< تارىخ-تەزكىرە 1 12 >
داۋۇت كىشنىڭ ئوغلى سائۇلنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن زىكلاگدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان چاغدا مۇنۇ كىشىلەر داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىشتى (ئۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا جەڭ قىلىشتا ياردەم بەرگەن باتۇرلاردىن ئىدى؛ | 1 |
These were the men who came to David to Ziklag, while he was still banished from the presence of Saul son of Kish. They were among the soldiers, his helpers in battle.
ئوقيا بىلەن قوراللانغان بولۇپ، ئوڭ قولى بىلەنمۇ، سول قولى بىلەنمۇ ئوقيا ۋە سالغا ئاتالايتتى؛ ئۇلار سائۇلنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان تۇغقانلىرى ئىدى): | 2 |
They were armed with bows and could use both the right hand and the left in slinging stones and in shooting arrows from the bow. They were Benjamites, Saul's fellow tribesmen.
ــ ئۇلارنىڭ يولباشچىسى ئاخىئېزەر، ئاندىن قالسا يوئاش بولۇپ، ئىككىسى گىبېئاھلىق شېمائاھنىڭ ئوغلى ئىدى؛ يەنە ئازماۋەتنىڭ ئوغلى يەزىيەل بىلەن پەلەتمۇ؛ يەنە بەراكاھ بىلەن ئاناتوتلۇق يەھۇ، | 3 |
The chief was Ahiezer, then Joash, both sons of Shemaah the Gibeathite. There were Jeziel and Pelet, sons of Azmaveth. There were also Berakah, Jehu the Anathothite,
گىبېئونلۇق يىشمايامۇ بار ئىدى. يىشمايا «ئوتتۇز پالۋان» ئىچىدە باتۇر بولۇپ شۇ ئوتتۇزىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى ئىدى؛ يەنە يەرەمىيا، ياھازىيەل، يوھانان ۋە گەدەراتلىق يوزاباد، | 4 |
Ishmaiah the Gibeonite, a soldier among the thirty (and in command of the thirty); Jeremiah, Jahaziel, Johanan, Jozabad the Gederathite,
ئەلۇزاي، يەرىموت، بىئالىيا، شەمارىيا، خارۇفلۇق شەفاتىيا، | 5 |
Eluzai, Jerimoth, Bealiah, Shemariah, Shephatiah the Haruphite,
كوراھلىقلاردىن بولغان ئەلكاناھ، يىشىيا، ئازارەل، يوئېزەر ۋە ياشوبىئاملار؛ | 6 |
the Korahites Elkanah, Isshiah, Azarel, Joezer, Jashobeam, and
يەنە گەدورلۇق يەروھامنىڭ ئوغلى يوئېلاھ بىلەن زەبادىيا بار ئىدى. | 7 |
Joelah and Zebadiah, sons of Jeroham of Gedor.
گاد قەبىلىسىدىن بەزىلەر چۆلدىكى قورغانغا بېرىپ داۋۇتقا بېقىندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭگە ماھىر، قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان باتۇر جەڭچىلەر ئىدى؛ ئۇلارنىڭ تۇرقى بەئەينى شىرغا، چاققانلىقى بەئەينى تاغدىكى بۆكەنگە ئوخشايتتى. | 8 |
Some Gadites joined David at the stronghold in the wilderness. They were fighting men, men trained for battle, who could handle shield and spear; whose faces were as fierce as the faces of lions. They were as swift as gazelles on the mountains.
ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئېزەر، ئىككىنچىسى ئوبادىيا، ئۈچىنچىسى ئېلىئاب، | 9 |
There were Ezer the leader, Obadiah the second, Eliab the third,
تۆتىنچىسى مىشمانناھ، بەشىنچىسى يەرەمىيا، | 10 |
Mishmannah the fourth, Jeremiah the fifth,
ئالتىنچىسى ئاتتاي، يەتتىنچىسى ئەلىيەل، | 11 |
Attai the sixth, Eliel the seventh,
سەككىزىنچىسى يوھانان، توققۇزىنچىسى ئەلزاباد، | 12 |
Johanan the eighth, Elzabad the ninth,
ئونىنچىسى يەرەمىيا، ئون بىرىنچىسى ماكبانناي ئىدى. | 13 |
Jeremiah the tenth, Makbannai the eleventh.
بۇلارنىڭ ھەممىسى گاد قەبىلىسىدىن، قوشۇن ئىچىدە سەردارلار ئىدى؛ ئەڭ كىچىكى يۈز لەشكەرگە، ئەڭ چوڭى مىڭ لەشكەرگە يېتەكچى ئىدى. | 14 |
These sons of Gad were leaders of the army. The least led a hundred, and the greatest led a thousand.
بىرىنچى ئايدا، ئىئوردان دەرياسى تېشىپ قىرغاقتىن ئاشقان چاغدا، دەريادىن ئۆتۈپ، شەرققە ۋە غەربكە قارايدىغان بارلىق جىلغىلاردىكىلەرنى تىرىپىرەن قىلىپ قاچۇرغانلار دەل مۇشۇ ئادەملەر ئىدى. | 15 |
They crossed the Jordan in the first month, when it overflowed its banks, and chased away all those living in the valleys, both toward the east and toward the west.
بىنيامىن قەبىلىسى بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىنمۇ كىشىلەر قورغانغا كېلىپ داۋۇتقا بېقىنغان. | 16 |
Some of the men of Benjamin and Judah came to the stronghold to David.
داۋۇت چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ: «ئەگەر سىلەر تىنچلىق نىيىتىدە ماڭا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بولساڭلار، سىلەر بىلەن بىر جان بىر دىل بولىمەن، لېكىن قوللىرىمدا ھېچ ناھەقلىق بولمىغان مېنى دۈشمەنلىرىمگە سېتىۋەتمەكچى بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسى بۇنى نەزىرىگە ئېلىپ ھۆكۈم چىقارغاي!» ــ دېدى. | 17 |
David went out to meet them and addressed them: “If you have come in peace to me to help me, you may join me. But if you have come to betray me to my adversaries, may the God of our ancestors see and rebuke you, since I have done no wrong.”
بۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى ھېلىقى ئوتتۇز پالۋاننىڭ يولباشچىسى ئاماسايغا چۈشىۋىدى، ئۇ: «ئاھ داۋۇت، بىز ساڭا بېقىندۇقمىز؛ ئاھ يەسسەنىڭ ئوغلى، بىز سەن بىلەن بىللىدۇرمىز؛ ئۆزۈڭگە ئامان-تىنچلىق، ئامان-تىنچلىق بولغاي! ساڭا ياردەم بەرگۈچىلەرگىمۇ ئامان-تىنچلىق بولغاي! چۈنكى سېنىڭ خۇدايىڭ ساڭا مەدەتكاردۇر» شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇلارنى ئېلىپ قېلىپ، «زەربىدار ئەترەت باشلىقلىرى» قىلدى. | 18 |
Then the Spirit came on Amasai, who was chief of the thirty. Amasai said, “We are yours, David. We are on your side, son of Jesse. Peace, may peace be to whoever helps you. May peace be to your helpers, for your God is helping you.” Then David received them and made them commanders over his men.
داۋۇت ئىلگىرى فىلىستىيلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسەھ قەبىلىسىدىكى بەزىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى (لېكىن ئۇلار [فىلىستىيلەرگە] ياردەم بەرمىدى، چۈنكى فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى: «داۋۇت ئۆز غوجىسى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا بېشىمىز كەتمەي قالمايدۇ!» دەپ مەسلىھەتلىشىپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولغانىدى). | 19 |
Some from Manasseh also deserted to David when he came with the Philistines against Saul to battle. Yet they did not help the Philistines, because the Philistine lords consulted with each other and sent David away. They said, “He will desert to his master Saul at the risk of our lives.”
داۋۇت زىكلاگقا قايتىپ بارغاندا، ماناسسەھ قەبىلىسىدىكى ئادناھ، يوزاباد، يەدىيايەل، مىكائىل، يوزاباد، ئېلىخۇ، زىلتايلار كېلىپ ئۇنىڭغا قوشۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ مىڭبېشىلىرى ئىدى. | 20 |
When he went to Ziklag, the men of Manasseh who joined him were Adnah, Jozabad, Jediael, Michael, Jozabad, Elihu, and Zillethai, captains over thousands of Manasseh.
ئۇلار داۋۇت قاراقچىلارغا قارشى جەڭ قىلغاندا ئۇنىڭغا ياردەملەشتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلار، قوشۇندىكى يولباشچىلار ئىدى. | 21 |
They helped David fight against the roving bands, for they were fighting men. Later they became commanders in the army.
چۈنكى شۇ كۈنلەردە داۋۇتقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئادەملەر كېلىپ قوشۇلۇپ، خۇددى خۇدانىڭ قوشۇنىدەك زور بىر قوشۇن بولۇپ كەتكەنىدى. | 22 |
Day after day, men came to David to help him, until there was a great army, like the army of God.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇتقا ئېلىپ بەرمەكچى بولغان قوراللانغان جەڭچىلەر يولباشچىلىرى بىلەن ھېبرونغا، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ | 23 |
This is the record of the armed soldiers for war, who came to David to Hebron, to turn the kingdom of Saul over to him, which carried out Yahweh's word.
يەھۇدالاردىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغانلار جەمئىي ئالتە مىڭ سەككىز يۈز كىشى بولۇپ، ھەممىسى جەڭگە تەييارلانغانىدى. | 24 |
From Judah those who carried shield and spear were 6,800, armed for war.
شىمېئونلاردىن جەڭگە تەييارلانغان باتۇر جەڭچىلەر جەمئىي يەتتە مىڭ بىر يۈز كىشى، | 25 |
From the Simeonites there were 7,100 fighting men.
لاۋىيلاردىن جەمئىي تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى؛ | 26 |
From the Levites there were 4,600 fighting men.
يەھويادا ھارۇنلارنىڭ جەمەت بېشى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر جەمئىي ئۈچ مىڭ يەتتە يۈز كىشى ئىدى. | 27 |
Jehoiada was the leader of Aaron's descendants, and with him were 3,700.
يەنە ياش بىر باتۇر جەڭچى زادوك ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن يىگىرمە ئىككى يولباشچى بار ئىدى. | 28 |
With Zadok, a young, strong, and courageous man, were twenty-two leaders from his father's family.
بىنيامىنلاردىن، سائۇلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىنمۇ ئۈچ مىڭ كىشى بار ئىدى؛ شۇ چاغقا قەدەر بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سائۇل جەمەتىنى قوللاپ كەلمەكتە ئىدى. | 29 |
From Benjamin, Saul's tribe, were three thousand. Most of them had remained loyal to Saul until this time.
ئەفرائىملاردىن، ئۆز جەمەتلىرىدە يۈز-ئابروي تاپقان باتۇر ئەزىمەتلەر جەمئىي يىگىرمە مىڭ سەككىز يۈز كىشى ئىدى. | 30 |
From the Ephraimites there were 20,800 fighting men, men who were famous in their fathers' houses.
ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى ئىچىدە نامى پۈتۈلگەن، داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەشكە كەلگەنلەر جەمئىي ئون سەككىز مىڭ كىشى ئىدى. | 31 |
From the half tribe of Manasseh there were eighteen thousand famous men who came to make David king.
ئىسساكارلاردىن زامان-ۋەزىيەتنى چۈشىنىدىغان، ئىسرائىلنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدىغان يولباشچىلار جەمئىي ئىككى يۈز كىشى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممە قېرىنداشلىرى ئۇلارنىڭ ئەمرىگە بويسۇناتتى. | 32 |
From Issachar, there were two hundred leaders who had understanding of the times and knew what Israel ought to do. All their relatives were under their command.
زەبۇلۇنلاردىن جەڭگە تەييارلانغان، ھەرخىل قورال-ياراغلار بىلەن قوراللانغان، ئالا كۆڭۈللۈك قىلمايدىغان، داۋۇتنىڭ ياردىمىگە كەلگەن جەمئىي ئەللىك مىڭ كىشى ئىدى. | 33 |
From Zebulun there were fifty thousand fighting men, prepared for battle, with all the weapons of war, and ready to give undivided loyalty.
نافتالىلاردىن يولباشچى بولغان مىڭ كىشى بار ئىدى؛ ئۇلارغا ئەگىشىپ قولىغا قالقان ۋە نەيزە ئالغانلار جەمئىي ئوتتۇز يەتتە مىڭ كىشىگە يېتەتتى. | 34 |
From Naphtali there were one thousand officers, and with them thirty-seven thousand men with shields and spears.
دانلاردىن جەڭگە تەييارلانغان جەمئىي يىگىرمە سەككىز مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى. | 35 |
From the Danites there were 28,600 men prepared for battle.
ئاشىرلاردىن جەڭگە چىقىپ قوشۇن سېپىگە ئاتلىنىشقا تەييار بولغان جەمئىي قىرىق مىڭ كىشى ئىدى. | 36 |
From Asher there were forty thousand men prepared for battle.
ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىن قولىغا ھەرخىل قورال-ياراغ ئېلىپ جەڭگە تەييارلانغان جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە مىڭ كىشى ئىدى. | 37 |
From the other side of the Jordan, from the Reubenites, Gadites, and the half tribe of Manasseh, there were 120,000 men armed with all kinds of weapons for battle.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ئەزىمەتلەرنىڭ ھەربىي يۈرۈشى تەكشى بولۇپ، داۋۇتنى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن بىر جان بىر دىل بولۇپ، ھېبرونغا كېلىشكەنىدى؛ قالغان ئىسرائىللارمۇ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىمەكچى بولۇشقانىدى. | 38 |
All these soldiers, equipped for battle, came to Hebron with firm intentions to make David king over all Israel. All the rest of Israel were in agreement to make David king also.
ئۇلار شۇ يەردە داۋۇت بىلەن ئۈچ كۈن بىللە يەپ-ئىچىپ غىزالاندى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇلارغا تەييارلاپ قويۇشقانىدى. | 39 |
They were there with David three days, eating and drinking, for their relatives had sent them with provisions.
ئۇلارنىڭ ئۆپچۈرىسىدىكى خەلقلەر، ھەتتا ئىسساكار، زەبۇلۇن ۋە نافتالىلارنىڭ زېمىنىدىكىلەر ئېشەك، تۆگە، قېچىر ۋە كالىلارغا ئارتىپ ئۇلارغا ناھايىتى كۆپ ئوزۇقلۇق ئېلىپ كەلگەن؛ ئۇلار زور مىقداردا ئۇن، ئەنجۈر پوشكىلى، ئۈزۈم پوشكىلى، شاراب، زەيتۇن مېيى ۋە نۇرغۇن قوي-كالىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشكەنىدى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى. | 40 |
In addition, those who were near to them, as far as Issachar and Zebulun and Naphtali, brought bread on donkeys, camels, mules, and oxen, and cakes of figs, clusters of raisins, wine, oil, oxen, and sheep, for Israel was celebrating.