลปํ ยาสฺยติฯ
چۈنكى بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز قىسمەن، بېشارەت بېرىدىغانلىرىمىز قىسمەن؛ 9
ยโต'สฺมากํ ชฺญานํ ขณฺฑมาตฺรมฺ อีศฺวรียาเทศกถนมปิ ขณฺฑมาตฺรํฯ
لېكىن مۇكەممەللىك كەلگەندە، قىسمەنلىك يوقىلىدۇ. 10
กินฺตฺวสฺมาสุ สิทฺธตำ คเตษุ ตานิ ขณฺฑมาตฺราณิ โลปํ ยาสฺยนฺเตฯ
مەن كىچىكىمدە بالىلارچە سۆزلىدىم، بالىلارچە ئويلىدىم، بالىلارچە ھېسابلىدىم؛ چوڭ بولغىنىمدا، مەن بالىلىقنى تاشلىدىم. 11
พาลฺยกาเล'หํ พาล อิวาภาเษ พาล อิวาจินฺตยญฺจ กินฺตุ เยาวเน ชาเต ตตฺสรฺวฺวํ พาลฺยาจรณํ ปริตฺยกฺตวานฺฯ
چۈنكى بىز ھازىر بىر تۇتۇق دېرىزىدىن مۈجمەل ھالدا كۆرىمىز، لېكىن شۇ چاغدا يۈزمۇيۈز كۆرىمىز: ھازىر مەن قىسمەن تونۇيمەن، شۇ چاغدا مەن [خۇدا] مېنى تونۇپ كېلىۋاتقاندەك تونۇيمەن. 12
อิทานีมฺ อภฺรมเธฺยนาสฺปษฺฏํ ทรฺศนมฺ อสฺมาภิ รฺลภฺยเต กินฺตุ ตทา สากฺษาตฺ ทรฺศนํ ลปฺสฺยเตฯ อธุนา มม ชฺญานมฺ อลฺปิษฺฐํ กินฺตุ ตทาหํ ยถาวคมฺยสฺตไถวาวคโต ภวิษฺยามิฯ
ھازىر ئىشەنچ، ئۈمىد، مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ نەرسە تۇرۇپتۇ؛ بۇلاردىن ئەڭ ئۈستۈن تۇرىدىغىنى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. 13
อิทานีํ ปฺรตฺยย: ปฺรตฺยาศา เปฺรม จ ตฺรีเณฺยตานิ ติษฺฐนฺติ เตษำ มเธฺย จ เปฺรม เศฺรษฺฐํฯ

< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 13 >