بىنيامىننىڭ تۇنجى ئوغلى بېلا، ئىككىنچى ئوغلى ئاشبەل، ئۈچىنچى ئوغلى ئاخاراھ، | 1 |
تۆتىنچى ئوغلى نوخاھ، بەشىنچى ئوغلى رافا ئىدى. | 2 |
بېلانىڭ ئوغۇللىرى ئاددار، گېرا، ئابىھۇد، | 3 |
ئابىشۇئا، نائامان، ئاخوئاھ، | 4 |
گېرا، شېفۇفان ۋە ھۇرام ئىدى. | 5 |
تۆۋەندىكىلەر ئەخۇدنىڭ ئەۋلادلىرى: ــ نائامان، ئاخىياھ ۋە گېرا (ئەسلىدە ئۇلار گېبالىقلارنىڭ جەمەت بېشى ئىدى. گېبالىقلار ماناھاتقا كۆچۈرۈۋېتىلگەنىدى. بۇلارنى كۆچۈرۈۋەتكۈچى بولسا گېرا ئىدى؛ ئۇنىڭدىن ئۇززا بىلەن ئاخىھۇد تۆرەلگەن). | 6 |
7 |
شاھارائىم ھۇشىم بىلەن بائارا دېگەن ئىككى ئايالىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن موئاب دىيارىدا ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن. | 8 |
ئۇنىڭ خودەش دېگەن ئايالىدىن يوباب، زىبىيا، مېشا، مالكام، | 9 |
يەئۇز، شاقىيا، مىرماھ دېگەن ئوغۇللار تۆرەلگەن؛ ئۇنىڭ بۇ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى جەمەت بېشى بولغانىدى. | 10 |
ھۇشىمدىنمۇ ئۇنىڭغا ئابىتۇب، ئەلپائال دېگەن ئوغۇللار تۆرەلگەن. | 11 |
ئەلپائالنىڭ ئوغۇللىرى ئېبەر، مىشام ۋە شېمەد (شېمەد ئونو بىلەن لود دېگەن ئىككى شەھەرنى ۋە ئۇلارغا تەۋە يېزا-كەنتلەرنى بىنا قىلغان)، | 12 |
بېرىياھ ۋە شېما ئىدى. ئۇ ئىككىسى ئايجالوندىكىلەر ئىچىدە جەمەت باشلىرى بولۇپ، گات ئاھالىسىنى قوغلىۋەتكەنىدى. | 13 |
ئاخىيو، شاشاق، يەرەموت، | 14 |
زەبادىيا، ئاراد، ئېدەر، | 15 |
مىكائىل، ئىشپاھ ۋە يوخا بولسا بېرىياھنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. | 16 |
زەبادىيا، مەشۇللام، ھىزكى، خېبەر، | 17 |
ئىشمېراي، يېزلىيا ۋە يوبابلارنىڭ ھەممىسى ئەلپائالنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. | 18 |
ياكىم، زىكرى، زابدى، | 19 |
ئەلىيەناي، زىلتاي، ئەلىيەل، | 20 |
ئادايا، بېرايا ۋە شىمراتلار شىمەينىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. | 21 |
ئىشپان، ئېبەر، ئەلىيەل، | 22 |
ئابدون، زىكرى، ھانان، | 23 |
ھانانىيا، ئېلام، ئانتوتىيا، | 24 |
ئېفدېئاھ ۋە پەنۇئەللەر شاشاقنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. | 25 |
شامشىراي، شېخارىيا، ئاتالىيا، | 26 |
يائارېشىيا، ئەلىيا ۋە زىكرىلار يەروھامنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. | 27 |
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى نەسەبنامىلەردە خاتىرىلەنگەن جەمەت بېشى ئىدى؛ بۇلار ھەممىسى مۆتىۋەرلەر بولۇپ، يېرۇسالېمغا ماكانلاشقانىدى. | 28 |
گىبېئوننىڭ ئاتىسى جەئىيەل گىبېئونغا ماكانلاشقانىدى؛ ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكاھ ئىدى. | 29 |
ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى ئابدون، قالغان ئوغۇللىرى زۇر، كىش، بائال، ناداب، | 30 |
گېدور، ئاخىيو، زېكەر ۋە مىكلوت ئىدى؛ | 31 |
مىكلوتتىن شىمېيا تۆرەلگەن. بۇلارمۇ قېرىنداشلىرى بىلەن يېرۇسالېمدا قوشنا ئولتۇرۇشاتتى. | 32 |
نەردىن كىش تۆرەلگەن؛ كىشتىن سائۇل تۆرەلگەن؛ سائۇلدىن يوناتان، مالكىشۇئا، ئابىناداب ۋە ئېش-بائال تۆرەلگەن. | 33 |
مېرىب-بائال يوناتاننىڭ ئوغلى ئىدى؛ مىكاھ مېرىب-بائالدىن تۆرەلگەن. | 34 |
مىكاھنىڭ ئوغۇللىرى پىتون، مەلەك، تارىيا ۋە ئاھاز ئىدى. | 35 |
ئاھازدىن يەھوئادداھ تۆرەلگەن؛ يەھوئادداھدىن ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى تۆرەلگەن؛ زىمرىدىن موزا تۆرەلگەن؛ | 36 |
موزادىن بىنېئا تۆرەلگەن؛ بىنېئانىڭ ئوغلى رافا، رافانىڭ ئوغلى ئېلىئاساھ، ئېلىئاساھنىڭ ئوغلى ئازەل ئىدى. | 37 |
ئازەلنىڭ ئالتە ئوغلى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىسمى ئازرىكام، بوكېرۇ، ئىشمائىل، شېئارىيا، ئوبادىيا ۋە ھانان ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئازەلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. | 38 |
ئازەلنىڭ ئىنىسى يېشەكنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئۇلام، ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى يېئۇش، ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەلىفەلەت ئىدى. | 39 |
ئۇلامنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى باتۇر جەڭچى، ئوقياچى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئىدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى بىنيامىن ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. | 40 |