< تارىخ-تەزكىرە 1 12 >

داۋۇت كىشنىڭ ئوغلى سائۇلنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن زىكلاگدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان چاغدا مۇنۇ كىشىلەر داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىشتى (ئۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا جەڭ قىلىشتا ياردەم بەرگەن باتۇرلاردىن ئىدى؛ 1
Dawut kixning oƣli Saulning besimi sǝwǝbidin Ziklagda yoxurunup yatⱪan qaƣda munu kixilǝr Dawutning yeniƣa kelixti (ularning ⱨǝmmisi Dawutⱪa jǝng ⱪilixta yardǝm bǝrgǝn baturlardin idi;
ئوقيا بىلەن قوراللانغان بولۇپ، ئوڭ قولى بىلەنمۇ، سول قولى بىلەنمۇ ئوقيا ۋە سالغا ئاتالايتتى؛ ئۇلار سائۇلنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان تۇغقانلىرى ئىدى): 2
oⱪya bilǝn ⱪorallanƣan bolup, ong ⱪoli bilǝnmu, sol ⱪoli bilǝnmu oⱪya wǝ salƣa atalaytti; ular Saulning Binyamin ⱪǝbilisidin bolƣan tuƣⱪanliri idi):
ــ ئۇلارنىڭ يولباشچىسى ئاخىئېزەر، ئاندىن قالسا يوئاش بولۇپ، ئىككىسى گىبېئاھلىق شېمائاھنىڭ ئوغلى ئىدى؛ يەنە ئازماۋەتنىڭ ئوغلى يەزىيەل بىلەن پەلەتمۇ؛ يەنە بەراكاھ بىلەن ئاناتوتلۇق يەھۇ، 3
— ularning yolbaxqisi Ahiezǝr, andin ⱪalsa Yoax bolup, ikkisi Gibeaⱨliⱪ Xemaaⱨning oƣli idi; yǝnǝ Azmawǝtning oƣli Yǝziyǝl bilǝn Pǝlǝtmu; yǝnǝ Bǝrakaⱨ bilǝn Anatotluⱪ Yǝⱨu,
گىبېئونلۇق يىشمايامۇ بار ئىدى. يىشمايا «ئوتتۇز پالۋان» ئىچىدە باتۇر بولۇپ شۇ ئوتتۇزىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى ئىدى؛ يەنە يەرەمىيا، ياھازىيەل، يوھانان ۋە گەدەراتلىق يوزاباد، 4
Gibeonluⱪ Yixmayamu bar idi. Yixmaya «ottuz palwan» iqidǝ batur bolup xu ottuziƣa yetǝkqilik ⱪilƣuqi idi; yǝnǝ Yǝrǝmiya, Yaⱨaziyǝl, Yoⱨanan wǝ Gǝdǝratliⱪ Yozabad,
ئەلۇزاي، يەرىموت، بىئالىيا، شەمارىيا، خارۇفلۇق شەفاتىيا، 5
Əluzay, Yǝrimot, Bialiya, Xǝmariya, Harufluⱪ Xǝfatiya,
كوراھلىقلاردىن بولغان ئەلكاناھ، يىشىيا، ئازارەل، يوئېزەر ۋە ياشوبىئاملار؛ 6
Koraⱨliⱪlardin bolƣan Əlkanaⱨ, Yixiya, Azarǝl, Yoezǝr wǝ Yaxobiamlar;
يەنە گەدورلۇق يەروھامنىڭ ئوغلى يوئېلاھ بىلەن زەبادىيا بار ئىدى. 7
yǝnǝ Gǝdorluⱪ Yǝroⱨamning oƣli Yoelaⱨ bilǝn Zǝbadiya bar idi.
گاد قەبىلىسىدىن بەزىلەر چۆلدىكى قورغانغا بېرىپ داۋۇتقا بېقىندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭگە ماھىر، قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان باتۇر جەڭچىلەر ئىدى؛ ئۇلارنىڭ تۇرقى بەئەينى شىرغا، چاققانلىقى بەئەينى تاغدىكى بۆكەنگە ئوخشايتتى. 8
Gad ⱪǝbilisidin bǝzilǝr qɵldiki ⱪorƣanƣa berip Dawutⱪa beⱪindi. Ularning ⱨǝmmisi jǝnggǝ maⱨir, ⱪalⱪan wǝ nǝyzǝ bilǝn ⱪorallanƣan batur jǝngqilǝr idi; ularning turⱪi bǝǝyni xirƣa, qaⱪⱪanliⱪi bǝǝyni taƣdiki bɵkǝngǝ ohxaytti.
ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئېزەر، ئىككىنچىسى ئوبادىيا، ئۈچىنچىسى ئېلىئاب، 9
Ularning birinqisi Ezǝr, ikkinqisi Obadiya, üqinqisi Eliab,
تۆتىنچىسى مىشمانناھ، بەشىنچىسى يەرەمىيا، 10
tɵtinqisi Mixmannaⱨ, bǝxinqisi Yǝrǝmiya,
ئالتىنچىسى ئاتتاي، يەتتىنچىسى ئەلىيەل، 11
altinqisi Attay, yǝttinqisi Əliyǝl,
سەككىزىنچىسى يوھانان، توققۇزىنچىسى ئەلزاباد، 12
sǝkkizinqisi Yoⱨanan, toⱪⱪuzinqisi Əlzabad,
ئونىنچىسى يەرەمىيا، ئون بىرىنچىسى ماكبانناي ئىدى. 13
oninqisi Yǝrǝmiya, on birinqisi Makbannay idi.
بۇلارنىڭ ھەممىسى گاد قەبىلىسىدىن، قوشۇن ئىچىدە سەردارلار ئىدى؛ ئەڭ كىچىكى يۈز لەشكەرگە، ئەڭ چوڭى مىڭ لەشكەرگە يېتەكچى ئىدى. 14
Bularning ⱨǝmmisi Gad ⱪǝbilisidin, ⱪoxun iqidǝ sǝrdarlar idi; ǝng kiqiki yüz lǝxkǝrgǝ, ǝng qongi ming lǝxkǝrgǝ yetǝkqi idi.
بىرىنچى ئايدا، ئىئوردان دەرياسى تېشىپ قىرغاقتىن ئاشقان چاغدا، دەريادىن ئۆتۈپ، شەرققە ۋە غەربكە قارايدىغان بارلىق جىلغىلاردىكىلەرنى تىرىپىرەن قىلىپ قاچۇرغانلار دەل مۇشۇ ئادەملەر ئىدى. 15
Birinqi ayda, Iordan dǝryasi texip ⱪirƣaⱪtin axⱪan qaƣda, dǝryadin ɵtüp, xǝrⱪⱪǝ wǝ ƣǝrbkǝ ⱪaraydiƣan barliⱪ jilƣilardikilǝrni tiripirǝn ⱪilip ⱪaqurƣanlar dǝl muxu adǝmlǝr idi.
بىنيامىن قەبىلىسى بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىنمۇ كىشىلەر قورغانغا كېلىپ داۋۇتقا بېقىنغان. 16
Binyamin ⱪǝbilisi bilǝn Yǝⱨuda ⱪǝbilisidinmu kixilǝr ⱪorƣanƣa kelip Dawutⱪa beⱪinƣan.
داۋۇت چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ: «ئەگەر سىلەر تىنچلىق نىيىتىدە ماڭا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بولساڭلار، سىلەر بىلەن بىر جان بىر دىل بولىمەن، لېكىن قوللىرىمدا ھېچ ناھەقلىق بولمىغان مېنى دۈشمەنلىرىمگە سېتىۋەتمەكچى بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسى بۇنى نەزىرىگە ئېلىپ ھۆكۈم چىقارغاي!» ــ دېدى. 17
Dawut qiⱪip ularni ⱪarxi elip: «Əgǝr silǝr tinqliⱪ niyitidǝ manga yardǝm berixkǝ kǝlgǝn bolsanglar, silǝr bilǝn bir jan bir dil bolimǝn, lekin ⱪollirimda ⱨeq naⱨǝⱪliⱪ bolmiƣan meni düxmǝnlirimgǝ setiwǝtmǝkqi bolsanglar, ata-bowilirimning Hudasi buni nǝzirigǝ elip ⱨɵküm qiⱪarƣay!» — dedi.
بۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى ھېلىقى ئوتتۇز پالۋاننىڭ يولباشچىسى ئاماسايغا چۈشىۋىدى، ئۇ: «ئاھ داۋۇت، بىز ساڭا بېقىندۇقمىز؛ ئاھ يەسسەنىڭ ئوغلى، بىز سەن بىلەن بىللىدۇرمىز؛ ئۆزۈڭگە ئامان-تىنچلىق، ئامان-تىنچلىق بولغاي! ساڭا ياردەم بەرگۈچىلەرگىمۇ ئامان-تىنچلىق بولغاي! چۈنكى سېنىڭ خۇدايىڭ ساڭا مەدەتكاردۇر» شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇلارنى ئېلىپ قېلىپ، «زەربىدار ئەترەت باشلىقلىرى» قىلدى. 18
Bu qaƣda Hudaning Roⱨi ⱨeliⱪi ottuz palwanning yolbaxqisi Amasayƣa qüxiwidi, u: «Aⱨ Dawut, biz sanga beⱪinduⱪmiz; Aⱨ Yǝssǝning oƣli, biz sǝn bilǝn billidurmiz; Ɵzünggǝ aman-tinqliⱪ, aman-tinqliⱪ bolƣay! Sanga yardǝm bǝrgüqilǝrgimu aman-tinqliⱪ bolƣay! Qünki sening Hudaying sanga mǝdǝtkardur» Xuning bilǝn Dawut ularni elip ⱪelip, «zǝrbidar ǝtrǝt baxliⱪliri» ⱪildi.
داۋۇت ئىلگىرى فىلىستىيلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسەھ قەبىلىسىدىكى بەزىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى (لېكىن ئۇلار [فىلىستىيلەرگە] ياردەم بەرمىدى، چۈنكى فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى: «داۋۇت ئۆز غوجىسى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا بېشىمىز كەتمەي قالمايدۇ!» دەپ مەسلىھەتلىشىپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولغانىدى). 19
Dawut ilgiri Filistiylǝr bilǝn birliktǝ Saulƣa ⱪarxi uruxⱪa atlanƣanda, Manassǝⱨ ⱪǝbilisidiki bǝzilǝr Dawut tǝrǝpkǝ ɵtti (lekin ular [Filistiylǝrgǝ] yardǝm bǝrmidi, qünki Filistiylǝrning ǝmirliri: «Dawut ɵz ƣojisi Saul tǝrǝpkǝ ɵtüp ketixi mumkin, undaⱪta beximiz kǝtmǝy ⱪalmaydu!» dǝp mǝsliⱨǝtlixip ularni ⱪayturup kǝtmǝkqi bolƣanidi).
داۋۇت زىكلاگقا قايتىپ بارغاندا، ماناسسەھ قەبىلىسىدىكى ئادناھ، يوزاباد، يەدىيايەل، مىكائىل، يوزاباد، ئېلىخۇ، زىلتايلار كېلىپ ئۇنىڭغا قوشۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ مىڭبېشىلىرى ئىدى. 20
Dawut Ziklagⱪa ⱪaytip barƣanda, Manassǝⱨ ⱪǝbilisidiki Adnaⱨ, Yozabad, Yǝdiyayǝl, Mikail, Yozabad, Elihu, Ziltaylar kelip uningƣa ⱪoxuldi. Bularning ⱨǝmmisi Manassǝⱨ ⱪǝbilisining mingbexiliri idi.
ئۇلار داۋۇت قاراقچىلارغا قارشى جەڭ قىلغاندا ئۇنىڭغا ياردەملەشتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلار، قوشۇندىكى يولباشچىلار ئىدى. 21
Ular Dawut ⱪaraⱪqilarƣa ⱪarxi jǝng ⱪilƣanda uningƣa yardǝmlǝxti; ularning ⱨǝmmisi batur palwanlar, ⱪoxundiki yolbaxqilar idi.
چۈنكى شۇ كۈنلەردە داۋۇتقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئادەملەر كېلىپ قوشۇلۇپ، خۇددى خۇدانىڭ قوشۇنىدەك زور بىر قوشۇن بولۇپ كەتكەنىدى. 22
Qünki xu künlǝrdǝ Dawutⱪa yardǝm berix üqün ⱨǝr küni adǝmlǝr kelip ⱪoxulup, huddi Hudaning ⱪoxunidǝk zor bir ⱪoxun bolup kǝtkǝnidi.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇتقا ئېلىپ بەرمەكچى بولغان قوراللانغان جەڭچىلەر يولباشچىلىرى بىلەن ھېبرونغا، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ 23
Pǝrwǝrdigarning sɵz-kalami ǝmǝlgǝ axurulup, Saulning padixaⱨliⱪini Dawutⱪa elip bǝrmǝkqi bolƣan ⱪorallanƣan jǝngqilǝr yolbaxqiliri bilǝn Ⱨebronƣa, uning yeniƣa kǝldi. Ularning sani tɵwǝndikiqǝ: —
يەھۇدالاردىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغانلار جەمئىي ئالتە مىڭ سەككىز يۈز كىشى بولۇپ، ھەممىسى جەڭگە تەييارلانغانىدى. 24
Yǝⱨudalardin ⱪalⱪan wǝ nǝyzǝ bilǝn ⱪorallanƣanlar jǝmiy altǝ ming sǝkkiz yüz kixi bolup, ⱨǝmmisi jǝnggǝ tǝyyarlanƣanidi.
شىمېئونلاردىن جەڭگە تەييارلانغان باتۇر جەڭچىلەر جەمئىي يەتتە مىڭ بىر يۈز كىشى، 25
Ximeonlardin jǝnggǝ tǝyyarlanƣan batur jǝngqilǝr jǝmiy yǝttǝ ming bir yüz kixi,
لاۋىيلاردىن جەمئىي تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى؛ 26
Lawiylardin jǝmiy tɵt ming altǝ yüz kixi;
يەھويادا ھارۇنلارنىڭ جەمەت بېشى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر جەمئىي ئۈچ مىڭ يەتتە يۈز كىشى ئىدى. 27
Yǝⱨoyada Ⱨarunlarning jǝmǝt bexi bolup, uningƣa ǝgǝxkǝnlǝr jǝmiy üq ming yǝttǝ yüz kixi idi.
يەنە ياش بىر باتۇر جەڭچى زادوك ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن يىگىرمە ئىككى يولباشچى بار ئىدى. 28
Yǝnǝ yax bir batur jǝngqi Zadok wǝ uning jǝmǝtidin yigirmǝ ikki yolbaxqi bar idi.
بىنيامىنلاردىن، سائۇلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىنمۇ ئۈچ مىڭ كىشى بار ئىدى؛ شۇ چاغقا قەدەر بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سائۇل جەمەتىنى قوللاپ كەلمەكتە ئىدى. 29
Binyaminlardin, Saulning uruⱪ-tuƣⱪanliridinmu üq ming kixi bar idi; xu qaƣⱪa ⱪǝdǝr bularning kɵpinqisi Saul jǝmǝtini ⱪollap kǝlmǝktǝ idi.
ئەفرائىملاردىن، ئۆز جەمەتلىرىدە يۈز-ئابروي تاپقان باتۇر ئەزىمەتلەر جەمئىي يىگىرمە مىڭ سەككىز يۈز كىشى ئىدى. 30
Əfraimlardin, ɵz jǝmǝtliridǝ yüz-abroy tapⱪan batur ǝzimǝtlǝr jǝmiy yigirmǝ ming sǝkkiz yüz kixi idi.
ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى ئىچىدە نامى پۈتۈلگەن، داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەشكە كەلگەنلەر جەمئىي ئون سەككىز مىڭ كىشى ئىدى. 31
Manassǝⱨ yerim ⱪǝbilisi iqidǝ nami pütülgǝn, Dawutni padixaⱨ ⱪilip tiklǝxkǝ kǝlgǝnlǝr jǝmiy on sǝkkiz ming kixi idi.
ئىسساكارلاردىن زامان-ۋەزىيەتنى چۈشىنىدىغان، ئىسرائىلنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدىغان يولباشچىلار جەمئىي ئىككى يۈز كىشى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممە قېرىنداشلىرى ئۇلارنىڭ ئەمرىگە بويسۇناتتى. 32
Issakarlardin zaman-wǝziyǝtni qüxinidiƣan, Israilning ⱪandaⱪ ⱪilixi kerǝklikini bilidiƣan yolbaxqilar jǝmiy ikki yüz kixi idi; ularning ⱨǝmmǝ ⱪerindaxliri ularning ǝmrigǝ boysunatti.
زەبۇلۇنلاردىن جەڭگە تەييارلانغان، ھەرخىل قورال-ياراغلار بىلەن قوراللانغان، ئالا كۆڭۈللۈك قىلمايدىغان، داۋۇتنىڭ ياردىمىگە كەلگەن جەمئىي ئەللىك مىڭ كىشى ئىدى. 33
Zǝbulunlardin jǝnggǝ tǝyyarlanƣan, ⱨǝrhil ⱪoral-yaraƣlar bilǝn ⱪorallanƣan, ala kɵngüllük ⱪilmaydiƣan, Dawutning yardimigǝ kǝlgǝn jǝmiy ǝllik ming kixi idi.
نافتالىلاردىن يولباشچى بولغان مىڭ كىشى بار ئىدى؛ ئۇلارغا ئەگىشىپ قولىغا قالقان ۋە نەيزە ئالغانلار جەمئىي ئوتتۇز يەتتە مىڭ كىشىگە يېتەتتى. 34
Naftalilardin yolbaxqi bolƣan ming kixi bar idi; ularƣa ǝgixip ⱪoliƣa ⱪalⱪan wǝ nǝyzǝ alƣanlar jǝmiy ottuz yǝttǝ ming kixigǝ yetǝtti.
دانلاردىن جەڭگە تەييارلانغان جەمئىي يىگىرمە سەككىز مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى. 35
Danlardin jǝnggǝ tǝyyarlanƣan jǝmiy yigirmǝ sǝkkiz ming altǝ yüz kixi idi.
ئاشىرلاردىن جەڭگە چىقىپ قوشۇن سېپىگە ئاتلىنىشقا تەييار بولغان جەمئىي قىرىق مىڭ كىشى ئىدى. 36
Axirlardin jǝnggǝ qiⱪip ⱪoxun sepigǝ atlinixⱪa tǝyyar bolƣan jǝmiy ⱪiriⱪ ming kixi idi.
ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىن قولىغا ھەرخىل قورال-ياراغ ئېلىپ جەڭگە تەييارلانغان جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە مىڭ كىشى ئىدى. 37
Iordan dǝryasining xǝrⱪ tǝripidiki Rubǝn ⱪǝbilisi, Gad ⱪǝbilisi wǝ Manassǝⱨ yerim ⱪǝbilisidin ⱪoliƣa ⱨǝrhil ⱪoral-yaraƣ elip jǝnggǝ tǝyyarlanƣan jǝmiy bir yüz yigirmǝ ming kixi idi.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ئەزىمەتلەرنىڭ ھەربىي يۈرۈشى تەكشى بولۇپ، داۋۇتنى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن بىر جان بىر دىل بولۇپ، ھېبرونغا كېلىشكەنىدى؛ قالغان ئىسرائىللارمۇ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىمەكچى بولۇشقانىدى. 38
Yuⱪirida tilƣa elinƣan bu ǝzimǝtlǝrning ⱨǝrbiy yürüxi tǝkxi bolup, Dawutni pütkül Israil üstigǝ padixaⱨ ⱪilip tiklǝx üqün bir jan bir dil bolup, Ⱨebronƣa kelixkǝnidi; ⱪalƣan Israillarmu bir niyǝt bir mǝⱪsǝttǝ Dawutni padixaⱨ ⱪilip tiklimǝkqi boluxⱪanidi.
ئۇلار شۇ يەردە داۋۇت بىلەن ئۈچ كۈن بىللە يەپ-ئىچىپ غىزالاندى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇلارغا تەييارلاپ قويۇشقانىدى. 39
Ular xu yǝrdǝ Dawut bilǝn üq kün billǝ yǝp-iqip ƣizalandi, qünki ularning ⱪerindaxliri ularƣa tǝyyarlap ⱪoyuxⱪanidi.
ئۇلارنىڭ ئۆپچۈرىسىدىكى خەلقلەر، ھەتتا ئىسساكار، زەبۇلۇن ۋە نافتالىلارنىڭ زېمىنىدىكىلەر ئېشەك، تۆگە، قېچىر ۋە كالىلارغا ئارتىپ ئۇلارغا ناھايىتى كۆپ ئوزۇقلۇق ئېلىپ كەلگەن؛ ئۇلار زور مىقداردا ئۇن، ئەنجۈر پوشكىلى، ئۈزۈم پوشكىلى، شاراب، زەيتۇن مېيى ۋە نۇرغۇن قوي-كالىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشكەنىدى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى. 40
Ularning ɵpqürisidiki hǝlⱪlǝr, ⱨǝtta Issakar, Zǝbulun wǝ Naftalilarning zeminidikilǝr exǝk, tɵgǝ, ⱪeqir wǝ kalilarƣa artip ularƣa naⱨayiti kɵp ozuⱪluⱪ elip kǝlgǝn; ular zor miⱪdarda un, ǝnjür poxkili, üzüm poxkili, xarab, zǝytun meyi wǝ nurƣun ⱪoy-kalilarni yǝtküzüp berixkǝnidi; pütkül Israil xad-huramliⱪⱪa qɵmgǝnidi.

< تارىخ-تەزكىرە 1 12 >