< تارىخ-تەزكىرە 1 15 >
داۋۇت داۋۇت شەھىرىدە ئۆزىگە ئۆي-ئوردىلار سالدۇردى، ھەم خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىغا جاي ھازىرلىدى ۋە ئۇنىڭغا چېدىر تىكتۈردى. | 1 |
Och han byggde sig hus uti Davids stad, och tillredde ett rum till Guds ark, och gjorde ett tabernakel öfver honom.
ئۇ چاغدا داۋۇت: «خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى لاۋىيلاردىن بۆلەك كىشىلەرنىڭ كۆتۈرۈشىگە بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى كۆتۈرۈشكە ۋە مەڭگۈ ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا شۇلارنى تاللىغانىدى» دېدى. | 2 |
På den tiden sade David: Guds ark bör icke bäras, utan af de Leviter; ty dem hafver Herren utvalt, att de skola bära Guds ark, och tjena honom evinnerliga.
ئاندىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھازىرلاپ قويغان يەرگە يۆتكەش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىسرائىللارنى يېرۇسالېمغا يىغدى. | 3 |
Derföre församlade David hela Israel till Jerusalem, att de skulle bära Herrans ark upp i det rum, som han dertill beredt hade.
داۋۇت يەنە ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋە لاۋىيلارنى يىغدى: | 4 |
Och David lät komma tillhopa Aarons barn, och Leviterna:
كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى جەمەت بېشى بولغان ئۇرىيەل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىر يۈز يىگىرمە كىشى؛ | 5 |
Utaf Kehats barn, Uriel, den öfversten, med hans bröder, tjugu och hundrade;
مەرارى ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان ئاسايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئىككى يۈز يىگىرمە كىشى؛ | 6 |
Utaf Merari barn, Asaja, den öfversten, med hans bröder, tjugu och tuhundrade;
گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان يوئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىر يۈز ئوتتۇز كىشى؛ | 7 |
Utaf Gersoms barn, Joel, den öfversten, med hans bröder, tretio och hundrade;
ئەلىزافاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان شېمايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئىككى يۈز كىشى؛ | 8 |
Utaf Elisaphans barn, Semaja, den öfversten, med hans bröder, tuhundrade;
ھېبروننىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان ئەلىيەل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى سەكسەن كىشى؛ | 9 |
Utaf Hebrons barn, Eliel, den öfversten, med hans bröder, åttatio;
ئۇززىيەلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان ئاممىناداب ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى ئىدى. | 10 |
Utaf Ussiels barn, Amminadab, den öfversten, med hans bröder, tolf och hundrade.
داۋۇت كاھىنلاردىن زادوك بىلەن ئابىياتارنى، شۇنىڭدەك لاۋىلىيلاردىن ئۇرىيەل، ئاسايا، يوئېل، شېمايا، ئەلىيەل ۋە ئاممىنادابنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلارغا: | 11 |
Och David kallade Zadok och AbJathar, Presterna och Leviterna, nämliga Uriel, Asaja, Joel, Semaja, Eliel, Amminadab;
«سىلەر لاۋىي جەمەتىنىڭ باشلىرىسىلەر؛ ئۆزۈڭلارنى ۋە سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەن تەييارلاپ قويغان يەرگە كۆتۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن پاك قىلىڭلار. | 12 |
Och sade till dem: I ären hufvuden för fäderna ibland de Leviter; så helger eder nu och edra bröder, att I mågen uppbära Herrans Israels Guds ark dit, der jag honom tillredt hafver:
چۈنكى ئىلگىرى سىلەر شۇنداق قىلماي، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئۇنىڭدىن يول سورىمىغىنىمىزدىن خۇدايىمىز پەرۋەردىگار بىزگە زەربە بەرگەن» دېدى. | 13 |
Ty tillförene, när I icke voren tillstädes, gjorde Herren vår Gud en refvo ibland oss, derföre att vi icke sökte honom, såsom det borde sig.
شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ مېڭىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پاك قىلدى. | 14 |
Alltså helgade Presterna sig och Leviterna, att de skulle uppbära Herrans Israels Guds ark.
لاۋىيلار ئەمدى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى بىلەن تاپىلىغىنى بويىچە، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بالداق بىلەن مۈرىسىگە ئېلىپ كۆتۈردى. | 15 |
Och Levi barn båro Guds ark på sina axlar, med stängerna dervid, såsom Mose budit hade efter Herrans ord.
داۋۇت يەنە لاۋىيلارنىڭ يولباشچىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن نەغمىچىلەرنى تەيىنلەشنى بۇيرۇدى؛ ئۇلار جۈملىدىن تەمبۇر، چىلتار، جاڭلار قاتارلىق ھەرخىل سازلارنى چېلىپ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ شاد-خۇراملىق ئىچىدە كۈي ئېيتىشقا تەيىنلەندى. | 16 |
Och David sade till de öfverstar för de Leviter, att de skulle sätta sina bröder till sångare, med strängaspel, med psaltare, harpor och klingande cymbaler, så att de högt söngo och med fröjd.
شۇڭلاشقا، لاۋىيلار يوئېلنىڭ ئوغلى ھېماننى ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكى بەرەكىيانىڭ ئوغلى ئاسافنى ھەم ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بولغان مەرارىلاردىن كۇشاياھنىڭ ئوغلى ئېتاننى بەلگىلىدى. | 17 |
Då beställde de Leviter Hem an, Joels son, och utaf hans bröder Assaph, Berechia son, och utaf Merari barn deras bröder, Ethan, Kusaja son;
ئۇلار بىلەن بىرلىكتە يەنە قېرىنداشلىرىدىن زەكەرىيا، بىن، يائازىيەل، شېمىراموت، يەھىيەل، ئۇننى، ئېلىئاب، بىناياھ، مائاسېياھ، ماتتىتىياھ، ئەلىفەلەھ، مېكنىيا ھەم دەرۋازىۋەن ئوبەد-ئېدوم بىلەن جەئىيەلنى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەترەت قىلىپ تەشكىللىدى. | 18 |
Och med dem deras bröder af det andra skiftet, nämliga Zacharia, Ben, Jaesiel, Semiramoth, Jehiel, Unni, Eliab, Benaja, Maaseja, Mattithia, Elipheleja, Mikneja, ObedEdom, Jegiel, dörravaktarena.
نەغمىچى ھېمان، ئاساف ۋە ئېتانلار مىس چاڭلار چېلىپ، ياڭراق ئاۋاز چىقىراتتى؛ | 19 |
Ty Heman, Assaph och Ethan voro sångare med kopparcymbaler, att klinga högt.
زەكەرىيا، يائازىيەل، شېمىراموت، يەھىيەل، ئۇننى، ئېلىئاب، مائاسېياھ ۋە بىنايالار تەمبۇر چېلىپ «ئالاموت ئۇسلۇبى»دا تەڭكەش قىلاتتى؛ | 20 |
Men Zacharia, Asiel, Semiramoth, Jehiel, Unni, Eliab, Maaseja och Benaja, med psaltare, till att sjunga efter.
ماتتىتىياھ، ئەلىفەلەھ، مېكنىيا، ئوبەد-ئېدوم، جەئىيەل ۋە ئازازىيالار چىلتار چېلىپ باشلامچىلىق قىلىپ، «شەمىنىت ئۇسلۇبى»دا تەڭكەش بولاتتى. | 21 |
Men Mattithia, Elipheleja, Mikneja, ObedEdom, Jegiel och Asasia, med harpor af åtta stränger, till att sjunga för dem.
لاۋىيلارنىڭ يولباشچىسى كەنانىيا مۇزىكىغا ناھايىتى پىششىق بولغاچقا، مەخسۇس نەغمە-ناۋاچىلىققا مەسئۇل بولۇپ مۇزىكا ئۆگىتەتتى. | 22 |
Men Chenanja, Leviternas öfverste sångmästare, att han skulle undervisa dem om sången, ty han var förståndig.
بەرەكىيا بىلەن ئەلكاناھ ئەھدە ساندۇقىغا مەسئۇل ئىشىكباقارلار ئىدى. | 23 |
Och Berechia och Elkana voro dörravaktare om arken.
شەبانىيا، يەھوشافات، نەتانەل، ئاماساي، زەكەرىيا، بىنايا ۋە ئەلىئېزەر قاتارلىق كاھىنلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا كاناي چالاتتى؛ ئوبەد-ئېدوم بىلەن يەھىياھمۇ ئەھدە ساندۇقىغا مەسئۇل ئىشىكباقار قىلىنىپ قويۇلغانىدى. | 24 |
Men Sechania, Josaphat, Nethaneel, Amasai, Zacharia, Benaja, Elieser, Presterna, blåste med trummeter för Guds ark. Och ObedEdom och Jehia voro dörravaktare om arken.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ۋە مىڭبېشى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدىن خۇشاللىققا چۆمگەن ھالدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ چىققىلى باردى. | 25 |
Alltså gingo David och de äldste i Israel, och de öfverste öfver tusende upp, till att hem ta Herrans förbunds ark utur ObedEdoms hus med fröjd.
ۋە شۇنداق بولدىكى، [داۋۇتلار] خۇدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، يەتتە بۇقا ۋە يەتتە قوچقار قۇربانلىق قىلدى. | 26 |
Och medan Gud halp Leviterna, som båro Herrans förbunds ark, offrade man sju stutar och sju vädrar.
داۋۇت ۋە شۇنداقلا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىيلار ھەمدە نەغمىچىلەر ھەم نەغمە-ناۋا بېشى بولغان كەنانىيالارنىڭ ھەممىسى كاناپ لىباس كىيىشكەنىدى؛ داۋۇت ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە كاناپ ئەفود كىيگەنىدى. | 27 |
Och David hade en linnan kjortel uppå; så ock alle Leviter, som arken båro, och sångarena och Chenanja sångmästaren, med sångarena; hade också David en linnan lifkjortel uppå.
پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئەمدى شۇ تەرىقىدە تەنتەنە قىلىپ، بۇرغا، كاناي، جاڭجاڭ، تەمبۇر، چىلتار قاتارلىق تۈرلۈك سازلار بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا مۇزىكا چېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ كېلىشتى. | 28 |
Alltså båro hele Israel Herrans förbunds ark upp med fröjd, basuner, trummeter och klingande cymbaler, med psaltare och harpor.
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە سائۇلنىڭ قىزى مىقال پەنجىردىن تۆۋەنگە قاراپ تۇراتتى؛ ئۇ داۋۇتنىڭ سەكرەپ ئويناپ-چېلىپ تەنتەنە قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئىچىدە ئۇنى زاڭلىق قىلدى. | 29 |
Då nu Herrans förbunds ark kom uti Davids stad, såg Michal, Sauls dotter, ut genom fenstret; och då hon fick se Konung David springa och spela, föraktade hon honom i sitt hjerta.