< تارىخ-تەزكىرە 1 10 >
فىلىستىيلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلىۋىدى، ئىسرائىللار فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن قاچتى، ئۇلار گىلبوئا تېغىدا قىرىپ يوقىتىلدى. | 1 |
Filistiylǝr Israillarƣa ⱨujum ⱪiliwidi, Israillar Filistiylǝrning aldidin ⱪaqti, ular Gilboa teƣida ⱪirip yoⱪitildi.
فىلىستىيلەر سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى تاپ بېسىپ قوغلىدى؛ ئۇلار ئاخىرى سائۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن يوناتان، ئابىناداب، مالكى-شۇئالارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. | 2 |
Filistiylǝr Saul bilǝn uning oƣullirini tap besip ⱪoƣlidi; ular ahiri Saulning oƣulliridin Yonatan, Abinadab, malki-xualarni urup ɵltürdi.
سائۇلغا قارشى جەڭ ئىنتايىن شىددەتلىك بولدى؛ ئوقياچىلار سائۇلغا يېتىشىپ ئوقيا ئېتىپ ئۇنى يارىلاندۇردى. | 3 |
Saulƣa ⱪarxi jǝng intayin xiddǝtlik boldi; oⱪyaqilar Saulƣa yetixip oⱪya etip uni yarilandurdi.
ئاندىن سائۇل ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: قىلىچىڭنى سۇغۇرۇپ مېنى سانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ بولمىسا بۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ مېنى سانجىپ، مېنى خورلۇققا قويۇشى مۇمكىن، دېدى. لېكىن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىنتايىن قورقۇپ كېتىپ، ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىلىچنى ئېلىپ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىدى. | 4 |
Andin Saul yaraƣ kɵtürgüqisigǝ: Ⱪiliqingni suƣurup meni sanjip ɵltürüwǝtkin; bolmisa bu hǝtnisizlǝr kelip meni sanjip, meni horluⱪⱪa ⱪoyuxi mumkin, dedi. Lekin yaraƣ kɵtürgüqisi intayin ⱪorⱪup ketip, unimidi. Xuning bilǝn Saul ⱪiliqni elip üstigǝ ɵzini taxlidi.
ياراغ كۆتۈرگۈچىسى سائۇلنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنى قىلىچنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆلدى. | 5 |
Yaraƣ kɵtürgüqisi Saulning ɵlginini kɵrüp, umu ohxaxla ɵzini ⱪiliqning üstigǝ taxlap uning bilǝn tǝng ɵldi.
شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۈچ ئوغلى ھەم پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر شۇ كۈندە بىراقلا ئۆلدى. | 6 |
Xuning bilǝn Saul, üq oƣli ⱨǝm pütün ailisidikilǝr xu kündǝ biraⱪla ɵldi.
ئەمدى ۋادىدا تۇرغان ئىسرائىللار ئەسكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى ۋە سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگىنىدە، ئۇلار شەھەرلىرىنى تاشلاپ قاچتى، فىلىستىيلەر كېلىپ ئۇ جايلاردا ئورۇنلاشتى. | 7 |
Əmdi wadida turƣan Israillar ǝskǝrlirining ⱪaqⱪanliⱪini wǝ Saul bilǝn oƣullirining ɵlginini kɵrginidǝ, ular xǝⱨǝrlirini taxlap ⱪaqti, Filistiylǝr kelip u jaylarda orunlaxti.
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئەتىسى فىلىستىيلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋالغىلى كەلگەندە گىلبوئا تېغىدا سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلۈك ياتقانلىقىنى كۆردى-دە، | 8 |
Əmdi xundaⱪ boldiki, ǝtisi Filistiylǝr ɵltürülgǝnlǝrning kiyim-keqǝklirini salduruwalƣili kǝlgǝndǝ Gilboa teƣida Saul bilǝn oƣullirining ɵlük yatⱪanliⱪini kɵrdi-dǝ,
كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، كاللىسىنى ۋە ساۋۇت-ياراغلىرىنى ئېلىپ كەتتى ھەمدە بۇلارنى فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە ئاپىرىپ، ئۆز بۇتلىرىغا ۋە خەلققە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. | 9 |
kiyimlirini saldurup, kallisini wǝ sawut-yaraƣlirini elip kǝtti ⱨǝmdǝ bularni Filistiylǝrning zeminining ⱨǝmmǝ yǝrlirigǝ apirip, ɵz butliriƣa wǝ hǝlⱪⱪǝ hux hǝwǝr yǝtküzdi.
ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت-ياراغلىرىنى ئۇلارنىڭ بۇتخانىسىدا قويۇپ، كاللىسىنى داگون بۇتخانىسىغا ئېسىپ قويدى. | 10 |
Ular Saulning sawut-yaraƣlirini ularning buthanisida ⱪoyup, kallisini Dagon buthanisiƣa esip ⱪoydi.
ئەمدى يابەش-گىلېئاددا ئولتۇرغۇچىلار فىلىستىيلەرنىڭ سائۇلغا بارلىق قىلغانلىرىنى ئاڭلىغاندا | 11 |
Əmdi Yabǝx-Gileadda olturƣuqilar Filistiylǝrning Saulƣa barliⱪ ⱪilƣanlirini angliƣanda
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار ئاتلىنىپ، سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى يابەشكە قايتۇرۇپ كېلىپ، يابەشتىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلدى ۋە يەتتە كۈن روزا تۇتتى. | 12 |
ularning iqidiki ⱨǝmmǝ baturlar atlinip, Saul bilǝn oƣullirining jǝsǝtlirini elip, ularni Yabǝxkǝ ⱪayturup kelip, Yabǝxtiki dub dǝrihining tüwigǝ dǝpnǝ ⱪildi wǝ yǝttǝ kün roza tutti.
شۇنىڭ بىلەن سائۇل پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ئۆلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىغا كىرمەي ۋە ھەتتا پەرۋەردىگاردىن يول سورىماي، بەلكى پالچى جىنكەشنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن يول سورىغانىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىقىنى يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتقا ئۆتكۈزۈپ بەردى. | 13 |
Xuning bilǝn Saul Pǝrwǝrdigarƣa ⱪilƣan wapasizliⱪi üqün ɵldi; u Pǝrwǝrdigarning sɵz-kalamiƣa kirmǝy wǝ ⱨǝtta Pǝrwǝrdigardin yol sorimay, bǝlki palqi jinkǝxning yeniƣa berip uningdin yol soriƣanidi. Xunga Pǝrwǝrdigar uni ɵltürüp, padixaⱨliⱪini Yǝssǝning oƣli Dawutⱪa ɵtküzüp bǝrdi.