< تارىخ-تەزكىرە 1 16 >
ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ داۋۇت ئۇنىڭغا ھازىرلاپ قويغان چېدىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، ئاندىن خۇدانىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇندى. | 1 |
They brought in the ark of God and put it in the middle of the tent that David had set up for it. Then they offered burnt offerings and fellowship offerings before God.
داۋۇت كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا خەلققە بەخت تىلىدى. | 2 |
When David had finished sacrificing the burnt offering and the fellowship offerings, he blessed the people in the name of Yahweh.
ئۇ يەنە ئەر-ئايال دېمەي ئىسرائىللارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن نان، بىردىن خورما پوشكىلى، بىردىن ئۈزۈم پوشكىلى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. | 3 |
He distributed to every Israelite, both to men and women, a loaf of bread, and a piece of meat, and a cake of raisins.
داۋۇت بىر قىسىم لاۋىيلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا خىزمەتتە بولۇش، يەنى دۇئا-تىلاۋەت ئوقۇش، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىش ۋە كۈي-مۇناجات ئوقۇشنى بۇيرۇدى. | 4 |
David appointed certain Levites to serve before the ark of Yahweh, and to celebrate, thank and praise Yahweh, the God of Israel.
ئۇلارنىڭ يولباشچىسى بولسا ئاساف، ئاندىن زەكەرىيا ئىدى؛ باشقىلىرى بولسا جەئىيەل، شېمىراموت، يەھىيەل، ماتتىتىياھ، ئېلىئاب، بىنايا، ئوبەد-ئېدوم ۋە جەئىيەللەر ئىدى. ئۇلار تەمبۇر-چىلتار چېلىشقا قويۇلدى؛ ئاساف بولسا چاڭلارنى چالاتتى. | 5 |
These Levites were Asaph the leader, and second to him Zechariah, Jaaziel, Shemiramoth, Jehiel, Mattithiah, Eliab, Benaiah, Obed Edom, and Jeiel. These were to play with stringed instruments and with harps. Asaph was to sound the cymbals, sounding loudly.
بىنايا بىلەن ياھازىيەلدىن ئىبارەت ئىككى كاھىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەردائىم كاناي چېلىشقا قويۇلدى. | 6 |
Benaiah and Jahaziel the priests were to blow the trumpets regularly, before the ark of the covenant of God.
شۇ كۈنى داۋۇت ئاساف ۋە قېرىنداشلىرىنى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىشقا بەلگىلەپ ئۇلارغا بىرىنچىدىن مۇنۇ كۈينى تاپشۇردى: ــ | 7 |
Then on that day David first appointed Asaph and his brothers to sing this song of thanksgiving to Yahweh.
«پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قىلىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئەللەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار! | 8 |
Give thanks to Yahweh, call on his name; make known his deeds among the nations.
ئۇنىڭغا ناخشىلار ئېيتىپ، ئۇنى كۈيلەڭلار، ئۇنىڭ پۈتكۈل كارامەت مۆجىزىلىرى ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىڭلار. | 9 |
Sing to him, sing praises to him; speak of all his marvelous deeds.
مۇقەددەس نامىدىن پەخىرلىنىپ داڭلاڭلار، پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆڭلى شادلانسۇن! | 10 |
Boast in his holy name; let the heart of those who seek Yahweh rejoice.
پەرۋەردىگارنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ئىزدەڭلار، ئۇنىڭ يۈز-ھۇزۇرىنى توختىماي ئىزدەڭلار. | 11 |
Seek Yahweh and his strength; seek his presence continually.
ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى، كارامەت ئالامەتلىرىنى ھەم ئاغزىدىن چىققان ھۆكۈملىرىنى ئەستە تۇتۇڭلار، | 12 |
Recall the marvelous things he has done, his miracles and the decrees from his mouth,
ئى ئۇنىڭ قۇلى ئىسرائىلنىڭ نەسلى، ئۆزى تاللىغانلىرى، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى! | 13 |
you descendants of Israel his servant, you people of Jacob, his chosen ones.
ئۇ، پەرۋەردىگار ــ خۇدايىمىز، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى پۈتكۈل يەر يۈزىدىدۇر. | 14 |
He is Yahweh, our God. His decrees are on all the earth.
ئۇ ئۆزى تۈزگەن ئەھدىنى ئەبەدىي يادىڭلاردا تۇتۇڭلار ــ ــ بۇ ئۇنىڭ مىڭ ئەۋلادقىچە ۋەدىلەشكەن سۆزىدۇر ــ | 15 |
Keep his covenant in mind forever, the word that he commanded for a thousand generations.
ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى، يەنى ئىسھاققا ئىچكەن قەسىمىدۇر. | 16 |
He calls to mind the covenant that he made with Abraham, and his oath to Isaac.
ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام دەپ جەزملەشتۈردى، ئىسرائىلغا ئەبەدىي ئەھدە قىلىپ بېرىپ: ــ | 17 |
This is what he confirmed to Jacob as a statute, and to Israel as an everlasting covenant.
«ساڭا قانائان زېمىنىنى بېرىمەن، ئۇنى مىراسىڭ بولغان نېسىۋەڭ قىلىمەن» ــ دېدى. | 18 |
He said, “I will give you the land of Canaan as your share of your inheritance.”
ئۇ چاغدا سىلەر ئاجىز ئىدىڭلار، ئادىمىڭلار ئاز ھەم ئۇ يەردە مۇساپىر ئىدىڭلار؛ | 19 |
When they were only few in number, so very few, and they were strangers in the land,
بۇ ئەلدىن ئۇ ئەلگە، بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە كۆچۈپ يۈرگەن. | 20 |
they wandered from nation to nation, from one kingdom to another.
پەرۋەردىگار ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇلارنى بوزەك قىلىشىغا يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ پادىشاھلارغىمۇ تەنبىھ بېرىپ: ــ | 21 |
He did not allow anyone to oppress them; he punished kings for their sakes.
«مەن مەسىھ قىلغانلارغا تەگمە، پەيغەمبەرلىرىمگە يامان ئىش قىلما!» ــ دېدى. | 22 |
he said, “Do not touch my anointed ones, and do not harm my prophets.”
پۈتۈن جاھان، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار، نىجاتىنى ھەر كۈنى ئېلان قىلىڭلار! | 23 |
Sing to Yahweh, all the earth; announce his salvation day after day.
ئۇنىڭ جۇلاسىنى ئەللەردە بايان قىلىڭلار، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا جاكارلاڭلار. | 24 |
Declare his glory among the nations, his marvelous deeds among all the nations.
چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز ئۇلۇغدۇر، زور ھەمدۇساناغا لايىقتۇر؛ ئۇ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن، ئۇنىڭدىن قورقۇش كېرەكتۇر؛ | 25 |
For Yahweh is great and is to be praised greatly, and he is to be feared above all other gods.
چۈنكى بارلىق ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى ــ بۇتلار خالاس، بىراق پەرۋەردىگار ئاسمان-پەلەكنى ياراتقاندۇر. | 26 |
For all the gods of the nations are idols, but it is Yahweh who made the heavens.
شانۇشەۋكەت ۋە ھەيۋەت ئۇنىڭ ئالدىدا، قۇدرەت ۋە خۇشلۇق ئۇنىڭ جايىدىدۇر. | 27 |
Splendor and majesty are in his presence. Strength and joy are in his place.
پەرۋەردىگارغا تەئەللۇقىنى بەرگەيسىلەر، ئى ئەل-قەبىلىلەر، پەرۋەردىگارغا شان-شەرەپ ۋە قۇدرەتنى بەرگەيسىلەر! | 28 |
Ascribe to Yahweh, you clans of peoples, ascribe to Yahweh glory and strength!
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا لايىق بولغان شان-شۆھرەتنى ئۇنىڭغا بەرگەيسىلەر؛ سوۋغا-سالام ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىڭلار، پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار؛ | 29 |
Ascribe to Yahweh the glory his name deserves. Bring an offering and come before him. Bow down to Yahweh in the splendor of holiness.
پۈتكۈل يەر-يۈزى، ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەڭلار! دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا. | 30 |
Tremble before him, all the earth. The world also is established; it cannot be shaken.
ئاسمانلار شادلانسۇن، ۋە يەر-جاھان خۇش بولسۇن، ئەللەر ئارىسىدا ئېلان قىلىنسۇن: ــ «پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ!». | 31 |
Let the heavens be glad, and let the earth rejoice; let them say among the nations, “Yahweh reigns.”
دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە چۇقان سېلىپ جۇش ئۇرسۇن! دالىلار ھەم ئۇلاردىكى ھەممە يايرىسۇن! | 32 |
Let the sea roar, and that which fills it shout with joy. Let the fields be joyful, and all that is in them.
ئۇ چاغدا ئورماندىكى پۈتكۈل دەرەخلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتىدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ پۈتۈن جاھاننى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ! | 33 |
Then let the trees in the forest shout for joy before Yahweh, for he is coming to judge the earth.
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى. | 34 |
Give thanks to Yahweh, for he is good, for his covenant faithfulness endures forever.
ۋە: بىزنى قۇتقۇزغىن، ئى نىجاتىمىز بولغان خۇدا! بىزنى [يېنىڭغا] يىغىۋالغايسەن، مۇقەددەس نامىڭغا تەشەككۈر قىلىشقا، يايراپ سېنى مەدھىيىلەشكە، بىزنى ئەللەردىن قۇتقۇزۇپ چىققايسەن! ــ دەڭلار! | 35 |
Then say, “Save us, God of our salvation. Gather us together and rescue us from the other nations, so that we may give thanks to your holy name and glory in your praises.”
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا، ئەزەلدىن تا ئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! پۈتكۈل خەلق «ئامىن!» دېدى ھەمدە پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. | 36 |
May Yahweh, the God of Israel, be praised from everlasting to everlasting. All the people said, “Amen” and praised Yahweh.
[داۋۇت] شۇ يەردە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەر كۈندىكى ۋەزىپىگە مۇۋاپىق، ئەھدە ساندۇقى ئالدىدىكى خىزمەتتە داۋاملىق بولۇشقا ئاساف بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى قالدۇرۇپ قويدى؛ | 37 |
So David left Asaph and his brothers there before the ark of the covenant of Yahweh, to serve continually before the ark, as every day's work required.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوبەد-ئېدوم بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئاتمىش سەككىز كىشى بار ئىدى؛ شۇنىڭدەك يەدۇتۇننىڭ ئوغلى ئوبەد-ئېدوم بىلەن خوساھ دەرۋازىۋەنلىككە قويۇلدى. | 38 |
Obed Edom with those sixty-eight relatives were included. Obed Edom son of Jeduthun, along with Hosah, were to be gatekeepers.
كاھىن زادوك بىلەن ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى گىبېئون ئېگىزلىكىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرى ئالدىدا، | 39 |
Zadok the priest and his fellow priests were to serve before the tabernacle of Yahweh at the high place in Gibeon.
پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا تاپىلىغان قانۇن-ئەھكاملىرىدا بارلىق يېزىلغىنى بويىچە، ھەركۈنى ئەتىسى-ئاخشىمى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا قويۇلدى. | 40 |
They were to offer burnt offerings to Yahweh on the altar for burnt offerings continually morning and evening, according to all that is written in the law of Yahweh, which he gave as a command to Israel.
ئۇلار بىلەن بىللە بولغانلار، يەنى ھېمان، يەدۇتۇن ۋە قالغان تاللانغانلار، شۇنداقلا بارلىق ئىسمى تىزىلغانلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىشقا قويۇلدى (چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدگىچىدۇر!). | 41 |
Heman and Jeduthun were with them, together with the rest who were chosen by name, to give thanks to Yahweh, because his covenant faithfulness endures forever.
ھېمان ۋە يەدۇتۇن بولسا نەغمىچىلىككە، جۈملىدىن كاناي، جاڭ-جاڭ ۋە بارلىق مەدھىيە سازلىرىنى چېلىشقا مەسئۇل قىلىندى. يەدۇتۇننىڭ ئوغۇللىرى دەرۋازىغا قاراشقا قويۇلدى. | 42 |
Heman and Jeduthun were in charge of those who played trumpets, cymbals, and the other instruments for the sacred music. The sons of Jeduthun guarded the gate.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن بارلىق خەلق ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى؛ داۋۇتمۇ ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە بەخت تىلەشكە قايتتى. | 43 |
Then all the people returned to their homes, and David returned to bless his own household.