< تارىخ-تەزكىرە 1 29 >
داۋۇت پۈتكۈل جامائەتكە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «خۇدا ئۆزى تاللىغان ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش، بىر يۇمران كۆچەت، خالاس، بۇ قۇرۇلۇش بولسا تولىمۇ چوڭ؛ چۈنكى بۇ مۇقەددەس ئوردا ئىنسان ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدا ئۈچۈن ياسىلىدۇ. | 1 |
Dawut pütkül jamaǝtkǝ sɵz ⱪilip mundaⱪ dedi: — Huda Ɵzi talliƣan oƣlum Sulayman tehi yax, bir yumran kɵqǝt, halas, bu ⱪurulux bolsa tolimu qong; qünki bu muⱪǝddǝs orda insan üqün ǝmǝs, bǝlki Pǝrwǝrdigar Huda üqün yasilidu.
مەن خۇدايىمنىڭ ئۆيى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈمنى چىقىرىپ، ئالتۇن بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا ئالتۇن، كۈمۈش بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا كۈمۈش، مىس بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا مىس، تۆمۈر بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا تۆمۈر، ياغاچ بىلەن ياسىلىدىغانلىرىغا ياغاچ تەييارلاپ قويدۇم؛ يەنە ئاق ھېقىق، كۆزلۈك ياقۇت، رەڭلىك تاش ۋە ھەرخىل ئېسىل تاشلارنى، يەنە ناھايىتى كۆپ مەرمەرنى يىغىپ قويدۇم. | 2 |
Mǝn Hudayimning ɵyi üqün pütün küqümni qiⱪirip, altun bilǝn yasilidiƣanliriƣa altun, kümüx bilǝn yasilidiƣanliriƣa kümüx, mis bilǝn yasilidiƣanliriƣa mis, tɵmür bilǝn yasilidiƣanliriƣa tɵmür, yaƣaq bilǝn yasilidiƣanliriƣa yaƣaq tǝyyarlap ⱪoydum; yǝnǝ aⱪ ⱨeⱪiⱪ, kɵzlük yaⱪut, rǝnglik tax wǝ ⱨǝrhil esil taxlarni, yǝnǝ naⱨayiti kɵp mǝrmǝrni yiƣip ⱪoydum.
مەن خۇدايىمنىڭ ئۆيىدىن سۆيۈنىدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇدايىمنىڭ ئۆيىنى سېلىشقا تەييارلىغان بارلىق نەرسىلەردىن باشقا، ئۆزۈمنىڭ تەئەللۇقاتىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى خۇدايىمنىڭ ئۆيىگە ئاتىدىم؛ | 3 |
Mǝn Hudayimning ɵyidin sɵyünidiƣanliⱪim üqün Hudayimning ɵyini selixⱪa tǝyyarliƣan barliⱪ nǝrsilǝrdin baxⱪa, ɵzümning tǝǝlluⱪatidin altun-kümüxlǝrni Hudayimning ɵyigǝ atidim;
يەنى ئۆينىڭ تاملىرىنى قاپلاش ئۈچۈن ئوفىر ئالتۇنىدىن ئۈچ مىڭ تالانت، ساپ كۈمۈشتىن يەتتە مىڭ تالانت تەقدىم قىلدىم؛ | 4 |
yǝni ɵyning tamlirini ⱪaplax üqün Ofir altunidin üq ming talant, sap kümüxtin yǝttǝ ming talant tǝⱪdim ⱪildim;
ئالتۇندىن ياسىلىدىغانلىرىغا ئالتۇن، كۈمۈشتىن ياسىلىدىغانلىرىغا كۈمۈش ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قولى بىلەن ھەرخىل ياسىلىدىغانلىرىغا كېرەك بولغىنىنى تەقدىم قىلدىم. بۈگۈن يەنە كىملەرنىڭ پەرۋەردىگارغا بىرنېمە ئاتىغۇسى بار؟». | 5 |
altundin yasilidiƣanliriƣa altun, kümüxtin yasilidiƣanliriƣa kümüx wǝ ⱨünǝrwǝnlǝrning ⱪoli bilǝn ⱨǝrhil yasilidiƣanliriƣa kerǝk bolƣinini tǝⱪdim ⱪildim. Bügün yǝnǝ kimlǝrning Pǝrwǝrdigarƣa birnemǝ atiƣusi bar?».
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى ھەرقايسى جەمەت باشلىرى، قەبىلە باشلىقلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە پادىشاھنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان غوجىدارلارمۇ بېغىشلاشقا كىرىشتى. | 6 |
Xuning bilǝn Israil ⱪǝbililiridiki ⱨǝrⱪaysi jǝmǝt baxliri, ⱪǝbilǝ baxliⱪliri, mingbexi, yüzbexi wǝ padixaⱨning ixliriƣa mǝs’ul bolƣan ƣojidarlarmu beƣixlaxⱪa kirixti.
ئۇلار خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئىبادەت خىزمەتلىرى ئۈچۈن بەش مىڭ تالانت ئالتۇن ۋە ئون مىڭ دارىك ئالتۇن، ئون مىڭ تالانت كۈمۈش، ئون سەككىز مىڭ تالانت مىس ۋە بىر يۈز مىڭ تالانت تۆمۈر تەقدىم قىلدى. | 7 |
Ular Hudaning ɵyidiki ibadǝt hizmǝtliri üqün bǝx ming talant altun wǝ on ming darik altun, on ming talant kümüx, on sǝkkiz ming talant mis wǝ bir yüz ming talant tɵmür tǝⱪdim ⱪildi.
ياقۇتى بارلار ياقۇتنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىسىگە، يەنى گەرشونىي يەھىيەلنىڭ قولىغا تاپشۇردى. | 8 |
Yaⱪuti barlar yaⱪutni Pǝrwǝrdigarning ɵyining hǝzinisigǝ, yǝni Gǝrxoniy Yǝⱨiyǝlning ⱪoliƣa tapxurdi.
خالايىق كىشىلەرنىڭ مۇنداق ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەقدىم قىلغانلىقلىرىدىن خۇشال بولۇپ كېتىشتى؛ چۈنكى ئۇلار چىن قەلبىدىن پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلىشقانىدى. داۋۇتمۇ ئالامەت خۇش بولدى. | 9 |
Halayiⱪ kixilǝrning mundaⱪ ɵz ihtiyarliⱪi bilǝn tǝⱪdim ⱪilƣanliⱪliridin huxal bolup ketixti; qünki ular qin ⱪǝlbidin Pǝrwǝrdigarƣa tǝⱪdim ⱪilixⱪanidi. Dawutmu alamǝt hux boldi.
شۇڭا داۋۇت پۈتكۈل جامائەت ئالدىدا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئاھ پەرۋەردىگار، بوۋىمىز ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە ھەمدۇساناغا لايىقسەن. | 10 |
Xunga Dawut pütkül jamaǝt aldida Pǝrwǝrdigarƣa tǝxǝkkür-mǝdⱨiyǝ eytip mundaⱪ dedi: — «Aⱨ Pǝrwǝrdigar, bowimiz Israilning Hudasi, Sǝn ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ ⱨǝmdusanaƣa layiⱪsǝn.
ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، كۈچ-قۇدرەت، شان-شەرەپ، شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت ساڭا مەنسۇپتۇر؛ ئاسماندىكى ۋە يەردىكى بار-يوقى سېنىڭكىدۇر؛ ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھلىق سېنىڭكىدۇر، ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان ئىدارە قىلغۇچىسەن. | 11 |
I Pǝrwǝrdigar, uluƣluⱪ, küq-ⱪudrǝt, xan-xǝrǝp, xanu-xǝwkǝt wǝ ⱨǝywǝt Sanga mǝnsuptur; asmandiki wǝ yǝrdiki bar-yoⱪi Seningkidur; i Pǝrwǝrdigar, padixaⱨliⱪ Seningkidur, ⱨǝmmidin üstün bolƣan idarǝ ⱪilƣuqisǝn.
دۆلەت بىلەن ئىززەت سېنىڭدىنلا كېلىدۇ، سەن ھەممىگە ھۆكۈمدارسەن. كۈچ بىلەن قۇدرەت سېنىڭ قولۇڭدا؛ ھەركىمنى ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك قىلىش پەقەت قولۇڭدىندۇر. | 12 |
Dɵlǝt bilǝn izzǝt Seningdinla kelidu, Sǝn ⱨǝmmigǝ ⱨɵkümdarsǝn. Küq bilǝn ⱪudrǝt Sening ⱪolungda; ⱨǝrkimni uluƣ wǝ ⱪudrǝtlik ⱪilix pǝⱪǝt ⱪolungdindur.
ئەمدى، ئاھ خۇدايىمىز، بىز ساڭا تەشەككۈر ئوقۇيمىز، شان-شەرەپلىك نامىڭغا مەدھىيە ئوقۇيمىز! | 13 |
Əmdi, aⱨ Hudayimiz, biz Sanga tǝxǝkkür oⱪuymiz, xan-xǝrǝplik namingƣa mǝdⱨiyǝ oⱪuymiz!
مانا مۇشۇنداق ئۆزلۈكۈمىزدىن تەقدىم قىلالايدىغان بولغان مەن كىم ئىدىم، خەلقىم نېمە ئىدى؟ چۈنكى بارلىق نەرسە سەندىن كېلىدۇ، بىز پەقەت ئۆز قولۇڭدىن كەلگىنىدىن ئۆزۈڭگە قايتۇردۇق، خالاس! | 14 |
Mana muxundaⱪ ɵzlükümizdin tǝⱪdim ⱪilalaydiƣan bolƣan mǝn kim idim, hǝlⱪim nemǝ idi? Qünki barliⱪ nǝrsǝ Sǝndin kelidu, biz pǝⱪǝt Ɵz ⱪolungdin kǝlginidin Ɵzünggǝ ⱪayturduⱪ, halas!
بىز سېنىڭ ئالدىڭدا ياقا يۇرتلۇقلار، بارلىق ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش مۇساپىرمىز، خالاس؛ يەر يۈزىدىكى كۈنلىرىمىز گويا بىر سايە، ئۈمىدسىز ئۆتكۈزۈلىدۇ. | 15 |
Biz Sening aldingda yaⱪa yurtluⱪlar, barliⱪ ata-bowilirimizƣa ohxax musapirmiz, halas; yǝr yüzidiki künlirimiz goya bir sayǝ, ümidsiz ɵtküzülidu.
ئى خۇدايىمىز پەرۋەردىگار، بىز سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ ئۆي سېلىشقا تەييارلاپ يىغقان بۇ بايلىق-دۇنيانىڭ ھەممىسى سېنىڭ قولۇڭدىن كەلگەن، ئەسلى سېنىڭكىدۇر. | 16 |
I Hudayimiz Pǝrwǝrdigar, biz Sening namingƣa atap ɵy selixⱪa tǝyyarlap yiƣⱪan bu bayliⱪ-dunyaning ⱨǝmmisi Sening ⱪolungdin kǝlgǝn, ǝsli Seningkidur.
ئى خۇدايىم، شۇنى بىلىمەنكى، سەن ئىنساننىڭ قەلبىنى سىناپ، دۇرۇسلۇقتىن خۇرسەن بولىسەن؛ مەن بولسام دۇرۇس قەلبىمدىن بۇلارنى ئىختىيارەن تەقدىم قىلدىم؛ ۋە بۇ يەردە ھازىر تۇرغان خەلقىڭنىڭمۇ ساڭا تەقدىم قىلغىنىنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن كۆردۈم. | 17 |
I Hudayim, xuni bilimǝnki, Sǝn insanning ⱪǝlbini sinap, durusluⱪtin hursǝn bolisǝn; mǝn bolsam durus ⱪǝlbimdin bularni ihtiyarǝn tǝⱪdim ⱪildim; wǝ bu yǝrdǝ ⱨazir turƣan hǝlⱪingningmu Sanga tǝⱪdim ⱪilƣinini huxal-huramliⱪ bilǝn kɵrdüm.
ئى پەرۋەردىگار، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆز خەلقىڭنىڭ كۆڭلىدىكى بۇنداق ئوي-نىيەتنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلغايسەن، كۆڭلىنى ئۆزۈڭگە تارتقۇزغايسەن! | 18 |
I Pǝrwǝrdigar, ata-bowilirimiz bolƣan Ibraⱨim, Isⱨaⱪ wǝ Israilning Hudasi, Ɵz hǝlⱪingning kɵnglidiki bundaⱪ oy-niyǝtni mǝnggü mustǝⱨkǝm ⱪilƣaysǝn, kɵnglini Ɵzünggǝ tartⱪuzƣaysǝn!
ئوغلۇم سۇلايمانغا سېنىڭ ئەمرلىرىڭ، ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ ۋە بەلگىلىمىلىرىڭنى تۇتۇپ، ھەممىنى ئادا قىلىپ، مەن ھازىرلاپ قويغانلىرىمنى ئىشلىتىپ ئوردىنى ياساشقا دۇرۇس بىر قەلب بەرگەيسەن». | 19 |
Oƣlum Sulaymanƣa Sening ǝmrliring, agaⱨ-guwaⱨliⱪliring wǝ bǝlgilimiliringni tutup, ⱨǝmmini ada ⱪilip, mǝn ⱨazirlap ⱪoyƣanlirimni ixlitip ordini yasaxⱪa durus bir ⱪǝlb bǝrgǝysǝn».
داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە: «سىلەر خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇپ مەدھىيىلەڭلار!» دېۋىدى، پۈتۈن جامائەت ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇپ سەجدە قىلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگار ھەم پادىشاھ ئالدىدا باش ئۇردى. | 20 |
Dawut pütün jamaǝtkǝ: «Silǝr Hudayinglar bolƣan Pǝrwǝrdigarƣa tǝxǝkkür-ⱨǝmdusana oⱪup mǝdⱨiyilǝnglar!» dewidi, pütün jamaǝt ata-bowilirining Hudasi bolƣan Pǝrwǝrdigarƣa tǝxǝkkür-mǝdⱨiyǝ oⱪup sǝjdǝ ⱪildi; ular Pǝrwǝrdigar ⱨǝm padixaⱨ aldida bax urdi.
ئەتىسى ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىقلار ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى كەلتۈردى؛ شۇ كۈنى ئۇلار مىڭ بۇقا، مىڭ قوچقار، مىڭ قوزىنى شاراب ھەدىيەلىرى بىلەن قوشۇپ تەقدىم قىلدى، شۇنداقلا يەنە پۈتۈن ئىسرائىل ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلدى. | 21 |
Ətisi ular Pǝrwǝrdigarƣa atap ⱪurbanliⱪlar wǝ kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪlarni kǝltürdi; xu küni ular ming buⱪa, ming ⱪoqⱪar, ming ⱪozini xarab ⱨǝdiyǝliri bilǝn ⱪoxup tǝⱪdim ⱪildi, xundaⱪla yǝnǝ pütün Israil üqün nurƣun ⱪurbanliⱪlarni tǝⱪdim ⱪildi.
ئۇلار شۇ كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئالامەت خۇشال بولۇپ غىزالاندى. ئۇلار داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننى ئىككىنچى قېتىم پادىشاھ تىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى؛ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا شاھ بولۇشقا، زادوكنى كاھىن بولۇشقا مەسىھ قىلدى. | 22 |
Ular xu küni Pǝrwǝrdigarning aldida alamǝt huxal bolup ƣizalandi. Ular Dawutning oƣli Sulaymanni ikkinqi ⱪetim padixaⱨ tiklǝx murasimi ɵtküzdi; uni Pǝrwǝrdigarning aldida xaⱨ boluxⱪa, Zadokni kaⱨin boluxⱪa mǝsiⱨ ⱪildi.
شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان پەرۋەردىگارغا تەۋە تەختكە ئولتۇرۇپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى ۋە ئىنتايىن راۋاج تاپتى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى. | 23 |
Xuningdin keyin Sulayman Pǝrwǝrdigarƣa tǝwǝ tǝhtkǝ olturup, atisi Dawutning orniƣa padixaⱨ boldi wǝ intayin rawaj tapti; pütkül Israil hǝlⱪi uningƣa itaǝt ⱪildi.
بارلىق ئەمەلدارلار، پالۋانلار ۋە شۇنداقلا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى سۇلايمانغا بېقىنىپ بويسۇندى. | 24 |
Barliⱪ ǝmǝldarlar, palwanlar wǝ xundaⱪla padixaⱨ Dawutning oƣullirining ⱨǝmmisi Sulaymanƣa beⱪinip boysundi.
پەرۋەردىگار سۇلايماننى ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا ناھايىتى ئۇلۇغ قىلدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان شاھانە ھەيۋەت شۇنداق يۇقىرىكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ھەرقانداق ئىسرائىل پادىشاھلىرىدا ھېچ بولۇپ باققان ئەمەس. | 25 |
Pǝrwǝrdigar Sulaymanni Israil hǝlⱪi aldida naⱨayiti uluƣ ⱪildi; U uningƣa ata ⱪilƣan xaⱨanǝ ⱨǝywǝt xundaⱪ yuⱪiriki, uningdin ilgiri ɵtkǝn ⱨǝrⱪandaⱪ Israil padixaⱨlirida ⱨeq bolup baⱪⱪan ǝmǝs.
يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلغا شۇنداق پادىشاھ بولغانىدى. | 26 |
Yǝssǝning oƣli Dawut pütün Israilƣa xundaⱪ padixaⱨ bolƣanidi.
ئۇنىڭ ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى جەمئىي قىرىق يىل بولدى؛ ئۇ ھېبروندا يەتتە يىل، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. | 27 |
Uning Israilƣa ⱨɵkümranliⱪ ⱪilƣan waⱪti jǝmiy ⱪiriⱪ yil boldi; u Ⱨebronda yǝttǝ yil, Yerusalemda ottuz üq yil sǝltǝnǝt ⱪildi.
ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر، دۆلەت-بايلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كۆرۈپ، خېلى كۆپ ياشاپ، ئالەمدىن ئۆتتى؛ ئورنىغا ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمان پادىشاھ بولدى. | 28 |
U uzun ɵmür, dɵlǝt-bayliⱪ wǝ izzǝt-ⱨɵrmǝt kɵrüp, heli kɵp yaxap, alǝmdin ɵtti; orniƣa uning oƣli Sulayman padixaⱨ boldi.
پادىشاھ داۋۇتنىڭ بارلىق ئىشلىرى، باشتىن ئاخىرىغىچە مانا ئالدىن كۆرگۈچى سامۇئىلنىڭ خاتىرىلىرى، ناتان پەيغەمبەرنىڭ خاتىرىلىرى ۋە ئالدىن كۆرگۈچى گادنىڭ خاتىرىلىرىدە پۈتۈلگەندۇر. | 29 |
Padixaⱨ Dawutning barliⱪ ixliri, baxtin ahiriƣiqǝ mana aldin kɵrgüqi Samuilning hatiriliri, Natan pǝyƣǝmbǝrning hatiriliri wǝ aldin kɵrgüqi Gadning hatiriliridǝ pütülgǝndur.
ئۇنىڭ سەلتەنىتى، كۆرسەتكەن كۈچ-قۇۋۋىتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ، ئىسرائىل ۋە ھەرقايسى دۆلەت-مەملىكەتلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرمۇ شۇ خاتىرىلەردە پۈتۈلگەندۇر. | 30 |
Uning sǝltǝniti, kɵrsǝtkǝn küq-ⱪuwwiti, xundaⱪla uning, Israil wǝ ⱨǝrⱪaysi dɵlǝt-mǝmlikǝtlǝrning bexidin ɵtkǝn wǝⱪǝlǝrmu xu hatirilǝrdǝ pütülgǝndur.