پۈتكۈل ئىسرائىللار نەسەب بويىچە تىزىمغا ئېلىنغانىدى. مانا، ئۇلار «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ خاتىرىسى» دېگەن كىتابغا پۈتۈلگەندۇر. | 1 |
وَٱنْتَسَبَ كُلُّ إِسْرَائِيلَ، وَهَا هُمْ مَكْتُوبُونَ فِي سِفْرِ مُلُوكِ إِسْرَائِيلَ. وَسُبِيَ يَهُوذَا إِلَى بَابِلَ لِأَجْلِ خِيَانَتِهِمْ. | ١ |
يەھۇدالار بولسا ئاسىيلىق قىلغانلىقىدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان. ھەممىدىن ئاۋۋال قايتىپ كېلىپ ئۆز زېمىنى ۋە ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشقانلار بولسا بىر قىسىم ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئىدى. | 2 |
وَٱلسُّكَّانُ ٱلْأَوَّلُونَ فِي مُلْكِهِمْ وَمُدُنِهِمْ هُمْ إِسْرَائِيلُ ٱلْكَهَنَةُ وَٱللَّاوِيُّونَ وَٱلنَّثِينِيمُ. | ٢ |
يېرۇسالېمغا ماكانلاشقانلار بولسا يەھۇدا قەبىلىسى، بىنيامىن قەبىلىسى، ئەفرائىم قەبىلىسى ۋە ماناسسەھ قەبىلىسىدىن بىر قىسىملىرى ئىدى. | 3 |
وَسَكَنَ فِي أُورُشَلِيمَ مِنْ بَنِي يَهُوذَا، وَبَنِي بَنْيَامِينَ، وَبَنِي أَفْرَايِمَ وَمَنَسَّى: | ٣ |
ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدانىڭ ئوغلى پەرەزنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۇتاي بار ئىدى؛ ئۇتاي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى، ئاممىھۇد ئومرىنىڭ ئوغلى، ئومرى ئىمرىنىڭ ئوغلى، ئىمرى بانىنىڭ ئوغلى ئىدى. | 4 |
عُوثَايُ بْنُ عَمِّيهُودَ بْنِ عُمْرِي بْنِ إِمْرِي بْنِبَانِي، مِنْ بَنِي فَارَصَ بْنِ يَهُوذَا. | ٤ |
شىلوھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى ئاسايا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بار ئىدى. | 5 |
وَمِنَ ٱلشِّيلُونِيِّينَ: عَسَايَا ٱلْبِكْرُ وَبَنُوهُ. | ٥ |
زەراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەئۇئېل ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇپ جەمئىي ئالتە يۈز توقسان ئادەم بار ئىدى. | 6 |
وَمِنْ بَنِي زَارَحَ: يَعُوئِيلُ وَإِخْوَتُهُمْ سِتُّ مِئَةٍ وَتِسْعُونَ. | ٦ |
بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ھاسسىنۇئاھنىڭ ئەۋرىسى، ھوداۋىيانىڭ نەۋرىسى، مەشۇللامنىڭ ئوغلى ساللۇ بار ئىدى؛ | 7 |
وَمِنْ بَنِي بَنْيَامِينَ: سَلُّو بْنُ مَشُلَّامَ بْنِ هُودُويَا بْنِ هَسْنُوأَةَ، | ٧ |
يەنە يەروھامنىڭ ئوغلى يىبنىيا، مىكرىنىڭ نەۋرىسى، ئۇززىنىڭ ئوغلى ئېلاھ ۋە ئىبىنىيانىڭ ئەۋرىسى، رېئۇئەلنىڭ نەۋرىسى، شەفاتىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام | 8 |
وَيِبْنِيَا بْنُ يَرُوحَامَ، وَأَيْلَةُ بْنُ عُزِّي بْنِ مِكْرِي، وَمَشُلَّامُ بْنُ شَفَطْيَا بْنِ رَعُوئِيلَ بْنِ يِبْنِيَا. | ٨ |
ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار ئىدى؛ ئۇلار نەسەبنامىسى بويىچە تىزىملانغاندا جەمئىي توققۇز يۈز ئەللىك ئالتە ئادەم ئىدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار ئۆز جەمەتىگە جەمەت بېشى ئىدى. | 9 |
وَإِخْوَتُهُمْ حَسَبَ مَوَالِيدِهِمْ تِسْعُ مِئَةٍ وَسِتَّةٌ وَخَمْسُونَ. كُلُّ هَؤُلَاءِ ٱلرِّجَالِ رُؤُوسُ آبَاءٍ لِبُيُوتِ آبَائِهِمْ. | ٩ |
كاھىنلار ئىچىدە يەدايا، يەھويارىب، ياقىن ۋە | 10 |
وَمِنَ ٱلْكَهَنَةِ: يَدْعِيَا وَيَهُويَارِيبُ وَيَاكِينُ، | ١٠ |
ئازارىيا بار ئىدى. ئازارىيا خۇدانىڭ ئۆيىنى باشقۇرغۇچى بولۇپ، ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ھىلقىيا مەشۇللامنىڭ ئوغلى، مەشۇللام زادوكنىڭ ئوغلى، زادوك مېرايوتنىڭ ئوغلى، مېرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى. | 11 |
وَعَزَرْيَا بْنُ حِلْقِيَّا بْنِ مَشُلَّامَ بْنِ صَادُوقَ بْنِ مَرَايُوثَ بْنِ أَخِيطُوبَ رَئِيسِ بَيْتِ ٱللهِ، | ١١ |
يەنە مالكىيانىڭ ئەۋرىسى، پاشخۇرنىڭ نەۋرىسى، يەروھامنىڭ ئوغلى ئادايا ھەمدە ئادىيەلنىڭ ئوغلى مائاساي بار ئىدى؛ ئادىيەل ياھزەراھنىڭ ئوغلى، ياھزەراھ مەشۇللامنىڭ ئوغلى، مەشۇللام مەشىللېمىتنىڭ ئوغلى، مەشىللېمىت ئىممەرنىڭ ئوغلى ئىدى. | 12 |
وَعَدَايَا بْنُ يَرُوحَامَ بْنِ فَشْحُورَ بْنِ مَلْكِيَّا، وَمَعْسَايُ بْنُ عَدِيئِيلَ بْنِ يَحْزِيرَةَ بْنِ مَشُلَّامَ بْنِ مَشِلِّيمِيتَ بْنِ إِمِّيرَ. | ١٢ |
ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ھەممىسى جەمەت باشلىرى بولۇپ، جەمئىي بىر مىڭ يەتتە يۈز ئاتمىش ئادەم ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتلەرنى قىلىشقا بېكىتىلگەن ئىقتىدارلىق كىشىلەر ئىدى. | 13 |
وَإِخْوَتُهُمْ رُؤُوسُ بُيُوتِ آبَائِهِمْ أَلْفٌ وَسَبْعُ مِئَةٍ وَسِتُّونَ جَبَابِرَةُ بَأْسٍ لِعَمَلِ خِدْمَةِ بَيْتِ ٱللهِ. | ١٣ |
لاۋىي قەبىلىسىدىن مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ھاشابىيانىڭ ئەۋرىسى، ئازرىكامنىڭ نەۋرىسى، ھاششۇبنىڭ ئوغلى شېمايا بار ئىدى؛ | 14 |
وَمِنَ ٱللَّاوِيِّينَ: شَمَعْيَا بْنُ حَشُّوبَ بْنِ عَزْرِيقَامَ بْنِ حَشَبْيَا مِنْ بَنِي مَرَارِي. | ١٤ |
يەنە باقباققار، ھەرەش، گالال ۋە ئاسافنىڭ ئەۋرىسى، زىكرىنىڭ نەۋرىسى، مىكانىڭ ئوغلى ماتتانىيا؛ | 15 |
وَبَقْبَقَّرُ وَحَرَشُ وَجَلَالُ وَمَتَنْيَا بْنُ مِيخَا بْنِ زِكْرِي بْنِ آسَافَ، | ١٥ |
يەنە يەدۇتۇننىڭ ئەۋرىسى، گالالنىڭ نەۋرىسى، شېمايانىڭ ئوغلى ئوبادىيا ھەمدە ئەلكاناھنىڭ نەۋرىسى، ئاسانىڭ ئوغلى بەرەكىيا بار ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى نىتوفاتلىقلارنىڭ يېزا-كەنتلىرىگە ماكانلاشقانىدى. | 16 |
وَعُوبَدْيَا بْنُ شَمَعْيَا بْنِ جَلَالَ بْنِ يَدُوثُونَ، وَبَرَخْيَا بْنُ آسَا بْنِ أَلْقَانَةَ ٱلسَّاكِنُ فِي قُرَى ٱلنَّطُوفَاتِيِّينَ. | ١٦ |
دەرۋازىۋەنلەر شاللۇم، ئاققۇب، تالمون، ئاخىمان ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئىدى؛ شاللۇم ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى. | 17 |
وَٱلْبَوَّابُونَ: شَلُّومُ وَعَقُّوبُ وَطَلْمُونُ وَأَخِيمَانُ وَإِخْوَتُهُمْ. شَلُّومُ ٱلرَّأْسُ. | ١٧ |
ئۇلار تاكى ھازىرغىچە شەرق تەرەپتىكى «پادىشاھنىڭ دەرۋازىسى»دا [دەرۋازىۋەنلىك] قىلىپ كەلمەكتە؛ ئۇلار ئىلگىرى لاۋىيلارنىڭ چېدىرگاھىدا دەرۋازىۋەنلىك قىلغانىدى. | 18 |
وَحَتَّى ٱلْآنَ هُمْ فِي بَابِ ٱلْمَلِكِ إِلَى ٱلشَّرْقِ. هُمُ ٱلْبَوَّابُونَ لِفِرَقِ بَنِي لَاوِي. | ١٨ |
كورەنىڭ ئەۋرىسى، ئېبىئاسافنىڭ نەۋرىسى، كوراھنىڭ ئوغلى شاللۇم ھەمدە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ جەمەتىدىكى قېرىنداشلىرى بولغان كوراھىيلار [خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ] خىزمىتىنى باشقۇراتتى، چېدىرنىڭ ئىشىكلىرىنى باقاتتى؛ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرگاھىنى باشقۇرۇشقا قويۇلغان، [ئىبادەت] چېدىرىنىڭ ئىشىكىنى باققانىدى. | 19 |
وَشَلُّومُ بْنُ قُورِي بْنِ أَبِيأَسَافَ بْنِ قُورَحَ وَإِخْوَتُهُ لِبُيُوتِ آبَائِهِ. ٱلْقُورَحِيُّونَ عَلَى عَمَلِ ٱلْخِدْمَةِ حُرَّاسُ أَبْوَابِ ٱلْخَيْمَةِ، وَآبَاؤُهُمْ عَلَى مَحَلَّةِ ٱلرَّبِّ حُرَّاسُ ٱلْمَدْخَلِ. | ١٩ |
ئىلگىرى ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس ئۇلارنىڭ يولباشچىسى بولغان؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان. | 20 |
وَفِينَحَاسُ بْنُ أَلِعَازَارَ كَانَ رَئِيسًا عَلَيْهِمْ سَابِقًا، وَٱلرَّبُّ مَعَهُ. | ٢٠ |
مەشەلەمىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا بولسا جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىۋەنى بولغانىدى. | 21 |
وَزَكَرِيَّا بْنَ مَشَلْمِيَا كَانَ بَوَّابَ بَابِ خَيْمَةِ ٱلِٱجْتِمَاعِ. | ٢١ |
دەرۋازىۋەنلىككە تاللانغان بۇ كىشىلەر جەمئىي ئىككى يۈز ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ ئۇلار ئۆز يېزا-كەنتلىرىدە، نەسەبلىرى بويىچە تىزىملانغان (ئەسلىدە داۋۇت ۋە ئالدىن كۆرگۈچى سامۇئىل ئۇلارنى ئامانەت قىلىنغان ۋەزىپىلىرىگە بېكىتكەنىدى. | 22 |
جَمِيعُ هَؤُلَاءِ ٱلْمُنْتَخَبِينَ بَوَّابِينَ لِلْأَبْوَابِ مِئَتَانِ وَٱثْنَا عَشَرَ، وَقَدِ ٱنْتَسَبُوا حَسَبَ قُرَاهُمْ. أَقَامَهُمْ دَاوُدُ وَصَمُوئِيلُ ٱلرَّائِي عَلَى وَظَائِفِهِمْ. | ٢٢ |
ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى، يەنى مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىشىك-دەرۋازىلىرىنى بېقىشقا بېكىتىلگەنىدى). | 23 |
وَكَانُوا هُمْ وَبَنُوهُمْ عَلَى أَبْوَابِ بَيْتِ ٱلرَّبِّ بَيْتِ ٱلْخَيْمَةِ لِلْحِرَاسَةِ. | ٢٣ |
شەرقىي، غەربىي، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئىشىك-دەرۋازىلىرىدا دەرۋازىۋەنلەر بېكىتىلگەنىدى. | 24 |
فِي ٱلْجِهَاتِ ٱلْأَرْبَعِ كَانَ ٱلْبَوَّابُونَ، فِي ٱلشَّرْقِ وَٱلْغَرْبِ وَٱلشِّمَالِ وَٱلْجَنُوبِ. | ٢٤ |
ئۇلارنىڭ يېزا-كەنتلەردە ئولتۇرۇشلۇق قېرىنداشلىرى بولسا ھەر يەتتە كۈندە نۆۋەت بويىچە كېلىپ ئۇلار بىلەن بىرگە خىزمەتتە بولاتتى. | 25 |
وَكَانَ إِخْوَتُهُمْ فِي قُرَاهُمْ لِلْمَجِيءِ مَعَهُمْ فِي ٱلسَّبْعَةِ ٱلْأَيَّامِ، حِينًا بَعْدَ حِينٍ. | ٢٥ |
تۆت دەرۋازىۋەن بېگى لاۋىيلاردىن ئىدى؛ ئۇلارغا تاپشۇرۇلغىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئامبار-خەزىنىلەرنى بېقىش ئىدى. | 26 |
لِأَنَّهُ بِٱلْوَظِيفَةِ رُؤَسَاءُ ٱلْبَوَّابِينَ هَؤُلَاءِ ٱلْأَرْبَعَةُ هُمْ لَاوِيُّونَ وَكَانُوا عَلَى ٱلْمَخَادِعِ وَعَلَى خَزَائِنِ بَيْتِ ٱللهِ. | ٢٦ |
بېقىش مەسئۇلىيىتى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولغاچقا، ئۇلار كېچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى ئورۇنلىرىدا تۇراتتى ھەمدە ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىشىك-دەرۋازىلارنى ئېچىشقا مەسئۇل ئىدى. | 27 |
وَنَزَلُوا حَوْلَ بَيْتِ ٱللهِ لِأَنَّ عَلَيْهِمِ ٱلْحِرَاسَةَ، وَعَلَيْهِمِ ٱلْفَتْحَ كُلَّ صَبَاحٍ. | ٢٧ |
ئۇلاردىن بىر قىسمى [ئىبادەتخانا] خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە مەسئۇل ئىدى؛ ئۇلار ساناپ ئەپچىقىپ، ساناپ ئەپكىرىپ قوياتتى. | 28 |
وَبَعْضُهُمْ عَلَى آنِيَةِ ٱلْخِدْمَةِ، لِأَنَّهُمْ كَانُوا يُدْخِلُونَهَا بِعَدَدٍ، وَيُخْرِجُونَهَا بِعَدَدٍ. | ٢٨ |
ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمى تاپشۇرۇلغىنى بويىچە قاچا-قۇچىلار ۋە مۇقەددەس جايدىكى بارلىق ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر، شۇنداقلا ئاق ئۇن، شاراب، زەيتۇن مېيى، مەستىكى ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارغا مەسئۇل ئىدى. | 29 |
وَبَعْضُهُمُ ٱؤْتُمِنُوا عَلَى ٱلْآنِيَةِ وَعَلَى كُلِّ أَمْتِعَةِ ٱلْقُدْسِ وَعَلَى ٱلْدَقِيقِ وَٱلْخَمْرِ وَٱللُّبَانِ وَٱلْأَطْيَابِ. | ٢٩ |
كاھىنلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن بەزىلەر خۇشبۇي بۇيۇملاردىن ئەتىر ياسايتتى. | 30 |
وَٱلْبَعْضُ مِنْ بَنِي ٱلْكَهَنَةِ كَانُوا يُرَكِّبُونَ دَهُونَ ٱلْأَطْيَابِ. | ٣٠ |
لاۋىيلاردىن ماتتىتىياھ، يەنى كوراھىيلاردىن شاللۇمنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ۋەزىپىسى قازان نېنى ئېتىشكە مەسئۇل ئىدى. | 31 |
وَمَتَّثْيَا وَاحِدٌ مِنَ ٱللَّاوِيِّينَ، وَهُوَ بِكْرُ شَلُّومَ ٱلْقُورَحِيِّ، بِٱلْوَظِيفَةِ عَلَى عَمَلِ ٱلْمَطْبُوخَاتِ. | ٣١ |
ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى، كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە «تەقدىم نان»غا مەسئۇل بولۇپ، ھەر شابات كۈنى تىزىدىغانغا نانلارنى تەييارلايتتى. | 32 |
وَٱلْبَعْضُ مِنْ بَنِي ٱلْقَهَاتِيِّينَ مِنْ إِخْوَتِهِمْ عَلَى خُبْزِ ٱلْوُجُوهِ لِيُهَيِّئُوهُ فِي كُلِّ سَبْتٍ. | ٣٢ |
لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىرى بولغان نەغمىچىلەر ئىبادەتخانىدىكى ئۆيلەردە تۇرۇپ، باشقا خىزمەتلەرنى قىلماي، كېچە-كۈندۈز ئۆز ئىشلىرى بىلەنلا بولاتتى. | 33 |
فَهَؤُلَاءِ هُمُ ٱلْمُغَنُّونَ رُؤُوسُ آبَاءِ ٱللَّاوِيِّينَ فِي ٱلْمَخَادِعِ، وَهُمْ مُعْفَوْنَ، لِأَنَّهُ نَهَارًا وَلَيْلًا عَلَيْهِمِ ٱلْعَمَلُ. | ٣٣ |
يۇقىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى لاۋىيلار ئىچىدىكى يولباشچىلار بولۇپ، ھەممىسى ئۆز نەسەبى بويىچە جەمەت بېشى ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا تۇراتتى. | 34 |
هَؤُلَاءِ رُؤُوسُ آبَاءِ ٱللَّاوِيِّينَ. حَسَبَ مَوَالِيدِهِمْ رُؤُوسٌ. هَؤُلَاءِ سَكَنُوا فِي أُورُشَلِيمَ. | ٣٤ |
گىبېئوننىڭ ئاتىسى جەئىيەل گىبېئونغا ماكانلاشقانىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكاھ ئىدى. | 35 |
وَفِي جِبْعُونَ سَكَنَ أَبُو جِبْعُونَ يَعُوئِيلُ، وَٱسْمُ ٱمْرَأَتِهِ مَعْكَةُ. | ٣٥ |
ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى ئابدون، قالغان ئوغۇللىرى زۇر، كىش، بائال، نەر، ناداب، | 36 |
وَٱبْنُهُ ٱلْبِكْرُ عَبْدُونُ ثُمَّ صُورُ وَقَيْسُ وَبَعَلُ وَنَيْرُ وَنَادَابُ | ٣٦ |
گېدور، ئاخىيو، زەكەرىيا ۋە مىكلوت ئىدى. | 37 |
وَجَدُورُ وَأَخِيُو وَزَكَرِيَّا وَمِقْلُوثُ. | ٣٧ |
مىكلوتتىن شىمېيام تۆرەلگەن. بۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا يېرۇسالېمدا قوشنا ئولتۇرۇشاتتى. | 38 |
وَمِقْلُوثُ وَلَدَ شَمْآمَ. وَهُمْ أَيْضًا سَكَنُوا مُقَابِلَ إِخْوَتِهِمْ فِي أُورُشَلِيمَ مَعَ إِخْوَتِهِمْ. | ٣٨ |
نەردىن كىش تۆرەلگەن، كىشتىن سائۇل تۆرەلگەن، سائۇلدىن يوناتان، مالكىشۇيا، ئابىناداب ۋە ئېش-بائال تۆرەلگەن. | 39 |
وَنَيْرُ وَلَدَ قَيْسَ، وَقَيْسُ وَلَدَ شَاوُلَ، وَشَاوُلُ وَلَدَ: يَهُونَاثَانَ وَمَلْكِيشُوعَ وَأَبِينَادَابَ وَإِشْبَعَلَ. | ٣٩ |
مېرىب-بائال يوناتاننىڭ ئوغلى ئىدى؛ مېرىب-بائالدىن مىكاھ تۆرەلگەن. | 40 |
وَٱبْنُ يَهُونَاثَانَ مَرِيبْبَعَلُ، وَمَرِيبْبَعَلُ وَلَدَ مِيخَا. | ٤٠ |
مىكاھنىڭ ئوغۇللىرى پىتون، مەلەك، تاھرىيا ۋە ئاھاز ئىدى. | 41 |
وَبَنُو مِيخَا: فِيثُونُ وَمَالِكُ وَتَحْرِيعُ وَآحَازُ. | ٤١ |
ئاھازدىن ياراھ تۆرەلدى؛ ياراھدىن ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى تۆرەلگەن. زىمرىدىن موزا تۆرەلگەن؛ | 42 |
وَآحَازُ وَلَدَ يَعْرَةَ، وَيَعْرَةُ وَلَدَ عَلْمَثَ وَعَزْمُوتَ وَزِمْرِي. وَزِمْرِي وَلَدَ مُوصَا، | ٤٢ |
موزادىن بىنېئا تۆرەلگەن؛ بىنېئانىڭ ئوغلى رېفايا، رېفايانىڭ ئوغلى ئېلىئاساھ، ئېلىئاساھنىڭ ئوغلى ئازەل ئىدى. | 43 |
وَمُوصَا وَلَدَ يِنْعَا، وَرَفَايَا ٱبْنَهُ، وَأَلْعَسَةَ ٱبْنَهُ، وَآصِيلَ ٱبْنَهُ. | ٤٣ |
ئازەلنىڭ ئالتە ئوغلى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىسمى ئازرىكام، بوكېرۇ، ئىشمائىل، شېئارىيا، ئوبادىيا ۋە ھانان ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئازەلنىڭ ئوغۇللىرى. | 44 |
وَكَانَ لِآصِيلَ سِتَّةُ بَنِينَ وَهَذِهِ أَسْمَاؤُهُمْ: عَزْرِيقَامُ وَبُكْرُو ثُمَّ إِسْمَاعِيلُ وَشَعَرْيَا وَعُوبَدْيَا وَحَانَانُ. هَؤُلَاءِ بَنُو آصِيلَ. | ٤٤ |