< تارىخ-تەزكىرە 1 2 >
ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى رۇبەن، شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، زەبۇلۇن، | 1 |
These [are] sons of Israel: Reuben, Simeon, Levi, and Judah, Issachar, and Zebulun,
دان، يۈسۈپ، بىنيامىن، نافتالى، گاد ۋە ئاشىردىن ئىبارەت. | 2 |
Dan, Joseph, and Benjamin, Naphtali, Gad, and Asher.
يەھۇدانىڭ ئوغلى ئېر، ئونان ۋە شىلاھ ئىدى. بۇ ئۈچەيلەن قانائانلىق شۇيانىڭ قىزىدىن بولغان. يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغانلىقىدىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالغان. | 3 |
Sons of Judah: Er, and Onan, and Shelah, three have been born to him of a daughter of Shua the Canaanitess. And Er, first-born of Judah, is evil in the eyes of Jehovah, and He putteth him to death.
يەھۇداغا كېلىنى تاماردىن پەرەز بىلەن زەراھ تۆرەلگەن. يەھۇدانىڭ جەمئىي بەش ئوغلى بولغان. | 4 |
And Tamar his daughter-in-law hath borne to him Pharez and Zerah. All the sons of Judah [are] five.
پەرەزنىڭ ئوغۇللىرى ھەزرون بىلەن ھامۇل ئىدى. | 5 |
Sons of Pharez: Hezron, and Hamul.
زەراھنىڭ ئوغۇللىرى زىمرى، ئېتان، ھېمان، كالكول بىلەن دارا قاتارلىق بەش ئىدى. | 6 |
And sons of Zerah: Zimri, and Ethan, and Heman, and Calcol, and Dara; all of them five.
كارمىنىڭ ئوغلى ئاكار ئىدى. ئاكار بولسا خۇدا لەنەت قىلغان نەرسىنى ئېلىپ، «ئىسرائىلغا بالا-قازا كەلتۈرگۈچى» بولۇپ چىقتى. | 7 |
And sons of Carmi: Achar, troubler of Israel, who trespassed in the devoted thing.
ئېتاننىڭ ئوغلى ئازارىيا ئىدى. | 8 |
And sons of Ethan: Azariah.
ھەزروندىن تۆرەلگەن ئوغۇللار يەراھمىيەل، رام ۋە كالەب ئىدى. | 9 |
And sons of Hezron who were born to him; Jerahmeel, and Ram, and Chelubai.
ئاممىناداب رامدىن تۆرەلگەن؛ ناھشون ئاممىنادابتىن تۆرەلگەن؛ ناھشون يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى بولغان. | 10 |
And Ram begat Amminadab, and Amminadab begat Nahshon, prince of the sons of Judah;
سالمون ناھشوندىن تۆرەلگەن؛ بوئاز سالموندىن تۆرەلگەن. | 11 |
and Nahshon begat Salma, and Salma begat Boaz,
ئوبەد بوئازدىن تۆرەلگەن؛ يەسسە ئوبەددىن تۆرەلگەن. | 12 |
and Boaz begat Obed, and Obed begat Jesse;
يەسسەنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تۇنجىسى ئېلىئاب، ئىككىنچىسى ئابىناداب، ئۈچىنچىسى شىمىيا، | 13 |
and Jesse begat his first-born Eliab, and Abinadab the second, and Shimea the third,
تۆتىنچىسى نەتانەل، بەشىنچىسى رادداي، | 14 |
Nethaneel the fourth, Raddai the fifth,
ئالتىنچىسى ئوزەم، يەتتىنچىسى داۋۇت ئىدى. | 15 |
Ozem the sixth, David the seventh,
زەرۇئىيا بىلەن ئابىگائىل ئۇلارنىڭ سىڭلىسى ئىدى. زەرۇئىيانىڭ ئابىشاي، يوئاب ۋە ئاساھەل دېگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. | 16 |
and their sisters Zeruiah and Abigail. And sons of Zeruiah: Abishai, and Joab, and Asah-El — three.
ئاماسا ئابىگائىلدىن تۆرەلدى؛ ئاماسانىڭ ئاتىسى ئىسمائىللاردىن بولغان يەتەر ئىدى. | 17 |
And Abigail hath borne Amasa, and the father of Amasa [is] Jether the Ishmeelite.
كالەب ئازۇباھ (يېرىئوت دەپمۇ ئاتىلىدۇ)تىن ئوغۇل كۆردى؛ [ئازۇباھتىن] بولغان ئوغۇللىرى يەشەر، شوباب ۋە ئاردون ئىدى. | 18 |
And Caleb son of Hezron hath begotten Azubah, Isshah, and Jerioth; and these [are] her sons: Jesher, and Shobab, and Ardon.
ئازۇباھ ئۆلگەندىن كېيىن كالەب يەنە ئەفراتنى ئالدى؛ ئەفرات ئۇنىڭغا خۇرنى تۇغۇپ بەردى. | 19 |
And Azubah dieth, and Caleb taketh to him Ephrath, and she beareth to him Hur.
خۇردىن ئۇرى تۆرەلدى؛ ئۇرىدىن بەزالەل تۆرەلدى. | 20 |
And Hur begat Uri, and Uri begat Bezaleel.
كېيىن ھەزرون گىلېئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ قىزىنى ئېلىپ بىر ياستۇققا باش قويۇۋىدى (ئۇ ئاتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنى ئالغان)، ئۇنىڭدىن سەگۇب تۆرەلدى. | 21 |
And afterwards hath Hezron gone in unto a daughter of Machir father of Gilead, and he hath taken her, and he [is] a son of sixty years, and she beareth to him Segub.
سەگۇبتىن يائىر تۆرەلدى؛ يائىرنىڭ گىلېئاد زېمىنىدا يىگىرمە ئۈچ شەھىرى بار ئىدى. | 22 |
And Segub begat Jair, and he hath twenty and three cities in the land of Gilead,
گەشۇر بىلەن ئارام شۇ يۇرتتىكىلەردىن «يائىرنىڭ يېزا-قىشلاقلىرى»نى، كىناتنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار بولۇپ جەمئىي ئاتمىش يېزا-شەھەرنى تارتىۋالدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى گىلېئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. | 23 |
and he taketh Geshur and Aram, the small villages of Jair, from them, with Kenath and its small towns, sixty cities — all these [belonged to] the sons of Machir father of Gilead.
ھەزرون كالەب-ئەفراتاھدا ئۆلگەندىن كېيىن، ئايالى ئابىياھ ئۇنىڭغا ئاشخورنى تۇغدى؛ ئاشخور تەكوئانىڭ ئاتىسى ئىدى. | 24 |
And after the death of Hezron in Caleb-Ephratah, then the wife of Hezron, Abijah, even beareth to him Asshur, father of Tekoa.
ھەزروننىڭ تۇنجى ئوغلى يەراھمىيەلنىڭ ئوغۇللىرى رام، بۇناھ، ئورەن، ئوزەم ۋە ئاخىياھ ئىدى. | 25 |
And sons of Jerahmeel, first-born of Hezron, are: the first-born Ram, and Bunah, and Oren, and Ozem, Ahijah.
يەراھمىيەلنىڭ ئاتاراھ دېگەن يەنە بىر ئايالى بار ئىدى، ئۇ ئونامنىڭ ئانىسى ئىدى. | 26 |
And Jerahmeel hath another wife, and her name [is] Atarah, she [is] mother of Onam.
يەراھمىيەلنىڭ تۇنجى ئوغلى رامنىڭ ئوغۇللىرى مائاز، يامىن ۋە ئېكەر ئىدى. | 27 |
And sons of Ram, first-born of Jerahmeel, are Maaz, and Jamin, and Eker.
ئونامنىڭ ئوغۇللىرى شامماي بىلەن يادا ئىدى؛ شامماينىڭ ئوغۇللىرى ناداب بىلەن ئابىشۇر ئىدى. | 28 |
And sons of Onam are Shammai and Jada. And sons of Shammai: Nadab and Abishur.
ئابىشۇرنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ئابىھايىل بولۇپ، ئابىھايىلدىن ئۇنىڭغا ئاھبان بىلەن مولىد تۆرەلدى. | 29 |
And the name of the wife of Abishur [is] Abihail, and she beareth to him Ahban and Molid.
نادابنىڭ ئوغۇللرى سەلەد بىلەن ئاپپايىم ئىدى؛ سەلەد تا ئۆلگۈچە ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەن. | 30 |
And sons of Nadab: Seled, and Appaim; and Seled dieth without sons.
يىشى ئاپپايىمنىڭ ئوغلى؛ شېشان يىشىنىڭ ئوغلى؛ ئاخلاي شېشاننىڭ ئوغلى ئىدى. | 31 |
And sons of Appaim: Ishi. And sons of Ishi: Sheshan. And sons of Sheshan: Ahlai.
شامماينىڭ ئىنىسى يادانىڭ ئوغۇللىرى يەتەر بىلەن يوناتان ئىدى؛ يەتەر تاكى ئۆلگۈچە ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەن. | 32 |
And sons of Jada, brother of Shammai: Jether, and Jonathan: and Jether dieth without sons.
پەلەت بىلەن زازا يوناتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى يەراھمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. | 33 |
And sons of Jonathan: Peleth, and Zaza. These were sons of Jerahmeel.
شېشان قىز پەرزەنت كۆرۈپ، ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەنىدى؛ شېشاننىڭ مىسىرلىق يارخا دەيدىغان بىر مالىيى بار ئىدى. | 34 |
And Sheshan had no sons, but daughters, and Sheshan hath a servant, an Egyptian, and his name [is] Jarha,
شېشان قىزىنى مالىيى يارخاغا خوتۇنلۇققا بەرگەن، ئۇنىڭدىن يارخاغا ئاتتاي تۆرەلگەن. | 35 |
and Sheshan giveth his daughter to Jarha his servant for a wife, and she beareth to him Attai;
ئاتتايدىن ناتان؛ ناتاندىن زاباد تۆرەلگەن. | 36 |
and Attai begat Nathan, and Nathan begat Zabad,
زابادتىن ئىفلال؛ ئىفلالدىن ئوبەد تۆرەلگەن. | 37 |
and Zabad begat Ephlal, and Ephlal begat Obed,
ئوبەدتىن يەھۇ؛ يەھۇدىن ئازارىيا تۆرەلگەن. | 38 |
and Obed begat Jehu,
ئازارىيادىن ھەلەز؛ ھەلەزدىن ئەلئاساھ تۆرەلگەن. | 39 |
and Jehu begat Azariah, and Azariah begat Helez, and Helez begat Eleasah,
ئەلئاساھتىن سىسماي؛ سىسمايدىن شاللۇم تۆرەلگەن. | 40 |
and Eleasah begat Sismai, and Sismai begat Shallum,
شاللۇمدىن يەكامىيا؛ يەكامىيادىن ئەلىشاما تۆرەلگەن. | 41 |
and Shallum begat Jekamiah, and Jekamiah begat Elishama.
يەراھمىيەلنىڭ ئىنىسى كالەبنىڭ ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىلەر: مىشا ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى بولۇپ، زىفنىڭ ئاتىسى ئىدى؛ مارىشاھمۇ ئۇنىڭ ئوغلى بولۇپ، ھېبروننىڭ ئاتىسى ئىدى. | 42 |
And sons of Caleb brother of Jerahmeel: Mesha his first-born, he [is] father of Ziph; and sons of Mareshah: Abi-Hebron.
ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى كوراھ، تاپپۇئاھ، رەكەم ۋە شېما ئىدى. | 43 |
And sons of Hebron: Korah, and Tappuah, and Rekem, and Shema.
شېمادىن راھام تۆرەلگەن؛ ئۇ يوركېئامنىڭ ئاتىسى ئىدى؛ شامماي رەكەمدىن تۆرەلگەن. | 44 |
And Shema begat Raham father of Jorkoam, and Rekem begat Shammai.
مائون شامماينىڭ ئوغلى؛ مائون بەيت-زۇرنىڭ ئاتىسى ئىدى. | 45 |
And a son of Shammai [is] Maon, and Maon [is] father of Beth-Zur.
كالەبنىڭ توقىلى ئەفاھدىن ھاران، موزا ۋە گازەز تۆرەلگەن. ھاراندىن گازەز تۆرەلگەن. | 46 |
And Ephah concubine of Caleb bare Haran, and Moza, and Gazez; and Haran begat Gazez.
ياخداينىڭ ئوغۇللىرى رەگەم، يوتام، گەشان، پەلەت، ئەفاھ ۋە شائافلار ئىدى. | 47 |
And sons of Jahdai: Regem, and Jotham, and Geshem, and Pelet, and Ephah, and Shaaph.
كالەبنىڭ توقىلى مائاكاھدىن شېبەر بىلەن تىرخاناھ تۆرەلگەن؛ | 48 |
The concubine of Caleb, Maachah, bare Sheber and Tirhanah;
ئۇنىڭدىن يەنە مادمانناھنىڭ ئاتىسى شائاف، ماكبىنانىڭ ئاتىسى ۋە گىبېئاھنىڭ ئاتىسى شىۋا تۆرەلگەن. ئاكساھ كالەبنىڭ قىزى ئىدى. | 49 |
and she beareth Shaaph father of Madmannah, Sheva father of Machbenah, and father of Gibea; and a daughter of Caleb [is] Achsa.
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى كالەبنىڭ ئەۋلادلىرى. ئەفراتاھنىڭ تۇنجى ئوغلى خۇرنىڭ ئوغۇللىرى: كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئاتىسى شوبال، | 50 |
These were sons of Caleb son of Hur, first-born of Ephrathah: Shobal father of Kirjath-Jearim,
بەيت-لەھەمنىڭ ئاتىسى سالما، بەيت-گادەرنىڭ ئاتىسى خارەف ئىدى. | 51 |
Salma father of Beth-Lehem, Hareph father of Beth-Gader.
كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئاتىسى شوبالنىڭ ئەۋلادلىرى: خاروئەھ ھەمدە ماناخاتلارنىڭ يېرىمى ئىدى. | 52 |
And there are sons to Shobal father of Kirjath-Jearim: Haroeh, half of the Menuhothite;
كىرىئات-يېئارىم جەمەتلىرىدىكىلەر ئىترىيلەر، پۇتىيلار، شۇماتىيلار، مىشرائىيلار بولۇپ، بۇ جەمەتلەردىن يەنە زوراتىيلار بىلەن ئەشتايولىيلار ئايرىلىپ چىققان. | 53 |
and the families of Kirjath-Jearim: the Ithrite, and the Puhite, and the Shumathite, and the Mishraite: from these went out the Zareathite, and the Eshtaulite.
سالمانىڭ ئەۋلادلىرى بەيت-لەھەم بىلەن نىتوفاتلار، ئاتروت-بەيت-يوئابلار، ماناھاتلارنىڭ يېرىم قىسمى، زورىيلار، | 54 |
Sons of Salma: Beth-Lehem, and the Netophathite, Atroth, Beth-Joab, and half of the Menuhothite, the Zorite;
يابەزدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان تەۋرات خەتتاتلىرى، يەنى تىراتىيلار، شىمياتىيلەر بىلەن سۇكاتىيلار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېنىيلەر بولۇپ، رەكاب جەمەتىنىڭ بوۋىسى خاماتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. | 55 |
and the families of the scribes the inhabitants of Jabez: Tirathites, Shimeathites, Suchathites. They [are] the Kenites, those coming of Hammath father of the house of Rechab.