< تارىخ-تەزكىرە 1 19 >
كېيىنكى ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناھاش ئۆلدى؛ ئوغلى ھانۇن ئورنىغا پادىشاھ بولدى. | 1 |
此後アンモンの子孫の王ナハシ死ければその子これに代りて王となりたり
داۋۇت: «ناھاش ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوغلى ھانۇنغا ئىلتىپات كۆرسىتىمەن» دەپ، ئاتىسىنىڭ پەتىسىگە ئۇنىڭ كۆڭلىنى سوراشقا ھانۇننىڭ يېنىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرى ئاممونلارنىڭ زېمىنغا يېتىپ كېلىپ، كۆڭلىنى سورىغىلى ھانۇن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى. | 2 |
ダビデ言けるは我ナハシの子ヌンをねんごろに遇らはんかれが父われをねんごろにあしらひたればなりとダビデすなはち彼をその父の故によりて慰めんとて使者を遣はせりダビデの臣僕等アンモンの子孫の地に往きハヌンに詣りてこれを慰めけるに
لېكىن ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ھانۇنغا: «داۋۇتنى راستلا ئاتىلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىپ سىلىگە كۆڭۈل سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ، دەپ قاراملا؟ ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىغا كېلىشى بۇ يەرنى كۈزىتىش، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش، چارلاش ئۈچۈن ئەمەسمىدۇ؟» ــ دېدى. | 3 |
アンモンの子孫の牧伯等ハヌンに言けるはダビデ慰籍者を汝につかはしたるに因て彼なんぢの父を尊ぶと汝の目に見ゆるや彼の臣僕等は此國を窺ひ探りて滅ぼさんとて來れるならずやと
شۇنىڭ بىلەن ھانۇن داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرگۈزىۋېتىپ ھەم كىيىملىرىنىڭ بەلدىن تۆۋىنىنى كەستۈرۈۋېتىپ ئاندىن ئۇلارنى قويۇۋەتتى. | 4 |
是においてハヌン、ダビデの臣僕等を執へてその鬚を剃おとしその衣服を中より斷て腎までにして之を歸したりしが
بەزىلەر كېلىپ داۋۇتقا ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى؛ ئۇ ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى، چۈنكى ئۇلار تولىمۇ ئىزا-ئاھانەتتە قالغانىدى. شۇڭا پادىشاھ ئۇلارغا: «ساقال-بۇرۇتىڭلار ئۆسكىچىلىك يېرىخو شەھىرىدە تۇرۇپ ئاندىن يېنىپ كېلىڭلار» دېدى. | 5 |
或人きたりて此人々の爲られし事をダビデに告ければダビデ人をつかはして之を迎へしめたりその人々おほいに愧たればなり即ち王いひけるは汝ら鬚の長るまでヱリコに止まりて然る後かへるべしと
ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدى، ھانۇن ۋە ئاممونلار ئارام-ناھارائىم، ئارام-مائاكاھ ۋە زوباھدىن جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلىق لەشكەر ياللاشقا ئادەم ئەۋەتىپ مىڭ تالانت كۈمۈش بەردى. | 6 |
アンモンの子孫自己のダビデに惡まるる樣になれるを見しかばハヌンおよびアンモンの子孫すなはち銀一千タラントをおくりてメソポタミヤとスリアマアカおよびゾバより戰車と騎兵とを雇ひいれたり
ئۇلار ئوتتۇز ئىككى مىڭ جەڭ ھارۋىسى، شۇنداقلا مائاكاھ پادىشاھى بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى ياللىۋالدى؛ ئۇلار مەدەبانىڭ ئالدىغا كېلىپ بارگاھ قۇردى. ئاممونلارمۇ جەڭ قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كېلىپ جەم بولۇشتى. | 7 |
即ち戰車三萬二千乗にマアカの王とその兵士を雇ひければ彼ら來りてメデバの前に陣を張り是においてアンモンの子孫その邑々より寄あつまりて戰はんとて來れり
داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ يوئاب بىلەن بارلىق ئەسكەر قوشۇنىنى [ئۇلارنىڭ ئالدىغا] چىقاردى. | 8 |
ダビデ聞てヨアブと勇士の惣軍を遣しけるに
ئاممونلار چىقىپ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى؛ جەڭگە ئاتلىنىپ چىققان پادىشاھلارمۇ دالادا ئايرىم سەپ تۈزۈپ تۇرۇشتى. | 9 |
アンモンの子孫は出て邑の門の前に戰爭の陣列をなせり又援助に來れる王等は別に野に居り
يوئاب ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، پۈتۈن ئىسرائىلدىن بىر قىسىم سەرخىل ئادەملەرنى تاللاپ، سۇرىيلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا ئۇلارنى سەپتە تۇرغۇزدى؛ | 10 |
時にヨアブ前後より敵の攻寄るを見てイスラエルの倔強の兵士の中を抽擢て之をしてスリア人にむかひて陣列しめ
ئۇ قالغان ئادەملىرىنى ئىنىسى ئابىشايغا تاپشۇردى، شۇنىڭدەك ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاممونلار بىلەن جەڭ قىلىشقا سەپ قىلىپ تەييارلىدى. | 11 |
その餘の民をばその兄弟アビシヤイの手に交してアンモンの子孫にむかひて陣列しめ
يوئاب ئابىشايغا: «ئەگەر سۇرىيلەر ماڭا كۈچلۈك كەلسە، سەن ماڭا ياردەم بەرگەيسەن؛ ئەمما ئاممونلار ساڭا كۈچلۈك كەلسە، مەن بېرىپ ساڭا ياردەم بېرەي. | 12 |
而して言けるはスリア人もし我に手強からば汝我を助けよアンモンの子孫もし汝に手強からば我なんぢを助けん
جۈرئەتلىك بولغىن! ئۆز خەلقىمىز ئۈچۈن ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن باتۇرلۇق قىلايلى. پەرۋەردىگار ئۆزىگە لايىق كۆرۈنگىنىنى قىلغاي! ــ دېدى. | 13 |
汝勇しくなれよ我儕の民のためと我らの神の諸邑のために我ら勇しく爲ん願くはヱホバその目に善と見ゆる所をなしたまへと
ئەمدى يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئادەملەر سۇرىيلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى چىقتى؛ سۇرىيلەر ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتى. | 14 |
ヨアブ己に從へる民とともに進みよりてスリア人を攻撃けるにスリア人かれの前より潰奔れり
سۇرىيلەرنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن ئاممونلارمۇ يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاينىڭ ئالدىدىن قېچىپ، شەھەرگە كىرىۋالدى. ئاندىن يوئاب يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. | 15 |
アンモンの子孫はスリア人の潰奔れるを見て自己等もまたその兄弟アビシヤイの前より逃奔りて城邑にいりぬ是においてヨアブはヱルサレムに歸れり
سۇرىيلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولغىنىنى كۆرگەندە، ئەلچى ئەۋەتىپ، [ئەفرات] دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى سۇرىيلەرنى چاقىرتىپ كەلدى. ھادادئېزەرنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى بولغان شوفاق ئۇلارغا يېتەكچى ئىدى. | 16 |
スリア人はそのイスラエルに撃やぶられたるを見て使者を遣はして河の彼旁なるスリア人を將ゐ出せりハダレゼルの軍旅の長シヨバクこれを率ゆ
بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان داۋۇت پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى يىغىپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سۇرىيلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا قارشى سەپ تۈزۈپ تۇردى. داۋۇتنىڭ سەپ تۈزگەنلىكىنى كۆرگەن سۇرىيلەر جەڭگە ئاتلاندى. | 17 |
その事ダビデに聞えければ彼イスラエルを悉く集めヨルダンを渡りて彼らの所に來り之にむかひて戰爭の陣列を立たりダビデかく彼らにむかひて戰爭の陣列を立たれば彼らこれと戰へり
سۇرىيلەر ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن قاچتى؛ داۋۇت سۇرىيلەردىن يەتتە مىڭ جەڭ ھارۋىلىقنى ۋە قىرىق مىڭ پىيادە لەشكەرنى ئۆلتۈردى ۋە يەنە سۇرىيلەرنىڭ سەردارى شوفاقنى ئۆلتۈردى. | 18 |
然るにスリア人イスラエルの前に潰たればダビデ、スリアの兵車の人七千歩兵四萬を殺しまた軍旅の長シヨバクを殺せり
ھادادئېزەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىسرائىل ئالدىدا يېڭىلگىنىنى كۆرگەندە، داۋۇت بىلەن سۈلھ قىلىپ ئۇنىڭغا بېقىندى؛ شۇنىڭدىن كېيىن سۇرىيلەر ئىككىنچى ئاممونىيلارغا ياردەم بېرىشنى خالىمايدىغان بولدى. | 19 |
ハダレゼルの臣たる者等そのイスラエルに撃やぶられたるを見てダピデと和睦をなしてこれが臣となれりスリア人は此後ふたたびアンモンの子孫を助くることを爲ざりき