< تارىخ-تەزكىرە 1 4 >
يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى پەرەز، ھەزرون، كارمى، خۇر ۋە شوبال ئىدى. | 1 |
Sons of Judah: Pharez, Hezron, and Carmi, and Hur, and Shobal.
شوبالنىڭ ئوغلى رېئايادىن جاھات تۆرەلدى؛ جاھاتتىن ئاخۇماي بىلەن لاخاد تۆرەلدى. بۇلار زوراتىي جەمەتىدىن ئىدى. | 2 |
And Reaiah son of Shobal begat Jahath, and Jahath begat Ahumai and Lahad; these [are] families of the Zorathite.
ئېتامنىڭ ئوغۇللىرى يىزرەئەل، ئىشما، ئىدباش ئىدى؛ ئۇلارنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئىسمى ھازىلىلپونى ئىدى. | 3 |
And these [are] of the father of Etam: Jezreel, and Ishma, and Idbash; and the name of their sister [is] Hazzelelponi,
گەدورنىڭ ئاتىسى پەنۇئەل؛ خۇشاھنىڭ ئاتىسى ئېزەر ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى بەيت-لەھەمنىڭ ئاتىسى بولغان ئەفراتاھنىڭ تۇنجى ئوغلى خۇردىن تۆرەلگەن. | 4 |
and Penuel [is] father of Gedor, and Ezer father of Hushah. These [are] sons of Hur, first-born of Ephratah, father of Beth-Lehem.
تەكوئانىڭ ئاتىسى ئاشخۇرنىڭ ھېلاھ ۋە نائاراھ دېگەن ئىككى ئايالى بار ئىدى. | 5 |
And to Ashhur father of Tekoa were two wives, Helah and Naarah;
نائاراھ ئاشخۇرغا ئاخۇززام، ھەفەر، تەمەنى، ئاخاشتارىنى تۇغۇپ بەردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى نائاراھنىڭ ئوغۇللىرى. | 6 |
and Naarah beareth to him Ahuzzam, and Hepher, and Temeni, and Haahashtari: these [are] sons of Naarah.
ھېلاھنىڭ ئوغۇللىرى زەرەت، زوھار بىلەن ئەتنان ۋە | 7 |
And sons of Helah: Zereth, and Zohar, and Ethnan.
كوز ئىدى؛ كوزدىن ئانوب، ھاززىبىبا بىلەن خارۇمنىڭ ئوغلى ئاخارھەلنىڭ جەمەتلىرى تۆرەلدى. | 8 |
And Coz begat Anub, and Zobebah, and the families of Aharhel son of Harum.
يابەز ئۆز قېرىنداشلىرى ئىچىدە ھەممىدىن بەك ھۆرمەتلىك ئىدى، ئانىسى: «تۇغۇتى ئۈستىدە بەك ئازاپلاندىم» دەپ ئۇنىڭغا يابەز دېگەن ئىسىمنى قويغان. | 9 |
And Jabez is honoured above his brethren, and his mother called his name Jabez, saying, 'Because I have brought forth with grief.'
يابەز ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا نىدا قىلىپ: «مېنى ناھايىتى كۆپ بەرىكەتلىگەن بولساڭ، زېمىنىمنى كېڭەيتسەڭ، قولۇڭ بىلەن مېنى يۆلەپ، بالا-قازادىن ساقلاپ، ماڭا ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرسەتمىگەيسەن!» ــ دەپ تىلىدى. خۇدا ئۇنىڭ تىلىگىنى ئىجابەت ئەيلىدى. | 10 |
And Jabez calleth to the God of Israel, saying, 'If blessing Thou dost bless me, then Thou hast made great my border, and Thy hand hath been with me, and Thou hast kept [me] from evil — not to grieve me;' and God bringeth in that which he asked.
شۇخاھنىڭ ئىنىسى كېلۇبتىن مېخىر تۆرەلگەن؛ مېخىر ئېشتوننىڭ ئاتىسى ئىدى. | 11 |
And Chelub brother of Shuah begat Mehir; he [is] father of Eshton.
ئېشتوندىن بەيت-رافا، پاسېئاھ ۋە ئىر-ناھاشنىڭ ئاتىسى تېخىنناھ تۆرەلدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى رىكاھلىقلار ئىدى. | 12 |
And Eshton begat Beth-Rapha, and Paseah, and Tehinnah father of Ir-Nahash; these [are] men of Rechah.
كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل بىلەن سېرايا ئىدى؛ ئوتنىيەلنىڭ ئوغلى خاتات بىلەن مېئونوتاي ئىدى. | 13 |
And sons of Kenaz: Othniel, and Seraiah; and sons of Othniel: Hathath.
مېئونوتايدىن ئوفراھ تۆرەلدى. سېرايادىن «ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسى»دىكىلەرنىڭ ئەجدادى بولغان يوئاب تۆرەلدى (ئۇلار ئەسلىدە ھۈنەرۋەنلەر ئىدى). | 14 |
And Meonothai begat Ophrah, and Seraiah begat Joab father of the valley of artificers, for they were artificers.
يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبنىڭ ئوغۇللىرى ئىرۇ، ئېلاھ بىلەن نائام ئىدى؛ ئېلاھنىڭ ئوغلى كېناز ئىدى. | 15 |
And sons of Caleb son of Jephunneh: Iru, Elah, and Naam; and sons of Elah, even Kenaz.
يەھاللىلەلنىڭ ئوغۇللىرى زىف بىلەن زىفاھ، تىرىيا بىلەن ئاسارىيەل ئىدى. | 16 |
And sons of Jehaleleel: Ziph and Ziphah, Tiria, and Asareel.
ئەزرانىڭ ئوغۇللىرى: ــ يەتەر، مېرەد، ئېفەر ۋە يالونلار؛ مېرەد پىرەۋننىڭ قىزى بىتىيانى ئالدى؛ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ مەرىيەم، شامماي بىلەن ئېشتېموئانىڭ ئاتىسى ئىشباھنى تۇغدى. بۇلار بىتىيادىن بولغان ئوغۇللار. مېرەدنىڭ يەھۇدالاردىن بولغان ئايالى بولسا گەدورنىڭ ئاتىسى يەرەدنى، سوكوھنىڭ ئاتىسى ھەبەر بىلەن زانوئاھنىڭ ئاتىسى يەكۇتىيەلنى تۇغدى. | 17 |
And sons of Ezra [are] Jether, and Mered, and Epher, and Jalon: and she beareth Miriam, and Shammai, and Ishbah father of Eshtemoa.
And his wife Jehudijah bare Jered father of Gedor, and Heber father of Socho, and Jekuthiel father of Zanoah. And these [are] sons of Bithiah daughter of Pharaoh, whom Mered took,
ناھامنىڭ سىڭلىسى خودىيانىڭ ئايالىدىن گارمىلىق كېئىلاھنىڭ ئاتىسى بىلەن مائاكات جەمەتىدىن بولغان ئېشتېموئانىڭ ئاتىسى تۆرەلگەن. | 19 |
and sons of the wife of Hodiah sister of Nahom: Abi-Keilah the Garmite, and Eshtemoa the Maachathite.
شىموننىڭ ئوغۇللىرى ئامنون ۋە رىنناھ، بەن-ھانان بىلەن تىلون ئىدى. يىشىنىڭ ئوغۇللىرى زوھەت بىلەن بىن-زوھەت ئىدى. | 20 |
And sons of Shimon [are] Amnon, and Rinnah, Ben-Hanon, and Tilon; and sons of Ishi: Zoheth, and Ben-Zoheth.
شېلاھ يەھۇدانىڭ ئوغلى ئىدى؛ ئۇنىڭدىن تۆرەلگەن لېكاھنىڭ ئاتىسى ئېر، مارەشاھنىڭ ئاتىسى لائاداھ ۋە بەيت-ئاشبىيادا ئولتۇراقلاشقان چەكمەن توقۇغۇچىلارنىڭ جەمەتلىرى | 21 |
Sons of Shelah son of Judah: Er father of Lecah, and Laadah father of Mareshah, and the families of the house of the service of fine linen, of the house of Ashbea;
ۋە يەنە يوكىم، كوزىبالىقلار، يوئاش بىلەن ساراف (بۇلار ئىككىسى موئاب يۇرتىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان) ۋە ياشۇبى-لەھەملەرمۇ بار ئىدى (بۇلارنىڭ ھەممىسى قەدىمكى خاتىرىلەردۇر). | 22 |
and Jokim, and the men of Chozeba, and Joash, and Saraph, who ruled over Moab and Jashubi-Lehem; and these things [are] ancient.
بۇلار نېتايىم ۋە گەدەراھدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كۇلالچىلار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە تۇرۇپ پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. | 23 |
They [are] the potters and inhabitants of Netaim and Gedera; with the king in his work they dwelt there.
نەمۇئەل ۋە يامىن، يارىب، زەراھ بىلەن سائۇل شىمېئوننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. | 24 |
Sons of Simeon: Nemuel, and Jamin, Jarib, Zerah, Shaul;
شاللوم سائۇلنىڭ ئوغلى؛ مىبسام شاللومنىڭ ئوغلى، مىشما مىبسامنىڭ ئوغلى ئىدى. | 25 |
Shallum his son, Mibsam his son, Mishma his son.
مىشمانىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەر: ــ مىشمانىڭ ئوغلى خاممۇئىل؛ خاممۇئىلنىڭ ئوغلى زاككۇر؛ زاككۇرنىڭ ئوغلى شىمەي ئىدى. | 26 |
And sons of Mishma: Hammuel his son, Zacchur his son, Shimei his son.
شىمەينىڭ ئون ئالتە ئوغلى، ئالتە قىزى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ پەرزەنتى كۆپ بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ جەمەتىنىڭ پەرزەنتلىرى يەھۇدا جەمەتىنىڭكىدەك ئۇنداق كۆپ بولمىغان. | 27 |
And to Shimei [are] sixteen sons and six daughters, and to his brethren there are not many sons, and none of their families have multiplied as much as the sons of Judah.
ئۇلار بەئەر-شېبا، مولاداھ، ھازار-شۇئال، | 28 |
And they dwell in Beer-Sheba, and Moladah, and Hazar-Shaul,
and in Bilhah, and in Ezem, and in Tolad,
بېتۇئەل، خورماھ، زىكلاگ، | 30 |
and in Bethuel, and in Hormah, and in Ziklag,
بەيت-ماركابوت، ھازار-سۇسىم، بەيت-بىرى ۋە شائارائىمغا ماكانلاشقانىدى. تاكى داۋۇت پادىشاھنىڭ دەۋرىگىچە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئىدى. | 31 |
and in Beth-Marcaboth, and in Hazar-Susim, and in Beth-Birei, and in Shaarim; these [are] their cities till the reigning of David.
ئۇلار ئولتۇراقلاشقان جايلار ئېتام، ئايىن، رىممون، توكەن ۋە ئاشان قاتارلىق بەش شەھەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. | 32 |
And their villages [are] Etam, and Ain, Rimmon, and Tochen, and Ashan, five cities,
ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئۆپچۈرىسىدىكى بارلىق يېزا-كەنتلەر تاكى بائالغا قەدەر شۇلارغا قارايتتى. بۇلار بولسا ئۇلار ماكانلاشقان جايلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز نەسەبنامىلىرىمۇ بار ئىدى. | 33 |
and all their villages that [are] round about these cities unto Baal; these [are] their dwellings, and they have their genealogy:
[ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىرى] مېشوباب، ياملەك، ئامازىيانىڭ ئوغلى يوشاھ، | 34 |
even Meshobab, and Jamlech, and Joshah son of Amaziah,
يوئېل، يوسىبىيانىڭ ئوغلى يەھۇ (يوسىبىيا سېرايانىڭ ئوغلى، سېرايا ئاسىئەلنىڭ ئوغلى ئىدى)، | 35 |
and Joel, and Jehu son of Josibiah, son of Seraiah, son of Asiel,
ئەليويىناي، يائاكوباھ، يەشوھايا، ئاسايا، ئادىئەل، يەسىمىئەل، بىنايا | 36 |
and Elioenai, and Jaakobah, and Jeshohaiah, and Asaiah, and Adiel, and Jesimiel, and Benaiah,
ۋە شىفىنىڭ ئوغلى زىزالار ئىدى (شىفى ئاللوننىڭ ئوغلى، ئاللون يەدايانىڭ ئوغلى، يەدايا شىمرىنىڭ ئوغلى، شىمرى شېمايانىڭ ئوغلى ئىدى). | 37 |
and Ziza son of Shiphi, son of Allon, son of Jedaiah, son of Shimri, son of Shemaiah.
يۇقىرىدا خاتىرىلەپ ئۆتۈلگەن ئىسىملارنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى جەمەت باشلىرى ئىدى؛ بۇلارنىڭ جەمەتلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى گۈللەنگەنىدى. | 38 |
These who are coming in by name [are] princes in their families, and the house of their fathers have broken forth into a multitude;
ئۇلار قوي پادىلىرىغا ئوتلاق ئىزلەپ تاكى گەدور ئېغىزىغىچە، يەنى جىلغىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگىچە بارغانىدى. | 39 |
and they go to the entrance of Gedor, unto the east of the valley, to seek pasture for their flock,
ئۇلار شۇ يەردە ياپيېشىل، ناھايىتى مۇنبەت بىر ئوتلاق تاپقان؛ ئۇ يەر تولىمۇ كەڭ، ھەم تازا ھەم تىنچ ئىدى. ئىلگىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقانلار ھامدىكىلەردىن ئىكەن. | 40 |
and they find pasture, fat and good, and the land broad of sides, and quiet, and safe, for of Ham are those dwelling there before.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن كىشىلەر يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ زامانىدا شۇ [ھامدىكىلەرنىڭ] چېدىرلىرىغا ۋە ئۇ يەرلەردە ئولتۇرۇشلۇق مىئونلۇقلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى تامامەن يوقاتقانىدى، تاكى بۈگۈنگە قەدەر؛ ئۇلار شۇلارنىڭ يەرلىرىگە ماكانلاشتى، چۈنكى ئۇ يەرلەردە پادىلىرىنى باققۇدەك ئوتلاق بار ئىدى. | 41 |
And these who are written by name come in the days of Hezekiah king of Judah, and smite their tents, and the habitations that have been found there, and devote them to destruction unto this day, and dwell in their stead, because pasture for their flock [is] there.
شۇ چاغلاردا شىمېئونلاردىن يەنە بەش يۈز كىشى سېئىر تېغىغا قاراپ ماڭدى، ئۇلارنىڭ يولباشچىلىرى يىشىنىڭ ئوغۇللىرى پىلاتىيا، نېئارىيا، رېفايا بىلەن ئۇزرىئەل ئىدى؛ | 42 |
And of them, of the sons of Simeon, there have gone to mount Seir, five hundred men, and Pelatiah, and Neariah, and Rephaiah, and Uzziel, sons of Ishi, at their head,
ئۇلار قېچىپ تىرىك قالغان ئامالەكلەرنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردە ماكانلىشىپ ئۆتۈۋاتىدۇ. | 43 |
and they smite the remnant of those escaped of Amalek, and dwell there unto this day.