ئادەمئاتا، شېت، ئېنوش، | 1 |
كېنان، ماھالالېل، يارەد، | 2 |
ھانوخ، مەتۇشەلاھ، لەمەخ، | 3 |
نۇھ. نۇھتىن شەم، ھام، يافەتلەر تۆرەلگەن. | 4 |
يافەتنىڭ ئوغۇللىرى گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس ئىدى. | 5 |
گومەرنىڭ ئوغۇللىرى ئاشكىناز، دىفات ۋە توگارماھ ئىدى. | 6 |
ياۋاننىڭ ئوغۇللىرى ئېلىشاھ، تارشىش ئىدى، كىتتىيلار بىلەن رودانىيلار ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. | 7 |
ھامنىڭ ئوغۇللىرى كۇش، مىسىر، پۇت ۋە قانائان ئىدى. | 8 |
كۇشنىڭ ئوغۇللىرى سېبا، ھاۋىلاھ، سابتاھ، رائاماھ ۋە سابتىكا ئىدى. رائامانىڭ ئوغلى شېبا ۋە دېدان ئىدى. | 9 |
كۇشتىن يەنە نىمرود تۆرەلگەن؛ ئۇ يەر يۈزىدە ناھايىتى زەبەردەس بىر ئادەم بولۇپ چىقتى. | 10 |
مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى لۇدىيلار، ئانامىيلار، لەھابىيلار، نافتۇھىيلار، | 11 |
پاتروسىيلار، كاسلۇھىيلار (فىلىستىيلەر كاسلۇھىيلاردىن چىققان) ۋە كافتورىيلار ئىدى. | 12 |
قانائاندىن تۇنجى ئوغۇل زىدون تۆرىلىپ، كېيىن يەنە ھەت تۆرەلگەن. | 13 |
ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەنە يەبۇسىيلار، ئامورىيلار، گىرگاشىيلار، | 14 |
ھىۋىيلار، ئاركىيلار، سىنىيلار، | 15 |
ئارۋادىيلار، زەمارىيلار ۋە خاماتىيلار ئىدى. | 16 |
شەمنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاشۇر، ئارفاخشاد، لۇد، ئارام؛ [ئارامنىڭ ئوغۇللىرى] ئۇز، ھۇل، گەتەر، مەشەك ئىدى. | 17 |
ئارفاخشادتىن شېلاھ تۆرەلدى، شېلاھتىن ئېبەر تۆرەلدى. | 18 |
ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلگەن بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ ئىدى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزى بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى؛ پەلەگنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى. | 19 |
يوقتاندىن ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يېراھ، | 20 |
ھادورام، ئۇزال، دىكلاھ، | 21 |
ئېبال، ئابىمائەل، شېبا، | 22 |
ئوفىر، ھاۋىلاھ، يوباب تۆرەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. | 23 |
شەم، ئارفاخشات، شېلاھ، | 24 |
ئېبەر، پەلەگ، رەئۇ، | 25 |
سېرۇگ، ناھور، تەراھ، | 26 |
ئاندىن ئابرام دۇنياغا كەلدى (ئابرام بولسا ئىبراھىمنىڭ ئۆزى). | 27 |
ئىبراھىمنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق بىلەن ئىسمائىل ئىدى. | 28 |
تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى: ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نېبايوت بولۇپ، قالغانلىرى كېدار، ئادبەئەل، مىبسام، | 29 |
مىشما، دۇماھ، ماسسا، ھاداد، تېما، | 30 |
يەتۇر، نافىش، قەدەماھ؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. | 31 |
ئىبراھىمنىڭ توقىلى كەتۇراھدىن تۆرەلگەن ئوغۇللار زىمران، يوقشان، مېدان، مىدىيان، ئىشباك ۋە شۇئاھ ئىدى. يوقشاننىڭ ئوغۇللىرى شېبا بىلەن دېدان ئىدى. | 32 |
مىدىياننىڭ ئوغۇللىرى ئەفاھ، ئېفەر، ھانوخ، ئابىدا، ئەلدائاھ ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كەتۇراھنىڭ ئەۋلادلىرى. | 33 |
ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. ئىسھاقنىڭ ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ئىسرائىل ئىدى. | 34 |
ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى ئېلىفاز، رېئۇئەل، يەئۇش، يائالام ۋە كوراھ ئىدى. | 35 |
ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرى تېمان، ئومار، زەفى، گاتام، كېناز، تىمنا ۋە ئامالەك ئىدى. | 36 |
رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرى ناھات، زەراھ، شامماھ بىلەن مىززاھ ئىدى. | 37 |
سېئىرنىڭ ئوغۇللىرى لوتان، شوبال، زىبىئون، ئاناھ، دىشون، ئېزەر ۋە دىشان ئىدى. | 38 |
ھورى بىلەن ھومام لوتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى (تىمنا لوتاننىڭ سىڭلىسى ئىدى). | 39 |
شوبالنىڭ ئوغۇللىرى ئاليان، ماناھات، ئەبال، شەفى بىلەن ئونام ئىدى. زىبىئوننىڭ ئوغۇللىرى ئاياھ بىلەن ئاناھ ئىدى. | 40 |
ئاناھنىڭ ئوغلى دىشون ئىدى. دىشوننىڭ ئوغۇللىرى ھامران، ئەشبان، ئىتران بىلەن كېران ئىدى. | 41 |
ئېزەرنىڭ ئوغۇللىرى بىلھان، زائاۋان، يائاكان ئىدى. دىشاننىڭ ئوغۇللىرى ئۇز بىلەن ئارران ئىدى. | 42 |
ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ بولمىغان زامانلاردا، ئېدوم زېمىنىغا پادىشاھ بولغانلار مۇنۇ كىشىلەر: بېئورنىڭ ئوغلى بېلا؛ ئۇنىڭ پايتەختى دىنھاباھ دەپ ئاتىلاتتى. | 43 |
بېلا ئۆلگەندىن كېيىن بوزراھلىق زەراھنىڭ ئوغلى يوباب ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. | 44 |
يوباب ئۆلگەندىن كېيىن تەمانلارنىڭ يۇرتىدىن بولغان ھۇشام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. | 45 |
ھۇشام ئۆلگەندىن كېيىن بېدادنىڭ ئوغلى ھاداد ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى؛ ھاداد دېگەن بۇ ئادەم موئاب دالاسىدا مىدىيانلارنى تارمار قىلغان، ئۇنىڭ پايتەختىنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى. | 46 |
ھاداد ئۆلگەندىن كېيىن ماسرەكاھلىق ساملاھ ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. | 47 |
ساملاھ ئۆلگەندىن كېيىن دەريا بويىدىكى رەھوبوتتىن كەلگەن سائۇل ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. | 48 |
سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. | 49 |
بائال-ھانان ئۆلگەندىن كېيىن ھاداد ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. ئۇنىڭ پايتەختىنىڭ ئىسمى پاي ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مەھېتابەل بولۇپ، مەي-زاھابنىڭ نەۋرىسى، ماترەدنىڭ قىزى ئىدى. | 50 |
ئاندىن ھاداد ئۆلدى. | 51 |
ئېدوملۇقلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى: قەبىلە باشلىقى تىمنا، قەبىلە باشلىقى ئالىيا ، قەبىلە باشلىقى يەتەت، قەبىلە باشلىقى ئوھولىباماھ، قەبىلە باشلىقى ئەلاھ، قەبىلە باشلىقى پىنون، | 52 |
قەبىلە باشلىقى كېناز، قەبىلە باشلىقى تېمان، قەبىلە باشلىقى مىبزار، | 53 |
قەبىلە باشلىقى ماگدىيەل، قەبىلە باشلىقى ئىرام؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېدومدىكى قەبىلە باشلىقلىرىدۇر. | 54 |