< تارىخ-تەزكىرە 1 21 >
شەيتان ئىسرائىللارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، داۋۇتنى ئىسرائىللارنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈشكە ئېزىقتۇردى. | 1 |
Sheytan Israillargha zerbe bérish üchün, Dawutni Israillarni sanaqtin ötküzüshke éziqturdi.
شۇڭا داۋۇت يوئابقا ۋە خەلقنىڭ يولباشچىلىرىغا: «سىلەر بەئەر-شېبادىن دانغىچە ئارىلاپ ئىسرائىللارنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ كېلىپ مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئۇلارنىڭ سانىنى بىلەي» دېدى. | 2 |
Shunga Dawut Yoabqa we xelqning yolbashchilirigha: «Siler Beer-Shébadin Dan’ghiche arilap Israillarni sanaqtin ötküzüp kélip méning bilen körüshünglar, ularning sanini biley» dédi.
لېكىن يوئاب جاۋابەن: ــ«پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ھازىر مەيلى قانچىلىك بولسۇن، يۈز ھەسسە ئاشۇرۇۋەتكەي. لېكىن ئى خوجام پادىشاھىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭنىڭ خىزمىتىڭدە تۇرۇۋاتقانلار ئەمەسمۇ؟ خوجام بۇ ئىشنى زادى نېمە دەپ تەلەپ قىلىدۇ؟ خوجام ئىسرائىلنى نېمىشقا گۇناھقا مۇپتىلا قىلىدىلا؟» ــ دېدى. | 3 |
Lékin Yoab jawaben: —«Perwerdigar Öz xelqini hazir meyli qanchilik bolsun, yüz hesse ashuruwetkey. Lékin i xojam padishahim, ularning hemmisi özüngning xizmitingde turuwatqanlar emesmu? Xojam bu ishni zadi néme dep telep qilidu? Xojam Israilni némishqa gunahqa muptila qilidila?» — dédi.
لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى يوئابنىڭ سۆزىنى بېسىپ چۈشتى؛ شۇڭا يوئاب چىقىپ پۈتۈن ئىسرائىل زېمىنىنى ئارىلاپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. | 4 |
Lékin padishahning sözi Yoabning sözini bésip chüshti; shunga Yoab chiqip pütün Israil zéminini arilap Yérusalémgha qaytip keldi.
يوئاب ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقنىڭ سانىنى داۋۇتقا مەلۇم قىلدى؛ پۈتۈن ئىسرائىلدا قولىدا قىلىچ كۆتۈرەلەيدىغان ئادەملەر بىر مىليون بىر يۈز مىڭ؛ يەھۇدالاردىن قولىدا قىلىچ كۆتۈرەلەيدىغان ئادەملەر تۆت يۈز يەتمىش مىڭ بولۇپ چىقتى. | 5 |
Yoab sanaqtin ötküzülgen xelqning sanini Dawutqa melum qildi; pütün Israilda qolida qilich kötüreleydighan ademler bir milyon bir yüz ming; Yehudalardin qolida qilich kötüreleydighan ademler töt yüz yetmish ming bolup chiqti.
بىراق لاۋىيلار بىلەن بىنيامىنلارلا ساناققا كىرمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇ بۇيرۇقى يوئابنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىك ئىدى. | 6 |
Biraq Lawiylar bilen Binyaminlarla sanaqqa kirmidi; chünki padishahning bu buyruqi Yoabning neziride yirginchlik idi.
خۇدا بۇ ئىشنى يامان كۆرگەچكە، ئىسرائىللارغا زەربە بەردى. | 7 |
Xuda bu ishni yaman körgechke, Israillargha zerbe berdi.
داۋۇت خۇداغا: «مەن بۇ ئىشنى قىلىپ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن؛ ئەمدى مەنكى قۇلۇڭنىڭ بۇ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈشىڭنى تىلەيمەن، چۈنكى مەن تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىپتىمەن» ــ دېدى. | 8 |
Dawut Xudagha: «Men bu ishni qilip chong gunah ötküzüptimen; emdi menki qulungning bu qebihlikini kechürüshingni tileymen, chünki men tolimu exmiqane ish qiptimen» — dédi.
پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى بولغان گادقا: | 9 |
Perwerdigar Dawutning aldin körgüchisi bolghan Gadqa:
سەن بېرىپ داۋۇتقا ئېيتىپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇكى، مەن ساڭا ئۈچ بالا-قازانى ئالدىڭدا قويىمەن؛ شۇنىڭدىن بىرىنى تاللىۋال، مەن شۇنى بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن» دېگىن، ــ دېدى. | 10 |
Sen bérip Dawutqa éytip: «Perwerdigar mundaq deyduki, Men sanga üch bala-qazani aldingda qoyimen; shuningdin birini talliwal, Men shuni béshinglargha chüshürimen» dégin, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن گاد داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: | 11 |
Shuning bilen Gad Dawutning yénigha kélip: «Perwerdigar mundaq deydu:
«قېنى تاللىغىن: يا ئۈچ يىل ئاچارچىلىقتا قېلىشتىن، يا ئۈچ ئاي دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، ياۋلىرىڭ تەرىپىدىن قوغلاپ قىلىچلىنىشىدىن ۋە ياكى ئۈچ كۈن پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچىنىڭ ئۇرۇشى ــ يەنى ۋابا كېسىلىنىڭ زېمىندا تارقىلىشى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن چېگرىسىنى خاراب قىلىشىدىن بىرىنى تاللىغىن». ئەمدى ئويلىنىپ كۆر، بىر نېمە دېگىن؛ مەن مېنى ئەۋەتكۈچىگە نېمە دەپ جاۋاپ بېرەي؟» دېدى. | 12 |
«Qéni tallighin: Ya üch yil acharchiliqta qélishtin, ya üch ay düshmenlerning aldidin qéchip, yawliring teripidin qoghlap qilichlinishidin we yaki üch kün Perwerdigarning qilichining urushi — yeni waba késilining zéminda tarqilishi, Perwerdigarning Perishtisining Israilning pütün chégrisini xarab qilishidin birini tallighin». Emdi oylinip kör, bir néme dégin; men méni ewetküchige néme dep jawap bérey?» dédi.
داۋۇت گادقا: «مەن بەك قاتتىق تەڭلىكتە قالدىم؛ ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەي دەيمەن، چۈنكى ئۇ تولىمۇ شەپقەتلىكتۇر. پەقەت ئىنسانلارنىڭ قولىغا چۈشمىسەم، دەيمەن» دېدى. | 13 |
Dawut Gadqa: «Men bek qattiq tenglikte qaldim; emdi Perwerdigarning qoligha chüshey deymen, chünki U tolimu shepqetliktur. Peqet insanlarning qoligha chüshmisem, deymen» dédi.
شۇ سەۋەبلىك پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا ۋابا تارقاتتى؛ ئىسرائىللاردىن يەتمىش مىڭ ئادەم ئۆلدى. | 14 |
Shu seweblik Perwerdigar Israilgha waba tarqatti; Israillardin yetmish ming adem öldi.
خۇدا يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىپ تاشلاش ئۈچۈن بىر پەرىشتىنى ئەۋەتتى؛ ئۇ ۋەيران قىلىۋاتقاندا، پەرۋەردىگار ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۆزى چۈشۈرگەن بۇ بالا-قازادىن پۇشايمان قىلىپ قالدى-دە، ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە: «بەس! ئەمدى قولۇڭنى تارت!» دېدى. ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەبۇسىي ئورناننىڭ خامىنىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. | 15 |
Xuda Yérusalémni weyran qilip tashlash üchün bir Perishtini ewetti; u weyran qiliwatqanda, Perwerdigar ehwalni körüp özi chüshürgen bu bala-qazadin pushayman qilip qaldi-de, weyran qilghuchi Perishtige: «Bes! Emdi qolungni tart!» dédi. U chaghda Perwerdigarning Perishtisi Yebusiy Ornanning xaminining yénida turatti.
داۋۇت بېشىنى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئارىلىقىدا، قولىدىكى غىلاپتىن سۇغۇرغان قىلىچىنى يېرۇسالېمغا تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. داۋۇت بىلەن ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى بۆز رەختكە ئورالغان ھالدا يەرگە دۈم يىقىلدى. | 16 |
Dawut béshini kötürüp, Perwerdigarning Perishtisining asman bilen yerning ariliqida, qolidiki ghilaptin sughurghan qilichini Yérusalémgha tenglep turghanliqini kördi. Dawut bilen aqsaqallarning hemmisi böz rextke oralghan halda yerge düm yiqildi.
داۋۇت خۇداغا: «خەلقنىڭ سانىنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇغۇچى مەن ئەمەسمۇ؟ گۇناھ قىلىپ بۇ رەزىللىك ئۆتكۈزگۈچى مەندۇرمەن؛ بۇ بىر پادا قويلار بولسا، زادى نېمە قىلدى؟ ئاھ، پەرۋەردىگار خۇدايىم، قولۇڭ ئۆز خەلقىڭگە ئەمەس، بەلكى ماڭا ۋە مېنىڭ جەمەتىمگە چۈشكەي، ۋابانى ئۆز خەلقىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمىگەيسەن!» دېدى. | 17 |
Dawut Xudagha: «Xelqning sanini élip chiqishni buyrughuchi men emesmu? Gunah qilip bu rezillik ötküzgüchi mendurmen; bu bir pada qoylar bolsa, zadi néme qildi? Ah, Perwerdigar Xudayim, qolung Öz xelqingge emes, belki manga we méning jemetimge chüshkey, wabani Öz xelqingning üstige chüshürmigeysen!» dédi.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گادقا: سەن بېرىپ داۋۇتقا ئېيتقىن، ئۇ يەبۇسىي ئورناننىڭ خامىنىغا چىقىپ پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ سالسۇن، دېۋىدى، | 18 |
Perwerdigarning Perishtisi Gadqa: Sen bérip Dawutqa éytqin, u Yebusiy Ornanning xaminigha chiqip Perwerdigargha bir qurban’gah salsun, déwidi,
داۋۇت گادنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئېيتقىنى بويىچە شۇ يەرگە چىقتى. | 19 |
Dawut Gadning Perwerdigarning namida éytqini boyiche shu yerge chiqti.
ئۇ چاغدا ئورنان بۇغداي تېپىۋاتاتتى؛ ئورنان بۇرۇلۇپ پەرىشتىنى كۆرۈپ، ئۆزى تۆت ئوغلى بىلەن مۆكۈۋالغانىدى. | 20 |
U chaghda Ornan bughday tépiwatatti; Ornan burulup Perishtini körüp, özi töt oghli bilen möküwalghanidi.
داۋۇت ئورناننىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ داۋۇتنى كۆرۈپ، خاماندىن چىقىپ كەلدى-دە، بېشىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ داۋۇتقا تەزىم قىلدى. | 21 |
Dawut Ornanning yénigha kelgende, u béshini kötürüp Dawutni körüp, xamandin chiqip keldi-de, béshini yerge tegküdek égip Dawutqa tezim qildi.
داۋۇت ئورنانغا: «خەلق ئىچىدە تارالغان ۋابانى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن، مۇشۇ خاماننى ۋە ئەتراپىدىكى يەرنى ماڭا سېتىپ بەرسەڭ، بۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ سالاي دەيمەن. سەن تولۇق باھا قويۇپ بۇ يېرىڭنى ماڭا سېتىپ بەرسەڭ» دېدى. | 22 |
Dawut Ornan’gha: «Xelq ichide taralghan wabani tosup qélish üchün, mushu xamanni we etrapidiki yerni manga sétip berseng, bu yerde Perwerdigargha atap bir qurban’gah salay deymen. Sen toluq baha qoyup bu yéringni manga sétip berseng» dédi.
ــ ئالسىلا، غوجام پادىشاھىمنىڭ قانداق قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلغاي؛ قارىسىلا، قۇربانلىق قىلىشقا كالىلارنى بېرەي، خامان تېپىدىغان تىرنىلارنى ئوتۇن قىلىپ قالىسىلا، بۇغداينى ئاش ھەدىيەسىگە ئىشلەتسىلە؛ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئۆزلىرىگە تۇتتۇم، دېدى ئورنان داۋۇتقا. | 23 |
— Alsila, ghojam padishahimning qandaq qilghusi kelse shundaq qilghay; qarisila, qurbanliq qilishqa kalilarni bérey, xaman tépidighan tirnilarni otun qilip qalisila, bughdayni ash hediyesige ishletsile; bularning hemmisini men özlirige tuttum, dédi Ornan Dawutqa.
«ياق»، ــ دېدى داۋۇت ئورنانغا، ــ «قانداقلا بولمىسۇن مەن تولۇق باھاسى بويىچە سېتىۋالىمەن؛ چۈنكى مەن سېنىڭكىنى ئېلىۋېلىپ پەرۋەردىگارغا ئاتىسام بولمايدۇ، بەدەل تۆلىمەي كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ھەرگىز سۇنمايمەن». | 24 |
«Yaq», — dédi Dawut Ornan’gha, — «qandaqla bolmisun men toluq bahasi boyiche sétiwalimen; chünki men séningkini éliwélip Perwerdigargha atisam bolmaydu, bedel tölimey köydürme qurbanliqni hergiz sunmaymen».
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئالتە يۈز شەكەل ئالتۇننى ئۆلچەپ ئورنانغا بېرىپ ئۇ يەرنى سېتىۋالدى. | 25 |
Shuning bilen Dawut alte yüz shekel altunni ölchep Ornan’gha bérip u yerni sétiwaldi.
داۋۇت ئۇ يەرگە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ سالدى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ تىلىگىنى قوبۇل كۆرۈپ، جاۋابەن ئاسماندىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىغا ئوت چۈشۈردى. | 26 |
Dawut u yerge Perwerdigargha atap bir qurban’gah saldi we köydürme qurbanliq we inaqliq qurbanliqi sunup, Perwerdigargha nida qildi; Perwerdigar uning tiligini qobul körüp, jawaben asmandin köydürme qurbanliq qurban’gahigha ot chüshürdi.
پەرۋەردىگار پەرىشتىسىنى بۇيرۇۋىدى، ئۇ قىلىچىنى قايتىدىن غىلىپىغا سالدى. | 27 |
Perwerdigar Perishtisini buyruwidi, U qilichini qaytidin ghilipigha saldi.
ئۇ چاغدا، داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ يەبۇسىيلاردىن بولغان ئورناننىڭ خامىنىدا ئۇنىڭ تىلىكىگە جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، شۇ يەردە قۇربانلىق سۇنۇشقا باشلىدى. | 28 |
U chaghda, Dawut Perwerdigarning Yebusiylardin bolghan Ornanning xaminida uning tilikige jawab bergenlikini körüp, shu yerde qurbanliq sunushqa bashlidi.
ئۇ چاغدا، مۇسا چۆلدە ياساتقان پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى گىبېئوننىڭ ئېگىزلىكىدە ئىدى؛ | 29 |
U chaghda, Musa chölde yasatqan Perwerdigarning chédiri we köydürme qurbanliq qurban’gahi Gibéonning égizlikide idi;
لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچىدىن قورقۇپ، ئۇ يەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ خۇدادىن يول سوراشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. | 30 |
lékin Dawut Perwerdigarning Perishtisining qilichidin qorqup, u yerning aldigha bérip Xudadin yol sorashqa jür’et qilalmaytti.