بۇ ئىشلاردىن كېيىن بىرسى يۈسۈپكە: ــ مانا ئاتاڭ كېسەل بولۇپ قاپتۇ، دەپ خەۋەر بەردى. ئۇ ئىككى ئوغلى ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىمنى بىللە ئېلىپ باردى. |
بىرسى ياقۇپقا: ــ مانا ئوغلۇڭ يۈسۈپ قېشىڭغا كېلىۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر بېرىۋىدى، ئىسرائىل كۈچەپ قوپۇپ كارىۋاتتا ئولتۇردى. |
ياقۇپ يۈسۈپكە: ــ ھەممىگە قادىر تەڭرى ماڭا قانائان زېمىنىدىكى لۇز دېگەن جايدا ئايان بولۇپ، مېنى بەرىكەتلەپ |
ماڭا: مانا، مەن سېنىڭ نەسلىڭنى كۆپەيتىپ، سېنى ئىنتايىن زور ئاۋۇتىمەن، سەندىن بىر تۈركۈم خەلق چىقىرىمەن؛ بۇ زېمىننى سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگە ئەبەدىي مىراس قىلىپ بېرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى. |
ئەمدى مەن مىسىرغا كېلىشتىن ئىلگىرى ساڭا مىسىر زېمىنىدا تۇغۇلغان ئىككى ئوغلۇڭ مېنىڭ ھېسابلىنىدۇ؛ ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھ بولسا، خۇددى رۇبەن بىلەن شىمېئونغا ئوخشاش، ھەر ئىككىسى مېنىڭ ئوغۇللىرىم بولىدۇ. |
ئۇلاردىن كېيىن تاپقان بالىلىرىڭ ئۆزۈڭنىڭ بولىدۇ؛ ئۇلار كەلگۈسىدە مىراسقا ئېرىشكەندە ئاكىلىرىنىڭ نامى ئاستىدا بولىدۇ. |
ماڭا كەلسەك، پاداندىن كېلىۋاتقىنىمدا راھىلە قانائان زېمىنىدا يول ئۈستىدە ئەفراتقا ئاز قالغاندا مېنى تاشلاپ ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئۇنى شۇ يەردە، يەنى ئەفراتقا (يەنى بەيت-لەھەمگە) بارىدىغان يولدا دەپنە قىلدىم، ــ دېدى. |
ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا قاراپ: ــ بۇلار كىمدۇر، ــ دەپ سورىدى. |
يۈسۈپ ئاتىسىغا جاۋابەن: ــ بۇلار بولسا خۇدا ماڭا بۇ يەردە بەرگەن ئوغۇللىرىمدۇر، ــ دېدى. ئۇ: ــ ئۇلارنى ئالدىمغا يېقىن كەلتۈرگىن، مەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلەي، ــ دېدى. |
ئەمدى ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى قېرىلىقىدىن غۇۋالىشىپ [ياخشى] كۆرەلمەيتتى. شۇڭا يۈسۈپ ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا يېقىنراق كەلتۈردى؛ ئۇ ئۇلارنى سۆيۈپ قۇچاقلىدى. |
ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپكە: ــ مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرەلەيمەن دەپ ھېچ ئويلىمىغانىدىم؛ لېكىن خۇدا مېنى سېنىڭ بالىلىرىڭنىمۇ كۆرۈشكە نېسىپ قىلدى، ــ دېدى. |
يۈسۈپ بالىلارنى [ياقۇپنىڭ] تىزلىرىنىڭ ئارىلىقىدىن ئېلىپ، يۈزىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى. |
ئاندىن يۈسۈپ بۇ ئىككىيلەننى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ، ئەفرائىمنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ سول قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى؛ ماناسسەھنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ ئوڭ قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى. |
لېكىن ئىسرائىل ئوڭ قولىنى ئۇزىتىپ، كەنجى بالىسى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويدى، سول قولىنى ماناسسەھنىڭ بېشىغا قويدى. ماناسسەھ تۇنجىسى بولسىمۇ، ئۇ ئىككى قولىنى قايچىلاپ تۇتۇپ شۇنداق قويدى. |
ئۇ يۈسۈپكە بەخت-بەرىكەت تىلەپ: ــ ئاتىلىرىم ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق خۇدا دەپ بىلىپ يۈزى ئالدىدا ماڭغان، مېنى پۈتكۈل ئۆمرۈمدە بۇ كۈنگىچە پادىچىدەك يېتەكلەپ بېقىپ كەلگەن خۇدا، |
ماڭا ھەمجەمەت بولۇپ مېنى ھەممە بالا-قازادىن قۇتغۇزغان پەرىشتە بۇ ئىككى ئوغۇلنى بەرىكەتلىسۇن؛ ئۇلار مېنىڭ ئىسمىم ۋە ئاتىلىرىم بولغان ئىبراھىم ۋە ئىسھاقنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتىلىپ، يەر يۈزىدە كۆپ ئاۋۇغاي! ــ دېدى. |
يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە خاپا بولدى؛ شۇڭا ئۇ ئاتىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئەفرائىمنىڭ بېشىدىن ئېلىپ ماناسسەھنىڭ بېشىغا يۆتكىمەكچى بولۇپ، |
ئاتىسىغا: ــ ئەي ئاتا، بۇنداق قىلمىغىن؛ چۈنكى مانا، تۇنجىسى بۇدۇر؛ ئوڭ قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغىن! ــ دېدى. |
لېكىن ئاتىسى رەت قىلىپ: ــ بىلىمەن، ئى ئوغلۇم، بىلىمەن؛ ئۇنىڭدىنمۇ بىر قوۋم چىقىپ، ئۆزىمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئەمما دەرھەقىقەت ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ؛ ئۇنىڭ نەسلىدىن ناھايىتى كۆپ قوۋملار پەيدا بولىدۇ، ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى ئۇ بۇ ئىككىسىنى بەرىكەتلەپ: ــ كەلگۈسىدە ئىسرائىللار بەخت-بەرىكەت تىلىگەندە: «خۇدا سېنى ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھدەك ئۇلۇغ قىلسۇن!» دەيدىغان بولىدۇ، دېدى. بۇ تەرىقىدە ئۇ ئەفرائىمنى ماناسسەھتىن ئۈستۈن قويدى. |
ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپكە يەنە: ــ مانا، مەن ئۆلىمەن؛ لېكىن خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا قايتۇرۇپ بارىدۇ. |
مەن ساڭا قېرىنداشلىرىڭنىڭكىدىن بىر ئۈلۈش يەرنى ئارتۇق بەردىم؛ شۇ يەرنى ئۆزۈم قىلىچ ۋە ئوقيايىم بىلەن ئامورىيلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالغانىدىم. |