< تارىخ-تەزكىرە 1 23 >
داۋۇت قېرىپ كۈنلىرى توشاي دەپ قالغاندا، ئوغلى سۇلايماننى ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. | 1 |
Dawut ⱪerip künliri toxay dǝp ⱪalƣanda, oƣli Sulaymanni Israil üstigǝ padixaⱨ ⱪilip tiklidi.
داۋۇت ئىسرائىلدىكى ئەمەلدارلارنى، كاھىنلارنى ۋە لاۋىيلارنى يىغدى. | 2 |
Dawut Israildiki ǝmǝldarlarni, kaⱨinlarni wǝ Lawiylarni yiƣdi.
لاۋىيلاردىن ئوتتۇز ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ تىزىملانغىنى بويىچە، ئۇلاردىن ئەرلەر جەمئىي ئوتتۇز سەككىز مىڭ كىشى ئىدى. | 3 |
Lawiylardin ottuz yaxtin axⱪanlarning ⱨǝmmisi sanaⱪtin ɵtküzüldi; tizimlanƣini boyiqǝ, ulardin ǝrlǝr jǝmiy ottuz sǝkkiz ming kixi idi.
داۋۇت: «بۇلارنىڭ ئىچىدە يىگىرمە تۆت مىڭ كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە، ئالتە مىڭ كىشى ئەمەلدار ۋە سوتچىلىققا، | 4 |
Dawut: «Bularning iqidǝ yigirmǝ tɵt ming kixi Pǝrwǝrdigarning ɵyini baxⱪurux hizmitigǝ, altǝ ming kixi ǝmǝldar wǝ sotqiliⱪⱪa,
تۆت مىڭ كىشى دەرۋازىۋەنلىككە ۋە يەنە تۆت مىڭ كىشى مەن ياسىغان سازلار بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇش ئىشىغا قويۇلسۇن» ــ دېدى. | 5 |
tɵt ming kixi dǝrwaziwǝnlikkǝ wǝ yǝnǝ tɵt ming kixi mǝn yasiƣan sazlar bilǝn Pǝrwǝrdigarƣa ⱨǝmdusana oⱪux ixiƣa ⱪoyulsun» — dedi.
داۋۇت ئۇلارنى لاۋىينىڭ ئوغلى گەرشون، كوھات ۋە مەرارى جەمەتلىرى بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلدى: ــ | 6 |
Dawut ularni Lawiyning oƣli Gǝrxon, Koⱨat wǝ Mǝrari jǝmǝtliri boyiqǝ guruppilarƣa bɵldi: —
گەرشونىيلاردىن لادان بىلەن شىمەي بار ئىدى؛ | 7 |
Gǝrxoniylardin Ladan bilǝn Ximǝy bar idi;
لاداننىڭ ئوغلى: تۇنجى ئوغلى يەھىيەل، يەنە زىتام بىلەن يوئېلدىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ئىدى؛ | 8 |
Ladanning oƣli: tunji oƣli Yǝⱨiyǝl, yǝnǝ Zitam bilǝn Yoeldin ibarǝt üq kixi idi;
شىمەينىڭ ئوغلىدىن شېلومىت، ھازىيەل ۋە ھاراندىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ئىدى؛ يۇقىرىقىلار لاداننىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. | 9 |
Ximǝyning oƣlidin Xelomit, Ⱨaziyǝl wǝ Ⱨarandin ibarǝt üq kixi idi; yuⱪiriⱪilar Ladanning jǝmǝt baxliⱪliri idi.
شىمەينىڭ ئوغۇللىرى جاھات، زىنا، يەئۇش ۋە بېرىياھ، بۇ تۆتەيلەننىڭ ھەممىسى شىمەينىڭ ئوغلى ئىدى. | 10 |
Ximǝyning oƣulliri Jaⱨat, Zina, Yǝux wǝ Beriyaⱨ, bu tɵtǝylǝnning ⱨǝmmisi Ximǝyning oƣli idi.
جاھات تۇنجى ئوغۇل، زىزا ئىككىنچى ئوغۇل ئىدى؛ يەئۇش بىلەن بېرىياھنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپ بولمىغاچقا، بىر [جەمەت گۇرۇپپىسى] دەپ ھېسابلانغان. | 11 |
Jaⱨat tunji oƣul, Ziza ikkinqi oƣul idi; Yǝux bilǝn Beriyaⱨning ǝwladliri kɵp bolmiƣaqⱪa, bir [jǝmǝt guruppisi] dǝp ⱨesablanƣan.
كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىيەلدىن ئىبارەت تۆت كىشى ئىدى. | 12 |
Koⱨatning oƣulliri Amram, Izⱨar, Ⱨebron wǝ Uzziyǝldin ibarǝt tɵt kixi idi.
ئامرامنىڭ ئوغلى ھارۇن بىلەن مۇسا ئىدى. ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكلاش، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا مەڭگۈگە [قۇربانلىقلارنى] سۇنۇش، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، مەڭگۈ ئۇنىڭ نامىدىن بەخت تىلەپ دۇئا بېرىشكە ئايرىلغانىدى. | 13 |
Amramning oƣli Ⱨarun bilǝn Musa idi. Ⱨarun bilǝn uning ǝwladliri ǝng muⱪǝddǝs buyumlarni paklax, Pǝrwǝrdigarning aldida mǝnggügǝ [ⱪurbanliⱪlarni] sunux, uning hizmitini ⱪilix, mǝnggü uning namidin bǝht tilǝp dua berixkǝ ayrilƣanidi.
خۇدانىڭ ئادىمى مۇساغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى لاۋىي قەبىلىسىدىن دەپ ھېسابلىنىپ پۈتۈلگەن. | 14 |
Hudaning adimi Musaƣa kǝlsǝk, uning ǝwladliri Lawiy ⱪǝbilisidin dǝp ⱨesablinip pütülgǝn.
مۇسانىڭ ئوغلى گەرشوم بىلەن ئەلىئېزەر ئىدى. | 15 |
Musaning oƣli Gǝrxom bilǝn Əliezǝr idi.
گەرشومنىڭ ئوغۇللىرىدىن شەبۇيەل چوڭ ئوغلى ئىدى. | 16 |
Gǝrxomning oƣulliridin Xǝbuyǝl qong oƣli idi.
ئەلىئېزەرنىڭ ئوغلى رەھابىيا ئىدى؛ ئەلىئېزەرنىڭ باشقا ئوغلى بولمىغان، لېكىن رەھابىيانىڭ ئوغۇللىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. | 17 |
Əliezǝrning oƣli Rǝⱨabiya idi; Əliezǝrning baxⱪa oƣli bolmiƣan, lekin Rǝⱨabiyaning oƣulliri naⱨayiti kɵp idi.
ئىزھارنىڭ تۇنجى ئوغلى شېلومىت ئىدى. | 18 |
Izⱨarning tunji oƣli Xelomit idi.
ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يېرىيا، ئىككىنچى ئوغلى ئامارىيا، ئۈچىنچى ئوغلى ياھازىيەل، تۆتىنچى ئوغلى جەكامىيام ئىدى. | 19 |
Ⱨebronning oƣulliri: tunji oƣli Yeriya, ikkinqi oƣli Amariya, üqinqi oƣli Yaⱨaziyǝl, tɵtinqi oƣli Jǝkamiyam idi.
ئۇززىيەلنىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى مىكاھ، ئىككىنچى ئوغلى يىشىيا ئىدى. | 20 |
Uzziyǝlning oƣulliri: tunji oƣli Mikaⱨ, ikkinqi oƣli Yixiya idi.
مەرارىنىڭ ئوغلى ماھلى بىلەن مۇشى ئىدى؛ ماھلىنىڭ ئوغلى ئەلىئازار بىلەن كىش ئىدى. | 21 |
Mǝrarining oƣli Maⱨli bilǝn Muxi idi; Maⱨlining oƣli Əliazar bilǝn Kix idi.
ئەلىئازار ئۆلگەندە ئوغلى يوق، قىزلىرىلا بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى، يەنى كىشنىڭ ئوغۇللىرى ئۇ قىزلارنى ئەمرىگە ئالدى. | 22 |
Əliazar ɵlgǝndǝ oƣli yoⱪ, ⱪizlirila bar idi; ularning tuƣⱪanliri, yǝni Kixning oƣulliri u ⱪizlarni ǝmrigǝ aldi.
مۇشىنىڭ ماھلى، ئېدەر ۋە يەرەموت دېگەن ئۈچلا ئوغلى بار ئىدى. | 23 |
Muxining Maⱨli, Edǝr wǝ Yǝrǝmot degǝn üqla oƣli bar idi.
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەتلىرى بويىچە، يەنى جەمەت باشلىرى بويىچە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان ئەركەكلەر رويخەتكە ئېلىنغان؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئۆتەشكە ئىسمىلىرى بويىچە تىزىملانغانىدى. | 24 |
Yuⱪiriⱪilarning ⱨǝmmisi Lawiyning ǝwladliri bolup, jǝmǝtliri boyiqǝ, yǝni jǝmǝt baxliri boyiqǝ yigirmǝ yaxtin axⱪan ǝrkǝklǝr royhǝtkǝ elinƣan; ular Pǝrwǝrdigarning ɵyidiki wǝzipilǝrni ɵtǝxkǝ ismiliri boyiqǝ tizimlanƣanidi.
چۈنكى داۋۇت: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە ئارام بېرىپ، ئۆزى مەڭگۈ يېرۇسالېمدا ماكان قىلىدۇ؛ | 25 |
Qünki Dawut: «Israilning Hudasi Pǝrwǝrdigar Ɵz hǝlⱪigǝ aram berip, Ɵzi mǝnggü Yerusalemda makan ⱪilidu;
شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلارنىڭ مۇقەددەس چېدىرنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى قاچا-ئەسۋابلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەنىدى. | 26 |
xuning bilǝn Lawiylarning muⱪǝddǝs qedirni wǝ uning iqidiki ⱨǝrⱪaysi ⱪaqa-ǝswablarni kɵtürüp yürüxning ⱨajiti yoⱪ» degǝnidi.
شۇڭا داۋۇتنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ۋەسىيىتى بويىچە، لاۋىيلارنىڭ يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلىرىنىڭ ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنىدى. | 27 |
Xunga Dawutning jan üzüx aldidiki wǝsiyiti boyiqǝ, Lawiylarning yigirmǝ yaxtin yuⱪirilirining ⱨǝmmisi sanaⱪtin ɵtküzülgǝnidi.
ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىش ئىدى؛ ئۇلار ھويلا-ئاراملارنى باشقۇرۇش، بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكىز تۇتۇش، قىسقىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بېجىرىشكە مەسئۇل ئىدى؛ | 28 |
Ularning wǝzipisi bolsa Ⱨarunning ǝwladlirining yenida turup, Pǝrwǝrdigarning ɵyining ixlirini ⱪilix idi; ular ⱨoyla-aramlarni baxⱪurux, barliⱪ muⱪǝddǝs buyumlarni pakiz tutux, ⱪisⱪisi, Pǝrwǝrdigarning ɵyining hizmǝt wǝzipilirini bejirixkǝ mǝs’ul idi;
يەنە «تىزىلغان تەقدىم نان»، ئاش ھەدىيە ئۇنلىرى، پېتىر قوتۇرماچلار، قازان نانلىرى ۋە مايلىق نانلارغا، شۇنداقلا ھەرخىل ئۆلچەش ئەسۋابلىرىغا مەسئۇل ئىدى؛ | 29 |
yǝnǝ «tizilƣan tǝⱪdim nan», ax ⱨǝdiyǝ unliri, petir ⱪoturmaqlar, ⱪazan nanliri wǝ mayliⱪ nanlarƣa, xundaⱪla ⱨǝrhil ɵlqǝx ǝswabliriƣa mǝs’ul idi;
ئۇلار يەنە ھەركۈنى ئەتىگەندە ئۆرە تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىپ ھەمدۇسانا ئوقۇيتتى، ھەركۈنى كەچلىكىمۇ شۇنداق قىلاتتى. | 30 |
ular yǝnǝ ⱨǝrküni ǝtigǝndǝ ɵrǝ turup Pǝrwǝrdigarƣa tǝxǝkkür eytip ⱨǝmdusana oⱪuytti, ⱨǝrküni kǝqlikimu xundaⱪ ⱪilatti.
يەنە شابات كۈنى، ھەر يېڭى ئايدا، شۇنىڭدەك بېكىتىلگەن ھېيت-بايراملاردا سۇنۇلىدىغان بارلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا مەسئۇل ئىدى. ئۆزلىرىگە قارىتىلغان بەلگىلىمە بويىچە، ئۇلار دائىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېكىتىلىگەن سانى ۋە نۆۋىتى بىلەن خىزمەتتە تۇراتتى. | 31 |
Yǝnǝ xabat küni, ⱨǝr yengi ayda, xuningdǝk bekitilgǝn ⱨeyt-bayramlarda sunulidiƣan barliⱪ kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪlarƣa mǝs’ul idi. Ɵzlirigǝ ⱪaritilƣan bǝlgilimǝ boyiqǝ, ular daim Pǝrwǝrdigarning aldiƣa bekitiligǝn sani wǝ nɵwiti bilǝn hizmǝttǝ turatti.
ئۇلار جامائەت چېدىرىنى ھەم مۇقەددەس جاينى باقاتتى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتتە بولۇۋاتقان قېرىنداشلىرى، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا قارايتتى. | 32 |
Ular jamaǝt qedirini ⱨǝm muⱪǝddǝs jayni baⱪatti, xundaⱪla ɵzlirining Pǝrwǝrdigarning ɵyidiki hizmǝttǝ boluwatⱪan ⱪerindaxliri, yǝni Ⱨarunning ǝwladliriƣa ⱪaraytti.