< تارىخ-تەزكىرە 1 20 >
شۇنداق بولدىكى، يېڭى يىلنىڭ بېشىدا، پادىشاھلار جەڭگە ئاتلانغان ۋاقىتتا، يوئاب كۈچلۈك قىسىمنى باشلاپ كېلىپ، ئاممونلارنىڭ يەرلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئاندىن رابباھنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئۇ چاغدا داۋۇت يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتاتتى. يوئاب رابباھغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى. | 1 |
Au moment du retour de l'année, au moment où les rois sortent, Joab prit la tête de l'armée et ravagea le pays des enfants d'Ammon, puis il vint assiéger Rabba. Mais David resta à Jérusalem. Joab frappa Rabba et la renversa.
داۋۇت ئۇلارنىڭ پادىشاھىنىڭ بېشىدىن تاجنى ئېلىۋىدى (ئالتۇنىنىڭ ئېغىرلىقى بىر تالانت چىقتى، ئۇنىڭغا ياقۇتلار قوندۇرۇلغانىدى)، كىشىلەر بۇ تاجنى داۋۇتنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ قويدى. داۋۇت شەھەردىن يەنە نۇرغۇن جەڭ غەنىيمەتلىرىنى ئېلىپ كەتتى. | 2 |
David prit la couronne de leur roi de dessus sa tête, et il trouva qu'elle pesait un talent d'or, et qu'elle contenait des pierres précieuses. Il la mit sur la tête de David, qui fit sortir de la ville un très grand pillage.
ئۇ يەنە شەھەردىكى خەلقنى ئېلىپ چىقىپ ھەرە، جوتۇ ۋە پالتا بىلەن ئىشلەشكە سالدى؛ داۋۇت ئامموننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى خەلقلەرنىمۇ شۇنداق ئىشلەتتى؛ ئاندىن داۋۇت كۆپچىلىك بىلەن يېرۇسالېمغا قايتتى. | 3 |
Il fit sortir les gens qui s'y trouvaient, et les fit couper avec des scies, des pics de fer et des haches. David fit de même pour toutes les villes des enfants d'Ammon. Puis David et tout le peuple retournèrent à Jérusalem.
شۇ ۋەقەدىن كېيىن [ئىسرائىللار] گەزەردە فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشتى؛ ئۇ چاغدا خۇشاتلىق سىببىكاي رەفايىيلاردىن بولغان سىپپاي ئىسىملىك بىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، فىلىستىيلەر تىز پۈكتى. | 4 |
Après cela, il y eut une guerre à Guézer avec les Philistins. Alors Sibbecaï, le Hushathite, tua Sippaï, d'entre les fils du géant, et ils furent soumis.
كېيىنچە [ئىسرائىللار] بىلەن فىلىستىيلەر يەنە سوقۇشتى؛ يائىرنىڭ ئوغلى ئەلھانەن گاتلىق گولىياتنىڭ ئىنىسى لاخمىنى ئۆلتۈردى؛ بۇ ئادەمنىڭ نەيزىسىنىڭ دەستىسى باپكارنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى. | 5 |
Il y eut encore une guerre avec les Philistins; et Elhanan, fils de Jaïr, tua Lahmi, frère de Goliath, le Gittien, dont le bâton de la lance était comme une poutre de tisserand.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا گاتتا يەنە سوقۇش بولدى؛ ئۇ يەردە ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇنىڭ قولىدىمۇ، پۇتىدىمۇ ئالتىدىن بارماق بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە تۆت بارمىقى بار ئىدى؛ ئۇمۇ رەفايىيلاردىن ئىدى. | 6 |
Il y eut encore une guerre à Gath, où se trouvait un homme de grande taille, qui avait vingt-quatre doigts et orteils, six à chaque main et six à chaque pied.
بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى تىللىغىلى تۇرۇۋىدى، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمىيانىڭ ئوغلى يوناتان چىقىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. | 7 |
Lorsqu'il défia Israël, Jonathan, fils de Schimea, frère de David, le tua.
بۇلار گاتلىق رافانىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ھەممىسى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىدا ئۆلدى. | 8 |
Ceux-là étaient nés du géant à Gath, et ils tombèrent par la main de David et par la main de ses serviteurs.