< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 12 >
ئەمما ئى قېرىنداشلار، روھىي ئىلتىپاتلارغا كەلسەك، سىلەرنىڭ ئۇلار توغرۇلۇق بىلمەي قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن. | 1 |
περι δε των πνευματικων αδελφοι ου θελω υμας αγνοειν
سىلەر تائىپىلەرنىڭ ئارىسىدا بولغان ۋاقتىڭلاردا ھەرخىل يوللارغا باشلىنىپ، گاس-گاچا بۇتلارغا [چوقۇنۇشقا] ئازدۇرۇلۇپ كەتكىنىڭلارنى بىلىسىلەر. | 2 |
οιδατε οτι οτε εθνη ητε προς τα ειδωλα τα αφωνα ως αν ηγεσθε απαγομενοι
شۇڭا مەن سىلەرگە ئۇقتۇرىمەنكى، ھېچكىم خۇدانىڭ روھىدا تۇرۇپ: «ئەيساغا لەنەت!» دېمەيدۇ ۋە ھەرقانداق بىرى مۇقەددەس روھتا بولماي تۇرۇپ «ئەيسا رەبدۇر!» دەپ ئېيتالمايدۇ. | 3 |
διο γνωριζω υμιν οτι ουδεις εν πνευματι θεου λαλων λεγει αναθεμα ιησουν και ουδεις δυναται ειπειν κυριον ιησουν ει μη εν πνευματι αγιω
ئەمما ئىلتىپاتلار خىلمۇخىل، لېكىن روھ بولسا بىردۇر. | 4 |
διαιρεσεις δε χαρισματων εισιν το δε αυτο πνευμα
خىزمەتلەر بولسا ھەرخىل، ئەمما [بىز خىزمىتىنى قىلىدىغان] رەب بىردۇر. | 5 |
και διαιρεσεις διακονιων εισιν και ο αυτος κυριος
ئىشلەش يوللىرى ھەرخىل، ئەمما ھەممەيلەندە ھەممە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى خۇدا بىردۇر. | 6 |
και διαιρεσεις ενεργηματων εισιν ο δε αυτος εστιν θεος ο ενεργων τα παντα εν πασιν
ئەمما ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەربىرىگە روھنىڭ نامايان بولۇشى بېغىشلىنىدۇ. | 7 |
εκαστω δε διδοται η φανερωσις του πνευματος προς το συμφερον
چۈنكى روھ ئارقىلىق بىرىگە دانالىق يەتكۈزگۈچى سۆز، يەنە بىرىگە شۇ ئوخشاش روھ ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزگۈچى سۆز تەقسىم قىلىنىدۇ؛ | 8 |
ω μεν γαρ δια του πνευματος διδοται λογος σοφιας αλλω δε λογος γνωσεως κατα το αυτο πνευμα
يەنە ئوخشاش روھ ئارقىلىق باشقا بىرىگە ئالاھىدە ئىشەنچ، يەنە بىرىگە ئوخشاش روھ ئارقىلىق [كېسەللەرنى] ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى، | 9 |
ετερω δε πιστις εν τω αυτω πνευματι αλλω δε χαρισματα ιαματων εν τω αυτω πνευματι
بىراۋغا مۆجىزىلەرنى يارىتىش تەقسىم قىلىنىدۇ؛ بىراۋغا ۋەھىي-بېشارەت بېرىش؛ بىراۋغا ھەرخىل روھلارنى پەرق ئېتىش، بىراۋغا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىراۋغا نامەلۇم تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىلتىپاتى تەقسىم قىلىنىدۇ. | 10 |
αλλω δε ενεργηματα δυναμεων αλλω δε προφητεια αλλω δε διακρισεις πνευματων ετερω δε γενη γλωσσων αλλω δε ερμηνεια γλωσσων
ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يۈرگۈزگۈچى ئوخشاش شۇ بىر روھتۇر، ئۇ ھەربىرىگە ئۆزى لايىق كۆرۈپ، ئايرىم-ئايرىم تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. | 11 |
παντα δε ταυτα ενεργει το εν και το αυτο πνευμα διαιρουν ιδια εκαστω καθως βουλεται
چۈنكى ئىنسانىي تەن بىر بولسىمۇ نۇرغۇن ئەزالىرى بولغىنىدەك، شۇنداقلا ئەزالىرى نۇرغۇن بولسىمۇ ئۆزئارا قوشۇلۇپ بىر تەن بولغاندەك، مەسىھ ئۆزىمۇ ھەم شۇنداقتۇر. | 12 |
καθαπερ γαρ το σωμα εν εστιν και μελη εχει πολλα παντα δε τα μελη του σωματος του ενος πολλα οντα εν εστιν σωμα ουτως και ο χριστος
چۈنكى ھەممىمىز، مەيلى يەھۇدىيلار بولساقمۇ، گرېكلەر بولساقمۇ، قۇللار بولساقمۇ، ھۆرلەر بولساقمۇ، بىر روھتا بىر تەنگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلدۇق ۋە بىر روھتىن ئىچىشكە نېسىپ قىلىندۇق. | 13 |
και γαρ εν ενι πνευματι ημεις παντες εις εν σωμα εβαπτισθημεν ειτε ιουδαιοι ειτε ελληνες ειτε δουλοι ειτε ελευθεροι και παντες εις εν πνευμα εποτισθημεν
چۈنكى تەن بىرلا ئەزادىن ئەمەس، بەلكى كۆپ ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ. | 14 |
και γαρ το σωμα ουκ εστιν εν μελος αλλα πολλα
ئەگەر پۇت: «مەن قول بولمىغىنىم ئۈچۈن مەن تەنگە تەۋە ئەمەسمەن» دېسىلا، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقەتەن تەنگە تەۋە ئەمەس بولامدۇ؟ | 15 |
εαν ειπη ο πους οτι ουκ ειμι χειρ ουκ ειμι εκ του σωματος ου παρα τουτο ουκ εστιν εκ του σωματος
قۇلاق: «مەن كۆز ئەمەس، شۇڭا مەن تەنگە تەۋە ئەمەسمەن» دېسىلا، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقەتەن تەنگە تەۋە ئەمەس بولامدۇ؟ | 16 |
και εαν ειπη το ους οτι ουκ ειμι οφθαλμος ουκ ειμι εκ του σωματος ου παρα τουτο ουκ εστιν εκ του σωματος
پۈتۈن تەن كۆزلا بولسا، ئۇنداقتا ئاڭلاش سېزىمىمىز نەدىن بولىدۇ؟ پۈتۈن تەن قۇلاقلا بولسا، ئۇنداقتا پۇراش سېزىمىمىز نەدىن بولىدۇ؟ | 17 |
ει ολον το σωμα οφθαλμος που η ακοη ει ολον ακοη που η οσφρησις
ھالبۇكى، خۇدا ئۆزىگە لايىق كۆرگەن تەن ئەزالىرىنىڭ ھەربىرىنى ئايرىم-ئايرىم ئۆز جايىغا ئورۇنلاشتۇرغان؛ | 18 |
νυνι δε ο θεος εθετο τα μελη εν εκαστον αυτων εν τω σωματι καθως ηθελησεν
ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەزا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى قانداقمۇ تەن دېگىلى بولاتتى؟ | 19 |
ει δε ην τα παντα εν μελος που το σωμα
ئەمدىلىكتە ئەزالار كۆپ، تەن بولسا بىردۇر. | 20 |
νυν δε πολλα μεν μελη εν δε σωμα
كۆز قولغا: «مېنىڭ ساڭا ئېھتىياجىم چۈشمەيدۇ!» دېيەلمەيدۇ؛ ياكى باش بولسا پۇتلارغا: «مېنىڭ سىلەرگە ئېھتىياجىم چۈشمەيدۇ!» دېيەلمەيدۇ. | 21 |
ου δυναται δε οφθαλμος ειπειν τη χειρι χρειαν σου ουκ εχω η παλιν η κεφαλη τοις ποσιν χρειαν υμων ουκ εχω
دەل ئەكسىچە، تەندىكى ئاجىز-ئەرزىمەس دەپ كۆرۈنگەن ئەزالار كەم بولسا بولمايدۇ؛ | 22 |
αλλα πολλω μαλλον τα δοκουντα μελη του σωματος ασθενεστερα υπαρχειν αναγκαια εστιν
ۋە ھەم تەندىكى بىز ئېتىۋارسىز دەپ ھېسابلىغان ئەزالارغا بولسا، تېخىمۇ كۆپرەك ئېتىۋار قىلىمىز؛ شۇنداقلا ئىسكەتسىز دەپ قارالغان ئەزالىرىمىز تېخىمۇ ئىسكەتلىك قىلىنىدۇ؛ | 23 |
και α δοκουμεν ατιμοτερα ειναι του σωματος τουτοις τιμην περισσοτεραν περιτιθεμεν και τα ασχημονα ημων ευσχημοσυνην περισσοτεραν εχει
ئەسلىدە يارىشىملىق بولغان ئەزالىرىمىزغا بولسا شۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما خۇدا پۈتۈن تەننى شۇنداق بىرلەشتۈرگەنكى، ئۇ ئېتىۋارسىز دەپ ھېسابلانغان ئەزالارغا تېخىمۇ كۆپ ئېتىۋار بېرىدۇ. | 24 |
τα δε ευσχημονα ημων ου χρειαν εχει αλλ ο θεος συνεκερασεν το σωμα τω υστερουντι περισσοτεραν δους τιμην
بۇنىڭدىن مەقسەت تەندە ھېچ بۆلۈنۈشلەر بولماسلىقى، بەلكى بارلىق ئەزالار ئۆزئارا ئوخشاش كۆيۈمچانلىقتا بولۇشى ئۈچۈندۇر. | 25 |
ινα μη η σχισμα εν τω σωματι αλλα το αυτο υπερ αλληλων μεριμνωσιν τα μελη
بىر ئەزا جاپا-دەرد تارتسا، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ جاپا-دەرد تارتىدۇ؛ بىر ئەزاغا شەرەپ كەلسە، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىدۇ. | 26 |
και ειτε πασχει εν μελος συμπασχει παντα τα μελη ειτε δοξαζεται εν μελος συγχαιρει παντα τα μελη
ئەمدى سىلەر مەسىھنىڭ تېنىدۇرسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۇنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئەزاسىدۇرسىلەر. | 27 |
υμεις δε εστε σωμα χριστου και μελη εκ μερους
خۇدا جامائەتتە مۇشۇنداقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان: ــ ئاۋۋال روسۇللارنى، ئاندىن پەيغەمبەرلەرنى، ئۈچىنچى بولۇپ تەلىم بەرگۈچىلەرنى؛ ئاندىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، ئاندىن تۈرلۈك كېسەللەرنى ساقايتىش ئىلتىپاتلىرىغا ئىگە بولغانلارنى، ياردەم بەرگۈچىلەرنى، يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنى، ھەرخىل نامەلۇم تىللاردا سۆزلەيدىغانلارنى تەيىنلەپ ئورۇنلاشتۇرغاندۇر. | 28 |
και ους μεν εθετο ο θεος εν τη εκκλησια πρωτον αποστολους δευτερον προφητας τριτον διδασκαλους επειτα δυναμεις ειτα χαρισματα ιαματων αντιληψεις κυβερνησεις γενη γλωσσων
ھەممەيلەن روسۇلمۇ؟ ھەممەيلەن پەيغەمبەرمۇ؟ ھەممەيلەن تەلىم بەرگۈچىمۇ؟ ھەممەيلەن مۆجىزە كۆرسەتكۈچمۇ؟ | 29 |
μη παντες αποστολοι μη παντες προφηται μη παντες διδασκαλοι μη παντες δυναμεις
ھەممەيلەندە ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى بارمۇ؟ ھەممەيلەن نامەلۇم تىللاردا سۆزلەمدۇ؟ ھەممەيلەن نامەلۇم تىللارنى تەرجىمە قىلالامدۇ؟ | 30 |
μη παντες χαρισματα εχουσιν ιαματων μη παντες γλωσσαις λαλουσιν μη παντες διερμηνευουσιν
ئەمما سىلەر چوڭراق ئىلتىپاتلارنى تەقەززا بولۇپ قوغلاڭلار؛ ھالبۇكى، مەن ھازىر سىلەرگە ھەممىدىن ئەۋزەل بىر يولنى كۆرسىتىپ بېرەي. | 31 |
ζηλουτε δε τα χαρισματα τα κρειττονα και ετι καθ υπερβολην οδον υμιν δεικνυμι