< تارىخ-تەزكىرە 1 24 >
ھارۇن ئەۋلادلىرىنىڭ نۆۋەتچىلىككە بۆلۈنۈشى تۆۋەندىكىچە: ھارۇننىڭ ئوغلى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامار. | 1 |
Og Arons-sønerne var skipa i desse skifti: Sønerne åt Aron var Nadab og Abihu, Eleazar og Itamar.
ناداب بىلەن ئابىھۇ ئاتىسىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ھەم پەرزەنت كۆرمىگەنىدى؛ شۇڭا ئەلىئازار بىلەن ئىتامار كاھىنلىقنى تۇتاتتى. | 2 |
Men Nadab og Abihu døydde fyre faren, og dei hadde ingi søner, og berre Eleazar og Itamar vart prestar.
داۋۇت ۋە ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زادوك ۋە ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاخىمەلەك ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ۋەزىپىسى بويىچە ئىشقا قويدى؛ | 3 |
Og David i lag med Sadok av sønerne åt Eleazar og Ahimelek av sønerne åt Itamar, skifte deim etter deira embætte i tenesta deira.
ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلار ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلاردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى شۇنىڭغا ئاساسەن ئايرىپ نۆۋەت-گۇرۇپپىلارغا بۆلدى. ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلار ئون ئالتە كىشى ئىدى، ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلار سەككىز كىشى ئىدى؛ | 4 |
Dei kom då etter med at det var fleire hovdingar av Eleazars-sønerne enn Itamars-sønerne, og difor skipa dei det so at Eleazars-sønerne fekk sekstan hovdingar for sine ættgreiner, og Itamars-sønerne åtte for sine ættgreiner.
ئۇلار چەك تاشلاش يولى بىلەن تەڭشەپ نۆۋەت-گۇرۇپپىلارغا بۆلۈندى. شۇنداق قىلىپ مۇقەددەسخانىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولغانلار ۋە خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولغانلار ھەم ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىنمۇ ھەم ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىنمۇ بولدى. | 5 |
Og dei skifte deim med strådraging, båe hovudgreinerne; for heilagdoms-fyrstarne og gudsfyrstarne tok dei både av Eleazars-sønerne og Itamars-sønerne.
لاۋىي نەتانەلنىڭ ئوغلى شېمايا كاتىپ بولسا پادىشاھ، ئەمەلدارلار، كاھىن زادوك، ئابىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك، شۇنداقلا كاھىنلارنىڭ ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئىسمىنى پۈتۈپ قويدى. ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن بىر جەمەت تاللاندى، ئاندىن ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىنمۇ بىر جەمەت تاللاندى. | 6 |
Og Semaja Netanelsson, skrivaren av Levi-ætti, skreiv deim upp medan kongen og hovdingarne og presten Sadok og Ahimelek Abjatarsson og ættarhovdingarne for prestarne og levitarne såg på; dei tok ut ei ættgrein for Eleazar og so til skiftes for Itamar.
بىرىنچى چەك يەھويارىبقا، ئىككىنچى چەك يەداياغا، | 7 |
Fyrste luten fall på Jojarib, den andre på Jedaja,
ئۈچىنچى چەك ھارىمغا، تۆتىنچى چەك سېئورىمغا، | 8 |
den tridje på Harim, den fjorde på Seorim,
بەشىنچى چەك مالكىياغا، ئالتىنچى چەك مىيامىنغا، | 9 |
den femte på Malkia, den sette på Mijamin,
يەتتىنچى چەك ھاككوزغا، سەككىزىنچى چەك ئابىياغا، | 10 |
den sjuande på Hakkos, den åttande på Abia,
توققۇزىنچى چەك يەشۇئاغا، ئونىنچى چەك شېكانىياغا، | 11 |
den niande på Jesua, den tiande på Sekanja,
ئون بىرىنچى چەك ئەلىياشىبقا، ئون ئىككىنچى چەك ياكىمغا، | 12 |
den ellevte på Eljasib, den tolvte på Jakim,
ئون ئۈچىنچى چەك ھۇپپاغا، ئون تۆتىنچى چەك يەشەبىئابقا، | 13 |
den trettande på Huppa, den fjortande på Jesebab,
ئون بەشىنچى چەك بىلگاھقا، ئون ئالتىنچى چەك ئىممەرگە، | 14 |
den femtande på Bilga, den sekstande på Immer,
ئون يەتتىنچى چەك ھېزىرغا، ئون سەككىزىنچى چەك ھاپپىزەزگە، | 15 |
den syttande på Hezir, den attande på Happisses,
ئون توققۇزىنچى چەك پىتاھىياغا، يىگىرمىنچى چەك يەھەزكەلگە، | 16 |
den nittande på Petahja, den tjugande på Ezekiel,
يىگىرمە بىرىنچى چەك ياقىنغا، يىگىرمە ئىككىنچى چەك گامۇلغا، | 17 |
den ein og tjugande på Jakin, den tvo og tjugande på Gamul,
يىگىرمە ئۈچىنچى چەك دېلاياغا، يىگىرمە تۆتىنچى چەك مائازىياغا چىقتى. | 18 |
den tri og tjugande på Delaja og den fire og tjugande på Ma’azja.
مانا بۇ ئۇلارنىڭ خىزمەت تەرتىپى؛ بۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاتىسى ھارۇننىڭ ۋاستىسى بىلەن بۇيرۇغان نىزام بويىچە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىش نۆۋىتى ئىدى. | 19 |
Dette vart den skipnaden som dei skulde gjera tenesta si etter, når dei gjekk inn i Herrens hus, so som det var fyresagt deim gjenom Aron, far deira, etter det som Herren, Israels Gud, hadde sagt honom fyre.
لاۋىينىڭ قالغان ئەۋلادلىرى مۇنۇلار: ئامرامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شۇبايەل؛ شۇبايەلنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە يەھدېيا بار ئىدى. | 20 |
Av dei andre Levi-sønerne høyrde Subael til Amrams-sønerne, og Jehdeja var av Subaels-sønerne.
رەھابىياغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، جۈملىدىن تۇنجى ئوغلى يىشىيا بار ئىدى. | 21 |
Av Rehabja-sønerne var Jissia hovdingen;
ئىزھارنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە شېلوموت؛ شېلوموتنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە جاھات بار ئىدى. | 22 |
av jisharitarne var det Selomot, og Jahat av Selomots-sønerne.
ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يەرىيا، ئىككىنچىسى ئامارىيا، ئۈچىنچىسى ياھازىيەل، تۆتىنچىسى جەكامىيام ئىدى. | 23 |
Og benajitar var Jeria, Amarja, den andre, Jahaziel, den tridje, og Jekamam, den fjorde.
ئۇززىيەلنىڭ ئوغۇللىرى: مىكاھ؛ مىكاھنىڭ ئوغۇللىرىدىن شامىر بار ئىدى. | 24 |
Son hans Uzziel var Mika; av sønerne hans Mika var Samur.
مىكاھنىڭ ئىنىسى ئىسشىيا ئىدى؛ يىسشىيانىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە زەكەرىيا بار ئىدى. | 25 |
Jissia var bror åt Mika; av Jissia-sønerne var Zakarja.
مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى: ماھلى ۋە مۇشى؛ يائازىيانىڭ ئوغلى بېنو ئىدى. | 26 |
Merari-sønerne var Mahli og Musi, søner åt Ja’azia hans son.
مەرارىنىڭ ئوغلى يائازىيادىن بولغان ئەۋلادلىرى بېنو، شوھام، زاككۇر ۋە ئىبرى بار ئىدى. | 27 |
Søner hans Merari gjenom Ja’azia, son hans, var både Soham, Zakkur og Ibri.
ماھلىنىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئىدى؛ ئەلىئازارنىڭ ئوغلى يوق ئىدى. | 28 |
Son åt Mahli var Eleazar; men han hadde ingi søner.
كىشكە كەلسەك، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە يەراھمىيەل بار ئىدى. | 29 |
Av sønerne åt Kis var høyrde Jerahme’el,
مۇشىنىڭ ئوغۇللىرى ماھلى، ئېدەر ۋە يەرىموت ئىدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەتلىرى بويىچە پۈتۈلگەنىدى. | 30 |
og sønerne åt Musi var Mahli og Eder og Jerimot. Dette var levitsøner etter ættgreinerne deira.
ئۇلارمۇ ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش، داۋۇت پادىشاھ، زادوك، ئاخىمەلەك ۋە شۇنىڭدەك كاھىنلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىدا چەك تارتتى؛ ھەرقايسى جەمەت باشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىدىن ئەڭ كىچىكلىرىمۇ ئوخشاشلا چەك تارتتى. | 31 |
Dei og dro strå liksom frendarne deira, Arons-sønerne, medan kong David og Sadok og Ahimelek og ættarhovdingarne for prestarne og levitarne var til stades, hovdingen for ætti likso vel som dei yngste frendarne deira.