ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى يېزىسىغا كەلگىنىدە، ئەيسا ئىككى مۇخلىسىغا مۇنۇلارنى تاپىلاپ ئالدىن ئەۋەتتى: |
ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. بارساڭلارلا، باغلاقلىق بىر ئېشەك ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇلارنى يېشىپ ئالدىمغا يېتىلەپ كېلىڭلار. |
ئەگەر بىرسى سىلەرگە بىر نېمە دېسە، «رەبنىڭ بۇلارغا ھاجىتى چۈشتى» دەڭلار، ئۇ دەرھال ئۇلارنى قويۇپ بېرىدۇ. |
بۇ پۈتۈن ۋەقە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولدى: ــ |
«زىئون قىزىغا ئېيتىڭلار: ــ مانا، پادىشاھىڭ كېلىۋاتىدۇ، كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مىنىپ بىر ئېشەككە، بويۇنتۇرۇقلۇق ئېشەكنىڭ تەخىيىگە، كېلىۋاتىدۇ يېنىڭغا سېنىڭ». |
ئەمدى ھېلىقى ئىككى مۇخلىس بېرىپ ئەيسانىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى. |
ئېشەك بىلەن تەخەينى يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە يېپىنچا-چاپانلىرىنى سالدى ۋە ئۇ ئۈستىگە مىندى. |
ئەمدى توپ-توپ كىشىلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى؛ يەنە بىر قىسمى دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ يولغا ياياتتى. |
ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەن توپ-توپ خالايىق: ــ «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا بولغاي! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى. |
ئۇ يېرۇسالېمغا كىرگەندە، پۈتكۈل شەھەر لەرزىگە كەلدى. كىشىلەر: ــ بۇ زادى كىمدۇ؟ ــ دېيىشەتتى. |
خالايىق: ــ بۇ گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەتلىك پەيغەمبەر ئەيسا، دەپ جاۋاب بېرىشەتتى. |
ئەمدى ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈپ، |
ئۇلارغا: ــ [مۇقەددەس يازمىلاردا] [خۇدانىڭ]: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن سۆزى پۈتۈلگەن؛ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! ــ دېدى. |
ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا بولغاندا قارىغۇ ۋە توكۇرلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. |
لېكىن باش كاھىنلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ ۋە بالىلارنىڭ ئىبادەتخانىدا: «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا-تەشەككۈرلەر بولغاي!» دەپ توۋلىغىنىنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى. |
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بۇ بالىلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: ــ ئاڭلاۋاتىمەن! سىلەر [مۇقەددەس يازمىلاردىن] شۇنى ئوقۇپ باقمىغانكى، «ئۆزۈڭگە كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدىن مەدھىيە سۆزلىرىنى مۇكەممەل قىلدىڭ»» دېدى. |
ئاندىن ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ بەيت-ئانىيا يېزىسىغا بېرىپ، شۇ يەردە قوندى. |
ئەمدى سەھەردە، شەھەرگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقانىدى. |
ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. لېكىن دەرەختىن يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، ئۇنىڭغا قاراپ: ــ ھازىردىن باشلاپ سەندىن مەڭگۈ مېۋە بولمىسۇن! ــ دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى. (aiōn g165) |
مۇخلىسلار بۇنى كۆرۈپ تەئەججۈپلىنىپ: ــ ئەنجۈر دەرىخى نېمانچە تېزلا قۇرۇپ كەتتى! ــ دېدى. |
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بەردى: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر ھېچ گۇمان بولماي ئىشەنچىڭلار بار بولسا، ئەنجۈر دەرىخىدە بولغان ئىشلار بولۇپلا قالماي، بەلكى سىلەر ھەتتا بۇ تاغقا: «بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسەڭلار، ئۇ شۇنداق بولىدۇ. |
دۇئا قىلىپ نېمىنى تىلىسەڭلار، ئىشەنچىڭلار بولسىلا، شۇلارغا ئېرىشىسىلەر. |
ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرگەندىن كېيىن، كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقاندا، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سوراشتى. |
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئاۋۋال سىلەرگە بىر سوئال قوياي. ئەگەر سىلەر جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىمەن. |
يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش نەدىن كەلگەن؟ ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. |
ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، خەلقتىن قورقىمىز، چۈنكى ئۇلار ھەممىسى يەھيانى پەيغەمبەر دەپ بىلىدۇ ــ دېيىشتى. |
بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەيساغا: بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. |
ئەمدى بۇ ئىشقا قانداق قارايسىلەر؟ بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. ئۇ بىرىنچى ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئوغلۇم، بۈگۈن ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلىگىن» دەپتۇ. |
«بارمايمەن» دەپتۇ ئۇ، لېكىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ يەنىلا بېرىپتۇ. |
ئۇ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق دەپتۇ. ئۇ: «خوپ ئەپەندىم، باراي» دەپتۇ-يۇ، لېكىن بارماپتۇ. |
بۇ ئىككىيلەننىڭ قايسىسى ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ؟ ــ بىرىنچى ئوغلى، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا سىلەردىن بۇرۇن كىرمەكتە. |
چۈنكى گەرچە يەھيا [پەيغەمبەر] سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئايان قىلغىلى كەلگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؛ لېكىن باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەندى. سىلەر بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ھەتتا كېيىنكى ۋاقىتلاردا يولۇڭلاردىن پۇشايمان قىلماي ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار. |
يەنە بىر تەمسىلنى ئاڭلاڭلار: بىر يەر ئىگىسى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. ئۇ ئۇنىڭدا بىر شاراب كۆلچىكى قېزىپتۇ ۋە بىر كۆزەت مۇنارى ياساپتۇ. ئاندىن ئۇ ئۈزۈمزارلىقنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا كېتىپتۇ. |
ئۈزۈم پەسلى يېقىنلاشقاندا، ئۆزىگە تېگىشلىك ھوسۇلنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قۇللىرىنى باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. |
لېكىن باغۋەنلەر قۇللىرىنى تۇتۇپ، بىرىنى دۇمبالاپتۇ، بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ، يەنە بىرىنى چالما-كېسەك قىلىپتۇ. |
ئۇ يەنە بىر قېتىم ئالدىنقىدىنمۇ كۆپ قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، بىراق باغۋەنلەر ئۇلارغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپتۇ. |
ئاخىردا، ئۇ «ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار» دەپ، ئوغلىنى ئەۋەتىپتۇ. |
لېكىن باغۋەنلەر ئوغۇلنى كۆرۈپ، ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ مىراسىنى ئىگىلىۋالايلى» دېيىشىپتۇ. |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. |
ئەمدى ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئىگىسى كەلگەندە، شۇ باغۋەنلەرنى قانداق قىلار؟ |
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بۇ رەزىل ئادەملەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن يوقىتىدۇ. ئۈزۈمزارلىقنى بولسا مېۋىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىگە تاپشۇرىدىغان باشقا باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. |
ئەيسا ئۇلاردىن سورىدى: ــ مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەرنى ئوقۇپ باقمىغانمۇسىلەر؟: ــ «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى. بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بىر ئىشتۇر». |
شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەردىن تارتىۋېلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان باشقا بىر ئەلگە ئاتا قىلىنىدۇ. |
بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ. |
باش كاھىنلار ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئېيتقان تەمسىللىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى. |
ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، لېكىن خالايىق ئۇنى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلاردىن قورقۇشتى. |