< تارىخ-تەزكىرە 1 27 >
تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللار ئىچىدە پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە ھەربىي قىسىملارغا مەسئۇل بولغان ھەرقايسى جەمەت باشلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە بارلىق مەنسەپدارلار ئىدى. ئۇلار سانىغا قاراپ قىسىملارغا بۆلۈنگەنىدى. ئۇلار ھەر يىلى ئاي بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇراتتى، ھەر قىسىمدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. | 1 |
А синови Израиљеви по свом броју, главари домова отачких, хиљадници и стотиници и управитељи њихови, служаху цару у сваком послу у редовима, који долажаху и одлажаху од месеци до месеци, сваког месеца у години; а у сваком реду беше их двадесет и четири хиљаде.
بىرىنچى ئايدىكى بىرىنچى نۆۋەتچى قوشۇنغا زابدىيەلنىڭ ئوغلى ياشوبىئام مەسئۇل بولغان، ئۇنىڭ ئاشۇ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. | 2 |
Над првим редом првог месеца беше Јасовеам, син Завдилов, и у његовом реду беше двадесет и четири хиљаде.
ئۇ پەرەز ئەۋلادلىرىدىن بولۇپ، بىرىنچى ئايدىكى ئاشۇ قوشۇن قىسمىنىڭ سەردارلىرىنى باشقۇراتتى. | 3 |
Од синова Фаресових беше поглавар над свим старешинама у војсци првог месеца.
ئىككىنچى ئايدىكى نۆۋەتچى قوشۇنغا مەسئۇل كىشى ئاھوھلۇق دوداي بولۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ ئورۇنباسار سەردارى مىكلوت بار ئىدى؛ بۇ قىسىمدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. | 4 |
А над редом другог месеца беше Додај Ахошанин, и војвода у његовом реду беше Миклот; и у његовом реду беше двадесет и четири хиљаде.
ئۈچىنچى ئايدىكى ئۈچىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئاشۇ قوشۇنىغا باش بولۇپ، ئۇنىڭدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. | 5 |
Трећи војвода трећег месеца беше Венаја, син Јодаја свештеника, поглавар; и у његовом реду беше двадесет и четири хиљаде.
بۇ بىنايا «ئوتتۇز پالۋان»نىڭ بىرى بولۇپ، ئاشۇ ئوتتۇز ئادەمنى باشقۇراتتى؛ ئۇنىڭ قىسمىدا يەنە ئۇنىڭ ئوغلى ئاممىزاباد بار ئىدى. | 6 |
Овај Венаја беше јунак међу тридесеторицом и над тридесеторицом; и над редом његовим беше Амнизавад, син му.
تۆتىنچى ئايدىكى تۆتىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى يوئابنىڭ ئىنىسى ئاساھەل ئىدى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى زەبادىيا ئۇنىڭ ئورنىنى باستى. ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. | 7 |
Четврти, четвртог месеца Асаило брат Јоавов, а за њим Зевадија син му; и у реду његовом беше двадесет и четири хиљаде.
بەشىنچى ئايدىكى بەشىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئىزراھلىق شامخۇت ئىدى، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. | 8 |
Пети, петог месеца, поглавар Самут Језрајанин, и у његовом реду беше двадесет и четири хиљаде.
ئالتىنچى ئايدىكى ئالتىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى تەكوئالىق ئىككەشنىڭ ئوغلى ئىرا ئىدى، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. | 9 |
Шести, шестог месеца, Ира син Икисов Текујанин, а у његовом реду беше двадесет и четири хиљаде.
يەتتىنچى ئايدىكى يەتتىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئەفرائىم ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى پىلونلۇق ھەلەز بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. | 10 |
Седми, седмог месеца, Хелис Фелоњанин од синова Јефремових, а у његовом реду беше двадесет и четири хиљаде.
سەككىزىنچى ئايدىكى سەككىزىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى زەراھ جەمەتىدىكى خۇشاتلىق سىببىكاي بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. | 11 |
Осми, осмог месеца, Сивехај Хусаћанин од синова Зариних, и у његовом реду беше двадесет и четири хиљаде.
توققۇزىنچى ئايدىكى توققۇزىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى بىنيامىن قەبىلىسىدىكى ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. | 12 |
Девети, деветог месеца, Авијезер Анатоћанин од синова Венијаминових, и у његовом реду беше двадесет и четири хиљаде.
ئونىنچى ئايدىكى ئونىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى زەراھ جەمەتىدىكى نىتوفاتلىق ماھاراي بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. | 13 |
Десети, десетог месеца, Марај Нетофаћанин од синова Зариних, и у његовом реду беше двадесет и четири хиљаде.
ئون بىرىنچى ئايدىكى ئون بىرىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئەفرائىم قەبىلىسىدىكى پىراتونلۇق بىنايا بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. | 14 |
Једанаести, једанаестог месеца, Венаја Фаратоњанин од синова Јефремових, и у његовом реду беше двадесет и четири хиљаде.
ئون ئىككىنچى ئايدىكى ئون ئىككىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئوتنىيەل جەمەتىدىكى نىتوفاتلىق ھەلداي بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. | 15 |
Дванаести, дванаестог месеца, Хелдај Нетофаћанин од Готонила, а у његовом реду беше двадесет и четири хиљаде.
ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى ئىدارە قىلىپ كەلگەنلەر تۆۋەندىكىلەر: رۇبەنىيلار ئۈچۈن زىكرىنىڭ ئوغلى ئەلىئېزەر قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ شىمېئونىيلار ئۈچۈن قەبىلە باشلىقى مائاكاھنىڭ ئوغلى شەفاتىيا؛ | 16 |
А над племенима Израиљевим беху: над племеном Рувимовим кнез Елијезер син Зихријев; над Симеуновим Сефатија син Масин;
لاۋىي قەبىلىسى ئۈچۈن كەمۇئەلنىڭ ئوغلى ھاسابىيا قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ ھارۇنىيلار ئۈچۈن جەمەت بېشى زادوك؛ | 17 |
Над Левијевим Асавија син Кемуилов; над Ароновим Садок;
يەھۇدا قەبىلىسى ئۈچۈن داۋۇتنىڭ ئاكىسى ئېلىخۇ قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ ئىسساكارىيلار ئۈچۈن مىكائىلنىڭ ئوغلى ئومرى قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ | 18 |
Над Јудиним Елиуј од браће Давидове; над Исахаровим Амрије син Михаилов;
زەبۇلۇنىيلار ئۈچۈن ئوبادىيانىڭ ئوغلى يىشمايا قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ نافتالى قەبىلىسى ئۈچۈن ئازرىيەلنىڭ ئوغلى يەرىموت قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ | 19 |
Над Завулоновим Исмаја син Овадијин; над Нефталимовим Јеримот син Азрилов;
ئەفرائىمىيلار ئۈچۈن ئازازىيانىڭ ئوغلى ھوشىيا قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى ئۈچۈن پىدايانىڭ ئوغلى يوئېل قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ | 20 |
Над синовима Јефремовим Исус син Азазијев; над половином племена Манасијиног Јоило син Федајин;
گىلېئادتا ماكانلاشقان ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى ئۈچۈن زەكەرىيانىڭ ئوغلى ئىددو قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ بىنيامىن قەبىلىسى ئۈچۈن ئابنەرنىڭ ئوغلى يائاسىيەل قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ | 21 |
Над другом половином племена Манасијиног у Галаду Идо син Захаријин; над Венијаминовим Јасило син Авениров;
دان قەبىلىسى ئۈچۈن يەروھامنىڭ ئوغلى ئازارەل قەبىلە باشلىقى ئىدى. يۇقىرىدىكىلەر ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئۈچۈن قەبىلە باشلىقى ئىدى. | 22 |
Над Дановим Азареило син Јероамов. То беху кнезови племена Израиљевих.
داۋۇت ئىسرائىللار ئىچىدە يىگىرمە ياشتىن تۆۋەنلەرنى تىزىملىمىغان؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك كۆپ قىلىمەن دېگەنىدى. | 23 |
А не изброја Давид оних који имаху мање од двадесет година, јер Господ беше рекао да ће умножити синове Израиљеве као звезде небеске.
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب سانىنى ئېلىشقا كىرىشكەن، لېكىن تۈگىمىگەن؛ چۈنكى مۇشۇ ئىش ۋەجىدىن [خۇدانىڭ] غەزىپى ئىسرائىللارنىڭ بېشىغا ياغدۇرۇلغان؛ شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللارنىڭ سانى «داۋۇت پادىشاھنىڭ يىلنامىلىرى» دېگەن خاتىرىگە كىرگۈزۈلمىگەن. | 24 |
Јоав, син Серујин поче бројати, али не доврши; јер дође гнев Божји за то на Израиља; зато тај број не дође у књигу о цару Давиду.
پادىشاھنىڭ ئامبار-خەزىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادىيەلنىڭ ئوغلى ئازماۋەت ئىدى؛ دالا، شەھەر، يېزا-كەنت ۋە مۇنارلاردىكى ئامبار-خەزىنىلەرنى باشقۇرغۇچى ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوناتان ئىدى. | 25 |
Над благом царевим беше Азмавет, син Адилов, а над благом по земљи, по градовима и по селима и по кулама Јонатан, син Озијин.
ئېتىز-ئېرىقلاردا تېرىقچىلىق قىلغۇچىلارنى باشقۇرغۇچى كېلۇبنىڭ ئوغلى ئەزرى ئىدى؛ | 26 |
А над ратарима, који рађаху земљу, беше Езрије, син Хелувов;
ئۈزۈمزارلىقلارنى باشقۇرغۇچى راماھلىق شىمەي؛ ئۈزۈمزارلىقلاردىكى شاراب ئامبارلىرىنى باشقۇرغۇچى شىفمىلىق زابدى؛ | 27 |
А над виноградарима Симеј Рамаћанин; а над родом виноградским и над пивницама Завдије Сифмејин;
شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدىكى زەيتۇن ۋە ئۈجمە دەرەخلىرىنى باشقۇرغۇچى گەدەرلىك بائال-ھانان ئىدى؛ ماي ئامبارلىرىنى باشقۇرغۇچى يوئاش؛ | 28 |
А над маслинама и смоквама по пољима Вал-Анан Гедеранин; а над уљем Јоас;
شاروندا بېقىلىدىغان كالا پادىلىرىنى باشقۇرغۇچى شارونلۇق سىتراي؛ جىلغىلاردىكى كالا پادىلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادلاينىڭ ئوغلى شافات؛ | 29 |
Над говедима што пасаху у Сарону Ситрај Сароњанин, а над говедима по долинама Сафат Адлајев;
تۆگىلەرنى باشقۇرغۇچى ئىسمائىللاردىن ئوبىل؛ ئېشەكلەرنى باشقۇرغۇچى مىرونوتلۇق يەھدىيا؛ | 30 |
Над камилама Овил Исмаиљац; над магарцима Једаја Мероноћанин;
قوي پادىلىرىنى باشقۇرغۇچى خاگارلىق يازىز ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇت پادىشاھنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇرغۇچى ئەمەلدارلار ئىدى. | 31 |
А над овцама Јазиз Агарејин. Сви ови беху настојници над благом цара Давида.
داۋۇتنىڭ تاغىسى يوناتان مەسلىھەتچى بولۇپ، دانىشمەن ھەم تەۋرات خەتتاتچىسى ئىدى؛ خاقمونىنىڭ ئوغلى يەھىيەل پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۇستازى ئىدى. | 32 |
А Јонатан, стриц Давидов беше саветник, мудар човек и књижевник; он и Јехило син Ахмонијев беху са синовима царевим.
ئاھىتوفەلمۇ پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى؛ ئاركلىق ھۇشاي پادىشاھنىڭ جان دوستى ئىدى. | 33 |
И Ахитофел беше саветник царев, и Хусај Архијанин пријатељ царев.
ئاھىتوفەلدىن كېيىن بىنايانىڭ ئوغلى يەھويادا بىلەن ئابىياتار ئۇنىڭ ئورنىغا مەسلىھەتچى بولدى؛ يوئاب پادىشاھنىڭ قوشۇن سەردارى ئىدى. | 34 |
А после Ахитофела беше Јодај, син Венајин и Авијатар, а војвода царев беше Јоав.