< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 1 >
خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى دەپ چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە قېرىندىشىمىز سوستېنىستىن كورىنت شەھىرىدىكى جامائەتكە، مەسىھ ئەيسادا پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، «مۇقەددەس بەندىلىرىم» دەپ چاقىرىلغانلارغا ۋە شۇنىڭدەك ھەر يەرلەردە رەب ئەيسا مەسىھنىڭ (ئۇ ئۇلارغا ۋە بىزگە مەنسۇپ!) نامىغا نىدا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە سالام! | 1 |
Pablo, llamado a ser apóstol de Jesús, el Cristo por la voluntad de Dios, y el hermano Sóstenes,
a la Iglesia de Dios que está en Corinto, santificados en Cristo Jesús, llamados a ser santos, y a todos los que invocan el Nombre del Señor nuestro, Jesús, el Cristo, en cualquier lugar, Señor de ellos y nuestro;
ئاتىمىز خۇدا ھەم رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! | 3 |
Gracia y paz tengáis de Dios nuestro Padre, y del Señor Jesús el Cristo.
خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا سىلەرگە ئاتا قىلىنغان مېھىر-شەپقىتى تۈپەيلىدىن خۇدايىمغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ | 4 |
Gracias doy a mi Dios siempre por vosotros, por la gracia de Dios que os es dada en el Cristo Jesús;
بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇنىڭدا ھەر تەرەپتە، ھەرقانداق سۆزدە، ھەر تەرەپتىكى بىلىملەردە باي قىلىنغانسىلەر، | 5 |
que en todas las cosas sois enriquecidos en él, en toda palabra y en toda ciencia;
خۇددى مەسىھنىڭ گۇۋاھلىقى سىلەردە تەستىقلانغاندەك. | 6 |
con lo cual el testimonio del Cristo ha sido confirmado en vosotros,
شۇنىڭ بىلەن سىلەردە ھەرقانداق روھىي ئىلتىپات كەملىك قىلماستان، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئايان قىلىنىشىنى كۈتىسىلەر؛ | 7 |
de tal manera que nada os falte en ningún don, esperando la manifestación del Señor nuestro, Jesús, el Cristo;
ئۇ يەنە سىلەرنى مۇستەھكەملەيدۇكى، رەب ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنى كەلگۈچە ئەيىبسىز ساقلىنىسىلەر؛ | 8 |
el cual también os confirmará que permanezcáis sin pecado hasta el fin, hasta en el día de nuestro Señor Jesús, el Cristo.
خۇدا سۆزىدە تۇرغۇچىدۇر ــ سىلەرنى ئۆز ئوغلى رەب ئەيسا مەسىھنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىگە چاقىرغۇچى دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. | 9 |
Fiel es Dios, por el cual sois llamados a la confraternidad de su Hijo, Jesús, el Cristo, Señor nuestro.
ئەمدى مەن سىلەردىن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، گېپىڭلار بىر يەردىن چىقسۇن، ئاراڭلاردا بۆلگۈنچىلىك بولمىسۇن، بىر پىكىردە، بىر نىيەتتە كامىل بىرلەشتۈرۈلۈڭلار؛ | 10 |
Todavía, hermanos, os ruego por el Nombre del Señor nuestro, Jesús, el Cristo, que habléis todos una misma cosa, y que no haya entre vosotros divisiones, antes seáis perfectos, unidos en un mismo entendimiento y en un mismo parecer.
چۈنكى كلوۋىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ماڭا سىلەر توغراڭلاردا ئېيتىشىچە، ئى قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردا تالاش-تارتىشلار بار ئىكەن. | 11 |
Porque me ha sido declarado de vosotros, hermanos míos, por los que son de Cloé, que hay entre vosotros contiendas;
دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، ھەربىرىڭلار: «مەن پاۋلۇسنىڭ تەرەپدارى»، «مەن ئاپوللوسنىڭ تەرەپدارى»، «مەن كېفاسنىڭ تەرەپدارى» ۋە «مەن مەسىھنىڭ تەرەپدارى» دەۋاتىسىلەر. | 12 |
quiero decir, que cada uno de vosotros dice: Yo soy de Pablo; pues yo de Apolos; y yo de Cefas; y yo de Cristo.
ئەجەبا، مەسىھ بۆلۈنگەنمىكەن؟ سىلەر ئۈچۈن كرېستلەنگەن ئادەم پاۋلۇسمىدى؟ سىلەر پاۋلۇسنىڭ نامىغا چۆمۈلدۈرۈلدۈڭلارمۇ؟ | 13 |
¿Está dividido el Cristo? ¿Fue colgado en el madero Pablo por vosotros? ¿O habéis sido bautizados en el nombre de Pablo?
مەن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەنكى، ئاراڭلاردىن كرىسپۇس بىلەن گايۇستىن باشقا ھېچقايسىڭلارنى چۆمۈلدۈرمىدىم؛ | 14 |
Doy gracias a Dios, que a ninguno de vosotros he bautizado, sino a Crispo y a Gayo;
شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم مېنى ئۆزىنىڭ نامىدا ئادەملەرنى چۆمۈلدۈردى، دېيەلمەيدۇ. | 15 |
para que ninguno diga que habéis sido bautizados en mi nombre.
دۇرۇس، مەن يەنە ئىستىفاناسنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىمۇ چۆمۈلدۈردۈم؛ باشقا بىراۋنى چۆمۈلدۈرگىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. | 16 |
Y también bauticé la casa de Estéfanas; mas no sé si he bautizado algún otro.
چۈنكى مەسىھ مېنى ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا ئەۋەتتى؛ ئۇنى جاكارلاش بولسا ئىنساننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن بولماسلىقى كېرەك؛ ئۇنداق بولغاندا مەسىھنىڭ كرېستتىكى [قۇربانلىقىنىڭ] كۈچى يوقىتىلغان بولىدۇ. | 17 |
Porque no me envió Cristo a bautizar, sino a predicar el Evangelio; no en sabiduría de palabras, para que no sea hecha vana el madero del Cristo.
چۈنكى كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرۇلۇق سۆز-كالام ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلارغا ئەخمەقلىق، ئەمما قۇتۇلدۇرۇلۇۋاتقان بىزلەرگە خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر. | 18 |
Porque la Palabra del madero a la verdad es locura a los que se pierden; mas a los que se salvan, es a decir, a nosotros, es potencia de Dios.
چۈنكى مۇنداق پۈتۈلگەنكى، «مەن دانىشمەنلەرنىڭ دانىشمەنلىكىنى يوقىتىمەن، ئاقىللارنىڭ ئاقىللىقىنى چەتكە قاقىمەن». | 19 |
Porque está escrito: Destruiré la sabiduría de los sabios, y reprobaré la inteligencia de los entendidos.
ئۇنداقتا، دانىشمەنلەر قېنى؟ تەۋرات ئۆلىمالىرى قېنى؟ بۇ دۇنيادىكى بەس-مۇنازىرە قىلغۇچىلار قېنى؟ خۇدا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنى ئەخمەقلىق دەپ كۆرسەتكەن ئەمەسمۇ؟ (aiōn ) | 20 |
¿Qué es del sabio? ¿Qué del escriba? ¿Qué del filósofo de este siglo? ¿No ha enloquecido Dios la sabiduría de este mundo? (aiōn )
چۈنكى خۇدا دانالىقى بىلەن بېكىتكىنى بويىچە، دۇنيا ئۆز دانالىقى ئارقىلىق خۇدانى تونۇمىغان، شۇڭا خۇدا ئەخمىقانە دەپ قارالغان، جاكارلىنىۋاتقان سۆز-كالام ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەرگە نىجاتلىق يەتكۈزۈشنى لايىق كۆرگەن. | 21 |
Porque en la sabiduría de Dios, por no haber el mundo conocido a Dios por sabiduría, agradó a Dios salvar a los creyentes por la locura de la predicación.
چۈنكى يەھۇدىيلار مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى، گرېكلار بولسا «دانالىق»نى تەلەپ قىلىدۇ؛ | 22 |
Porque los judíos piden señales, y los griegos buscan sabiduría;
ئەمما بىز بولساق مەسىھنى، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھنى جاكارلايمىز؛ بۇ يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بىزارلىق ئىش، ئەللەرگە نىسبەتەن ئەخمىقانىلىك دەپ قارىلىدۇ؛ | 23 |
pero nosotros predicamos a Cristo colgado en el madero, que es a los judíos ciertamente tropezadero, y a los gentiles locura;
ئەمما چاقىرىلغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى يەھۇدىيلار بولسۇن ياكى گرېكلار بولسۇن، مەسىھ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ دانالىقىدۇر. | 24 |
pero a los llamados, así judíos como griegos, Cristo es potencia de Dios, y sabiduría de Dios.
چۈنكى خۇدانىڭ ئەخمىقانىلىكى ئىنسانلارنىڭ دانالىقىدىن ئۈستۈندۇر، خۇدانىڭ ئاجىزلىقى ئىنسانلارنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈندۇر. | 25 |
Porque lo loco de Dios es más sabio que los hombres; y lo flaco de Dios es más fuerte que los hombres.
چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ چاقىرىلغان ۋاقىتتىكى ھالىڭلار ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىڭلار؛ چاقىرىلغانلار ئارىسىدا ئىنسانىي تەرەپتىن دانا قارالغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، كۈچ-ھوقۇققا ئىگە بولغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، ئاقسۆڭەكلەر ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى؛ | 26 |
Porque mirad, hermanos, vuestra vocación: que no sois muchos sabios según la carne, no muchos poderosos, no muchos nobles;
بەلكى خۇدا دانالارنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئەخمەق سانالغانلارنى تاللىۋالدى؛ كۈچلۈكلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئاجىز سانالغانلارنى تاللىۋالدى؛ | 27 |
antes lo que es la locura del mundo escogió Dios, para avergonzar a los sabios; y lo que es la flaqueza del mundo escogió Dios, para avergonzar lo fuerte;
ئۇ يەنە بۇ دۇنيادىكى قەدىرسىزلەرنى، پەس كۆرۈلىدىغانلارنى تاللىۋالدى، «يوق بولغان نەرسىلەر»نى مەۋجۇت شەيئىلەرنى يوققا چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن تاللىۋالدى. | 28 |
y lo vil del mundo y lo menospreciado escogió Dios; y lo que no es, para deshacer lo que es,
ئۇنىڭ مەقسىتى خۇدا ئالدىدا ھېچ ئەت ئىگىسى ماختانماسلىق ئۈچۈندۇر. | 29 |
para que ninguna carne se jacte en su presencia.
ئەمما ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەر مەسىھ ئەيسادا تۇرىسىلەر؛ ئۇ بىزگە خۇدادىن كەلگەن دانالىق، ھەققانىيلىق، پاك-مۇقەددەسلىك ۋە ھۆرلۈك-ئازادلىق قىلىنغاندۇر؛ | 30 |
De él sin embargo vosotros sois renacidos en Cristo Jesús, el cual nos es hecho de Dios sabiduría, y justicia, y santificación, y redención;
شۇنىڭدەك [تەۋراتتا] پۈتۈلگەندەك: «پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا رەبدىن پەخىرلىنىپ ماختىسۇن!». | 31 |
para que, como está escrito: El que se gloría, gloríese en el Señor.