< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 11 >
ئەمدى سىلەرنى شۇنىڭ ئۈچۈن تەرىپلەيمەنكى، ئى قېرىنداشلار، ھەممە ئىشلاردا سىلەر مېنى ئەسلەپ تۇرۇۋاتىسىلەر، مەن سىلەرگە تاپشۇرغىنىمدەك، كۆرسەتمىلەرنى تۇتۇپ كېلىۋاتىسىلەر. | 1 |
Bli mine efterfølgere, likesom jeg efterfølger Kristus!
Jeg roser eder for at I kommer mig i hu i alle ting og holder fast ved mine forskrifter, således som jeg gav eder dem.
ئەمما مەن سىلەرنىڭ ھەر ئەرنىڭ بېشى مەسىھدۇر، ئايالنىڭ بېشى ئەردۇر ۋە مەسىھنىڭ بېشى خۇدادۇر دەپ بىلىشىڭلارنى خالايمەن. | 3 |
Men jeg vil at I skal vite at Kristus er enhver manns hoved, og mannen er kvinnens hoved, og Gud er Kristi hoved.
شۇڭا، [ئىبادەتكە قاتناشقاندا]، ھەرقانداق ئەر بېشىغا بىرنەرسە ئارتقان ھالدا دۇئا قىلسا ياكى بېشارەت بەرسە، ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. | 4 |
Hver mann som beder eller taler profetisk med noget på hodet, vanærer sitt hode;
ئەمما [ئىبادەتكە قاتناشقاندا]، ھەرقانداق ئايال بېشىغا بىرەر نەرسە ئارتمىغان ھالدا دۇئا قىلسا ياكى بېشارەت بەرسە، ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ؛ بۇنداق ئايالنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن، [رەسۋا قىلىنغان] ئايالدىن پەرقى يوقتۇر. | 5 |
men hver kvinne som beder eller taler profetisk med utildekket hode, vanærer sitt hode; for det er aldeles det samme som om hun var raket.
ئايال كىشىنىڭ بېشىغا ئارتقىنى يوق بولسا، چاچلىرى چۈشۈرۈۋېتىلسۇن؛ ئايالغا نىسبەتەن چاچلىرىنىڭ كېسىۋېتىلىشى ياكى چۈشۈرۈۋېتىلىشى ئۇياتلىق ئىش بولسا، ئەمدى ئۇنىڭ بېشىغا بىرەر ئارتقىنى بولسۇن. | 6 |
For hvis en kvinne ikke tildekker sig, da la henne også klippe håret av; men er det usømmelig for en kvinne å klippe eller rake av sig håret, da la henne tildekke sig.
چۈنكى ئەر كىشى بولسا بېشىنى ياپماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى ۋە شان-شەرىپىدۇر؛ ئەمما ئايال كىشى بولسا ئەرنىڭ شان-شەرىپىدۇر. | 7 |
For en mann skal ikke tildekke sitt hode, eftersom han er Guds billede og ære; men kvinnen er mannens ære.
چۈنكى ئەر بولسا ئايالدىن ئەمەس، بەلكى ئايال ئەردىندۇر. | 8 |
For mannen er ikke av kvinnen, men kvinnen er av mannen;
شۇنىڭدەك ئەر كىشى ئايال ئۈچۈن ئەمەس، ئايال كىشى ئەر ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. | 9 |
mannen blev jo heller ikke skapt for kvinnens skyld, men kvinnen for mannens skyld.
بۇ سەۋەبتىن، ھەم پەرىشتىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئايال كىشى بېشىدا ھوقۇق[نىڭ] [بەلگىسىگە] ئىگە بولۇشى كېرەك. | 10 |
Derfor bør kvinnen ha et undergivenhets-tegn på sitt hode for englenes skyld.
ھالبۇكى، رەبدە ئايال ئەرسىز بولماس ۋە ئەر ئايالسىز بولماس؛ | 11 |
Dog, i Herren er hverken kvinnen noget fremfor mannen eller mannen noget fremfor kvinnen;
چۈنكى ئايال ئەردىن چىقىرىلغىنىدەك، ئەر ئايال ئارقىلىق [تۇغۇلىدۇ]؛ لېكىن ھەممە ئىش خۇدادىندۇر. | 12 |
for likesom kvinnen er av mannen, så er også mannen ved kvinnen, og alt er av Gud.
ئۆز كۆڭلۈڭلاردا باھا بېرىڭلار؛ ئاياللارنىڭ بېشىغا بىرنەرسە ئارتماي تۇرۇپ خۇداغا دۇئا قىلىشى مۇۋاپىقمۇ؟ | 13 |
Døm hos eder selv: passer det sig at en kvinne beder til Gud med utildekket hode?
تەبىئەتنىڭ ئۆزى سىلەرگە ئەر كىشىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بولسا ئۇنىڭغا ئۇيات ئىكەنلىكىنى ئۆگەتمىدىمۇ؟ | 14 |
Lærer ikke endog selve naturen eder at dersom en mann lar håret vokse langt, er det ham til vanære,
ئەمما ئايال كىشىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بولسا، بۇ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى ئۇنىڭغا بېزەك-يېپىنچا بولسۇن دەپ تەقدىم قىلىنغان. | 15 |
men dersom en kvinne lar håret vokse langt, er det henne til ære? for det lange hår er gitt henne til slør.
[بىرسىنىڭ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق] تالاش-تارتىش قىلغۇسى بولسا، [شۇنى بىلسۇنكى]، بىزلەردە ھەم خۇدانىڭ جامائەتلىرىدىمۇ شۇلاردىن باشقا ھېچ قائىدىلەر يوقتۇر. | 16 |
Men dersom nogen vil være trettekjær, da har ikke vi en sådan skikk, heller ikke Guds menigheter.
ئەمما ھازىر دېمەكچى بولغان ئىش، يەنى سىلەر يىغىلغان سورۇنلارغا كەلسەك، ئۇنىڭدا سىلەرنى تەرىپلىمەيمەن؛ چۈنكى يىغىلغىنىڭلارنىڭ نەتىجىسى پايدىلىق ئەمەس، بەلكى زىيانلىق بولۇۋاتىدۇ. | 17 |
Men idet jeg påbyder dette, roser jeg ikke at I kommer sammen, ikke til det bedre, men til det verre.
چۈنكى بىرىنچىدىن، سىلەر جامائەتتە يىغىلغىنىڭلاردا، ئاراڭلاردا گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشلەر بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم؛ بۇ گەپكە قىسمەن ئىشەندىم. | 18 |
For for det første, når I kommer sammen i menighets-samling, hører jeg at det er splid iblandt eder, og for en del tror jeg det;
ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەر پەيدا بولماي قالمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ئاراڭلاردا كىمنىڭ لاياقەتلىك بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولمايتتى. | 19 |
for det må være partier iblandt eder, forat de ekte kan bli åpenbare iblandt eder.
سىلەر بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، سىلەر [ھەقىقەتەن] «رەبنىڭ زىياپىتى»دىن يېمەيسىلەر. | 20 |
Når I altså kommer sammen, da blir det ikke Herrens nattverd I eter;
چۈنكى يېگىنىڭلاردا ھەربىرىڭلار باشقىلارنىڭ يېيىشىنى كۈتمەيلا ئۆزۈڭلار ئېلىپ كەلگەن غىزانى يەۋېرىسىلەر-دە، بىرسى ئاچ قالىدۇ، يەنە بىرسى مەست بولۇپ كېتىدۇ. | 21 |
for idet I eter, tar hver på forhånd sin egen mat, og den ene er hungrig, og den annen er drukken.
يەپ-ئىچىشكە ئۆز ئۆيلىرىڭلار يوقمۇ؟ خۇدانىڭ جامائىتىنى كۆزگە ئىلماي، يوقسۇللارنى خىجالەتكە قويماقچىمۇسىلەر؟ سىلەرگە نېمە دېسەم بولار؟ سىلەرنى تەرىپلەمدىمەن؟ ياق، سىلەرنى تەرىپلىمەيمەن. | 22 |
Har I da ikke hus til å ete og drikke i? eller forakter I Guds menighet og vanærer dem som intet har? Hvad skal jeg si til eder? skal jeg rose eder? I dette roser jeg eder ikke.
چۈنكى مەن سىلەرگە [رەبنىڭ زىياپىتى توغرۇلۇق] يەتكۈزگەنلىرىمنى ئۆزۈم رەبدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن؛ دېمەك، رەب ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىنغان كېچىدە ئۇ قولىغا نان ئېلىپ، | 23 |
For jeg har mottatt fra Herren dette som jeg også har overgitt eder, at den Herre Jesus i den natt da han blev forrådt, tok et brød,
تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن ئۇنى ئوشتۇپ: «مانا، سىلەرگە ئاتالغان مېنىڭ تېنىم؛ بۇنى مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىڭلار» ــ دېدى. | 24 |
takket og brøt det og sa: Dette er mitt legeme, som er for eder; gjør dette til minne om mig!
شۇنىڭدەك، غىزادىن كېيىن ئۇ جامنى قولىغا ئېلىپ: «مانا، بۇ جامدىكى شاراب قېنىمدا بولغان «يېڭى ئەھدە»دۇر؛ ھەر قېتىم بۇنىڭدىن ئىچكىنىڭلاردا، مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىڭلار» ــ دېدى. | 25 |
Likeså også kalken efter aftensmåltidet, idet han sa: Denne kalk er den nye pakt i mitt blod; gjør dette, så ofte som I drikker den, til minne om mig!
چۈنكى سىلەر ھەر قېتىم بۇ ناندىن يېگەن، بۇ جامدىن ئىچكەن بولساڭلار، تاكى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىگىچە سىلەر رەبنىڭ ئۆلۈمىنى جاكارلىغان بولىسىلەر. | 26 |
For så ofte som I eter dette brød og drikker denne kalk, forkynner I Herrens død, inntil han kommer.
شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى لاياقەتسىز ھالدا بۇ ناننى يېسە ياكى رەبنىڭ جامىدىن ئىچسە، رەبنىڭ تېنى ھەم قېنىغا نىسبەتەن گۇناھكار بولىدۇ. | 27 |
Derfor, hver som eter brødet eller drikker Herrens kalk uverdig, han blir skyldig i Herrens legeme og blod.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىرسى بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن ناندىن يېسۇن، جامدىن ئىچسۇن. | 28 |
Men hvert menneske prøve sig selv, og så ete han av brødet og drikke av kalken!
چۈنكى [رەبنىڭ] تېنىنى پەرق ئەتمەي تۇرۇپ يېگۈچى ۋە ئىچكۈچى ھەركىم ئۆزىگە ھۆكۈم-جازانى يەتكۈزۈپ يەپ-ئىچىدۇ. | 29 |
for den som eter og drikker, han eter og drikker sig selv til dom dersom han ikke gjør forskjell på Herrens legeme.
بۇ سەۋەبتىن ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن ئادەملەر زەئىپلىشىپ كېسەل بولدى، ھەتتا خېلى بىر قىسمى [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالدى. | 30 |
Derfor er det mange skrøpelige og syke iblandt eder, og mange sovner inn.
لېكىن ئەگەر ئۆز ئۈستىمىزنى تەكشۈرۈپ ھۆكۈم چىقارغان بولساق، بېشىمىزغا [رەبنىڭ] ھۆكۈم-جازاسى چۈشۈرۈلمەيدىغان بولىدۇ. | 31 |
Men dersom vi dømte oss selv, blev vi ikke dømt;
ئەمما گەرچە ئۈستىمىزگە رەب تەرىپىدىن ھۆكۈم-جازالار چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ بىزگە چۈشۈرگەن «تەربىيە جازاسى»دۇر؛ بۇنىڭدىن مەقسەت، بىزنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن بىرلىكتە ھالاكەتكە ھۆكۈم قىلىنماسلىقىمىز ئۈچۈندۇر. | 32 |
men når vi dømmes, da refses vi av Herren, forat vi ikke skal fordømmes sammen med verden.
شۇڭا، ئى قېرىنداشلار، [رەبنىڭ زىياپىتىدە] يېيىشكە جەم بولغىنىڭلاردا، [ھەممەيلەن تولۇق كەلگۈچە] بىر-بىرىڭلارنى كۈتۈڭلار. | 33 |
Derfor, mine brødre, når I kommer sammen for å ete, da del med hverandre;
بىرسى ئاچ قورساق بولسا ئاۋۋال ئۆيىدە يەپ كەلسۇن؛ شۇنداق قىلىپ سىلەرنىڭ جەم بولۇشۇڭلار ئۆزۈڭلارغا ھۆكۈم-جازا يەتكۈزمەيدىغان بولىدۇ. قالغان باشقا مەسىلىلەرنى بولسا، مەن بارغىنىمدا تەرتىپكە سالىمەن. | 34 |
og hvis nogen hungrer, da ete han hjemme, forat I ikke skal komme sammen til dom! Det annet skal jeg foreskrive når jeg kommer.