< تارىخ-تەزكىرە 1 18 >
شۇ ئىشتىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، داۋۇت فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدىن گاتنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرنى تارتىۋالدى. | 1 |
Po tych wydarzeniach Dawid pobił Filistynów, ujarzmił ich i zabrał z ich rąk Gat i jego wioski.
ئۇ يەنە موئابىيلارغا ھۇجۇم قىلدى؛ موئابىيلار ئۇنىڭغا بېقىنىپ، ئولپان تۆلەيدىغان بولدى. | 2 |
Pobił też Moab i Moabici stali się sługami Dawida składającymi daninę.
زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەر ئۆز تەۋەسىنى ئەفرات دەرياسىغىچە كېڭەيتىشكە ئاتلىنىپ چىققاندا، داۋۇت تاكى خاماتقا قەدەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. | 3 |
Dawid pobił też Hadadezera, króla Soby w Chamat, gdy ten wyprawił się, aby rozciągnąć swoją władzę nad rzeką Eufrat.
داۋۇت ئۇنىڭ مىڭ جەڭ ھارۋىسىنى ئولجا ئالدى، يەتتە مىڭ ئاتلىق لەشكىرىنى، يىگىرمە مىڭ پىيادە لەشكىرىنى ئەسىر ئالدى. داۋۇت بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرىنىڭ پېيىنى قىرقىتىۋېتىپ، پەقەت يۈز ھارۋىغا قوشقىدەك ئاتنىلا ئېلىپ قالدى. | 4 |
Dawid zabrał mu wtedy tysiąc rydwanów, siedem tysięcy jeźdźców i dwadzieścia tysięcy pieszych. I popodcinał Dawid [ścięgna] wszystkich [koniom] zaprzęgowym, zostawiając z nich tylko [tyle, ile potrzeba] do stu rydwanów.
دەمەشقتىكى سۇرىيلەر زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەرگە ياردەم بېرىشكە كەلدى؛ داۋۇت سۇرىيلەردىن يىگىرمە ئىككى مىڭ ئەسكەرنى ئۆلتۈردى. | 5 |
Kiedy Syryjczycy z Damaszku przybyli na pomoc Hadadezerowi, królowi Soby, Dawid pobił spośród nich dwadzieścia dwa tysiące ludzi.
داۋۇت سۇرىيەدىكى دەمەشق رايونىغا قاراۋۇل ئەترەتلىرىنى تۇرغۇزۇۋىدى، سۇرىيلەر داۋۇتقا بېقىنىپ، ئۇنىڭغا ئولپان تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت قەيەرگە [جەڭگە] چىقمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى قوغداپ تۇردى. | 6 |
Potem Dawid umieścił [załogi] w Syrii damasceńskiej, a Syryjczycy stali się sługami Dawida składającymi daninę. Tak PAN zachowywał Dawida, dokądkolwiek [ten] się udał.
داۋۇت ھادادئېزەرنىڭ خىزمەتكارلىرى ئىشلىتىدىغان ئالتۇن قالقانلارنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ قايتتى. | 7 |
Dawid zabrał też złote tarcze, które mieli słudzy Hadadezera, i przyniósł je do Jerozolimy.
ئۇ يەنە ھادادئېزەرگە تەۋە تىبھات بىلەن كۇندىن ئىبارەت ئىككى شەھەردىن نۇرغۇن مىس ئولجا ئالدى؛ كېيىنكى زامانلاردا سۇلايمان مۇشۇ مىسلارنى ئىشلىتىپ مىس كۆل، مىس تۈۋرۈكلەر ۋە باشقا بارلىق مىس ئەسۋابلارنى ياساتقان. | 8 |
Również z Tibchat i Kun, miast Hadadezera, Dawid zabrał bardzo dużo brązu, z którego Salomon wykonał morze brązowe, słupy i naczynia brązowe.
خامات پادىشاھى توۋ داۋۇتنىڭ زوباھ پادىشاھى ھادادئېزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىغانلىقىنى ئاڭلاپ، | 9 |
A gdy usłyszał Tou, król Chamatu, że Dawid pobił całe wojsko Hadadezera, króla Soby;
ئۆز ئوغلى ھادورامنى داۋۇتقا سالام بېرىپ، ئۇنىڭ ھادادئېزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغان غەلىبىسىنى تەبرىكلەشكە ئەۋەتتى. چۈنكى توۋ ئەسلىدە ھادادئېزەر بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇراتتى. ھادورام ھەرخىل ئالتۇن، كۈمۈش، مىس ئەسۋاب-جابدۇقلارنى سوۋغا قىلىپ ئەكەلدى. | 10 |
Posłał swego syna Hadorama do króla Dawida, aby go pozdrowił w pokoju i aby mu powinszował tego, że walczył z Hadadezerem i pokonał go – Hadadezer bowiem prowadził wojnę z Tou – i [Hadoram] przyniósł ze sobą wszelkiego rodzaju naczynia złote, srebrne i brązowe.
داۋۇت پادىشاھ بۇ ئەسۋاب-جابدۇقلارنى ھەرقايسى ئەللەردىن، جۈملىدىن ئېدوم، موئاب، ئاممونلاردىن، فىلىستىيلەردىن ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر بىلەن قوشۇپ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى. | 11 |
Również i je król Dawid poświęcił PANU wraz ze srebrem i złotem, które pobrał od wszystkich narodów: od Edomu, od Moabu, od synów Ammona, od Filistynów i od Amaleka.
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشاي «شور ۋادىسى»دا ئېدومىيلاردىن ئون سەككىز مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. | 12 |
I Abiszaj, syn Serui, pobił w Dolinie Soli osiemnaście tysięcy Edomitów.
داۋۇت ئېدومدا قاراۋۇل ئەترەتلىرىنى تۇرغۇزدى؛ ئېدوملارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا بېقىندى. داۋۇت قەيەرگە جەڭگە چىقمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى قوغداپ تۇردى. | 13 |
I umieścił w Edomie załogi, a wszyscy Edomici stali się sługami Dawida. Tak PAN zachowywał Dawida, dokądkolwiek [ten] się udał.
داۋۇت پادىشاھ بولۇپ پۈتۈن ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، بارلىق خەلقىگە ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى. | 14 |
Dawid więc królował nad całym Izraelem i sprawował sąd nad całym swym ludem, i [wymierzał] mu sprawiedliwość.
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا سەردار، ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات مىرزا، | 15 |
Joab, syn Serui, [był postawiony] nad wojskiem, a Jehoszafat, syn Achiluda, [był] kronikarzem.
ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوك بىلەن ئابىياتارنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك [باش] كاھىن، شاۋشا كاتىپ، | 16 |
Sadok, syn Achituba, i Abimelek, syn Abiatara, [byli] kapłanami, a Szawsza [był] pisarzem.
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنىڭ يولباشچىسى ئىدى؛ داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئەمەلدارلار بولدى. | 17 |
Benajasz, syn Jehojady, był [postawiony] nad Keretytami i Peletytami, a synowie Dawida [byli] pierwszymi przy królu.