شۇڭا داۋۇت: «مانا بۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆيى بولىدىغان جاي، مانا بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنىدىغان قۇربانگاھ بولىدۇ» ــ دېدى. | 1 |
וַיֹּאמֶר דָּוִיד זֶה הוּא בֵּית יְהֹוָה הָאֱלֹהִים וְזֶה־מִּזְבֵּחַ לְעֹלָה לְיִשְׂרָאֵֽל׃ |
داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سالدۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىل زېمىنىدىكى يات ئەلدىكىلەرنى يىغىشنى بۇيرۇدى ھەم تاشلارنى ئويۇشقا تاشچىلارنى تەيىنلىدى. | 2 |
וַיֹּאמֶר דָּוִיד לִכְנוֹס אֶת־הַגֵּרִים אֲשֶׁר בְּאֶרֶץ יִשְׂרָאֵל וַיַּעֲמֵד חֹצְבִים לַחְצוֹב אַבְנֵי גָזִית לִבְנוֹת בֵּית הָאֱלֹהִֽים׃ |
ئىشىك-دەرۋازىلارغا ئىشلىتىشكە مىق ۋە گىرە-بالداق ياساش ئۈچۈن نۇرغۇن تۆمۈر تەييارلىدى؛ يەنە نۇرغۇن مىس تەييارلىدىكى، ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى تارازىلاپ بولمايتتى؛ | 3 |
וּבַרְזֶל ׀ לָרֹב לַֽמִּסְמְרִים לְדַלְתוֹת הַשְּׁעָרִים וְלַֽמְחַבְּרוֹת הֵכִין דָּוִיד וּנְחֹשֶׁת לָרֹב אֵין מִשְׁקָֽל׃ |
ئۇ يەنە سان-ساناقسىز كېدىر ياغىچى تەييارلىدى، چۈنكى زىدونلۇقلار بىلەن تۇرلۇقلار داۋۇتقا نۇرغۇن كېدىر ياغىچى يەتكۈزۈپ بەرگەنىدى. | 4 |
וַעֲצֵי אֲרָזִים לְאֵין מִסְפָּר כִּֽי־הֵבִיאוּ הַצִּידֹנִים וְהַצֹּרִים עֲצֵי אֲרָזִים לָרֹב לְדָוִֽיד׃ |
داۋۇت كۆڭلىدە: «ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش، بىر يۇمران كۆچەت خالاس، پەرۋەردىگارغا سېلىنىدىغان ئۆي ناھايىتى بەھەيۋەت ۋە كاتتا بولۇشى، شان-شۆھرىتى بارلىق يۇرتلارغا يېيىلىشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆيگە كېتىدىغان ماتېرىياللارنى ھازىرلاپ قويۇشۇم كېرەك» دەپ ئويلىدى. شۇڭا داۋۇت ئۆلۈشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن ماتېرىيال ھازىرلاپ قويدى. | 5 |
וַיֹּאמֶר דָּוִיד שְׁלֹמֹה בְנִי נַעַר וָרָךְ וְהַבַּיִת לִבְנוֹת לַֽיהֹוָה לְהַגְדִּיל ׀ לְמַעְלָה לְשֵׁם וּלְתִפְאֶרֶת לְכׇל־הָאֲרָצוֹת אָכִינָה נָּא לוֹ וַיָּכֶן דָּוִיד לָרֹב לִפְנֵי מוֹתֽוֹ׃ |
داۋۇت ئوغلى سۇلايماننى قىچقىرىپ ئۇنىڭغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئۆي سېلىشنى تاپىلىدى. | 6 |
וַיִּקְרָא לִשְׁלֹמֹה בְנוֹ וַיְצַוֵּהוּ לִבְנוֹת בַּיִת לַיהֹוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ |
داۋۇت سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: «ئى ئوغلۇم، مەن ئەسلىدە پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سېلىشنى ئويلىغان، | 7 |
וַיֹּאמֶר דָּוִיד לִשְׁלֹמֹה (בנו) [בְּנִי] אֲנִי הָיָה עִם־לְבָבִי לִבְנוֹת בַּיִת לְשֵׁם יְהֹוָה אֱלֹהָֽי׃ |
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا: «سەن نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ، نۇرغۇن چوڭ جەڭلەرنى قىلدىڭ؛ سېنىڭ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئۆي سېلىشىڭغا بولمايدۇ، چۈنكى سەن مېنىڭ ئالدىمدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنىنى يەرگە تۆكتۈڭ. | 8 |
וַיְהִי עָלַי דְּבַר־יְהֹוָה לֵאמֹר דָּם לָרֹב שָׁפַכְתָּ וּמִלְחָמוֹת גְּדֹלוֹת עָשִׂיתָ לֹא־תִבְנֶה בַיִת לִשְׁמִי כִּי דָּמִים רַבִּים שָׁפַכְתָּ אַרְצָה לְפָנָֽי׃ |
قارا، سېنىڭدىن بىر ئوغۇل تۆرۈلىدۇ؛ ئۇ ئارام-تىنچلىق ئادىمى بولىدۇ، مەن ئۇنى ھەر تەرەپتىكى دۈشمەنلىرىدىن ئارام تاپقۇزىمەن؛ ئۇنىڭ ئىسمى دەرۋەقە سۇلايمان ئاتىلىدۇ، ئۇ تەختتىكى كۈنلىرىدە مەن ئىسرائىلغا ئارام-تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق ئاتا قىلىمەن. | 9 |
הִנֵּה־בֵן נוֹלָד לָךְ הוּא יִֽהְיֶה אִישׁ מְנוּחָה וַהֲנִיחוֹתִי לוֹ מִכׇּל־אוֹיְבָיו מִסָּבִיב כִּי שְׁלֹמֹה יִֽהְיֶה שְׁמוֹ וְשָׁלוֹם וָשֶׁקֶט אֶתֵּן עַל־יִשְׂרָאֵל בְּיָמָֽיו׃ |
ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئۆي سالىدۇ؛ ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئىسرائىل ئۈستىدىكى پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مەزمۇت قىلىمەن» دېگەن سۆز-كالامى ماڭا يەتتى. | 10 |
הֽוּא־יִבְנֶה בַיִת לִשְׁמִי וְהוּא יִֽהְיֶה־לִּי לְבֵן וַאֲנִי־לוֹ לְאָב וַהֲכִינוֹתִי כִּסֵּא מַלְכוּתוֹ עַל־יִשְׂרָאֵל עַד־עוֹלָֽם׃ |
ئى ئوغلۇم، ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي! شۇنىڭ بىلەن يولۇڭ راۋان بولۇپ، ئۇنىڭ سېنىڭ توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسى بويىچە پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىنى سالىسەن. | 11 |
עַתָּה בְנִי יְהִי יְהֹוָה עִמָּךְ וְהִצְלַחְתָּ וּבָנִיתָ בֵּית יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ כַּאֲשֶׁר דִּבֶּר עָלֶֽיךָ׃ |
پەرۋەردىگار ساڭا پەم ۋە ئەقىل بەرگەي ۋە ئىسرائىلنى ئىدارە قىلىشقا كۆرسەتمە بەرگەي، سېنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ مۇقەددەس قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان قىلغاي. | 12 |
אַךְ יִֽתֶּן־לְךָ יְהֹוָה שֵׂכֶל וּבִינָה וִֽיצַוְּךָ עַל־יִשְׂרָאֵל וְלִשְׁמוֹר אֶת־תּוֹרַת יְהֹוָה אֱלֹהֶֽיךָ׃ |
شۇ ۋاقىتتا، پەرۋەردىگار ئىسرائىللار ئۈچۈن مۇساغا تاپشۇرغان بەلگىلىمە-ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلساڭ، يولۇڭ راۋان بولىدۇ. قەيسەر، باتۇر بول! قورقما، ھودۇقۇپمۇ كەتمە. | 13 |
אָז תַּצְלִיחַ אִם־תִּשְׁמוֹר לַֽעֲשׂוֹת אֶת־הַחֻקִּים וְאֶת־הַמִּשְׁפָּטִים אֲשֶׁר צִוָּה יְהֹוָה אֶת־מֹשֶׁה עַל־יִשְׂרָאֵל חֲזַק וֶאֱמָץ אַל־תִּירָא וְאַל־תֵּחָֽת׃ |
قارا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن جاپا-مۈشەققەتلىرىم ئارقىلىق يۈز مىڭ تالانت ئالتۇن، مىڭ مىڭ تالانت كۈمۈش ۋە ئىنتايىن كۆپ، سان-ساناقسىز مىس، تۆمۈر تەييارلىدىم؛ يەنە ياغاچ ۋە تاش تەييارلىدىم؛ بۇنىڭغا يەنە سەن قوشساڭ بولىدۇ. | 14 |
וְהִנֵּה בְעׇנְיִי הֲכִינוֹתִי לְבֵית־יְהֹוָה זָהָב כִּכָּרִים מֵֽאָה־אֶלֶף וְכֶסֶף אֶלֶף אֲלָפִים כִּכָּרִים וְלַנְּחֹשֶׁת וְלַבַּרְזֶל אֵין מִשְׁקָל כִּי לָרֹב הָיָה וְעֵצִים וַֽאֲבָנִים הֲכִינוֹתִי וַעֲלֵיהֶם תּוֹסִֽיף׃ |
بۇنىڭدىن باشقا سېنىڭدە يەنە تاش كەسكۈچى، تامچى، ياغاچچى ھەم ھەرخىل خىزمەتلەرنى قىلالايدىغان نۇرغۇن ئۇستىلار بار؛ | 15 |
וְעִמְּךָ לָרֹב עֹשֵׂי מְלָאכָה חֹצְבִים וְחָרָשֵׁי אֶבֶן וָעֵץ וְכׇל־חָכָם בְּכׇל־מְלָאכָֽה׃ |
ئالتۇن-كۈمۈش، مىس، تۆمۈر بولسا سان-ساناقسىز؛ سەن ئىشقا تۇتۇشۇشقا ئورنۇڭدىن تۇر، پەرۋەردىگارىم سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي!» | 16 |
לַזָּהָב לַכֶּסֶף וְלַנְּחֹשֶׁת וְלַבַּרְזֶל אֵין מִסְפָּר קוּם וַעֲשֵׂה וִיהִי יְהֹוָה עִמָּֽךְ׃ |
داۋۇت يەنە ئىسرائىلدىكى ئەمەلدارلارغا ئوغلى سۇلايمانغا ياردەم بېرىشنى تاپىلاپ: | 17 |
וַיְצַו דָּוִיד לְכׇל־שָׂרֵי יִשְׂרָאֵל לַעְזֹר לִשְׁלֹמֹה בְנֽוֹ׃ |
«خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمۇ؟ ھەر ئەتراپىڭلاردا سىلەرگە تىنچ-ئاراملىق بەرگەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇ بۇ زېمىندىكى ئاھالىنى قولۇمغا تاپشۇردى؛ زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە خەلقىنىڭ ئالدىدا تىزگىنلەندى. | 18 |
הֲלֹא יְהֹוָה אֱלֹֽהֵיכֶם עִמָּכֶם וְהֵנִיחַ לָכֶם מִסָּבִיב כִּי ׀ נָתַן בְּיָדִי אֵת יֹשְׁבֵי הָאָרֶץ וְנִכְבְּשָׁה הָאָרֶץ לִפְנֵי יְהֹוָה וְלִפְנֵי עַמּֽוֹ׃ |
ئەمدى سىلەر پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزلەڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ۋە خۇدانىڭ مۇقەددەسخانىسىدىكى قاچا-ئەسۋابلىرىنى ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ سېلىنغان ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ مۇقەددەسخانىسىنى سېلىشقا ئورنۇڭلاردىن قوپۇڭلار!» دېدى. | 19 |
עַתָּה תְּנוּ לְבַבְכֶם וְנַפְשְׁכֶם לִדְרוֹשׁ לַיהֹוָה אֱלֹהֵיכֶם וְקוּמוּ וּבְנוּ אֶת־מִקְדַּשׁ יְהֹוָה הָאֱלֹהִים לְהָבִיא אֶת־אֲרוֹן בְּרִית־יְהֹוָה וּכְלֵי קֹדֶשׁ הָאֱלֹהִים לַבַּיִת הַנִּבְנֶה לְשֵׁם־יְהֹוָֽה׃ |