< تارىخ-تەزكىرە 1 26 >
دەرۋازىۋەنلەرنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى تۆۋەندىكىدەك بولدى: كوراھ جەمەتىدىكىلەردىن ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە كورەنىڭ ئوغلى مەشەلەمىيا بار ئىدى. | 1 |
Om dörravaktarenas ordning: Utaf de Korhiter var Meselemia, Kore son, af Assaphs barnom.
مەشەلەمىيانىڭ بىرنەچچە ئوغلى بولۇپ، تۇنجىسى زەكەرىيا، ئىككىنچىسى يەدىيايەل، ئۈچىنچىسى زەبادىيا، تۆتىنچىسى ياتنىيەل، | 2 |
Meselemia barn voro desse: Den förstfödde Zacharia, den andre Jediael, den tredje Sebadja, den fjerde Jathniel,
بەشىنچىسى ئېلام، ئالتىنچىسى يەھوھانان، يەتتىنچىسى ئەليويىناي ئىدى. | 3 |
Den femte Elam, den sjette Johanan, den sjunde Eljoenai.
ئوبەد-ئېدومنىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى شېمايا، ئىككىنچىسى يەھوزاباد، ئۈچىنچىسى يوئاھ، تۆتىنچىسى ساكار، بەشىنچىسى نەتانەل، | 4 |
Men ObedEdoms barn voro desse: Den förstfödde Semaja, den andre Josabad, den tredje Joah, den fjerde Sacar, den femte Nethaneel,
ئالتىنچىسى ئاممىيەل، يەتتىنچىسى ئىسساكار، سەككىزىنچىسى پېئۇلتاي؛ دەرۋەقە خۇدا ئوبەد-ئېدومغا بەخت-سائادەت ئاتا قىلغانىدى. | 5 |
Den sjette Ammiel, den sjunde Isaschar, den åttonde Peulthai; ty Gud hade välsignat honom.
ئۇنىڭ ئوغلى شېمايامۇ بىرنەچچە ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن بولۇپ، ھەممىسى ئاتا جەمەتى ئىچىدە يولباشچى ئىدى، چۈنكى ئۇلار باتۇر ئەزىمەتلەر ئىدى. | 6 |
Och hans sone Semaja vordo ock söner födde, som i deras fäders hus regerade; ty de voro starke hjeltar.
شېمايانىڭ ئوغۇللىرى: ئوتنى، رېفايەل، ئوبەد ۋە ئەلزاباد ئىدى. ئەلزابادنىڭ ئىنىلىرى ئېلىخۇ بىلەن سەماكىيانىڭ ئىككىسى باتۇر ئىدى. | 7 |
Så voro nu Semaja barn: Othni, Rephael, Obed, och Elsabad, hvilkens bröder mägtige män voro, Elihu och Semachia.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوبەد-ئېدومنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى [خۇدانىڭ] خىزمىتىدە قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەملەر ئىدى. ئوبەد-ئېدومنىڭ ئەۋلادى جەمئىي ئاتمىش ئىككى ئادەم ئىدى. | 8 |
Desse voro alle utaf ObedEdoms barn; de med deras barn och bröder, mägtige män, skicklige till ämbete, två och sextio af ObedEdom.
مەشەلەمىيانىڭ ئوغۇللىرى ۋە قېرىنداشلىرى بار ئىدى؛ ھەممىسى باتۇر بولۇپ، جەمئىي ئون سەككىز ئادەم ئىدى. | 9 |
Meselemia hade barn och bröder, mägtige män, aderton.
مەرارىنىڭ ئەۋلادى بولغان خوساھنىڭ بىرنەچچە ئوغلى بار ئىدى، چوڭ ئوغلى شىمرى (شىمرى ئەسلىدە تۇنجى ئوغۇل بولمىسىمۇ، ئاتىسى ئۇنى چوڭ ئوغۇل قىلىپ تىكلىگەن)، | 10 |
Men Hosa utaf Merari barnom hade barn: Den ypperste Simri; ty den förstfödde var icke till, derföre satte hans fader honom främst;
ئىككىنچى ئوغلى ھىلقىيا، ئۈچىنچىسى تەبالىيا، تۆتىنچىسى زەكەرىيا ئىدى. خوساھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قېرىنداشلىرى جەمئىي بولۇپ ئون ئۈچ ئادەم ئىدى. | 11 |
Den andre Hilkia, den tredje Tebalia, den fjerde Zacharia. All Hosa barn och bröder voro tretton.
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىرى بويىچە دەرۋازىۋەنلەرنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈشى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغانىدى. | 12 |
Detta är dörravaktarenas ordning, bland höfdingarna i ämbetet med deras bröder, till att tjena i Herrans hus.
ئۇلار، مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، ئۆز جەمەتى بويىچە چەك تارتىپ ھەربىر دەرۋازىغا بەلگىلەندى. | 13 |
Och lotten vardt kastad dem litsla såväl som dem stora, i deras fäders hus till hvarjo dörrena.
شەرقىي دەرۋازىدا دەرۋازىۋەنلىك قىلىشقا چەك چىققىنى شەلەمىيا بولدى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئوغلى زەكەرىيا (ئاقىلانە مەسلىھەتچى ئىدى) ئۈچۈن چەك تارتتى؛ ئۇنىڭغا شىمالىي دەرۋازىنىڭ دەرۋازىۋەنلىك چېكى چىقتى. | 14 |
Den lotten österut föll på Selemia; men hans sone Zacharia, hvilken en klok och rådig man var, kastade man lotten, och honom föll norrut;
جەنۇبىي دەرۋازىنىڭ چېكى ئوبەد-ئېدومغا چىقتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئامبار-خەزىنىلەرگە مەسئۇل بولدى. | 15 |
Men ObedEdom söderut, och hans sönom vid huset Asuppim;
شۇپپىم بىلەن خوساھقا غەربىي دەرۋازىنىڭ ۋە شۇنىڭدەك داۋان يولىدىكى شاللەكەت دەرۋازىسىنىڭ چېكى چىقتى؛ دەرۋازىۋەنلەر ياندىشىپ تۇراتتى. | 16 |
Och Suppim och Hosa, vesterut vid dörrena Sallecheth, på bränneoffers vägenom, der vakterna vid hvarandra stå.
شەرقىي دەرۋازىغا ھەركۈنى ئالتە لاۋىي دەرۋازىۋەن مەسئۇل ئىدى؛ شىمالىي دەرۋازىغا ھەركۈنى تۆت ئادەم، جەنۇبىي دەرۋازىغا ھەركۈنى تۆت ئادەم مەسئۇل ئىدى؛ ئامبار-خەزىنىلەرنىڭ ھەربىرىگە ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ قارايتتى. | 17 |
Österut voro sex af Leviterna, norrut fyra om dagen, söderut fyra om dagen; men vid Asuppim ju två och två;
غەرب تەرەپتىكى دەھلىزنىڭ ئالدىدىكى يولدا تۆت كىشى، دەھلىزنىڭ ئۆزىدە ئىككى كىشى پاسىبانلىق قىلاتتى. | 18 |
Vid Parbar, vesterut, fyra på vägenom, och två vid Parbar.
يوقۇرىدىكى كىشىلەر دەرۋازىۋەنلەرنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى بولۇپ، كوراھنىڭ ۋە مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. | 19 |
Detta är dörravaktarenas ordning, ibland de Korhiters barn, och Merari barn.
ئۇلارنىڭ [باشقا] لاۋىي قېرىنداشلىرىدىن خۇدانىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەرنى ۋە مۇقەددەس دەپ بېغىشلانغان بۇيۇملار خەزىنىسىنى باشقۇرۇشقا ئاخىياھ قويۇلدى. | 20 |
Utaf Leviterna var Ahija öfver halvorna i Guds hus; och öfver de håfvor, som helgada vordo.
گەرشون جەمەتىدىكى لاداننىڭ ئەۋلادلىرىدىن، گەرشونىي لادان جەمەتىگە يولباشچى بولغىنى: جەھىيەلى ئىدى؛ | 21 |
Af Laedans barn, de Gersoniters barn; af Laedan voro höfdingar ibland fäderna, nämliga de Jehieliter.
جەھىيەلىنىڭ ئوغۇللىرى زېتام بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى يوئېل ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەرگە مەسئۇل ئىدى. | 22 |
De Jehieliters barn voro: Setham och hans broder Joel, öfver Herrans hus håfvor.
ئامرام جەمەتى، ئىزھار جەمەتى، ھېبرون جەمەتى ۋە ئۇززىيەل جەمەتىدىكىلەرمۇ [ۋەزىپىگە قويۇلدى]: | 23 |
Utaf de Amramiter, Jizeariter, Hebroniter och Asieliter,
مۇسانىڭ نەۋرىسى، گەرشومنىڭ ئوغلى شىبۇئەل باش خەزىنىچى بولدى. | 24 |
Var Sebuel, Gersoms son, Mose sons, en Förste öfver håfvorna.
ئۇنىڭ ئەلىئېزەردىن بولغان قېرىنداشلىرى: ئەلىئېزەرنىڭ ئوغلى رەھابىيا، رەھابىيانىڭ ئوغلى يەشايا، يەشايانىڭ ئوغلى يورام، يورامنىڭ ئوغلى زىكرى، زىكرىنىڭ ئوغلى شېلومىت ئىدى. | 25 |
Men hans broder Elieser hade en son Rehabia. Hans son var Jesaja; hans son var Joram; hans son var Sichri; hans son var Selomith.
مۇشۇ شېلومىت بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى مۇقەددەس دەپ بېغىشلانغان بۇيۇملار ساقلىنىدىغان بارلىق خەزىنىلەرنى باشقۇراتتى؛ بۇ بۇيۇملارنى ئەسلىدە داۋۇت پادىشاھ، جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشىلار، يۈزبېشىلار ۋە قوشۇن سەردارلىرى بېغىشلىغانىدى. | 26 |
Den samme Selomith och hans bröder voro öfver alla de helgada tings håfvor, hvilka Konung David helgade, och de öfverste fäderna ibland de öfversta öfver tusende och öfver hundrade, och de öfverste i härenom.
ئۇلار جەڭگاھلاردا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كەلگەن مال-مۈلۈكلەردىن ۋە ئولجىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى پۇختا قىلىشقا بېغىشلىغانىدى. | 27 |
Utaf strid och rof hade de helgat det, till att förbättra Herrans hus.
[بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ] ئالدىن كۆرگۈچى سامۇئىل، كىشنىڭ ئوغلى سائۇل، نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر ۋە زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابلار مۇقەددەس دەپ ئايرىغان نەرسىلەر بار ئىدى؛ بارلىق مۇقەددەس دەپ ئايرىلغان نەرسىلەرنى شېلومىت بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى باشقۇراتتى. | 28 |
Desslikes allt det Samuel Siaren, och Saul Kis son, och Abner, Ners son, och Joab, ZeruJa son, helgat hade; allt det helgada var under Selomiths hand, och hans bröders.
ئىزھار جەمەتىدىن كېنانىيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى [مۇقەددەس ئۆينىڭ] سىرتىدا ئىسرائىلدا مەنسەپدار ۋە سوتچىلار قىلىپ قويۇلدى. | 29 |
Utaf de Jizeariter var Chenanja med sina söner, till de verk utantill, öfver Israel befallningsmän och domare.
ھېبرون جەمەتىدىن ھاشابىيا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى، ھەممىسى باتۇر بولۇپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدە ئىسرائىلدا مەنسەپ تۇتۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ۋە پادىشاھنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا قويۇلغان. ئۇلار جەمئىي بىرمىڭ يەتتە يۈز كىشى ئىدى. | 30 |
Utaf de Hebroniter var Hasabia och hans bröder, mägtige män, tusende och sjuhundrade, öfver Israels ämbete, på desso sidone Jordan vesterut, till allahanda Herrans sysslo, och till att tjena Konungenom.
ھېبرون جەمەتى ئىچىدە، جەمەتنىڭ نەسەبنامىسى بويىچە يەرىيا جەمەت بېشى ئىدى. داۋۇتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ قىرىقىنچى يىلى [نەسەبنامىلەرنى] تەكشۈرۈش ئارقىلىق گىلېئادنىڭ يائازەر دېگەن يېرىدە بۇ جەمەتتىنمۇ باتۇر ئەزىمەتلەر تېپىلدى. | 31 |
Var ock ibland de Hebroniter Jeria, den ypperste ibland de Hebroniter, af fäderna i hans ätt. Det vordo ock af dem sökte och funne, uti fyrationde årena af Davids rike, mägtige män, i Jaeser i Gilead;
يەرىيانىڭ قېرىنداشلىرىدىن يەنە جەمئىي بولۇپ ئىككى مىڭ يەتتە يۈز كىشى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر بولۇپ، شۇ جەمەت باشلىرى ئىدى؛ پادىشاھ داۋۇت ئۇلارنى رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكى خۇداغا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىگە دائىر بارلىق ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قويدى. | 32 |
Och deras bröder, mägtige män, tutusend och sjuhundrad öfverste fäder. Och David satte dem öfver de Rubeniter, Gaditer, och öfver den halfva slägtena Manasse, till all Guds och Konungens ärende.