< تارىخ-تەزكىرە 1 13 >
داۋۇت مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە بارلىق يولباشچىلار بىلەن مەسلىھەتلەشتى؛ | 1 |
Dawut mingbexi, yüzbexi wǝ barliⱪ yolbaxqilar bilǝn mǝsliⱨǝtlǝxti;
ئاندىن پۈتۈن ئىسرائىل ئاممىسىغا: «ئەگەر سىلەر ماقۇل كۆرسەڭلار، شۇنداقلا بۇ ئىشنى خۇدايىمىز پەرۋەردىگاردىن دەپ بىلسەڭلار، بىز ئىسرائىلنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا شۇ يەردە قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە شەھەرلەردە ۋە ئېتىزلىقلىرىدا تۇرۇۋاتقان كاھىن ھەم لاۋىيلارغا مۇشۇ يەرگە يىغىلىش توغرۇلۇق ئادەم ئەۋەتەيلى. | 2 |
andin pütün Israil ammisiƣa: «Əgǝr silǝr maⱪul kɵrsǝnglar, xundaⱪla bu ixni Hudayimiz Pǝrwǝrdigardin dǝp bilsǝnglar, biz Israilning zeminlirining ⱨǝrⱪaysi jayliriƣa xu yǝrdǝ ⱪalƣan ⱪerindaxlirimizƣa ⱨǝmdǝ ular bilǝn billǝ xǝⱨǝrlǝrdǝ wǝ etizliⱪlirida turuwatⱪan kaⱨin ⱨǝm Lawiylarƣa muxu yǝrgǝ yiƣilix toƣruluⱪ adǝm ǝwǝtǝyli.
بىز خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەشەگە يۆتكەپ كېلەيلى؛ چۈنكى سائۇلنىڭ كۈنلىرىدە ھېچقايسىمىز [ئەھدە ساندۇقى] ئالدىدا خۇدادىن يول سوراپ باقمىدۇق» دېدى. | 3 |
Biz Hudayimizning ǝⱨdǝ sanduⱪini mǝxǝgǝ yɵtkǝp kelǝyli; qünki Saulning künliridǝ ⱨeqⱪaysimiz [ǝⱨdǝ sanduⱪi] aldida Hudadin yol sorap baⱪmiduⱪ» dedi.
بۇ ئىشنى پۈتۈن ئامما توغرا تاپقاچقا، ھەممەيلەن ماقۇل بولۇشتى. | 4 |
Bu ixni pütün amma toƣra tapⱪaqⱪa, ⱨǝmmǝylǝn maⱪul boluxti.
شۇڭا داۋۇت مىسىرنىڭ شىھور دەرياسىدىن تارتىپ خامات ئېغىزىغىچە بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرتىپ كېلىپ، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كىرىئات-يېئارىمدىن يۆتكەپ كەلمەكچى بولدى. | 5 |
Xunga Dawut Misirning Xiⱨor dǝryasidin tartip Hamat eƣiziƣiqǝ bolƣan pütkül Israil hǝlⱪini qaⱪirtip kelip, Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪini Kiriat-Yearimdin yɵtkǝp kǝlmǝkqi boldi.
ئاندىن داۋۇت بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن بائالاھقا، يەنى يەھۇداغا تەۋە بولغان كىرىئات-يېئارىمغا كەلدى؛ ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى پەرۋەردىگار بۇ ئەھدە ساندۇقى ئۈستىگە ئۆز نامىنى قويغانىدى. | 6 |
Andin Dawut bilǝn pütkül Israil Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪini yɵtkǝp kelix üqün Baalaⱨⱪa, yǝni Yǝⱨudaƣa tǝwǝ bolƣan Kiriat-Yearimƣa kǝldi; ikki kerubning otturisida olturƣuqi Pǝrwǝrdigar bu ǝⱨdǝ sanduⱪi üstigǝ Ɵz namini ⱪoyƣanidi.
ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن ئېلىنغان يېڭى بىر ھارۋىغا قويدى؛ ئۇززاھ بىلەن ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدىدى. | 7 |
Ular Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪini Abinadabning ɵyidin elinƣan yengi bir ⱨarwiƣa ⱪoydi; Uzzaⱨ bilǝn Ahiyo ⱨarwini ⱨǝydidi.
داۋۇت بىلەن بارلىق ئىسرائىل جامائىتى خۇدانىڭ ئالدىدا ھە دەپ نەغمە-ناۋا قىلىپ، چىلتار، تەمبۇر، داپ، چاڭلار ۋە كاناي-سۇنايلار چالاتتى. | 8 |
Dawut bilǝn barliⱪ Israil jamaiti Hudaning aldida ⱨǝ dǝp nǝƣmǝ-nawa ⱪilip, qiltar, tǝmbur, dap, qanglar wǝ kanay-sunaylar qalatti.
لېكىن ئۇلار كىدون خامىنىغا كەلگەندە كالىلار ئالدىغا مۈدۈرەپ كېتىپ يىقىلغاندا ئۇززاھ ئەھدە ساندۇقىنى يۆلىۋالاي دەپ قولىنى ئۇنىڭغا سوزدى. | 9 |
Lekin ular Kidon haminiƣa kǝlgǝndǝ kalilar aldiƣa müdürǝp ketip yiⱪilƣanda Uzzaⱨ ǝⱨdǝ sanduⱪini yɵliwalay dǝp ⱪolini uningƣa sozdi.
ئۇززاھنىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قولى تەگكەنلىكى ئۈچۈن، خۇدا ئۇنىڭغا غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇززاھ شۇ يەردە خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆلدى. | 10 |
Uzzaⱨning ǝⱨdǝ sanduⱪiƣa ⱪoli tǝgkǝnliki üqün, Huda uningƣa ƣǝzǝplinip uni urup ɵltürdi. Xuning bilǝn Uzzaⱨ xu yǝrdǝ Hudaning aldida ɵldi.
لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززاھنىڭ تېنىنى بۆسكەنلىكىگە ئاچچىقلاندى ۋە ئۇ يەرنى «پەرەز-ئۇززاھ» دەپ ئاتىدى؛ ئۇ يەر تاكى ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. | 11 |
Lekin Dawut Pǝrwǝrdigarning Uzzaⱨning tenini bɵskǝnlikigǝ aqqiⱪlandi wǝ u yǝrni «Pǝrǝz-Uzzaⱨ» dǝp atidi; u yǝr taki ⱨazirƣiqǝ xu nam bilǝn atilip kǝlmǝktǝ.
شۇ كۈنى داۋۇت خۇدادىن قورقۇپ: «مەن زادى قانداق قىلىپ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلەلەيمەن؟» دېدى. | 12 |
Xu küni Dawut Hudadin ⱪorⱪup: «Mǝn zadi ⱪandaⱪ ⱪilip Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪini bu yǝrgǝ yɵtkǝp kelǝlǝymǝn?» dedi.
شۇڭا داۋۇت ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان «داۋۇت شەھىرى»گە يۆتكەپ كەلمەي، گاتلىق ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. | 13 |
Xunga Dawut ǝⱨdǝ sanduⱪini ɵzi turuwatⱪan «Dawut xǝⱨiri»gǝ yɵtkǝp kǝlmǝy, Gatliⱪ Obǝd-Edomning ɵyigǝ apirip ⱪoydi.
خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى؛ پەرۋەردىگار ئوبەد-ئېدومنىڭ ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى بەرىكەتلىدى. | 14 |
Hudaning ǝⱨdǝ sanduⱪi Obǝd-Edomning ɵyidǝ üq ay turdi; Pǝrwǝrdigar Obǝd-Edomning ailisini wǝ uning barliⱪ tǝǝlluⱪatlirini bǝrikǝtlidi.