< تارىخ-تەزكىرە 1 11 >
ئۇ چاغدا بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ھېبرونغا كېلىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلىشىپ: «قارىسىلا، بىز ئۆزلىرىنىڭ ئەت-سۆڭەكلىرىدۇرمىز! | 1 |
καὶ ἦλθεν πᾶς Ισραηλ πρὸς Δαυιδ ἐν Χεβρων λέγοντες ἰδοὺ ὀστᾶ σου καὶ σάρκες σου ἡμεῖς
بۇرۇن سائۇل بىزنىڭ ئۈستىمىزدە سەلتەنەت قىلغاندىمۇ ئىسرائىل خەلقىگە جەڭگە چىقىپ-كىرىشكە يولباشچى بولغان ئۆزلىرى ئىدىلا. ئۆزلىرىنىڭ خۇدالىرى بولغان پەرۋەردىگارمۇ ئۆزلىرىگە: ــ سەن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى بولۇپ ئۇلارنى باقىسەن ۋە ئىسرائىلنىڭ ئەمىرى بولىسەن، دېگەنىدى» ــ دېدى. | 2 |
καὶ ἐχθὲς καὶ τρίτην ὄντος Σαουλ βασιλέως σὺ ἦσθα ὁ ἐξάγων καὶ εἰσάγων τὸν Ισραηλ καὶ εἶπεν κύριος ὁ θεός σού σοι σὺ ποιμανεῖς τὸν λαόν μου τὸν Ισραηλ καὶ σὺ ἔσῃ εἰς ἡγούμενον ἐπὶ Ισραηλ
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى ھېبرونغا كېلىپ پادىشاھ داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىشتى؛ داۋۇت ھېبروندا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە تۈزۈشتى. ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سامۇئىلنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېيتقىنى بويىچە، داۋۇتنى مەسىھ قىلىپ، ئىسرائىلنى ئىدارە قىلىشقا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. | 3 |
καὶ ἦλθον πάντες πρεσβύτεροι Ισραηλ πρὸς τὸν βασιλέα εἰς Χεβρων καὶ διέθετο αὐτοῖς ὁ βασιλεὺς Δαυιδ διαθήκην ἐν Χεβρων ἐναντίον κυρίου καὶ ἔχρισαν τὸν Δαυιδ εἰς βασιλέα ἐπὶ Ισραηλ κατὰ τὸν λόγον κυρίου διὰ χειρὸς Σαμουηλ
داۋۇت بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى يېرۇسالېمغا كەلدى (يېرۇسالېم شۇ چاغدا «يەبۇس» دەپ ئاتىلاتتى، زېمىندىكى ئاھالە بولغان يەبۇسىيلار شۇ يەردە تۇراتتى). | 4 |
καὶ ἐπορεύθη ὁ βασιλεὺς καὶ ἄνδρες Ισραηλ εἰς Ιερουσαλημ αὕτη Ιεβους καὶ ἐκεῖ οἱ Ιεβουσαῖοι οἱ κατοικοῦντες τὴν γῆν
يەبۇس ئاھالىسى داۋۇتقا: «سەن بۇ يەرگە ھېچقاچان كىرەلمەيسەن!» دېدى. بىراق داۋۇت زىئون دېگەن قورغاننى ئالدى (شۇ يەر «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). | 5 |
εἶπαν δὲ οἱ κατοικοῦντες Ιεβους τῷ Δαυιδ οὐκ εἰσελεύσῃ ὧδε καὶ προκατελάβετο τὴν περιοχὴν Σιων αὕτη ἡ πόλις Δαυιδ
داۋۇت: «كىم ئالدى بىلەن يەبۇسىيلارغا ھۇجۇم قىلسا، شۇ كىشى يولباشچى ۋە سەردار بولىدۇ» دېدى. زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ئالدى بىلەن ئاتلىنىپ چىقىپ، يولباشچى بولدى. | 6 |
καὶ εἶπεν Δαυιδ πᾶς τύπτων Ιεβουσαῖον ἐν πρώτοις καὶ ἔσται εἰς ἄρχοντα καὶ εἰς στρατηγόν καὶ ἀνέβη ἐπ’ αὐτὴν ἐν πρώτοις Ιωαβ υἱὸς Σαρουια καὶ ἐγένετο εἰς ἄρχοντα
داۋۇت قورغاندا تۇراتتى، شۇڭا كىشىلەر ئۇ قورغاننى «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتاشتى. | 7 |
καὶ ἐκάθισεν Δαυιδ ἐν τῇ περιοχῇ διὰ τοῦτο ἐκάλεσεν αὐτὴν πόλιν Δαυιδ
داۋۇت شەھەرنى مىللودىن باشلاپ تۆت ئەتراپىدىكى سېپىلىغىچە يېڭىۋاشتىن ياساتتى؛ شەھەرنىڭ قالغان قىسمىنى يوئاب ياساتتى. | 8 |
καὶ ᾠκοδόμησεν τὴν πόλιν κύκλῳ καὶ ἐπολέμησεν καὶ ἔλαβεν τὴν πόλιν
داۋۇت كۈندىن كۈنگە قۇدرەت تاپتى، چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. | 9 |
καὶ ἐπορεύετο Δαυιδ πορευόμενος καὶ μεγαλυνόμενος καὶ κύριος παντοκράτωρ μετ’ αὐτοῦ
تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ پالۋانلىرى ئىچىدە يولباشچىلار ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا ئېيتقان سۆزى بويىچە پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن بىرلىشىپ، داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ، بىرلىكتە ئۇنى پادىشاھ قىلىشقا كۈچىدى. | 10 |
καὶ οὗτοι οἱ ἄρχοντες τῶν δυνατῶν οἳ ἦσαν τῷ Δαυιδ οἱ κατισχύοντες μετ’ αὐτοῦ ἐν τῇ βασιλείᾳ αὐτοῦ μετὰ παντὸς Ισραηλ τοῦ βασιλεῦσαι αὐτὸν κατὰ τὸν λόγον κυρίου ἐπὶ Ισραηλ
تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ پالۋانلىرىنىڭ تىزىملىكى بويىچە خاتىرىلەنگەندۇر: ــ ھاكمونىيلاردىن بولغان ياشوبىئام يولباشچىلار ئىچىدە بېشى ئىدى؛ ئۇ نەيزىسىنى پىقىرىتىپ بىر قېتىمدىلا ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. | 11 |
καὶ οὗτος ὁ ἀριθμὸς τῶν δυνατῶν τοῦ Δαυιδ Ιεσεβααλ υἱὸς Αχαμανι πρῶτος τῶν τριάκοντα οὗτος ἐσπάσατο τὴν ῥομφαίαν αὐτοῦ ἅπαξ ἐπὶ τριακοσίους τραυματίας ἐν καιρῷ ἑνί
ئۇنىڭدىن قالسا ئاخوخىي دودونىڭ ئوغلى ئەلىئازار بولۇپ، ئۇ «ئۈچ پالۋان»نىڭ بىرى ئىدى؛ | 12 |
καὶ μετ’ αὐτὸν Ελεαζαρ υἱὸς Δωδαι ὁ Αχωχι οὗτος ἦν ἐν τοῖς τρισὶν δυνατοῖς
ئىلگىرى فىلىستىيلەر پاس-داممىمدا جەڭ قىلىشقا يىغىلغاندا، ئۇ داۋۇت بىلەن ئۇ يەردە ئىدى. ئۇ يەردە ئارپا ئۆسۈپ كەتكەن بىر ئېتىزلىق بولۇپ، خەلق فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن بەدەر قاچقانىدى؛ | 13 |
οὗτος ἦν μετὰ Δαυιδ ἐν Φασοδομιν καὶ οἱ ἀλλόφυλοι συνήχθησαν ἐκεῖ εἰς πόλεμον καὶ ἦν μερὶς τοῦ ἀγροῦ πλήρης κριθῶν καὶ ὁ λαὸς ἔφυγεν ἀπὸ προσώπου ἀλλοφύλων
ئۇلار بولسا ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋېلىپ، ھەم ئېتىزلىقنى قوغدىغان، ھەم فىلىستىيلەرنى تارمار قىلغان؛ پەرۋەردىگار ئەنە شۇ يول بىلەن ئۇلارنى غايەت زور غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن. | 14 |
καὶ ἔστη ἐν μέσῳ τῆς μερίδος καὶ ἔσωσεν αὐτὴν καὶ ἐπάταξεν τοὺς ἀλλοφύλους καὶ ἐποίησεν κύριος σωτηρίαν μεγάλην
ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدىن [يەنە] ئۈچەيلەن قورام تاشلىقتىكى ئادۇللامنىڭ غارىغا چۈشۈپ داۋۇتنىڭ يېنىغا كەلدى. فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنى بولسا «رەفايىم جىلغىسى»دا بارگاھ قۇرغانىدى. | 15 |
καὶ κατέβησαν τρεῖς ἐκ τῶν τριάκοντα ἀρχόντων εἰς τὴν πέτραν πρὸς Δαυιδ εἰς τὸ σπήλαιον Οδολλαμ καὶ παρεμβολὴ τῶν ἀλλοφύλων παρεμβεβλήκει ἐν τῇ κοιλάδι τῶν γιγάντων
بۇ چاغدا داۋۇت قورغاندا، فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇلگاھى بەيت-لەھەمدە ئىدى. | 16 |
καὶ Δαυιδ τότε ἐν τῇ περιοχῇ καὶ τὸ σύστεμα τῶν ἀλλοφύλων τότε ἐν Βαιθλεεμ
داۋۇت ئۇسساپ: «ئاھ، بىرسى ماڭا بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكىلىپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى!» دېۋىدى، | 17 |
καὶ ἐπεθύμησεν Δαυιδ καὶ εἶπεν τίς ποτιεῖ με ὕδωρ ἐκ τοῦ λάκκου Βαιθλεεμ τοῦ ἐν τῇ πύλῃ
بۇ ئۈچ پالۋان فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتتى ۋە داۋۇتقا ئېلىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن ئىچكىلى ئۇنىمىدى، بەلكى سۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تۆكۈپ: | 18 |
καὶ διέρρηξαν οἱ τρεῖς τὴν παρεμβολὴν τῶν ἀλλοφύλων καὶ ὑδρεύσαντο ὕδωρ ἐκ τοῦ λάκκου τοῦ ἐν Βαιθλεεμ ὃς ἦν ἐν τῇ πύλῃ καὶ ἔλαβον καὶ ἦλθον πρὸς Δαυιδ καὶ οὐκ ἠθέλησεν Δαυιδ τοῦ πιεῖν αὐτὸ καὶ ἔσπεισεν αὐτὸ τῷ κυρίῳ
«خۇدايىم بۇ ئىشنى مەندىن نېرى قىلسۇن! مەن ھاياتىنىڭ خەۋپتە قېلىشىغا قارىمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ قېنىنى ئىچسەم قانداق بولىدۇ؟ چۈنكى بۇنى ئۇلار ھاياتىنىڭ خەۋپتە قېلىشىغا قارىماي ئېلىپ كەلگەن!» دېدى. شۇڭا داۋۇت بۇ سۇنى ئىچكىلى ئۇنىمىدى. بۇ ئۈچ پالۋان قىلغان ئىشلار دەل شۇلار ئىدى. | 19 |
καὶ εἶπεν ἵλεώς μοι ὁ θεὸς τοῦ ποιῆσαι τὸ ῥῆμα τοῦτο εἰ αἷμα ἀνδρῶν τούτων πίομαι ἐν ψυχαῖς αὐτῶν ὅτι ἐν ψυχαῖς αὐτῶν ἤνεγκαν αὐτό καὶ οὐκ ἐβούλετο πιεῖν αὐτό ταῦτα ἐποίησαν οἱ τρεῖς δυνατοί
يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاي ئۈچىنىڭ بېشى ئىدى؛ ئۇ ئۈچ يۈز ئادەم بىلەن قارشىلىشىپ نەيزىسىنى پىقىرىتىپ ئۇلارنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە نامى چىققانىدى. | 20 |
καὶ Αβεσσα ἀδελφὸς Ιωαβ οὗτος ἦν ἄρχων τῶν τριῶν οὗτος ἐσπάσατο τὴν ῥομφαίαν αὐτοῦ ἐπὶ τριακοσίους τραυματίας ἐν καιρῷ ἑνί καὶ οὗτος ἦν ὀνομαστὸς ἐν τοῖς τρισίν
ئۇ مۇشۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە ھەممىدىن بەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئاۋۋالقى ئۈچەيلەنگە يەتمەيتتى. | 21 |
ἀπὸ τῶν τριῶν ὑπὲρ τοὺς δύο ἔνδοξος καὶ ἦν αὐτοῖς εἰς ἄρχοντα καὶ ἕως τῶν τριῶν οὐκ ἤρχετο
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كابزەئەلدىن بولۇپ، بىر باتۇر پالۋان ئىدى؛ ئۇ كۆپ قالتىس ئىشلارنى قىلغان. ئۇ موئابىي ئارىئەلنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرگەن. يەنە قار ياغقان بىر كۈنى ئازگالغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرگەنىدى. | 22 |
καὶ Βαναιας υἱὸς Ιωδαε υἱὸς ἀνδρὸς δυνατοῦ πολλὰ ἔργα αὐτοῦ ὑπὲρ Καβασαηλ οὗτος ἐπάταξεν τοὺς δύο αριηλ Μωαβ καὶ οὗτος κατέβη καὶ ἐπάταξεν τὸν λέοντα ἐν τῷ λάκκῳ ἐν ἡμέρᾳ χιόνος
ئۇ يەنە قولىدا باپكارنىڭ ئوقىدەك بىر نەيزىسى بار، بويىنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز كېلىدىغان بىر مىسىرلىقنى قەتل قىلدى؛ ئۇ بىر ھاسا بىلەن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ نەيزىسىنى قولىدىن تارتىۋېلىپ ئۆز نەيزىسى بىلەن ئۆلتۈردى. | 23 |
καὶ οὗτος ἐπάταξεν τὸν ἄνδρα τὸν Αἰγύπτιον ἄνδρα ὁρατὸν πεντάπηχυν καὶ ἐν χειρὶ τοῦ Αἰγυπτίου δόρυ ὡς ἀντίον ὑφαινόντων καὶ κατέβη ἐπ’ αὐτὸν Βαναιας ἐν ῥάβδῳ καὶ ἀφείλατο ἐκ τῆς χειρὸς τοῦ Αἰγυπτίου τὸ δόρυ καὶ ἀπέκτεινεν αὐτὸν ἐν τῷ δόρατι αὐτοῦ
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا مانا بۇ ئىشلارنى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ پالۋان ئىچىدە نام چىقارغانىدى. | 24 |
ταῦτα ἐποίησεν Βαναιας υἱὸς Ιωδαε καὶ τούτῳ ὄνομα ἐν τοῖς τρισὶν τοῖς δυνατοῖς
مانا، ئۇ ھېلىقى ئوتتۇز پالۋاندىنمۇ بەكرەك شۆھرەت قازانغان بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى ئۈچ پالۋانغا يەتمەيتتى. داۋۇت ئۇنى ئۆزىنىڭ پاسىبان بېگى قىلىپ تەيىنلىگەن. | 25 |
ὑπὲρ τοὺς τριάκοντα ἔνδοξος οὗτος καὶ πρὸς τοὺς τρεῖς οὐκ ἤρχετο καὶ κατέστησεν αὐτὸν Δαυιδ ἐπὶ τὴν πατριὰν αὐτοῦ
قوشۇندىكى پالۋانلار بولسا: ــ يوئابنىڭ ئىنىسى ئاساھەل، بەيت-لەھەملىك دودونىڭ ئوغلى ئەلھانان، | 26 |
καὶ δυνατοὶ τῶν δυνάμεων Ασαηλ ἀδελφὸς Ιωαβ Ελεαναν υἱὸς Δωδω ἐκ Βαιθλαεμ
ھارورلۇق شامموت، پىلونلۇق ھەلەز، | 27 |
Σαμμωθ ὁ Αδι Χελλης ὁ Φελωνι
تەكوئالىق ئىككەشنىڭ ئوغلى ئىرا، ئاناتوتلۇق ئابىئېزەر، | 28 |
Ωραι υἱὸς Εκκης ὁ Θεκωι Αβιεζερ ὁ Αναθωθι
خۇشاتلىق سىببەكاي، ئاخوھلۇق ئىلاي، | 29 |
Σοβοχαι ὁ Ασωθι Ηλι ὁ Αχωι
نىتوفاتلىق ماھاراي، نىتوفاتلىق بائاناھنىڭ ئوغلى خەلەب، | 30 |
Μοοραι ὁ Νετωφαθι Χολοδ υἱὸς Νοοζα ὁ Νετωφαθι
بىنيامىن ئەۋلادلىرىدىن گىبېئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتتاي، پىراتونلۇق بىنايا، | 31 |
Αιθι υἱὸς Ριβαι ἐκ βουνοῦ Βενιαμιν Βαναιας ὁ Φαραθωνι
گائاش ۋادىلىرىدىن كەلگەن خۇراي، ئارباتلىق ئابىيەل، | 32 |
Ουρι ἐκ Ναχαλιγαας Αβιηλ ὁ Γαραβεθθι
باھارۇملۇق ئازماۋەت، شالبونلۇق ئېلياھبا، | 33 |
Αζμωθ ὁ Βεερμι Ελιαβα ὁ Σαλαβωνι
گىزونلۇق ھاشەمنىڭ ئوغۇللىرى، ھارارلىق شاگىنىڭ ئوغلى يوناتان، | 34 |
Βενναιας Οσομ ὁ Γεννουνι Ιωναθαν υἱὸς Σωλα ὁ Αραρι
ھارارلىق ساكارنىڭ ئوغلى ئاھىيام، ئۇرنىڭ ئوغلى ئېلىفال، | 35 |
Αχιμ υἱὸς Σαχαρ ὁ Αραρι Ελφαλ υἱὸς Ουρ
مەكەراتلىق ھەفەر، پىلونلۇق ئاخىياھ، | 36 |
Οφαρ ὁ Μοχοραθι Αχια ὁ Φελωνι
كارمەللىك ھەزرو، ئەزباينىڭ ئوغلى نائاراي، | 37 |
Ησεραι ὁ Χαρμαλι Νααραι υἱὸς Αζωβαι
ناتاننىڭ ئىنىسى يوئېل، ھاگرىنىڭ ئوغلى مىبھار، | 38 |
Ιωηλ ἀδελφὸς Ναθαν Μεβααρ υἱὸς Αγαρι
ئاممونلۇق زەلەك، زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولغان بەئەروتلۇق ناھاراي، | 39 |
Σεληκ ὁ Αμμωνι Ναχωρ ὁ Βερθι αἴρων σκεύη Ιωαβ υἱοῦ Σαρουια
ئىترىلىق ئىرا، ئىترىلىق گارەب، | 40 |
Ιρα ὁ Ιεθηρι Γαρηβ ὁ Ιεθηρι
ھىتتىي ئۇرىيا، ئاھلاينىڭ ئوغلى زاباد، | 41 |
Ουριας ὁ Χεττι Ζαβετ υἱὸς Αχλια
رۇبەن قەبىلىسىدىن شىزانىڭ ئوغلى، رۇبەنلەر ئىچىدە يولباشچى بولغان ئادىنا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئوتتۇز ئادەم، | 42 |
Αδινα υἱὸς Σαιζα τοῦ Ρουβην ἄρχων καὶ ἐπ’ αὐτῷ τριάκοντα
مائاكاھنىڭ ئوغلى ھانان، مىتنىلىق يوشافات، | 43 |
Αναν υἱὸς Μοωχα καὶ Ιωσαφατ ὁ Βαιθανι
ئاشتاراتلىق ئۇززىيا، ئاروئەرلىك خوتامنىڭ ئوغلى شاما بىلەن جەئىيەل، | 44 |
Οζια ὁ Ασταρωθι Σαμμα καὶ Ιιηλ υἱοὶ Χωθαν τοῦ Αραρι
شىمرىنىڭ ئوغلى يېدىيايەل بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى تىزىلىق يوخا، | 45 |
Ιεδιηλ υἱὸς Σαμερι καὶ Ιωαζαε ὁ ἀδελφὸς αὐτοῦ ὁ Ιεασι
ماھاۋىلىق ئەلىيەل، ئەلنائامنىڭ ئوغۇللىرى يەرىباي بىلەن يوشاۋىيا، موئابلىق يىتما، | 46 |
Ελιηλ ὁ Μιι καὶ Ιαριβι καὶ Ιωσια υἱὸς αὐτοῦ Ελνααμ καὶ Ιεθεμα ὁ Μωαβίτης
ئەلىيەل، ئوبەد ۋە مەزوبالىق يائاسىيەللەردىن ئىبارەت ئىدى. | 47 |
Αλιηλ καὶ Ωβηδ καὶ Ιεσιηλ ὁ Μισαβια