< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 13 >
مەن ئەگەردە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سۆزلەۋاتقان ھەرخىل تىللار ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرى بىلەنمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولساممۇ، بىراق مەن مېھىر-مۇھەببەتسىز بولسام، ئۇ چاغدا مەن پەقەت بىر «داڭ-داڭ» قىلىدىغان مىس داڭ، بىر «چاڭ-چاڭ» قىلىدىغان چاڭ بولۇپ قالىمەن، خالاس. | 1 |
Ἐὰν ταῖς γλώσσαις τῶν ἀνθρώπων λαλῶ καὶ τῶν ἀγγέλων, ἀγάπην δὲ μὴ ἔχω, γέγονα χαλκὸς ἠχῶν ἢ κύμβαλον ἀλαλάζον.
ئەگەر مەن پەيغەمبەرلىك قىلالىسام، بارلىق سىرلار، بارلىق بىلىملەرنى چۈشىنىپ بولغان بولساممۇ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاغلارنى يۆتكىيەلىگۈدەك تولۇق ئىشەنچتە بولساممۇ، ئەمما مەندە مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مەن ھېچنەرسە بولمىغان بولىمەن. | 2 |
⸂καὶ ἐὰν⸃ἔχω προφητείαν καὶ εἰδῶ τὰ μυστήρια πάντα καὶ πᾶσαν τὴν γνῶσιν, ⸄καὶ ἐὰν⸅ἔχω πᾶσαν τὴν πίστιν ὥστε ὄρη ⸀μεθιστάναι ἀγάπην δὲ μὴ ἔχω, οὐθέν εἰμι.
ئەگەر بارلىق مال-مۈلكۈمنى سەدىقىگە ئاتاپ ھەم تېنىمنى [خۇدانىڭ يولىدا] قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرۈلۈشكە سۇنغان تەغدىردىمۇ، ئەمما مەندە يەنىلا مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ھېچقانداق پايدام يوق بولغان بولىدۇ. | 3 |
⸂καὶ ἐὰν⸃ψωμίσω πάντα τὰ ὑπάρχοντά μου, ⸄καὶ ἐὰν⸅παραδῶ τὸ σῶμά μου, ἵνα ⸀καυθήσομαι ἀγάπην δὲ μὴ ἔχω, οὐδὲν ὠφελοῦμαι.
مۇھەببەت سەۋر-تاقەتلىك بولۇش ھەم مېھرىبانلىقتۇر؛ مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ: مۇھەببەت ئۆزىنى ماختىمايدۇ، تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ، | 4 |
Ἡ ἀγάπη μακροθυμεῖ, χρηστεύεται ἡ ἀγάπη οὐ ζηλοῖ ⸂ἡ ἀγάπη⸃, οὐ περπερεύεται, οὐ φυσιοῦται,
نومۇسسىزلىق قىلمايدۇ، ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يۈرمەيدۇ، تېرىكتۈرۈلمەيدۇ، كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلىمايدۇ؛ | 5 |
οὐκ ἀσχημονεῖ, οὐ ζητεῖ τὰ ἑαυτῆς, οὐ παροξύνεται, οὐ λογίζεται τὸ κακόν,
ھەققانىيسىزلىقتىن خۇشال بولمايدۇ، بەلكى ئەمەلىيەتتىن، ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ؛ | 6 |
οὐ χαίρει ἐπὶ τῇ ἀδικίᾳ, συγχαίρει δὲ τῇ ἀληθείᾳ·
ھەممە ئىشتا قورسىقى كەڭلىك قىلىدۇ، ھەممىگە يۈزلىنىپ [خۇداغا] ئىشىنىدۇ، ھەممە ئىشقا ئۈمىد باغلايدۇ، ھەممىگە چىدايدۇ. | 7 |
πάντα στέγει, πάντα πιστεύει, πάντα ἐλπίζει, πάντα ὑπομένει.
مېھىر-مۇھەببەت ھەرگىز ئاخىرلاشمايدۇ. بېشارەتلەر بولسا، كارغا كەلمەيدۇ: «نامەلۇم تىللار» بولسا، تۈگەيدۇ: [مۆجىزىلىك] بىلىملەرمۇ كارغا كەلمەيدۇ. | 8 |
Ἡ ἀγάπη οὐδέποτε ⸀πίπτει εἴτε δὲ προφητεῖαι, καταργηθήσονται· εἴτε γλῶσσαι, παύσονται· εἴτε γνῶσις, καταργηθήσεται.
چۈنكى بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز قىسمەن، بېشارەت بېرىدىغانلىرىمىز قىسمەن؛ | 9 |
ἐκ μέρους ⸀γὰργινώσκομεν καὶ ἐκ μέρους προφητεύομεν·
لېكىن مۇكەممەللىك كەلگەندە، قىسمەنلىك يوقىلىدۇ. | 10 |
ὅταν δὲ ἔλθῃ τὸτέλειον, ⸀τὸ ἐκ μέρους καταργηθήσεται.
مەن كىچىكىمدە بالىلارچە سۆزلىدىم، بالىلارچە ئويلىدىم، بالىلارچە ھېسابلىدىم؛ چوڭ بولغىنىمدا، مەن بالىلىقنى تاشلىدىم. | 11 |
ὅτε ἤμην νήπιος, ⸂ἐλάλουν ὡς νήπιος, ἐφρόνουν ὡς νήπιος, ἐλογιζόμην ὡς νήπιος· ⸀ὅτεγέγονα ἀνήρ, κατήργηκα τὰ τοῦ νηπίου.
چۈنكى بىز ھازىر بىر تۇتۇق دېرىزىدىن مۈجمەل ھالدا كۆرىمىز، لېكىن شۇ چاغدا يۈزمۇيۈز كۆرىمىز: ھازىر مەن قىسمەن تونۇيمەن، شۇ چاغدا مەن [خۇدا] مېنى تونۇپ كېلىۋاتقاندەك تونۇيمەن. | 12 |
βλέπομεν γὰρ ἄρτι διʼ ἐσόπτρου ἐν αἰνίγματι, τότε δὲ πρόσωπον πρὸς πρόσωπον· ἄρτι γινώσκω ἐκ μέρους, τότε δὲ ἐπιγνώσομαι καθὼς καὶ ἐπεγνώσθην.
ھازىر ئىشەنچ، ئۈمىد، مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ نەرسە تۇرۇپتۇ؛ بۇلاردىن ئەڭ ئۈستۈن تۇرىدىغىنى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. | 13 |
νυνὶ δὲ μένει πίστις, ἐλπίς, ἀγάπη· τὰ τρία ταῦτα, μείζων δὲ τούτων ἡ ἀγάπη.