< تارىخ-تەزكىرە 1 7 >

ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تولا، پۇئاھ، ياشۇب ۋە شىمرون دېگەن تۆتەيلەن ئىدى. 1
[依撒加爾的後代]依撒加爾的兒子:托拉、普瓦、雅叔布和史默龍四人。
تولانىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئۇززى، رېفايا، يېرىيەل، ياھماي، يىبسام ۋە سامۇئىلدىن ئىبارەت، بۇلارنىڭ ھەممىسى جەمەت بېشى ئىدى. داۋۇتنىڭ زامانىدا تولانىڭ ئادەم سانى نەسەبنامىلەردە يىگىرمە ئىككى مىڭ ئالتە يۈز باتۇر جەڭچى دەپ خاتىرىلەنگەن. 2
托拉的子孫:烏齊、勒法雅、耶黎耳、雅赫買、依貝散和舍慕耳,都是托拉家族的族長,英勇的戰士;再達味時代,依他們的家系,人數有二萬二千六百。
ئۇززىنىڭ ئوغلى ئىزراقىيا ئىدى، ئىزراقىيانىڭ ئوغۇللىرى مىكائىل، ئوبادىيا، يوئېل ۋە ئىشىيا ئىدى. بۇ بەشەيلەننىڭ ھەممىسى جەمەت بېشى ئىدى. 3
烏齊的兒子依次辣希雅;依次辣希雅的兒子:米加耳、敖巴狄雅、約厄耳和依史雅......五人,┬歐是族長。
نەسەبنامىلەر بويىچە ئۇلار بىلەن بىللە ھېسابلانغانلاردىن جەڭگىۋار ئوتتۇز ئالتە مىڭ ئادەم بار ئىدى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. 4
按家系和家族歸屬於他們的,尚有三萬六千出征的戰士;因為他們有很多婦女和兒童。
بۇلارنىڭ ئىسساكارنىڭ بارلىق جەمەتلىرى ئىچىدىكى باتۇر جەڭچى قېرىنداشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، نەسەب بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان جەمئىي سەكسەن يەتتە مىڭ ئادىمى بار ئىدى. 5
連他們的兄弟,即全依撒加爾支派中的英勇的戰士,登記的人數,共計八萬八千。[本雅明的後代]
بىنيامىننىڭ بېلا، بەكەر ۋە يەدىيايەل دېگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. 6
本雅明的兒子:貝拉貝革爾、耶狄厄耳三人。
بېلانىڭ ئېزبون، ئۇززى، ئۇززىئەل، يەرىموت ۋە ئىرى دېگەن بەش ئوغلى بولۇپ، ھەممىسى جەمەت بېشى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرىگە تىزىمغا ئېلىنغان جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئوتتۇز تۆت باتۇر جەڭچى بار ئىدى. 7
貝拉的兒子:厄茲朋、烏齊、烏齊耳、耶黎摩特和依黎五人,都是家族的族長;英勇的戰士,按家族統計,共計二萬二千三十四人。
بەكەرنىڭ ئوغۇللىرى زېمىراھ، يوئاش، ئەلىئېزەر، ئەليويىناي، ئومرى، يەرەموت، ئابىيا، ئاناتوت ۋە ئالامەت ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەكەرنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، 8
貝革爾的兒子:則米辣、約阿士、厄里厄則爾、厄里約乃、敖默黎、耶肋摩特、阿彼雅、阿納托特和阿拉默特:以上是貝革爾的兒子,
جەمەت باشلىرى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرىگە تىزىمغا ئېلىنغان جەمئىي يىگىرمە مىڭ ئىككى يۈز باتۇر جەڭچى بار ئىدى. 9
是家族的族長;英勇的戰士,按家族統計共計二萬二百人。
يەدىيايەلنىڭ ئوغلى بىلھان ئىدى؛ بىلھاننىڭ ئوغۇللىرى يەئۇش، بىنيامىن، ئەخۇد، كەنائاناھ، زېتان، تارشىش ۋە ئاخىشاھار ئىدى؛ 10
耶狄厄耳的兒子彼耳漢;彼耳漢的兒子:耶烏士、本雅明、厄胡得、革納阿納、則堂塔爾史士和希沙哈爾:
بۇلارنىڭ ھەممىسى يەدىيايەلنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت باشلىرى ۋە باتۇر جەڭچىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرىگە تىزىملانغانلارنىڭ جەڭگە چىقىلايدىغانلىرى جەمئىي ئون يەتتە مىڭ ئىككى يۈز ئىدى. 11
以上是耶狄厄耳的子孫,家族的族長;英勇的戰士能上陣作戰的,有一萬七千二百人。
شۇپپىيلار ۋە خۇپپىيلار بولسا يەنە ئىرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى؛ ھۇشىيلار ئاخەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. 12
依爾的兒子叔平和胡平;阿赫爾的兒子胡生。納斐塔里支派
نافتالىنىڭ ئوغۇللىرى: ياھزىئەل، گۇنى، يەزەر، شاللوم؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلھاھنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 13
納斐塔里的兒子:雅赫則耳、古尼、耶則爾、沙隆:是彼耳哈的子孫。[默納協支派]
ماناسسەھنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئۇنىڭ سۇرىيەلىك توقىلىدىن ئاسرىئەل تۆرەلگەن؛ ئۇنىڭدىن يەنە گىلېئادنىڭ ئاتىسى ماكىر تۇغۇلغان. 14
默納協的兒子:馬基爾,是他的一個阿蘭妾給他生的;瑪基爾是基肋阿得的父親。
ماكىر شۇپپىيلار ۋە خۇپپىيلار ئارىسىدىنمۇ ئايال ئالغان (ماكىرنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئىسمى مائاكاھ ئىدى). ماكىرنىڭ يەنە بىر ئەۋلادىنىڭ ئىسمى زەلوفىھاد ئىدى، زەلوفىھادنىڭ پەقەت بىرنەچچە قىزىلا بولغان. 15
瑪基爾娶了妻,妻名叫瑪阿加,她的姊妹名叫責羅斐哈得,她只有女兒。
ماكىرنىڭ ئايالى مائاكاھ ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا پەرەش دەپ ئات قويغان؛ پەرەشنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى شەرەش ئىدى؛ شەرەشنىڭ ئوغلى ئۇلام ۋە راكەم ئىدى. 16
瑪基爾的妻子瑪阿加生了一個兒子,給他起名叫培勒士;他的兄弟名叫舍勒士。舍勒士的兒子:烏藍和勒耿。
ئۇلامنىڭ ئوغلى بېدان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى گىلېئادنىڭ ئەۋلادلىرى؛ گىلېئاد ماكىرنىڭ ئوغلى، ماكىر ماناسسەھنىڭ ئوغلى ئىدى. 17
烏藍的兒子貝丹:以上是默納協的子孫,瑪基爾的兒子基肋阿得的子孫。
گىلېئادنىڭ سىڭلىسى ھاممولەكەتتىن ئىشھود، ئابىئېزەر ۋە ماھالاھ تۇغۇلغان. 18
他的姊妹摩肋革特生依市曷得、阿彼厄則爾和瑪赫拉。
شېمىدانىڭ ئوغۇللىرى ئاخىيان، شەكەم، لىكخى ۋە ئانىئام ئىدى. 19
舍米達的兒子:阿希楊、舍根、里刻希和阿尼罕。[厄弗辣因支派]
ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇنىڭ ئوغلى شۇتىلاھ، شۇتىلاھنىڭ ئوغلى بەرەد، بەرەدنىڭ ئوغلى تاھات، تاھاتنىڭ ئوغلى ئېلىئاداھ، ئېلىئاداھنىڭ ئوغلى تاھات، 20
厄弗辣因的兒子:叔特拉;叔特拉的兒子貝勒得,貝勒得的兒子塔哈特,塔哈特的兒子厄拉達,厄拉達的兒子塔哈特,
تاھاتنىڭ ئوغلى زاباد، زابادنىڭ ئوغلى شۇتىلاھ ئىدى (ئېزەر بىلەن ئېلىئاد گاتلىقلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىلى چۈشكەندە، شۇ يەرلىك گاتلىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 21
塔哈特的兒子匝巴得。厄弗辣因的兒子叔特拉和厄則爾以及厄拉得,為加特的土人所殺,因為他們下去劫掠土人的牲畜。
ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئەفرائىم بۇ بالىلىرى ئۈچۈن خېلى كۈنلەرگىچە ماتەم تۇتقاچقا، ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگىلى كەلگەن. 22
他們的父親厄弗辣因哀悼他們多日,他的兄弟們也來慰弔。
ئەفرائىم ئايالى بىلەن بىللە قايتا بىر ياستۇققا باش قويغان. ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغقان؛ ئەفرائىم ئۇنىڭغا ئائىلەم بالا-قازاغا يولۇقتى دەپ، بېرىياھ دەپ ئىسىم قويغان. 23
以後,他又走近了自己的妻子,她懷孕生了一個兒子,給他起名叫貝黎雅說:「我家遭過患難。」
ئۇنىڭ قىزى ئۈستۈن بەيت-ھورون بىلەن تۆۋەن بەيت-ھوروننى ۋە ئۇززەن-شەئەراھنى بىنا قىلغان). 24
他的女兒舍厄辣建立了上下貝特曷龍和烏曾舍厄辣。
بېرىياھنىڭ ئوغلى رېفاھ بىلەن رەشەف ئىدى؛ رەشەفنىڭ ئوغلى تېلاھ، تېلاھنىڭ ئوغلى تاھان، 25
貝黎雅的兒子勒法黑,勒法黑的兒子勒舍夫,勒舍夫的兒子特拉黑,特拉黑的兒子塔罕,
تاھاننىڭ ئوغلى لادان، لاداننىڭ ئوغلى ئاممىھۇد، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما، 26
塔罕的兒子拉丹,拉丹的兒子阿米胡得,阿米胡得的兒子厄里沙瑪,
ئەلىشامانىڭ ئوغلى نۇن، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئىدى. 27
厄里沙瑪的兒子農,農的兒子若蘇厄。
ئەفرائىملارنىڭ زېمىنى ۋە ماكانلاشقان يەرلىرى بەيت-ئەل ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر بولۇپ، كۈنچىقىش تەرىپىدە نارائان، كۈنپېتىش تەرىپىدە گەزەر بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ شەكەم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر، تاكى گازا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرگىچە سوزۇلاتتى. 28
他們佔據和居留的地方:貝特耳和所屬村鎮,往東有納阿郎,往西有革則爾和所屬村鎮,舍根和所屬村鎮,直到阿雅和所屬村鎮。
ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا تۇتاشقان يەنە بەيت-شېئان ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ تائاناق ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ مەگىددو ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ دور ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرمۇ بار ئىدى. ئىسرائىلنىڭ ئوغلى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى مانا مۇشۇ يەرلەرگە ماكانلاشقانىدى. 29
在默納協子孫手中的,有貝特商和所屬村鎮,塔納客和所屬村鎮,默基多和所屬村鎮,多爾和所屬村鎮:以色列的兒子若瑟的子孫住在以上各地。[阿協爾支派]
ئاشىرنىڭ ئوغۇللىرى: ــ يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى ۋە بېرىياھ؛ ئۇلارنىڭ سېراھ دېگەن سىڭلىسىمۇ بار ئىدى. 30
阿協爾的兒子:依默納、依市瓦、依市偉和貝黎雅,和他們的姊妹色辣黑。
بېرىياھنىڭ ئوغلى خەبەر بىلەن مالكىئەل بولۇپ، مالكىئەل بىرزاۋىتنىڭ ئاتىسى ئىدى. 31
貝黎雅的兒子:赫貝爾和瑪耳基耳,後者是彼爾匝依特的父親。
خېبەردىن يافلەت، شومەر، خوتام ۋە ئۇلارنىڭ سىڭلىسى شۇيا تۆرەلگەن. 32
赫貝爾生雅費肋特、芍默爾、曷堂和他們的姊妹叔亞。
يافلەتنىڭ ئوغۇللىرى پاساق، بىمھال ۋە ئاشۋات؛ بۇلار يافلەتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 33
雅費肋特的兒子:帕撒客、彼默哈耳和阿市瓦特:以上是雅費肋特的兒子。
شەمەرنىڭ ئوغۇللىرى ئاخى، روھگاھ، خۇبباھ ۋە ئارام ئىدى. 34
他兄弟芍默爾的兒子:洛赫加、胡巴和阿蘭。
[شەمەرنىڭ] ئىنىسى ھەلەمنىڭ ئوغلى زوفاھ، يىمنا، شەلەش ۋە ئامال ئىدى؛ 35
他兄弟曷堂的兒子:祚法黑、依默納、舍肋士和阿瑪耳。
زوفاھنىڭ ئوغلى سۇئاھ، ھارنەفەر، شۇئال، بېرى، ئىمراھ، 36
祚法黑的兒子:穌亞、哈爾乃費爾、叔阿耳、黎依默辣、
بېزەر، خود، شامما، شىلشاھ، ئىتران ۋە بەئەراھ ئىدى. 37
貝責爾、曷得、沙瑪、史耳沙、耶特爾和貝厄辣。
يەتەرنىڭ ئوغۇللىرى يەفۇننەھ، پىسپاھ ۋە ئارا ئىدى. 38
耶特爾的兒子:耶孚乃、丕斯帕和阿辣。
ئۇللانىڭ ئوغۇللىرى ئاراھ، خاننىئەل ۋە رىزىيا ئىدى. 39
烏拉的兒子:阿辣黑、哈巴耳和黎茲雅:
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشىرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ھەر قايسىسى جەمەت باشلىرى، ئالامەت باتۇر جەڭچىلەر، يولباشچىلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى بويىچە نەسەبنامىگە تىزىملانغاندا، جەڭگە چىقىلايدىغانلىرى جەمئىي يىگىرمە ئالتە مىڭ ئىدى. 40
以上全是阿協爾的子孫,家族出名的族長,英勇的戰士,傑出的將領;能上陣打仗的登記人數,共計二萬六千。

< تارىخ-تەزكىرە 1 7 >