< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 10 >
چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇلۇت ئاستىدا يۈرگەنلىكىدىن ۋە ھەممىسىنىڭ دېڭىزدىن ئۆتۈپ ماڭغانلىقىدىن خەۋەرسىز يۈرۈشۈڭلارنى خالىمايمەن؛ | 1 |
ου θελω δε υμας αγνοειν αδελφοι οτι οι πατερες ημων παντες υπο την νεφελην ησαν και παντες δια της θαλασσης διηλθον
ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇلۇتتا ھەم دېڭىزدا مۇسانىڭ [يېتەكچىلىكىگە] چۆمۈلدۈرۈلگەن؛ | 2 |
και παντες εις τον μωυσην εβαπτισαντο εν τη νεφελη και εν τη θαλασση
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش روھىي تائامنى يېگەن، | 3 |
και παντες το αυτο βρωμα πνευματικον εφαγον
ھەممىسى ئوخشاش روھىي ئىچىملىكنى ئىچكەن؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىگە [ھەمراھ بولۇپ] ئەگىشىپ يۈرگەن روھىي ئۇيۇلتاشتىن ئىچەتتى (ئەمەلىيەتتە، مۇشۇ ئۇيۇلتاش مەسىھنىڭ ئۆزى ئىدى)؛ | 4 |
και παντες το αυτο πομα πνευματικον επιον επινον γαρ εκ πνευματικης ακολουθουσης πετρας η δε πετρα ην ο χριστος
شۇنداقتىمۇ، خۇدا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدىن رازى بولمىغانىدى؛ چۈنكى «ئۇلار[نىڭ جەسەتلىرى] چۆل-باياۋاندا چېچىلىپ قالغان». | 5 |
αλλ ουκ εν τοις πλειοσιν αυτων ευδοκησεν ο θεος κατεστρωθησαν γαρ εν τη ερημω
ئەمما بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا بىزلەرگە ساۋاق-بېشارەت بولسۇن ئۈچۈن چۈشكەنىدى؛ بۇنىڭدىن مەقسەت، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ يامان ئىشلارغا ھەۋەس قىلغىنىدەك ھەۋەس قىلماسلىقىمىز ئۈچۈندۇر. | 6 |
ταυτα δε τυποι ημων εγενηθησαν εις το μη ειναι ημας επιθυμητας κακων καθως κακεινοι επεθυμησαν
سىلەر يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئوخشاش بۇتقا چوقۇنىدىغانلاردىن بولماڭلار؛ بۇلار توغرۇلۇق: «خەلق يەپ-ئىچىشكە ئولتۇردى، ئاندىن كەيپ-ساپاغا تۇردى» دەپ پۈتۈلگەن. | 7 |
μηδε ειδωλολατραι γινεσθε καθως τινες αυτων ωσπερ γεγραπται εκαθισεν ο λαος φαγειν και πιειν και ανεστησαν παιζειν
بىز يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدەك بۇزۇقچىلىق قىلمايلى؛ چۈنكى شۇ ۋەجىدىن ئۇلاردىن يىگىرمە ئۈچ مىڭ كىشى بىر كۈندىلا ئۆلدى. | 8 |
μηδε πορνευωμεν καθως τινες αυτων επορνευσαν και επεσον εν μια ημερα εικοσιτρεις χιλιαδες
يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مەسىھنى سىنىغىنىدەك مەسىھنى سىنىمايلى؛ چۈنكى شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يىلانلار چېقىشى بىلەن ھالاك بولدى. | 9 |
μηδε εκπειραζωμεν τον χριστον καθως και τινες αυτων επειρασαν και υπο των οφεων απωλοντο
يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاغرىنغاندەك ئاغرىنىپ قاقشىماڭلار ــ نەتىجىدە، ئۇلار جان ئالغۇچى [پەرىشتە] تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. | 10 |
μηδε γογγυζετε καθως και τινες αυτων εγογγυσαν και απωλοντο υπο του ολοθρευτου
ئەمدى بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ بېشىغا بېشارەتلىك مىساللار سۈپىتىدە چۈشكەن ۋە ئاخىرقى زامانلار بېشىمىزغا كېلىۋاتقان بىزلەرنىڭ ئۇلاردىن ساۋاق-ئىبرەت ئېلىشىمىز ئۈچۈن خاتىرىلەنگەنىدى. (aiōn ) | 11 |
ταυτα δε παντα τυποι συνεβαινον εκεινοις εγραφη δε προς νουθεσιαν ημων εις ους τα τελη των αιωνων κατηντησεν (aiōn )
شۇنىڭ بىلەن «مەن [ئېتىقادتا] چىڭ تىرەپ تۇرماقتىمەن» دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ يىقىلىپ كېتىشىدىن ھېزى بولسۇن! | 12 |
ωστε ο δοκων εσταναι βλεπετω μη πεση
سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارنىڭ ھەممىسىگە باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن. ۋە خۇدا بولسا ۋەدىسىدە تۇرغۇچىدۇر، ئۇ سىلەرنى كۆتۈرەلمىگۈدەك سىناقلارغا ئۇچراتمايدۇ، بەلكى سىناق بېشىڭلارغا چۈشكەندە، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ قۇتۇلۇش يولىنى يارىتىپ بېرىدۇ؛ سىلەر شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىدىغان بولىسىلەر. | 13 |
πειρασμος υμας ουκ ειληφεν ει μη ανθρωπινος πιστος δε ο θεος ος ουκ εασει υμας πειρασθηναι υπερ ο δυνασθε αλλα ποιησει συν τω πειρασμω και την εκβασιν του δυνασθαι υμας υπενεγκειν
شۇ سەۋەبتىن، سۆيۈملۈكلىرىم، بۇتپەرەسلىكتىن قېچىڭلار! | 14 |
διοπερ αγαπητοι μου φευγετε απο της ειδωλολατρειας
سىلەرنى ئەقىل-ھوشى جايىدا كىشىلەر دەپ قاراپ شۇنى ئېيتىۋاتىمەن؛ سۆزلىگەنلىرىمنى باھالاپ بېقىڭلار: ــ | 15 |
ως φρονιμοις λεγω κρινατε υμεις ο φημι
بىز بەرىكەتلىك بولسۇن دەپ تىلىگەن، بەرىكەتلىك جامدىكى شارابنى ئىچكىنىمىز، مەسىھنىڭ قېنىدىن ئورتاق بەھىرلەنگىنىمىز ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ ئوشۇتقان ناننى يېگىنىمىز، مەسىھنىڭ تېنىدىن ئورتاق بەھىرلەنگىنىمىز ئەمەسمۇ؟ | 16 |
το ποτηριον της ευλογιας ο ευλογουμεν ουχι κοινωνια του αιματος του χριστου εστιν τον αρτον ον κλωμεν ουχι κοινωνια του σωματος του χριστου εστιν
بىز نۇرغۇن بولساقمۇ بىر نان، بىر تەندۇرمىز؛ چۈنكى ھەممىمىز شۇ بىر ناندىن نېسىۋە ئالىمىز. | 17 |
οτι εις αρτος εν σωμα οι πολλοι εσμεν οι γαρ παντες εκ του ενος αρτου μετεχομεν
جىسمانىي ئىسرائىلغا قاراڭلار؛ قۇربانلىقلارنى يېگەنلەر قۇربانگاھقا نېسىپداشلار ئەمەسمۇ؟ | 18 |
βλεπετε τον ισραηλ κατα σαρκα ουχι οι εσθιοντες τας θυσιας κοινωνοι του θυσιαστηριου εισιν
ئەمدى نېمە دېمەكچىمەن؟ بۇتقا ئاتاپ سۇنۇلغان قۇربانلىقنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمىدۇ؟ بۇتنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمىدۇ؟ | 19 |
τι ουν φημι οτι ειδωλον τι εστιν η οτι ειδωλοθυτον τι εστιν
ياق، بىراق كاپىرلار بۇتلارغا سۇنغان قۇربانلىقلارنى خۇداغا ئەمەس، بەلكى جىنلارغا ئاتايدۇ. مەن سىلەرنىڭ جىنلار بىلەن ئورتاق نېسىپداش بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن. | 20 |
αλλ οτι α θυει τα εθνη δαιμονιοις θυει και ου θεω ου θελω δε υμας κοινωνους των δαιμονιων γινεσθαι
رەبنىڭ جامىدىن ۋە جىنلارنىڭ جامىدىن تەڭ ئىچكۈچى بولساڭلار بولمايدۇ؛ رەبنىڭ داستىخىنىغا ۋە جىنلارنىڭ داستىخىنىغا تەڭ داخىل بولساڭلار بولمايدۇ. | 21 |
ου δυνασθε ποτηριον κυριου πινειν και ποτηριον δαιμονιων ου δυνασθε τραπεζης κυριου μετεχειν και τραπεζης δαιμονιων
رەبنىڭ ھەسەت-غەزىپىنى قوزغىماقچىمىزمۇ؟ بىز ئۇنىڭدىن كۈچلۈكمۇ-يا؟ | 22 |
η παραζηλουμεν τον κυριον μη ισχυροτεροι αυτου εσμεν
«ھەممە نەرسە ھالالدۇر»، ئەمما ھەممە نەرسە پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ؛ «ھەممە نەرسە ھالالدۇر»، ئەمما ھەممە نەرسە ئادەمنىڭ [ئېتىقادىنى] قۇرالمايدۇ. | 23 |
παντα μοι εξεστιν αλλ ου παντα συμφερει παντα μοι εξεστιν αλλ ου παντα οικοδομει
ئەمدى ھېچكىم ئۆز مەنپەئەتىنى ئىزدىمىسۇن، بەلكى ئۆزگىلەرنىڭكىنى ئىزدىسۇن. | 24 |
μηδεις το εαυτου ζητειτω αλλα το του ετερου εκαστος
گۆش بازىرىدا سېتىلغان ھەربىرنەرسىنى ۋىجدانىڭلارنى دەپ ئولتۇرماي، ھېچنېمىنى سۈرۈشتە قىلماي يەۋېرىڭلار. | 25 |
παν το εν μακελλω πωλουμενον εσθιετε μηδεν ανακρινοντες δια την συνειδησιν
چۈنكى «جاھان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلار پەرۋەردىگارغا مەنسۈپتۇر» [دەپ پۈتۈلگەن]. | 26 |
του γαρ κυριου η γη και το πληρωμα αυτης
ئەمما ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ بىرەرسى سېنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلسا ۋە كۆڭلۈڭ تارتسا، ئالدىڭغا قويۇلغان ھەممىنى ۋىجدانىڭنى دەپ ئولتۇرماي يەۋەر؛ | 27 |
ει δε τις καλει υμας των απιστων και θελετε πορευεσθαι παν το παρατιθεμενον υμιν εσθιετε μηδεν ανακρινοντες δια την συνειδησιν
ئەمما بىرسى ساڭا: «بۇ بۇتلارغا ئاتالغان قۇربانلىق تائامى» دېسە، ئۇنداقتا ئۇنى يېمە؛ نېمىشقا دېسەڭ، بۇ ئىشنى ساڭا ئېيتقان ئادەمنىڭ سەۋەبى ئۈچۈن، شۇنداقلا ۋىجداننىڭ سەۋەبى ئۈچۈندۇر؛ | 28 |
εαν δε τις υμιν ειπη τουτο ειδωλοθυτον εστιν μη εσθιετε δι εκεινον τον μηνυσαντα και την συνειδησιν του γαρ κυριου η γη και το πληρωμα αυτης
مەن دېگەن ۋىجدان سېنىڭكى ئەمەس، بەلكى ھېلىقى كىشىنىڭ ۋىجدانى؛ مېنىڭ ئەركىنلىكىمگە باشقىلارنىڭ ۋىجدانى تەرىپىدىن يامان دەپ باھا بېرىلىشىنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ | 29 |
συνειδησιν δε λεγω ουχι την εαυτου αλλα την του ετερου ινα τι γαρ η ελευθερια μου κρινεται υπο αλλης συνειδησεως
مەن تەشەككۈر ئېيتىپ يېسەم، تەشەككۈر ئېيتقان نەرسىنى دۇرۇس يېگىنىم تۈپەيلىدىن يامان دەپ قارىلىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى؟ | 30 |
ει εγω χαριτι μετεχω τι βλασφημουμαι υπερ ου εγω ευχαριστω
شۇڭا سىلەر نېمىنى يېسەڭلار، نېمىنى ئىچسەڭلار ياكى ھەرقانداق باشقا ئىشلارنى قىلساڭلار، ھەممە ئىشلارنى خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈلسۇن دەپ قىلىڭلار. | 31 |
ειτε ουν εσθιετε ειτε πινετε ειτε τι ποιειτε παντα εις δοξαν θεου ποιειτε
مەن ئۆزۈم ھەممەيلەننى ھەممە ئىشتا مەمنۇن قىلىشقا ئىنتىلگىنىمدەك، ئۆز مەنپەئەتىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتى، ئۇلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتىلگىنىمدەك، ھېچكىمنىڭ ئالدىغا ــ يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلار بولسۇن، خۇدانىڭ جامائىتىدىكىلەر بولسۇن ئالدىغا پۇتلىكاشاڭ بولماڭلار. مەن مەسىھنى ئۈلگە قىلغىنىمدەك، سىلەرمۇ مېنى ئۈلگە قىلىڭلار. | 32 |
απροσκοποι γινεσθε και ιουδαιοις και ελλησιν και τη εκκλησια του θεου
καθως καγω παντα πασιν αρεσκω μη ζητων το εμαυτου συμφερον αλλα το των πολλων ινα σωθωσιν