داۋۇت ئۆز ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان چېغىدا، ناتان پەيغەمبەرگە: «قارا، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئۆيدە تۇرۇۋاتىمەن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بولسا چېدىر پەردىلىرى ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى. | 1 |
پاش ئەوەی داود لە کۆشکەکەی نیشتەجێ بوو، داود بە ناتانی پێغەمبەری گوت: «من لێرە لە کۆشکێکی دروستکراو بە داری ئورز نیشتەجێم و سندوقی پەیمانی یەزدانیش لەژێر چادردایە.» |
ناتان داۋۇتقا: «كۆڭلۈڭدە پۈككەنلىرىڭگە ئەمەل قىلغىن؛ چۈنكى خۇدا سەن بىلەن بىللىدۇر» ــ دېدى. | 2 |
ناتانیش بە داودی گوت: «هەموو ئەوەی لە دڵتدایە بیکە، چونکە یەزدانت لەگەڵە.» |
شۇ كۈنى كېچىدە خۇدانىڭ سۆزى ناتانغا كېلىپ يەتتى: | 3 |
بەڵام هەر لەو شەوەدا فەرمایشتی خودا بۆ ناتان هات: |
«سەن بېرىپ قۇلۇم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سەن مەن ئۈچۈن تۇرالغۇ ئۆي سالساڭ بولمايدۇ. | 4 |
«بڕۆ بە داودی بەندەم بڵێ:”یەزدان ئەمە دەفەرموێت: ئەو کەسە تۆ نیت کە ماڵێک بۆ نیشتەجێبوونم بنیاد دەنێت. |
چۈنكى مەن ئىسرائىللارنى باشلاپ چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر بىر ئۆيدە تۇرۇپ باقمىغانمەن، پەقەت بۇ چېدىردىن ئۇ چېدىرغا، بىر چېدىرگاھدىن باشقا بىرىگە يۆتكىلىپ يۈردۈم، خالاس. | 5 |
لەو ڕۆژەوەی کە ئیسرائیلم لە میسر دەرهێناوە هەتا ئەمڕۆ لە ماڵدا نیشتەجێ نەبووم، بەڵکو لە شوێنێکەوە بۆ شوێنێکی دیکە چووم، هەر لەنێو چادری پەرستندا بووم. |
مەن ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىللە مەيلى قەيەرگە بارماي، ھېچقاچان ئىسرائىلنىڭ بىرەر ھاكىمىغا، يەنى مېنىڭ خەلقىمنى بېقىشنى تاپىلىغان بىرەرسىگە: نېمىشقا سىلەر ماڭا كېدىر ياغىچىدىن ئۆي سېلىپ بەرمەيسىلەر؟ ــ دېدىممۇ؟ | 6 |
لە هەموو هاتوچۆکردنەکانم لەگەڵ هەموو ئیسرائیل، ئایا هیچ قسەیەکم کرد لەگەڵ یەکێک لە ڕابەرەکانی ئیسرائیل، ئەوانەی فەرمانم پێکردن بۆ ئەوەی شوانایەتی گەلەکەم بکەن،’بۆچی ماڵێکتان لە داری ئورز بۆ دروستنەکردووم؟‘“ |
ئەمدى سەن قۇلۇم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئېيتىدۇكى، مەن سېنى ئەمدى يايلاقلاردىن، قويلارنىڭ ئارقىسىدىن ئېلىپ، خەلقىم ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە ئەمىر بولۇش ئۈچۈن چاقىرتىپ چىقتىم. | 7 |
«ئێستاش ئاوا بە داودی بەندەم بڵێ:”یەزدانی سوپاسالار ئەمە دەفەرموێت: من تۆم لە شوانایەتی مەڕەوە برد و تۆم کردە فەرمانڕەوای ئیسرائیلی گەلەکەی خۆم. |
مەيلى قەيەرگە بارمىغىن، مەن ھامان سېنىڭ بىلەن بىللە بولدۇم ۋە سېنىڭ ئالدىڭدىن بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ كەلدىم؛ يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلار نام-شۆھرەتكە ئىگە بولغاندەك سېنى نام-شۆھرەتكە سازاۋەر قىلدىم. | 8 |
لەگەڵتدا بووم بۆ هەر شوێنێک چووبیت و هەموو دوژمنەکانی تۆم لەبەردەمت بڕیوەتەوە. ئێستا ناوێکت بۆ دروستدەکەم وەک ناوی گەورەکان کە لەسەر زەوین. |
مەن خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا بىر جاينى بېكىتىپ، ئۇلارنى شۇ يەردە تىكىپ ئۆستۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز زېمىنىدا تۇرىدىغان، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىمايدىغان بولىدۇ. رەزىللەر دەسلەپتىدىكىدەك ۋە مەن خەلقىم ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھاكىملارنى تەيىنلىگەن كۈنلەردىكىدەك، ئۇلارغا قايتىدىن زۇلۇم سالمايدۇ. مەن بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى ساڭا بېقىندۈردىمەن. ۋە مەنكى پەرۋەردىگار ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن سېنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆينى ياساپ بېرىمەن! | 9 |
شوێنێکیش بۆ ئیسرائیلی گەلەکەم دیاری دەکەم و دەیچێنم و لە جێی خۆی نیشتەجێی دەکەم، ئیتر وەک پێشوو بێزار ناکرێن و خەڵکانی ناڕەوا نایانچەوسێننەوە، |
10 |
وەک ئەو سەردەمانەی ڕابەرم لەسەر ئیسرائیلی گەلەکەم دادەنا. منیش تۆ لە دەستی هەموو دوژمنەکانت دەحەوێنمەوە. «”پێت ڕادەگەیەنم کە یەزدان خۆی ماڵت بۆ دروستدەکات. |
سېنىڭ كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا قايتقان ۋاقتىڭدا سېنىڭ نەسلىڭدىن، يەنى ئوغۇللىرىڭدىن بىرىنى سېنىڭ ئورنۇڭنى باسىدىغان قىلىمەن؛ مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن. | 11 |
کاتێک ژیانت تەواو دەبێت و دەچیتە پاڵ باوباپیرانت، من وەچەکەت دادەمەزرێنم، ئەوەی لەدوای خۆت لە کوڕەکانت دەبێت، پاشایەتییەکەی جێگیر دەکەم. |
ئۇ ماڭا بىر ئۆي ياسايدۇ، مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن. | 12 |
ئەو ماڵێکم بۆ بنیاد دەنێت و منیش بۆ هەتاهەتایە تەختەکەی جێگیر دەکەم. |
مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ؛ مېھرى-شەپقىتىمنى سېنىڭدىن ئاۋۋال ئۆتكەن [ئىدارە قىلغۇچىدىن] جۇدا قىلغىنىمدەك ئۇنىڭدىن ھەرگىز جۇدا قىلمايمەن؛ | 13 |
من دەبمە باوکی ئەو و ئەویش دەبێتە کوڕی من. خۆشەویستییە نەگۆڕەکەم بۆ ئەو داناماڵرێت، هەروەک چۆن دامماڵی لەوەی لەپێش تۆ بوو. |
ئۇنى مېنىڭ ئۆيۈمدە ۋە مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەڭگۈ تۇرغۇزىمەن؛ ئۇنىڭ تەختى مەڭگۈ مەزمۇت بولۇپ تۇرغۇزۇلىدۇ». | 14 |
بۆ هەتاهەتایەش لە ماڵەکەم و لەناو پاشایەتییەکەمدا دایدەنێم، هەتاهەتایە تەختەکەی جێگیر دەبێت.“» |
ناتان بۇ بارلىق سۆزلەر ۋە بارلىق ۋەھىينى ھېچنېمە قالدۇرماي، داۋۇتقا ئېيتىپ بەردى. | 15 |
ئینجا ناتان بەپێی وشەکانی ئەم سروشە قسەی لەگەڵ داود کرد. |
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت كىرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى خۇدا پەرۋەردىگار، مەن زادى كىم ئىدىم، مېنىڭ ئۆيۈم نېمە ئىدى، سەن مېنى مۇشۇ دەرىجىگە كۆتۇرگۈدەك؟ | 16 |
ئەوسا داودی پاشا چوو و لەبەردەم یەزدان دانیشت و گوتی: «یەزدانی پەروەردگار، من کێم و بنەماڵەکەی من کێیە کە تۆ بەم پایەیەت گەیاندووم؟ |
لېكىن ئى خۇدا پەرۋەردىگار، [بۇ مەرتىۋىگە كۆتۈرگىنىڭ] سېنىڭ نەزىرىڭدە كىچىككىنە بىر ئىش ھېسابلاندى؛ چۈنكى سەن مەن قۇلۇڭنىڭ ئۆيىنىڭ يىراق كەلگۈسى توغرۇلۇق سۆزلىدىڭ ۋە مېنى ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك زات دەپ قارىدىڭ، ئى خۇدا پەرۋەردىگار! | 17 |
ئەی خودایە، تۆ هێشتا ئەمەت بە کەم زانی، هەر لەبەر ئەوە هاتیت بۆ ئەوەی سەبارەت بە ئایندەی ماڵی ئەم بەندەیەت بەڵێنی گەورەتر بدەیت. ئەی یەزدانی پەروەردگار، بە کەسێکی پایەبەرز داتنام و تەماشات کردم. |
سەن كەمىنەڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەن شۇنداق شان-شەرەپ توغرۇلۇق داۋۇت ساڭا نېمە دىيەلىسۇن؟ چۈنكى سەن دەرۋەقە ئۆز قۇلۇڭنى ئۆزۈڭ بىلىسەن. | 18 |
«ئیتر داود چی زیاتر بە تۆ بڵێت کە بەندەکەتت پایەدار کردووە؟ چونکە تۆ بەندەکەی خۆت دەناسیت. |
ئاھ پەرۋەردىگار، پېقىر قۇلۇڭ ئۈچۈن ھەمدە ئۆز كۆڭلۈڭدىكى نىيىتىڭ بويىچە بۇ بارلىق ئۇلۇغلۇقنى كۆرسىتىپ، بۇ چوڭ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئايان قىلدىڭ. | 19 |
ئەی یەزدان، تۆ لە پێناوی بەندەکەت و بە خواستی دڵی خۆت ئەم کارە گەورەت کردووە، بۆ ئەوەی ئەم هەموو بەڵێنە گەورانە بزانرێن. |
ئاھ پەرۋەردىگار، قۇلىقىمىز تولۇق ئاڭلىغىنى بويىچە ساڭا تەڭ كەلگۈدەك ھېچكىم يوق؛ سېنىڭدىن بۆلەك ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. | 20 |
«ئەی یەزدان، کوا هاوتای تۆ؟ بێجگە لە تۆ خودایەک نییە لە هەموو ئەوەی بە گوێی خۆمان گوێمان لێبووە. |
دۇنيادا قايسى بىر ئەل خەلقىڭ ئىسرائىلغا تەڭ كېلەلىسۇن؟ ئۇلارنى ئۆزۈڭگە خاس بىردىنبىر خەلق بولۇش ئۈچۈن قۇتۇلدۇرۇشقا باردىڭ ھەمدە مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان خەلقىڭ ئالدىدىن يات ئەللەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلۇغۋار ۋە بەھەيۋەت ئىشلار ئارقىلىق ئۆز نامىڭنى تىكلىدىڭ! | 21 |
هەروەها کێ وەک ئیسرائیلی گەلەکەی تۆیە؟ ئەم گەلە تاکە نەتەوەیەکە لە زەویدا کە خودا هات بۆ ئەوەی گەلێک بۆ خۆی بکڕێتەوە، بۆ ئەوەی ناوێک بۆ خۆی دابنێت و کاری مەزن و سامناک بکات، بە دەرکردنی نەتەوەکان لەبەردەم گەلەکەت، ئەوەی لە میسر بۆ خۆت کڕیتەوە. |
سەن خەلقىڭ ئىسرائىلنى مەڭگۈ ئۆزۈڭنىڭ خەلقىڭ قىلدىڭ؛ ئاھ پەرۋەردىگار، سەنمۇ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ. | 22 |
ئەی یەزدان، تۆ گەلی ئیسرائیلت بۆ هەتاهەتایە کردە گەلی خۆت و تۆش بوویتە خودایان. |
ئاھ پەرۋەردىگار، ئەمدى پېقىر قۇلۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئۆيى توغرۇلۇق قىلغان ۋەدەڭ مەڭگۈگە ئەمەل قىلىنسۇن؛ سەن دېگەنلىرىڭ بويىچە ئىشنى ئادا قىلغايسەن! | 23 |
«ئەی یەزدان، ئێستاش ئەو بەڵێنەی سەبارەت بە بەندەکەت و بە ماڵەکەی فەرمووت، با بۆ هەتاهەتایە بچەسپێت. هەروەک فەرمووت ئاوا بکە، |
ئامىن، ۋەدەڭ ئەمەل قىلىنسۇن، شۇنداقلا نامىڭ مەڭگۈ ئۇلۇغلانسۇن، كىشىلەر: «ساماۋى قوشۇننىڭ سەردارى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ھەقىقەتەن ئىسرائىلغا خۇدادۇر!» دېسۇن؛ ۋە شۇنداق بولۇپ، پېقىر قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ ئۆي-جەمەتى سېنىڭ ئالدىڭدا مەزمۇت تۇرغۇزۇلسۇن. | 24 |
بیچەسپێنە، تاوەکو بۆ هەتاهەتایە ناوت مەزن بێت و بگوترێت:”یەزدانی سوپاسالاری خودای ئیسرائیل، خودای ئیسرائیلە!“با ماڵی داودی بەندەشت لەبەردەمتدا جێگیر بێت. |
ئاھ خۇدايىم، سەن پېقىر قۇلۇڭغا ساڭا ئۆي ياسايمەن، دېگەن ۋەھىي كەلتۈردۈڭ؛ شۇڭا قۇلۇڭ سېنىڭ ئالدىڭدا مۇشۇنداق دۇئا قىلىشقا جۈرئەت قىلدى. | 25 |
«ئەی خودای من، بۆ بەندەکەی خۆتت ئاشکرا کرد کە ماڵێکی بۆ بنیاد دەنێیت، لەبەر ئەمە بەندەکەت ئازایەتی لە خۆیدا بینی لەبەردەمتدا نزا بکات. |
ئاھ پەرۋەردىگار، سەن بىردىنبىر خۇدادۇرسەن، سەن پېقىر قۇلۇڭغا مۇشۇنداق ئامەتنى بېرىشنى ۋەدە قىلدىڭ؛ | 26 |
ئەی یەزدان، تۆ خودایت، بەڵێنی ئەم چاکەیەت بە بەندەکەت داوە. |
ئەمدى پېقىر قۇلۇڭنىڭ ئۆي-جەمەتىگە ئىلتىپات قىلىپ، ئۇنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا مەڭگۈ تۇرۇشىغا ساقلىغايسەن. چۈنكى سەن، ئاھ پەرۋەردىگار، [پېقىرنىڭ ئۆي-جەمەتىگە] ئىلتىپات قىلدىڭ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەڭگۈگە بەخت-ئىلتىپاتقا نېسىپ بولىدۇ». | 27 |
ئێستاش ڕەزامەندی بفەرموو بۆ ئەوەی ماڵی بەندەکەت بەرەکەتدار بکەیت، تاوەکو بۆ هەتاهەتایە لەبەردەمت بێت، ئەی یەزدان، چونکە تۆ بەرەکەتدارت کردووە و بۆ هەتاهەتایە بەرەکەتدار دەبێت.» |