< تارىخ-تەزكىرە 1 5 >
ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى مۇنۇلار: ــ (رۇبەن گەرچە تۇنجى ئوغۇل بولغىنى بىلەن، لېكىن [ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلەن] زىنا قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چوڭ ئوغۇللۇق ھوقۇقى ئىسرائىلنىڭ ئوغلى بولغان يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا ئۆتكۈزۈۋېتىلگەن. شۇڭا نەسەبنامە بويىچە ئۇ چوڭ ئوغۇل ھېسابلانمايدۇ. | 1 |
और इस्राईल के पहलौठे रूबिन के बेटे क्यूँकि वह उसका पहलौठा था, लेकिन इसलिए की उसने अपने बाप के बिछौने को नापाक किया था उसके पहलौठे होने का हक़ इस्राईल के यूसुफ़ की औलाद को दिया गया, ताकि नसबनामा पहलौठे पन के मुताबिक़ न हो।
يەھۇدا قېرىنداشلىرى ئىچىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان بولسىمۇ ۋە ئىدارە قىلغۇچى ئۇنىڭدىن چىققان بولسىمۇ، لېكىن چوڭ ئوغۇللۇق ھوقۇقى يۈسۈپكە تەۋە بولۇپ كەتكەن): ــ | 2 |
क्यूँकि यहूदाह अपने भाइयों से ताक़तवर हो गया और सरदार उसी में से निकला लेकिन पहलौठे का यूसुफ़ का हुआ
ئىسرائىلنىڭ تۇنجىسى رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى مۇنۇلار: ــ ھانوخ ۋە پاللۇ، ھەزرون ۋە كارمى. | 3 |
इसलिए इस्राईल के पहलौठे रूबिन के बेटे यह हैं: हनूक और फ़ल्लू और हसरोन और कर्मी।
يوئېلنىڭ ئەۋلادلىرى مۇنۇلار: ــ [يوئېلنىڭ] ئوغلى شېمايا، شېمايانىڭ ئوغلى گوگ، گوگنىڭ ئوغلى شىمەي، | 4 |
योएल के बेटे यह हैं: उसका बेटा समा'याह, सम'याह का बेटा जूज, जूज का बेटा सिम'ई।
شىمەينىڭ ئوغلى مىكاھ، مىكاھنىڭ ئوغلى رېئايا، رېئايانىڭ ئوغلى بائال، | 5 |
सिम'ई का बेटा मीकाह, मीकाह का बेटा रियायाह, रियायाह का बेटा बा'ल।
بائالنىڭ ئوغلى بەئەراھ؛ بەئەراھ ئاسۇرىيە پادىشاھى تىلگات-پىلنەسەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىپ كېتىلگەن. ئۇ چاغدا ئۇ رۇبەن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىدى. | 6 |
बा'ल का बेटा बईरा जिसको असूर का बादशाह तिलगातपिलनासर ग़ुलाम कर के ले गया। वह रूबीनियों का सरदार था।
ئۇنىڭ ئىنىلىرى نەسەبنامىسىدە خاتىرىلەنگەندەك، جەمەتلىرىنىڭ تارىخى بويىچە يولباشچى بولغان جەئىيەل، زەكەرىيا ۋە بېلا دەپ پۈتۈلگەنىدى | 7 |
और उसके भाई अपने अपने घराने के मुताबिक़ जब उनकी औलाद का नसब नामा लिख्खा गया था, सरदार य'ईएल और ज़करियाह,
(بېلا ئازازنىڭ ئوغلى، ئازاز شېمانىڭ ئوغلى، شېما يوئېلنىڭ ئوغلى ئىدى). يوئېللار ئاروئەردە، نېبو ۋە بائال-مېئونغىچە سوزۇلغان جايلاردا تۇراتتى. | 8 |
और बाला' बिन 'अज़ज़ बिन समा' योएल, वह 'अरो'ईर में नबू और बा'ल म'ऊन तक,
ئۇلار يەنە كۈن چىقىشقا قاراپ تاكى ئېفرات دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى چۆلنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قەدەر ئولتۇراقلاشتى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ گىلېئاد يۇرتىدىكى چارۋا ماللىرى كۆپىيىپ كەتكەنىدى. | 9 |
और पूरब की तरफ़ दरिया — ए — फ़रात से वीरान में दाख़िल होने की जगह तक बसा हुआ था क्यूँकि मुल्क — ए — जिल'आद में उनके चौपाये बहुत बढ़ गए थे।
سائۇلنىڭ سەلتەنىتىنىڭ كۈنلىرىدە ئۇلار ھاگارىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتى؛ ھاگارىيلار ئۇلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار گىلېئادنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى پۈتۈن زېمىندا ھاگارىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا ماكانلاشتى. | 10 |
और साऊल के दिनों में उन्होंने हाजिरियों से लड़ाई की जो उनके हाथ से क़त्ल हुए, और वह जिल'आद के पूरब के सारे 'इलाक़े में उनके डेरों में बस गए।
ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا گادنىڭ ئەۋلادلىرى تاكى سالىكاھغا قەدەر باشان زېمىنىغا ماكانلاشقانىدى. | 11 |
और बनी जद्द उनके सामने मुल्क — ए — बसन में सलका तक बसे हुए थे।
باشاندا ماكانلاشقانلاردىن قەبىلە باشلىقى يوئېل، مۇئاۋىن قەبىلە باشلىقى شافام بار ئىدى؛ يەنە ياناي بىلەن شافاتمۇ بار ئىدى. | 12 |
पहला यूएल था, और साफ़म दूसरा, और या'नी और साफ़त बसन में थे।
ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى جەمەتنامىلەر بويىچە مىكائىل، مەشۇللام، شېبا، يوراي، ياكان، زىيا ۋە ئېبەر بولۇپ، جەمئىي يەتتە ئىدى. | 13 |
और उनके आबाई ख़ानदान के भाई यह हैं: मीकाएल और मुसल्लाम और सबा' और यूरी और या'कान और ज़ी'अ और 'इब्र, यह सातों।
يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئابىھايىلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. ئابىھايىل خۇرىنىڭ ئوغلى، خۇرى ياروياھنىڭ ئوغلى، ياروياھ گىلېئادنىڭ ئوغلى، گىلېئاد مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل يەشىشاينىڭ ئوغلى، يەشىشاي ياھدونىڭ ئوغلى، ياھدو بۇزنىڭ ئوغلى ئىدى؛ | 14 |
यह बनी अबीख़ैल बिन हूरी बिन यारूआह बिन जिल'आद बिन मीकाएल बिन यमीसी बिन यहदू बिन बूज़ थे।
گۇنىنىڭ نەۋرىسى، ئابدىئەلنىڭ ئوغلى ئاخى ئۇلارنىڭ جەمەت بېشى ئىدى. | 15 |
अख़ी बिन 'अबदिएल बिन जूनी इनके आबाई ख़ानदानों का सरदार था।
ئۇلار گىلېئادقا، باشانغا ۋە باشانغا تەۋە يېزا-كەنتلەرگە، شۇنداقلا پۈتكۈل شارون يايلىقىغا، تاكى تۆت چېتىگىچە ماكانلاشقانىدى. | 16 |
और वह बसन में जिल'आद और उसके क़स्बों और शारून की सारे 'इलाक़ा में, जहाँ तक उनकी हद्द थी, बसे हुए थे।
بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدا پادىشاھى يوتام ۋە ئىسرائىل پادىشاھى يەروبوئامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ كۈنلىرىدە نەسەبنامىلەرگە پۈتۈلگەنىدى. | 17 |
यहूदाह के बादशाह यूताम के दिनों में, और इस्राईल के बादशाह युरब'आम के दिनों में उन सभों के नाम उनके नसबनामों के मुताबिक़ लिखे गए।
رۇبەن، گاد قەبىلىلىرىنىڭ ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ باتۇر، قالقان-قىلىچ تۇتالايدىغان، ئوقيا ئاتالايدىغان ھەم جەڭگە ماھىر قىرىق تۆت مىڭ يەتتە يۈز ئاتمىش جەڭگىۋار ئادىمى بار ئىدى. | 18 |
और बनी रूबिन और जद्दियों और मनस्सी के आधे क़बीले में सूर्मा, या'नी ऐसे लोग जो सिपर और तेग़ उठाने के क़ाबिल और तीरअन्दाज़ और जंग आज़मूदा थे, चौवालीस हज़ार सात सौ साठ थे जो जंग पर जाने के लायक़ थे।
ئۇلار ھاگارىيلار، يەتۇرلار، نافىشلار ۋە نودابلار بىلەن جەڭ قىلغان. | 19 |
यह हजिरियों और यतूर और नफ़ीस और नोदब से लड़े।
ئۇلار جەڭ قىلغاندا مەدەت تېپىپ، ھاگارىيلار ۋە ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان؛ چۈنكى ئۇلار جەڭ ئۈستىدە خۇداغا نىدا قىلغان؛ ئۇلار ئۇنىڭغا تايانغاچقا، خۇدا ئۇلارنىڭ تىلىگىنى ئىجابەت قىلغان. | 20 |
और उनसे मुक़ाबिला करने के लिए मदद पायी, और हाजिरी और सब जो उनके साथ थे उनके हवाले किए गए क्यूँकि उन्होंने लड़ाई में ख़ुदा से दुआ की और उनकी दुआ क़ुबूल हुई, इसलिए की उन्होंने उस पर भरोसा रख्खा।
ئۇلار يەنە دۈشمەننىڭ چارۋا-ماللىرىنى، جۈملىدىن ئەللىك مىڭ تۆگە، ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ قوي، ئىككى مىڭ ئېشىكىنى ئولجا ئالغان ۋە يۈز مىڭ جاننى ئەسىر ئالغان. | 21 |
और वह उनकी मवेसी ले गए; उनके ऊँटों में से पचास हज़ार और भेड़ बकरियों में से ढाई लाख और गधों में से दो हज़ार और आदमियों में से एक लाख।
بۇ ئۇرۇش خۇدانىڭ نىيىتىدىن بولغاچقا، دۈشمەندىن ئۆلگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولغان؛ سۈرگۈن قىلىنغۇچە ئۇلار شۇلارنىڭ يېرىنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان. | 22 |
क्यूँकि बहुत से लोग क़त्ल हुए इसलिए की जंग ख़ुदा की थी और वह ग़ुलामी के वक़्त तक उनकी जगह बसे रहे।
ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەر باشاندىن بائال-ھەرمون، سېنىر، ھەرمون تېغىغا قەدەر بولغان زېمىندا يېيىلىپ ماكانلاشتى. ئۇلار زور كۆپەيگەن. | 23 |
और मनस्सी के आधे क़बीले के लोग मुल्क में बसे। वह बसन से बा'लहरमून और सनीर और हरमून के पहाड़ तक फैल गए।
ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئېفەر، ئىشى، ئەلىيەل، ئازرىئەل، يەرىمىيا، خوداۋىيا ۋە ياھدىيەل ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى باتۇر جەڭچىلەر، مەشھۇر مۆتىۋەرلەر، شۇنداقلا ھەرقايسىسى ئۆز جەمەتىگە جەمەت بېشى ئىدى. | 24 |
उनके आबाई ख़ानदानों के सरदार यह थे: 'इफ़्र और यिस'ई और इलीएल, 'अज़रिएल, यरमियाह और हुदावियाह और यहदएल, जो ताक़तवर सूर्मा और नामवर और अपने आबाई ख़ानदानों के सरदार थे।
ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسىدىن يۈز ئۆرۈپ، بۇزۇقلۇق قىلىپ خۇدا ئەسلىدە ئۆزلىرى ئالدىدا يوقاتقان شۇ يەردىكى تائىپىلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئەگىشىپ كەتتى. | 25 |
और उन्होंने अपने बाप दादा के ख़ुदा की हुक्म 'उदूली की, और जिस मुल्क के बाशिंदों को ख़ुदा ने उनके सामने से हलाक किया था, उन ही के मा'बूदों की पैरवी में उन्होंने ज़िनाकारी की।
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئاسۇرىيە پادىشاھى پۇل (يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى تىلگات-پىلنەسەر)نىڭ روھىنى قوزغىشى بىلەن، ئۇ ئۇلارنى، يەنى رۇبەن قەبىلىسىدىكىلەرنى، گاد قەبىلىسىدىكىلەرنى ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەرنى خالاھ، خابور ۋە خاراغا ھەم گوزان دەرياسى بويىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ كەتتى؛ ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تاكى بۈگۈنگە قەدەر تېخىچە شۇ يەردە ماكانلىشىپ تۇرماقتا. | 26 |
तब इस्राईल के ख़ुदा ने असूर के बादशाह पूल के दिल को और असूर के बादशाह तिलगातपिलनासर के दिल को उभारा, और वह उनकी या'नी रूबिनियों और जद्दियों और मनस्सी के आधे क़बीले को ग़ुलाम कर के ले गए और उनको ख़लह और ख़ाबूर और हारा और जौज़ान की नदी तक ले आये; यह आज के दिन तक वहीं हैं।