< تارىخ-تەزكىرە 1 23 >

داۋۇت قېرىپ كۈنلىرى توشاي دەپ قالغاندا، ئوغلى سۇلايماننى ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 1
Or, David était vieux et plein de jours, et il proclama roi à sa place son fils Salomon.
داۋۇت ئىسرائىلدىكى ئەمەلدارلارنى، كاھىنلارنى ۋە لاۋىيلارنى يىغدى. 2
Il rassembla tous les chefs d'Israël, les prêtres et les lévites.
لاۋىيلاردىن ئوتتۇز ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ تىزىملانغىنى بويىچە، ئۇلاردىن ئەرلەر جەمئىي ئوتتۇز سەككىز مىڭ كىشى ئىدى. 3
Les lévites de trente ans et au-dessus furent comptés, et il s'en trouva trente-huit mille, savoir:
داۋۇت: «بۇلارنىڭ ئىچىدە يىگىرمە تۆت مىڭ كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە، ئالتە مىڭ كىشى ئەمەلدار ۋە سوتچىلىققا، 4
Vingt-quatre mille employés aux travaux du tabernacle du Seigneur, six mille scribes et juges;
تۆت مىڭ كىشى دەرۋازىۋەنلىككە ۋە يەنە تۆت مىڭ كىشى مەن ياسىغان سازلار بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇش ئىشىغا قويۇلسۇن» ــ دېدى. 5
Quatre mille portiers, et quatre mille chantres louant le Seigneur au son des instruments qu'avait faits David pour accompagner ses louanges.
داۋۇت ئۇلارنى لاۋىينىڭ ئوغلى گەرشون، كوھات ۋە مەرارى جەمەتلىرى بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلدى: ــ 6
David les divisa, et il assigna leurs jours de service aux fils de Lévi, aux familles de Gerson, Caath et Mérari.
گەرشونىيلاردىن لادان بىلەن شىمەي بار ئىدى؛ 7
Fils de Gerson: Edan et Sémeï.
لاداننىڭ ئوغلى: تۇنجى ئوغلى يەھىيەل، يەنە زىتام بىلەن يوئېلدىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ئىدى؛ 8
Fils d'Edan: Jehiel le premier, et Zêthan et Johel: trois.
شىمەينىڭ ئوغلىدىن شېلومىت، ھازىيەل ۋە ھاراندىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ئىدى؛ يۇقىرىقىلار لاداننىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. 9
Fils de Sémeï: Salomith, Jehiel et Dan. Tels sont les trois chefs des familles d'Edan.
شىمەينىڭ ئوغۇللىرى جاھات، زىنا، يەئۇش ۋە بېرىياھ، بۇ تۆتەيلەننىڭ ھەممىسى شىمەينىڭ ئوغلى ئىدى. 10
Fils de Sémeï: Jeth, Ziza, Joas et Beria. Tels sont les quatre fils de Sémei.
جاھات تۇنجى ئوغۇل، زىزا ئىككىنچى ئوغۇل ئىدى؛ يەئۇش بىلەن بېرىياھنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپ بولمىغاچقا، بىر [جەمەت گۇرۇپپىسى] دەپ ھېسابلانغان. 11
Jeth était le premier, et Ziza le second; Joas et Beria n'eurent pas beaucoup d'enfants, et ils ne formèrent qu'une famille en une seule maison.
كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىيەلدىن ئىبارەت تۆت كىشى ئىدى. 12
Fils de Caath: Amram, Isaar, Hébron, Oziel: quatre.
ئامرامنىڭ ئوغلى ھارۇن بىلەن مۇسا ئىدى. ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكلاش، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا مەڭگۈگە [قۇربانلىقلارنى] سۇنۇش، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، مەڭگۈ ئۇنىڭ نامىدىن بەخت تىلەپ دۇئا بېرىشكە ئايرىلغانىدى. 13
Fils d'Amram: Aaron et Moïse, et Aaron fut désigné pour servir dans le Saint des saints, lui et ses fils, à perpétuité, pour faire les sacrifices devant le Seigneur, pour servir et prier en son nom à perpétuité.
خۇدانىڭ ئادىمى مۇساغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى لاۋىي قەبىلىسىدىن دەپ ھېسابلىنىپ پۈتۈلگەن. 14
Quant à Moïse, l'homme de Dieu, ses fils furent comptés dans la tribu de Lévi.
مۇسانىڭ ئوغلى گەرشوم بىلەن ئەلىئېزەر ئىدى. 15
Fils de Moïse: Gersam et Eliézer.
گەرشومنىڭ ئوغۇللىرىدىن شەبۇيەل چوڭ ئوغلى ئىدى. 16
Fils de Gersam: Sobahel le premier.
ئەلىئېزەرنىڭ ئوغلى رەھابىيا ئىدى؛ ئەلىئېزەرنىڭ باشقا ئوغلى بولمىغان، لېكىن رەھابىيانىڭ ئوغۇللىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. 17
Eliézer eut aussi des enfants: Rabia fut le premier, et Eliézer n'eut pas d'autres fils; mais les fils de Rabia multiplièrent extrêmement.
ئىزھارنىڭ تۇنجى ئوغلى شېلومىت ئىدى. 18
Fils d'Isaar: Salomoth le premier.
ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يېرىيا، ئىككىنچى ئوغلى ئامارىيا، ئۈچىنچى ئوغلى ياھازىيەل، تۆتىنچى ئوغلى جەكامىيام ئىدى. 19
Fils d'Hébron: Jeria le premier, Amaria le second, Jéziel le troisième, Jécémias le quatrième.
ئۇززىيەلنىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى مىكاھ، ئىككىنچى ئوغلى يىشىيا ئىدى. 20
Fils d'Oziel: Micha le premier, Isia le second.
مەرارىنىڭ ئوغلى ماھلى بىلەن مۇشى ئىدى؛ ماھلىنىڭ ئوغلى ئەلىئازار بىلەن كىش ئىدى. 21
Fils de Mérari: Mooli et Musi. Fils de Mooli: Eléazar et Cis.
ئەلىئازار ئۆلگەندە ئوغلى يوق، قىزلىرىلا بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى، يەنى كىشنىڭ ئوغۇللىرى ئۇ قىزلارنى ئەمرىگە ئالدى. 22
Eléazar mourut, et il n'avait point de fils, mais des filles, et les fils de Cis, leurs frères, les prirent pour femmes.
مۇشىنىڭ ماھلى، ئېدەر ۋە يەرەموت دېگەن ئۈچلا ئوغلى بار ئىدى. 23
Fils de Musi: Mooli, et Eder, et Jarimoth; trois.
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەتلىرى بويىچە، يەنى جەمەت باشلىرى بويىچە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان ئەركەكلەر رويخەتكە ئېلىنغان؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئۆتەشكە ئىسمىلىرى بويىچە تىزىملانغانىدى. 24
Tels furent les fils de Lévi, par familles paternelles, chefs de leurs familles, selon le recensement par noms et par têtes, faisant le service du tabernacle du Seigneur, Agés de trente ans et au-dessus.
چۈنكى داۋۇت: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە ئارام بېرىپ، ئۆزى مەڭگۈ يېرۇسالېمدا ماكان قىلىدۇ؛ 25
Or, David dit: Le Seigneur Dieu d'Israël a donné le repos à son peuple, et il a choisi Jérusalem pour sa demeure à jamais.
شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلارنىڭ مۇقەددەس چېدىرنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى قاچا-ئەسۋابلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەنىدى. 26
Les lévites n'avaient donc plus dans leur service le transport du tabernacle et de ses ornements.
شۇڭا داۋۇتنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ۋەسىيىتى بويىچە، لاۋىيلارنىڭ يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلىرىنىڭ ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنىدى. 27
Et, selon les dernières paroles de David, le dénombrement des fils de Lévi, âgés de trente ans et au-dessus, avait été fait.
ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىش ئىدى؛ ئۇلار ھويلا-ئاراملارنى باشقۇرۇش، بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكىز تۇتۇش، قىسقىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بېجىرىشكە مەسئۇل ئىدى؛ 28
Et, d'après Aaron, il avait réglé les emplois dans la demeure du Seigneur, tant dans les parvis que dans les chambres, et pour ce qui concernait la purification du Saint des saints, et les autres services du tabernacle,
يەنە «تىزىلغان تەقدىم نان»، ئاش ھەدىيە ئۇنلىرى، پېتىر قوتۇرماچلار، قازان نانلىرى ۋە مايلىق نانلارغا، شۇنداقلا ھەرخىل ئۆلچەش ئەسۋابلىرىغا مەسئۇل ئىدى؛ 29
Et les pains de proposition, et la fleur de farine des sacrifices, et les poêles à cuire les azymes, et la pâte, et les mesures,
ئۇلار يەنە ھەركۈنى ئەتىگەندە ئۆرە تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىپ ھەمدۇسانا ئوقۇيتتى، ھەركۈنى كەچلىكىمۇ شۇنداق قىلاتتى. 30
Et les louanges du Seigneur qu'on devait chanter du matin au soir,
يەنە شابات كۈنى، ھەر يېڭى ئايدا، شۇنىڭدەك بېكىتىلگەن ھېيت-بايراملاردا سۇنۇلىدىغان بارلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا مەسئۇل ئىدى. ئۆزلىرىگە قارىتىلغان بەلگىلىمە بويىچە، ئۇلار دائىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېكىتىلىگەن سانى ۋە نۆۋىتى بىلەن خىزمەتتە تۇراتتى. 31
Et tous les holocaustes à offrir au Seigneur, tant les jours de sabbat qu'aux nouvelles lunes et aux fêtes, selon le nombre et les usages invariables, devant le Seigneur.
ئۇلار جامائەت چېدىرىنى ھەم مۇقەددەس جاينى باقاتتى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتتە بولۇۋاتقان قېرىنداشلىرى، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا قارايتتى. 32
Et il était prescrit aux lévites de garder le tabernacle du témoignage, et le Saint des saints, et les fils d'Aaron leurs frères, pendant leur service dans le tabernacle du Seigneur.

< تارىخ-تەزكىرە 1 23 >