< تارىخ-تەزكىرە 1 28 >
داۋۇت ئىسرائىلدىكى بارلىق ئەمەلدارلارنى، ھەرقايسى قەبىلە باشلىقلىرى، نۆۋەتلىشىپ پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان قوشۇن بېشى، مىڭبېشى، يۈزبېشى، پادىشاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ بارلىق مال-مۈلۈك، چارۋا ماللىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلارنى، شۇنىڭدەك مەھرەم-غوجىدارلار، پالۋانلار ۋە بارلىق باتۇر جەڭچىلەرنى يېرۇسالېمغا چاقىرتىپ كەلدى. | 1 |
And David assembled all the princes of Israel, the princes of the tribes, and the captains of the companies that served the king by course, and the captains of thousands, and the captains of hundreds, and the rulers over all the substance and cattle of the king and of his sons, with the officers, and the mighty men, even all the mighty men of valour, unto Jerusalem.
پادىشاھ داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ ئى بۇرادەرلىرىم ۋە خەلقىم، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار: كۆڭلۈمدە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر ئارامگاھ، خۇدايىمىزنىڭ تەختىپەرىسى بولىدىغان بىر ئۆي سېلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى ھەمدە ئۇنى سېلىشقا تەييارلىقمۇ كۆرۈپ قويغانىدىم. | 2 |
Then David the king stood up upon his feet, and said: 'Hear me, my brethren, and my people; as for me, it was in my heart to build a house of rest for the ark of the covenant of the LORD, and for the footstool of our God; and I had made ready for the building.
لېكىن خۇدا ماڭا: «سەن مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئۆي سالساڭ بولمايدۇ، چۈنكى سەن جەڭچى، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قان تۆككەنسەن» دېدى. | 3 |
But God said unto me: Thou shalt not build a house for My name, because thou art a man of war, and hast shed blood.
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئاتامنىڭ پۈتۈن جەمەتىدىن مېنى ئەبەدىلئەبەد ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا تاللىدى؛ چۈنكى ئۇ يەھۇدانى يولباشچى بولۇشقا تاللىغان؛ ئۇ يەھۇدا جەمەتى ئىچىدە ئاتامنىڭ جەمەتىنى تاللىغان، ئاتامنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە مەندىن رازى بولۇپ، مېنى پۈتۈن ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن؛ | 4 |
Howbeit the LORD, the God of Israel, chose me out of all the house of my father to be king over Israel for ever; for He hath chosen Judah to be prince, and in the house of Judah, the house of my father, and among the sons of my father He took pleasure in me to make me king over all Israel;
مېنىڭ ئوغۇللىرىم ئىچىدىن (پەرۋەردىگار دەرۋەقە ماڭا كۆپ ئوغۇل ئاتا قىلغان) ئۇ يەنە ئوغلۇم سۇلايماننى پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىلغا ھۆكۈمران بولۇشقا تاللىدى. | 5 |
and of all my sons — for the LORD hath given me many sons — He hath chosen Solomon my son to sit upon the throne of the kingdom of the LORD over Israel.
ئۇ ماڭا: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان بولسا مېنىڭ ئۆيۈم ۋە ھويلىلىرىمنى سالغۇچى بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنى ئۆزۈمگە ئوغۇل بولۇشقا تاللىدىم، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن. | 6 |
And He said unto me: Solomon thy son, he shall build My house and My courts; for I have chosen him to be to Me for a son, and I will be to him for a father.
ئۇ مېنىڭ ئەمر-بەلگىلىمىلىرىمگە بۈگۈنكىدەك چىڭ تۇرۇپ رىئايە قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن» دېگەنىدى. | 7 |
And I will establish his kingdom for ever, if he be constant to do My commandments and Mine ordinances, as at this day.
شۇڭا بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنىڭ، شۇنداقلا خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا [شۇنى ئېيتىمەن]: ــ بۇ ياخشى يۇرتقا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە كەلگۈسىدە بالىلىرىڭلارغا مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن، سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئىزدەپ تۇتۇڭلار. | 8 |
Now therefore, in the sight of all Israel, the congregation of the LORD, and in the hearing of our God, observe and seek out all the commandments of the LORD your God; that ye may possess this good land, and leave it for an inheritance to your children after you for ever.
ــ ئى، سەن ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى بىل، ساپ دىل ۋە پىداكارلىق بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغىن. چۈنكى پەرۋەردىگار جىمى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، بارلىق ئوي-نىيەتلىرىنى پەرق ئېتىدۇ. سەن ئۇنى ئىزدىسەڭ، ئۇ ئۆزىنى ساڭا تاپقۇزىدۇ؛ ئۇنىڭدىن تېنىپ كەتسەڭ، سېنى مەڭگۈ ئۈزۈپ تاشلايدۇ. | 9 |
And thou, Solomon my son, know thou the God of thy father, and serve Him with a whole heart and with a willing mind; for the LORD searcheth all hearts, and understandeth all the imaginations of the thoughts; if thou seek Him, He will be found of thee; but if thou forsake Him, He will cast thee off for ever.
ئەمدى سەن كۆڭۈل قويغىن، پەرۋەردىگار مۇقەددەسخانا قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆينى سېلىشقا سېنى تاللىدى؛ باتۇر بول، ئۇنى ئادا قىل!». | 10 |
Take heed now; for the LORD hath chosen thee to build a house for the sanctuary; be strong, and do it.'
داۋۇت [مۇقەددەسگاھنىڭ] دەھلىزى، خانىلىرى، خەزىنىلىرى، بالىخانىلىرى، ئىچكى ئۆيلىرى ۋە كافارەت تەختىدىكى ئۆيىنىڭ لايىھىسىنىڭ ھەممىسىنى ئوغلى سۇلايمانغا تاپشۇردى؛ | 11 |
Then David gave to Solomon his son the pattern of the porch of the temple, and of the houses thereof, and of the treasuries thereof, and of the upper rooms thereof, and of the inner chambers thereof, and of the place of the ark-cover;
[خۇدانىڭ] روھىدىن تاپشۇرۇۋالغىنى بويىچە ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىلىرى، تۆت ئەتراپىدىكى كىچىك ئۆيلەر، مۇقەددەسخانىدىكى خەزىنلەر، مۇقەددەس دەپ بېغىشلانغان بۇيۇملار قويۇلىدىغان خەزىنىلەرنىڭ لايىھىلىرىنى قالدۇرماي ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. | 12 |
and the pattern of all that he had by the spirit, for the courts of the house of the LORD, and for all the chambers round about, for the treasuries of the house of God, and for the treasuries of the hallowed things;
يەنە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ھەرخىل ۋەزىپىلەر، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېھتىياجلىق بارلىق ئەسۋابلار توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى كۆرسەتتى؛ | 13 |
also for the courses of the priests and the Levites, and for all the work of the service of the house of the LORD, and for all the vessels of service in the house of the LORD:
ۋە ھەرخىل ئىشلارغا كېرەكلىك ئالتۇن ئەسۋابلارنى ياسىتىشقا كېتىدىغان ئالتۇن، ھەرخىل ئىشلارغا كېرەكلىك كۈمۈش ئەسۋابلارنى ياسىتىشقا كېتىدىغان كۈمۈش، | 14 |
of gold by weight for the vessels of gold, for all vessels of every kind of service; of silver for all the vessels of silver by weight, for all vessels of every kind of service;
ئالتۇن چىراغدانلارغا، ئۇلارغا تەۋە ئالتۇن چىراغلارغا، يەنى ھەربىر چىراغدان ۋە چىراغلارغا كېتىدىغان ئالتۇن؛ كۈمۈش چىراغدانلارغا، يەنى ھەربىر چىراغدان ۋە شۇنىڭغا تەۋە چىراغلار ئۈچۈن كېتىدىغان كۈمۈشنى تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ ھەربىر چىراغدانغا ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ كېرەكلىكىنى بەردى؛ | 15 |
by weight also for the candlesticks of gold, and for the lamps thereof, of gold, by weight for every candlestick and for the lamps thereof; and for the candlesticks of silver, silver by weight for every candlestick and for the lamps thereof, according to the use of every candlestick;
نان تىزىدىغان ئالتۇن شىرەلەرنى ياسىتىشقا، يەنى ھەربىر شىرە ئۈچۈن كېرەكلىك ئالتۇن بەردى؛ كۈمۈش شىرەلەرنى ياسىتىشقا كېرەكلىك كۈمۈش بەردى؛ | 16 |
and the gold by weight for the tables of showbread, for every table; and silver for the tables of silver;
ۋىلكا-ئىلمەكلەر، تەخسە-پىيالە ۋە چۆگۈنلەرنى ياساشقا، ئالتۇن چىنىلەر، يەنى ھەرخىل چىنىنى ياساشقا كېرەكلىك بولغان ساپ ئالتۇن بەردى؛ كۈمۈش چىنىلەرنى ياساشقا، يەنى ھەربىر چىنە ئۈچۈن كېرەكلىك كۈمۈش بەردى؛ | 17 |
and the flesh-hooks, and the basins, and the jars, of pure gold; and for the golden bowls by weight for every bowl; and for the silver bowls by weight for every bowl;
خۇشبۇيگاھ ياساشقا كېرەكلىك ئېسىل ئالتۇن بەردى. ئۇ يەنە قاناتلىرىنى كېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئالتۇن كېرۇبلار قارايدىغان [كافارەت] تەختىنىڭ نۇسخىسىنى تاپشۇرۇپ بەردى. | 18 |
and for the altar of incense refined gold by weight; and gold for the pattern of the chariot, even the cherubim, that spread out their wings, and covered the ark of the covenant of the LORD.
«بۇلارنىڭ ھەممىسى، پەرۋەردىگار ئۆز قولىنى ئۈستۈمگە قويغاندا ماڭا كۆرسەتكەن بارلىق نۇسخا-ئەندىزىلەر بولغاچقا، مەن يېزىپ قويدۇم» دېدى داۋۇت. | 19 |
'All this do I give thee in writing, as the LORD hath made me wise by His hand upon me, even all the works of this pattern.'
داۋۇت يەنە ئوغلى سۇلايمانغا: «سەن باتۇر ۋە جاسارەتلىك بول، بۇنى ئادا قىل؛ قورقما، ئالاقزادىمۇ بولۇپ كەتمە؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا، مېنىڭ خۇدايىم سېنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ؛ تاكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى كېيىنكى ئىبادەت خىزمىتى ئۈچۈن تەييارلىق ئىشلىرى تۈگىگەنگە قەدەر ئۇ سەندىن ھېچ ئايرىلمايدۇ ياكى تاشلاپمۇ قويمايدۇ. | 20 |
And David said to Solomon his son: 'Be strong and of good courage, and do it; fear not, nor be dismayed; for the LORD God, even my God, is with thee; He will not fail thee, nor forsake thee, until all the work for the service of the house of the LORD be finished.
قارا، خۇدانىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خىزمىتىنى بېجىرىدىغان كاھىنلار ۋە لاۋىيلارنىڭ گۇرۇپپىلىرى تەييار تۇرىدۇ؛ سېنىڭ يېنىڭدا ھەرخىل ھۈنەرگە ئۇستا، ھەربىر خىزمەتكە تەييار تۇرغان ھۈنەرۋەنلەرمۇ رازىلىق بىلەن تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلدارلار ۋە بارلىق خەلق سېنىڭ ئەمرىڭنى كۈتىدۇ» دېدى. | 21 |
And, behold, there are the courses of the priests and the Levites, for all the service of the house of God; and there shall be with thee in all manner of work every willing man that hath skill, for any manner of service; also the captains and all the people will be wholly at thy commandment.'