< تارىخ-تەزكىرە 1 7 >
ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تولا، پۇئاھ، ياشۇب ۋە شىمرون دېگەن تۆتەيلەن ئىدى. | 1 |
Issakarning oƣulliri: — Tola, Puaⱨ, Yaxub wǝ Ximron degǝn tɵtǝylǝn idi.
تولانىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئۇززى، رېفايا، يېرىيەل، ياھماي، يىبسام ۋە سامۇئىلدىن ئىبارەت، بۇلارنىڭ ھەممىسى جەمەت بېشى ئىدى. داۋۇتنىڭ زامانىدا تولانىڭ ئادەم سانى نەسەبنامىلەردە يىگىرمە ئىككى مىڭ ئالتە يۈز باتۇر جەڭچى دەپ خاتىرىلەنگەن. | 2 |
Tolaning oƣulliri: — Uzzi, Refaya, Yeriyǝl, Yaⱨmay, Yibsam wǝ Samuildin ibarǝt, bularning ⱨǝmmisi jǝmǝt bexi idi. Dawutning zamanida Tolaning adǝm sani nǝsǝbnamilǝrdǝ yigirmǝ ikki ming altǝ yüz batur jǝngqi dǝp hatirilǝngǝn.
ئۇززىنىڭ ئوغلى ئىزراقىيا ئىدى، ئىزراقىيانىڭ ئوغۇللىرى مىكائىل، ئوبادىيا، يوئېل ۋە ئىشىيا ئىدى. بۇ بەشەيلەننىڭ ھەممىسى جەمەت بېشى ئىدى. | 3 |
Uzzining oƣli Izraⱪiya idi, Izraⱪiyaning oƣulliri Mikail, Obadiya, Yoel wǝ Ixiya idi. Bu bǝxǝylǝnning ⱨǝmmisi jǝmǝt bexi idi.
نەسەبنامىلەر بويىچە ئۇلار بىلەن بىللە ھېسابلانغانلاردىن جەڭگىۋار ئوتتۇز ئالتە مىڭ ئادەم بار ئىدى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. | 4 |
Nǝsǝbnamilǝr boyiqǝ ular bilǝn billǝ ⱨesablanƣanlardin jǝnggiwar ottuz altǝ ming adǝm bar idi; qünki ularning hotun, bala-qaⱪiliri naⱨayiti kɵp idi.
بۇلارنىڭ ئىسساكارنىڭ بارلىق جەمەتلىرى ئىچىدىكى باتۇر جەڭچى قېرىنداشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، نەسەب بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان جەمئىي سەكسەن يەتتە مىڭ ئادىمى بار ئىدى. | 5 |
Bularning Issakarning barliⱪ jǝmǝtliri iqidiki batur jǝngqi ⱪerindaxliri bilǝn ⱪoxulup, nǝsǝb boyiqǝ tizimƣa elinƣan jǝmiy sǝksǝn yǝttǝ ming adimi bar idi.
بىنيامىننىڭ بېلا، بەكەر ۋە يەدىيايەل دېگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. | 6 |
Binyaminning Bela, Bǝkǝr wǝ Yǝdiyayǝl degǝn üq oƣli bar idi.
بېلانىڭ ئېزبون، ئۇززى، ئۇززىئەل، يەرىموت ۋە ئىرى دېگەن بەش ئوغلى بولۇپ، ھەممىسى جەمەت بېشى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرىگە تىزىمغا ئېلىنغان جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئوتتۇز تۆت باتۇر جەڭچى بار ئىدى. | 7 |
Belaning Ezbon, Uzzi, Uzziǝl, Yǝrimot wǝ Iri degǝn bǝx oƣli bolup, ⱨǝmmisi jǝmǝt bexi idi; ularning nǝsǝbnamilirigǝ tizimƣa elinƣan jǝmiy yigirmǝ ikki ming ottuz tɵt batur jǝngqi bar idi.
بەكەرنىڭ ئوغۇللىرى زېمىراھ، يوئاش، ئەلىئېزەر، ئەليويىناي، ئومرى، يەرەموت، ئابىيا، ئاناتوت ۋە ئالامەت ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەكەرنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، | 8 |
Bǝkǝrning oƣulliri Zemiraⱨ, Yoax, Əliezǝr, Əlyoyinay, Omri, Yǝrǝmot, Abiya, Anatot wǝ Alamǝt idi. Bularning ⱨǝmmisi Bǝkǝrning oƣulliri bolup,
جەمەت باشلىرى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرىگە تىزىمغا ئېلىنغان جەمئىي يىگىرمە مىڭ ئىككى يۈز باتۇر جەڭچى بار ئىدى. | 9 |
Jǝmǝt baxliri idi; ularning nǝsǝbnamilirigǝ tizimƣa elinƣan jǝmiy yigirmǝ ming ikki yüz batur jǝngqi bar idi.
يەدىيايەلنىڭ ئوغلى بىلھان ئىدى؛ بىلھاننىڭ ئوغۇللىرى يەئۇش، بىنيامىن، ئەخۇد، كەنائاناھ، زېتان، تارشىش ۋە ئاخىشاھار ئىدى؛ | 10 |
Yǝdiyayǝlning oƣli Bilⱨan idi; Bilⱨanning oƣulliri Yǝux, Binyamin, Əhud, Kǝnaanaⱨ, Zetan, Tarxix wǝ Ahixaⱨar idi;
بۇلارنىڭ ھەممىسى يەدىيايەلنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت باشلىرى ۋە باتۇر جەڭچىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرىگە تىزىملانغانلارنىڭ جەڭگە چىقىلايدىغانلىرى جەمئىي ئون يەتتە مىڭ ئىككى يۈز ئىدى. | 11 |
Bularning ⱨǝmmisi Yǝdiyayǝlning ǝwladliri, jǝmǝt baxliri wǝ batur jǝngqilǝr idi. Ularning nǝsǝbnamilirigǝ tizimlanƣanlarning jǝnggǝ qiⱪilaydiƣanliri jǝmiy on yǝttǝ ming ikki yüz idi.
شۇپپىيلار ۋە خۇپپىيلار بولسا يەنە ئىرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى؛ ھۇشىيلار ئاخەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. | 12 |
Xuppiylar wǝ Huppiylar bolsa yǝnǝ Irning ǝwladliri idi; Huxiylar Ahǝrning ǝwladliri idi.
نافتالىنىڭ ئوغۇللىرى: ياھزىئەل، گۇنى، يەزەر، شاللوم؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلھاھنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. | 13 |
Naftalining oƣulliri: Yaⱨziǝl, Guni, Yǝzǝr, Xallom; bularning ⱨǝmmisi Bilⱨaⱨning oƣulliri idi.
ماناسسەھنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئۇنىڭ سۇرىيەلىك توقىلىدىن ئاسرىئەل تۆرەلگەن؛ ئۇنىڭدىن يەنە گىلېئادنىڭ ئاتىسى ماكىر تۇغۇلغان. | 14 |
Manassǝⱨning oƣulliri: — Uning Suriyǝlik toⱪilidin Asriǝl tɵrǝlgǝn; uningdin yǝnǝ Gileadning atisi Makir tuƣulƣan.
ماكىر شۇپپىيلار ۋە خۇپپىيلار ئارىسىدىنمۇ ئايال ئالغان (ماكىرنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئىسمى مائاكاھ ئىدى). ماكىرنىڭ يەنە بىر ئەۋلادىنىڭ ئىسمى زەلوفىھاد ئىدى، زەلوفىھادنىڭ پەقەت بىرنەچچە قىزىلا بولغان. | 15 |
Makir Xuppiylar wǝ Huppiylar arisidinmu ayal alƣan (Makirning singlisining ismi Maakaⱨ idi). Makirning yǝnǝ bir ǝwladining ismi Zǝlofiⱨad idi, Zǝlofiⱨadning pǝⱪǝt birnǝqqǝ ⱪizila bolƣan.
ماكىرنىڭ ئايالى مائاكاھ ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا پەرەش دەپ ئات قويغان؛ پەرەشنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى شەرەش ئىدى؛ شەرەشنىڭ ئوغلى ئۇلام ۋە راكەم ئىدى. | 16 |
Makirning ayali Maakaⱨ oƣul tuƣup, uningƣa Pǝrǝx dǝp at ⱪoyƣan; Pǝrǝxning inisining ismi Xǝrǝx idi; Xǝrǝxning oƣli Ulam wǝ Rakǝm idi.
ئۇلامنىڭ ئوغلى بېدان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى گىلېئادنىڭ ئەۋلادلىرى؛ گىلېئاد ماكىرنىڭ ئوغلى، ماكىر ماناسسەھنىڭ ئوغلى ئىدى. | 17 |
Ulamning oƣli Bedan idi. Bularning ⱨǝmmisi Gileadning ǝwladliri; Gilead Makirning oƣli, Makir Manassǝⱨning oƣli idi.
گىلېئادنىڭ سىڭلىسى ھاممولەكەتتىن ئىشھود، ئابىئېزەر ۋە ماھالاھ تۇغۇلغان. | 18 |
Gileadning singlisi Ⱨammolǝkǝttin Ixⱨod, Abiezǝr wǝ Maⱨalaⱨ tuƣulƣan.
شېمىدانىڭ ئوغۇللىرى ئاخىيان، شەكەم، لىكخى ۋە ئانىئام ئىدى. | 19 |
Xemidaning oƣulliri Ahiyan, Xǝkǝm, Likhi wǝ Aniam idi.
ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇنىڭ ئوغلى شۇتىلاھ، شۇتىلاھنىڭ ئوغلى بەرەد، بەرەدنىڭ ئوغلى تاھات، تاھاتنىڭ ئوغلى ئېلىئاداھ، ئېلىئاداھنىڭ ئوغلى تاھات، | 20 |
Əfraimning ǝwladliri: Uning oƣli Xutilaⱨ, Xutilaⱨning oƣli Bǝrǝd, Bǝrǝdning oƣli Taⱨat, Taⱨatning oƣli Eliadaⱨ, Eliadaⱨning oƣli Taⱨat,
تاھاتنىڭ ئوغلى زاباد، زابادنىڭ ئوغلى شۇتىلاھ ئىدى (ئېزەر بىلەن ئېلىئاد گاتلىقلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىلى چۈشكەندە، شۇ يەرلىك گاتلىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. | 21 |
Taⱨatning oƣli Zabad, Zabadning oƣli Xutilaⱨ idi (Ezǝr bilǝn Eliad Gatliⱪlarning qarwa mallirini bulang-talang ⱪilƣili qüxkǝndǝ, xu yǝrlik Gatliⱪlar tǝripidin ɵltürülgǝn.
ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئەفرائىم بۇ بالىلىرى ئۈچۈن خېلى كۈنلەرگىچە ماتەم تۇتقاچقا، ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگىلى كەلگەن. | 22 |
Ularning atisi Əfraim bu baliliri üqün heli künlǝrgiqǝ matǝm tutⱪaqⱪa, uning buradǝrliri uningƣa tǝsǝlli bǝrgili kǝlgǝn.
ئەفرائىم ئايالى بىلەن بىللە قايتا بىر ياستۇققا باش قويغان. ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغقان؛ ئەفرائىم ئۇنىڭغا ئائىلەم بالا-قازاغا يولۇقتى دەپ، بېرىياھ دەپ ئىسىم قويغان. | 23 |
Əfraim ayali bilǝn billǝ ⱪayta bir yastuⱪⱪa bax ⱪoyƣan. Ayali ⱨamilidar bolup, bir oƣul tuƣⱪan; Əfraim uningƣa ailǝm bala-ⱪazaƣa yoluⱪti dǝp, Beriyaⱨ dǝp isim ⱪoyƣan.
ئۇنىڭ قىزى ئۈستۈن بەيت-ھورون بىلەن تۆۋەن بەيت-ھوروننى ۋە ئۇززەن-شەئەراھنى بىنا قىلغان). | 24 |
Uning ⱪizi Üstün Bǝyt-Ⱨoron bilǝn Tɵwǝn Bǝyt-Ⱨoronni wǝ Uzzǝn-Xǝǝraⱨni bina ⱪilƣan).
بېرىياھنىڭ ئوغلى رېفاھ بىلەن رەشەف ئىدى؛ رەشەفنىڭ ئوغلى تېلاھ، تېلاھنىڭ ئوغلى تاھان، | 25 |
Beriyaⱨning oƣli Refaⱨ bilǝn Rǝxǝf idi; Rǝxǝfning oƣli Telaⱨ, Telaⱨning oƣli Taⱨan,
تاھاننىڭ ئوغلى لادان، لاداننىڭ ئوغلى ئاممىھۇد، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما، | 26 |
Taⱨanning oƣli Ladan, Ladanning oƣli Ammiⱨud, Ammiⱨudning oƣli Əlixama,
ئەلىشامانىڭ ئوغلى نۇن، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئىدى. | 27 |
Əlixamaning oƣli Nun, Nunning oƣli Yǝxua idi.
ئەفرائىملارنىڭ زېمىنى ۋە ماكانلاشقان يەرلىرى بەيت-ئەل ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر بولۇپ، كۈنچىقىش تەرىپىدە نارائان، كۈنپېتىش تەرىپىدە گەزەر بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ شەكەم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر، تاكى گازا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرگىچە سوزۇلاتتى. | 28 |
Əfraimlarning zemini wǝ makanlaxⱪan yǝrliri Bǝyt-Əl wǝ uningƣa tǝwǝ yeza-kǝntlǝr bolup, künqiⱪix tǝripidǝ Naraan, künpetix tǝripidǝ Gǝzǝr bilǝn uningƣa tǝwǝ yeza-kǝntlǝr; Xǝkǝm wǝ uningƣa tǝwǝ yeza-kǝntlǝr, taki Gaza wǝ uningƣa tǝwǝ yeza-kǝntlǝrgiqǝ sozulatti.
ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا تۇتاشقان يەنە بەيت-شېئان ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ تائاناق ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ مەگىددو ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ دور ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرمۇ بار ئىدى. ئىسرائىلنىڭ ئوغلى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى مانا مۇشۇ يەرلەرگە ماكانلاشقانىدى. | 29 |
Manassǝⱨ ⱪǝbilisining zeminiƣa tutaxⱪan yǝnǝ Bǝyt-Xean wǝ uningƣa tǝwǝ yeza-kǝntlǝr; Taanaⱪ wǝ uningƣa tǝwǝ yeza-kǝntlǝr; Mǝgiddo wǝ uningƣa tǝwǝ yeza-kǝntlǝr; Dor wǝ uningƣa tǝwǝ yeza-kǝntlǝrmu bar idi. Israilning oƣli Yüsüpning ǝwladliri mana muxu yǝrlǝrgǝ makanlaxⱪanidi.
ئاشىرنىڭ ئوغۇللىرى: ــ يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى ۋە بېرىياھ؛ ئۇلارنىڭ سېراھ دېگەن سىڭلىسىمۇ بار ئىدى. | 30 |
Axirning oƣulliri: — Yimnaⱨ, Yixwaⱨ, Yixwi wǝ Beriyaⱨ; ularning Seraⱨ degǝn singlisimu bar idi.
بېرىياھنىڭ ئوغلى خەبەر بىلەن مالكىئەل بولۇپ، مالكىئەل بىرزاۋىتنىڭ ئاتىسى ئىدى. | 31 |
Beriyaⱨning oƣli Hǝbǝr bilǝn Malkiǝl bolup, Malkiǝl Birzawitning atisi idi.
خېبەردىن يافلەت، شومەر، خوتام ۋە ئۇلارنىڭ سىڭلىسى شۇيا تۆرەلگەن. | 32 |
Hebǝrdin Yaflǝt, Xomǝr, Hotam wǝ ularning singlisi Xuya tɵrǝlgǝn.
يافلەتنىڭ ئوغۇللىرى پاساق، بىمھال ۋە ئاشۋات؛ بۇلار يافلەتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. | 33 |
Yaflǝtning oƣulliri Pasaⱪ, Bimⱨal wǝ Axwat; bular Yaflǝtning oƣulliri idi.
شەمەرنىڭ ئوغۇللىرى ئاخى، روھگاھ، خۇبباھ ۋە ئارام ئىدى. | 34 |
Xǝmǝrning oƣulliri Ahi, Roⱨgaⱨ, Hubbaⱨ wǝ Aram idi.
[شەمەرنىڭ] ئىنىسى ھەلەمنىڭ ئوغلى زوفاھ، يىمنا، شەلەش ۋە ئامال ئىدى؛ | 35 |
[Xǝmǝrning] inisi Ⱨǝlǝmning oƣli Zofaⱨ, Yimna, Xǝlǝx wǝ Amal idi;
زوفاھنىڭ ئوغلى سۇئاھ، ھارنەفەر، شۇئال، بېرى، ئىمراھ، | 36 |
Zofaⱨning oƣli Suaⱨ, Ⱨarnǝfǝr, Xual, Beri, Imraⱨ,
بېزەر، خود، شامما، شىلشاھ، ئىتران ۋە بەئەراھ ئىدى. | 37 |
Bezǝr, Hod, Xamma, Xilxaⱨ, Itran wǝ Bǝǝraⱨ idi.
يەتەرنىڭ ئوغۇللىرى يەفۇننەھ، پىسپاھ ۋە ئارا ئىدى. | 38 |
Yǝtǝrning oƣulliri Yǝfunnǝⱨ, Pispaⱨ wǝ Ara idi.
ئۇللانىڭ ئوغۇللىرى ئاراھ، خاننىئەل ۋە رىزىيا ئىدى. | 39 |
Ullaning oƣulliri Araⱨ, Hanniǝl wǝ Riziya idi.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشىرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ھەر قايسىسى جەمەت باشلىرى، ئالامەت باتۇر جەڭچىلەر، يولباشچىلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى بويىچە نەسەبنامىگە تىزىملانغاندا، جەڭگە چىقىلايدىغانلىرى جەمئىي يىگىرمە ئالتە مىڭ ئىدى. | 40 |
Bularning ⱨǝmmisi Axirning ǝwladliri bolup, ⱨǝr ⱪaysisi jǝmǝt baxliri, alamǝt batur jǝngqilǝr, yolbaxqilar idi; ularning jǝmǝtliri boyiqǝ nǝsǝbnamigǝ tizimlanƣanda, jǝnggǝ qiⱪilaydiƣanliri jǝmiy yigirmǝ altǝ ming idi.